ئاپلىسىنىڭ خىسلەتلىرى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى
تېۋىپلار مۇنداق دەيدۇ: ئاپلىسىن ئۆپكىنى ياشارتىپ، يۆتەل توختىتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغا باب كېلىدىغان ئېسىل مېۋە.
ئاپلىسىنىڭ گۆشى تەمى ئاچچىق چۈچۈك، ئىشتەينى ئېچىپ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، يۆتەلنى بېسىپ ئۆپكىنى تازىلايدۇش مەي تەسىرنى كېسىپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ، يېمەكلىك تەتۈر ئېقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئېغىز قۇرۇشنى باسىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ۋىتامىنB1 بىلەن ۋىتامىنP بار. شۇڭا قان ياغلىشىش، ئارتېرىيە قېتىشىش، ھەر خىل قان تومۇر كېسەللىكلىرىگىمۇ شىپا بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى «نومولىن» دېگەن ماددىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاپلىسىن پوستى. تازا پىشقان ئاپېلىسىن پوستى تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ، قورساق كۆپۈش ۋە ئاغرىش، تاماق سىڭدۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىپ قەي قىلىش، قەۋزىيەت، نەپەس قىيىنلىشىش، تاماقتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارغا داۋا بولىدۇ، كېلىنكىدا ئۇ ئۆپكىنى تازىلاپ، يۆتەلنى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.