ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
بېسىمنى يېمەكلىك بىلەن تۆۋەنلەتكەندە...-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

بېسىمنى يېمەكلىك بىلەن تۆۋەنلەتكەندە...

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 978   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 23-02-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 بېسىمنى يېمەكلىك بىلەن تۆۋەنلەتكەندە...

بەزىلەر بېسىمنى يېمەك - ئىچمەك بىلەن تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، بىراق بۇ خىل ئۇسۇل چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ. 
قەھۋە: بەزىلەر بېسىم ئېشىپ كەتكەندە، ئالدى بىلەن قەھۋە ئىچىشنى ئويلايدۇ، بىراق قەھۋە بەدەندە مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، نېرۋا ۋە مۇسكۇلنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى خورىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاسان چارچايدىغان، ھەتتا قەھۋەگە خۇمار بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. 
ياغلىق ۋە كۈچلۈك يېمەكلىكلەر: ماروژنى، قىزارتىلغان توخۇ گۆشى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق ياغلىق يېمەكلىكلەر تەم ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئادەمنى ئۇيقۇچان قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا سەمىرتىۋېتىدۇ.
تاتلىق تۈرۈم: شاكىلات، تورت ۋە تاتلىق ئىچىملىكلەردەك قەنت كۆپ، گەرچە بۇ خىل يېمەكلىكلەر كەيپىياتنى تەڭشىسىمۇ، لېكىن قەنت تەركىبى قاندىكى قەنت مىقدارىنى كۆپەيتىپ ياكى تۆۋەنلىتىپ، كەيپىياتنى بۇزىدۇ.
ئاچ قورساق يۈرۈش: بېسىم ئېشىپ كەتكەندە ئادەملەرنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بىراق بۇ چاغدا ئاشقازان كىسلاتاسى ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
ناۋادا بېسىمنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تۆۋەنلىتىشكە توغرا كەلسە، سۇيۇق- سەلەڭ غىزا، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، قىزىل پۇرچاق ۋە سۇلۇنى يەپ، جۈخار گۈلى ياكى ئارپا چېي ئىچكەن تۈزۈك.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى دىن ئېلىندى
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم