ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئالقات قېقىنى ئىلمان سۇدا دەملەپ ئىچكەن ياخشى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئالقات قېقىنى ئىلمان سۇدا دەملەپ ئىچكەن ياخشى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 2232   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 23-02-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئالقات قېقىنى ئىلمان سۇدا دەملەپ ئىچكەن ياخشى

كىشىلەر ئالقات قېقى بىلەن چاي دەملەپ ئىچىدۇ ھەمدە بۇنى كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يەنە قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:« ئالقاتتا كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنت ۋە ۋىتامىن بار، ئاياللارغا پايدىلىق، كۆزنى ئاسرايدۇ، ئىمۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا تېبابەتتە جىگەرگە قان يېتىشمەسلىك، بۆرەك ئاجىزلاش مەنبەلىك كۆرۈش دائىرىسى خۇنۈكلىشىش ۋە ناماز شام قارىغۇسى كېسىلىنى داۋالاشقا ئالقات ئىشلىتىلىپ كەلگەن.
» مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« يېقىندا ئالقاتنىڭ يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بارلىقى، بىراق ئۇنى ئىزچىل ئىچكەندىلا، ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغانلىقى بايقالدى. ئەمما ئالقاتنى قايناق سۇ بىلەن دەملەپ ئىچكەندە ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى ئاسانلا پارچىلىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدا بار سەۋزە پېگمېنتى قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلمىكى تەسكە توختايدۇ، شۇڭا ئالقاتنى ئىلمان قايناق سۇ بىلەن دەملەپ ئىچسە ياكى چايناپ يۇتۇۋەتسە، ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ»
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى دىن ئېلىندى
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم