ياشانغانلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەر تازا ياقمايدۇ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چىشى ئازىيدىغان ياشانغانلار ناشتا ياكى تاماقتىن كېيىن تورت يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن تورت ياكى يۇمشاق قەنت-گېزەكلەردە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىللە، ياغمۇ كۆپ بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى دېگەندەك ياخشى بولمىغاچقا، بۇنداق قەنت ھەم ياغ كۆپ يېمەكلىكلەر بەدەنگە يۈك بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار قەنتسىز ۋە ياغسىز بولكا ياكى ئۆزى ياغ ۋە قەنت مىقدارى ئاز پىرەنىك ۋە تورتلارنى پىشۇرۇپ يېگەن ياخشى。
》ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى