بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-6 07:31
زامانىڭنى ئەيىبلىمەي كىشىلىرىڭنى ئەيىبلە
-ئەي مەۋلانە پەدەرىم، شۇ تاپتا كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان-دېدى جانبېك ئۇھسىنىپ :-ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دىگەندەك دوستلىرىم مىنىڭ يامان گېپىمنى ئۆزئارا قىلىشىپ، ئۈستۈمدىن ئەپسانە تارقىتىپ يۈرۈپتۇ ، كېچىچە تۈزۈكرەك كىرپىك قاقمىدىم، جاھان قانداق بولۇپ كەتتى، مېنىڭ ئاقكۈڭۈللىكىمنىڭ ئالىي مۇكاپاتى مۇشۇمىدۇ؟
- ئەي ئوغلۇم ،بىلگىنكى ، دانالار پاتقاققا چالما ئاتمايدۇ. دەر ھەقىقەت ،دوستلۇق ساختىلىشىپ كەتتى.ھەقىقەت قېنى؟ مىڭلارچە دوسىتتىن بىرمۇ سادىقى چىقمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر سىرتتىن سادىق دوستۇڭدەك كۆرۈنسىمۇ ، ئىچىدىن ۋاپاسىزدۇر. بۇنى بىلىپ قوي.
-ئەي دانىشمىنىم , قاراخانىلارنىڭ بۈيۈك سەلتەنىتى ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىنىدە بىتەۋپىقلەرنىڭ ئىچكى ماجرا ئوچاقلىرىدىن بۇقسۇپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنىڭ قاتمۇ- قات ئىسكەنجسىدە قاپقارا بويالماقتا. جەمئىيەتتە يات ئادەت-قىلىق، غەيرى كىيىنىش، سالام-سائەت،مۇناسىۋەت قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. قىزىق، قايسى ئەلدە نەچچە ئون كۈنلەپ كەچنى تاڭغا ئۇلاپ توي-مەشرەپ ئوينايدىغان ، مەھەللىمۇ-مەھەللە نەزىر -چىراققا قاترايدىغان ئاشۇنداق زىيادە ئىسراپچىلىق قىلىدىغان ئادەت بار؟! قايسى ئەلدە بىزنىڭكىدەك سوپى-ئىشان ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بۇلۇڭ-پۇشقاقتا يامرايدۇ؟! ئەي مەۋلانە پەدەرىم، كېيىنىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. شۇ تاپتا تەپەككۈر قۇشۇم شۇنداق گاراڭكى ، نەگە ئۇچۇشنى ، نەگە قونۇشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ.
- ئەي بالام ، مەنمۇ شۇنداق ئازابتىمەنكى ، بۇلارنى ئويلىسام خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ كېتىمەن. بۈگۈن بۇ دۇنيادا ئىنسانلىق ناچاردۇر. ئىسىت،ئىنسانلىق قېنى؟ نەگە كەتتى. ۋاپا كۆلى سوغۇلدى ، بۇلاقلىرى قۇرۇپ كەتتى . جاپا تولۇپ-تاشتى ، دېڭىزدىن ئاشتى! قېنى ئەھدى-ئامانەت , قېنى ياخشىلىق؟مۇشۇنداق بولىۋەرسە كىيىنكى كۈنلەردە ياخشى ئىشلارمۇ يوقاپ كېتىدۇ ، ياخشىلىقنىڭ بېشى كېتىپ بولدى ، ئاخىرىمۇ كېتىدۇ ، يامانلىقنىڭ ئالدى كەلدى , ئاخىرىمۇ كېلىدۇ. زامان ئۆچمەنلىك ۋە جەۋرى –جاپا بىلەن تولدى ، قېنى بىر ساۋابلىرى؟ بار بولسا تىلە ، ئۆزەڭ بۇزۇق شۇڭا زامانمۇ بۇزۇلدى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا بۇ دۇنيادىن شىكايەت قىلىسەن؟ ئەمما ئېسىڭدە چىڭ ساقلاپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلغىنكى ، ھەرقانداق چاغدا ئۆز ۋىجدانىڭنى پەس قىلما ، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشا. بۇ جاھان شۇنداقكەن ، كىم ئىككى يۈزلىمىچى بولسا شۇ ئەتىۋارلىق بولىۋاتىدۇ ، ئېتىۋارلىق بولىمەن دېسەڭ ، ماڭ ، ئىككى يۈزلىمىچى بول. كىم يوللۇق بولسا ئۇنىڭغا يول يوقتۇر. كىم يولسىز بولسا ئۇنىڭغا يول كەڭدۇر. ئەي ئەخلاقسىز ، شاتلىنىپ كەزگىن . بۇ سېنىڭ دەۋرىڭ خالىغىنىڭنى قىل ، تىلىگىڭ بويىچە راھەت ئىچىدە قايغۇسىز ياشا ، سېنى قەيەردە ۋە قانداق تىل بىلەن كىم توسىدۇ؟
-ئەي بۇزرۇكۋار پەدەرىم -دېدى جانبېك قايىللىق بىلدۈرۈپ -شۇنداق كىشىلەر كۆپۈيۈپ قېلىۋاتىدۇ ، مال-دۇنيايىڭ كۆپ بولسا سەن بىلەن ئالاقە قىلىدىكەن، بولمىسا كارى يوق. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدىمۇ بۇ خىل تۇرمۇش پەلسەپەسى بازار تاپقاندەك قىلىدۇ. مال-دۇنيا بولمىسا جەمئىيەت تەرەققىي قىلمايدۇ. ھاياتلىققىمۇ كېپىللىك قىلغىلى بولماس. ئەجىبا , بىر ئادەمگە نۇرغۇن مال- دۇنيامۇ كېرەكمۇ ؟
- ئەي بالام ، ئىنسان نەپسى-شەيتاندۇر. نەپسىنى ئۆلتۈرمەك ۋاجىپتۇر. ئۇنداقلارغا ۋارقىراپ مۇنداق دېگۈم كېلىدۇ : -ئەي مال- دۇنياغا ھېرىس كىشى،ھەقىقەت بىلكى، بۇ مال بۈگۈن قايغۇ ۋە غەم ، ئەتە بولسا يۈك ۋە گۇناھتۇر. مال-دۇنيارىڭ ھارام بولسا ئاخىرى ئازاب بولىدۇ، ئەگەر مال-دۇنيايىڭ ھالال بولسا ئۇنىڭمۇ ھېساۋىتى بولىدۇ. نېمىشقا مال-دۇنياغا مۇنچىۋالا ھېرىسسەن؟ ئويلايدىغىنىڭ شۇ ، مال-دۇنيا، سۆزلەيدىغىنىڭمۇ شۇ . ئۆزەڭ كېتىسەن،مال-دۇنيايىڭ دۈشمىنىڭگە قالىدۇ، كېپەنلىك بوزىڭنىمۇ ئۇ ياتقىنىدىلا بېرىدۇ. سېنىڭ مال-دۇنيايىڭ سېنى كەتكۈزىدىغان مال-دۇنيا، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ساڭا بىر ھەسرەتتۇر. توپلاش سەن ئۈچۈن تاتلىق بولغىنى بىلەن ئەتە تاشلاپ كېتىش ئاچچىق بولىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى ئارىلاشما بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە دەردى ناھايىتى كۆپ، لەززىتى ئازدۇر. ھەسەل نەدە بولسا ھەرىسىمۇ بىللە بولىدۇ، ھەسەلدىن ئاۋۋال ھەرىنىڭ زەھىرىنى تېتىشقا توغرا كېلىدۇ. جاپا تارتىشتىن ئۆكۈنمە. ئالتۇن ۋاقتىڭنىڭ بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ بولۇپ كېتىشىدىن ئۆكۈن . تارتقان جاپايىڭ ياخشىلىققا بولسا ,كېرەك يوق. ناۋادا ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن بولسا دەرھال باشقا يولغا ماڭ. چۈنكى، بۇنداق ئىشلاردىن ياخشى نەتىجە چىققان ئەمەس. ئىككى نەرسىنى تاللىما . بىرى تاماق, يەنە بىرى ئىش-ئەمگەك. چۈنكى ئۇلار ھالال بولسىلا كۇپايە.تاماق تاللاش ئادەمنى ئاجىز ، كېسەلچان قىلىپ قويىدۇ. ئىش-خىزمەت تاللاشكىشىنى باشقىلارغا ھاكاۋۇر، شۆھرەتپەرەس قىلىپ كۆرسىتىدۇ. دانالار دەيدۇكى، خىزمەتنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، مۇھىمى خەلققە پايدىلىق ئىكەنلىكىدە . بىلگىن، ئەمما ئىككى نەرسىنى چوقۇم تاللا: بىرى چىن دوسىت ، يەنە بىرى تەۋپىق. دوسىت توغرا تاللانمىسا قەلبىڭدە ئۆمۈرلۈك جاراھەت ئىزى قالىدۇ ، تەۋپىق بولمىسا تارتقان جاپاغا چۈشلۇق راھەت بولمايدۇ. ئەي بالام ، بىلگىنكى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ھاياتنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى. قولغا سانچىلغان تىكەندىن ئاغرىنىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇلۇغ يېرى گۈلنىڭ خۇشپۇرىقىدىن بەھىرلىنىشنى بىلىشتۇر. بىكارچىلىق-كېسەللىك، قېرىلىق, ئازاب-ھەسرەت بېخلىرىنىڭ قۇياشىدۇر.
-ئەي شەيىخۇل پەدەرىم, ئەقىل نۇرى بىرلە كۆڭۈل كۆزۈمنى ئاچتىلە، ھەممىنى ئىخلاس قەغىزىگە تولۇقى بىلەن كەشتىلەپ ئالدىم. ئاخىرىدا شۇنى سوراي، ئادەم ئۆزگۈرۈشچان، مۇرەككەپ دۇنياغا مۇئامىلە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى زۆرۈرمۇ؟
-شۇنداق بالام، نەپسىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق روھنى ئۈستۈن تۇتۇش بەرھەقتۇر. مەۋلانە شەيىخۇل ماشايىغ ، سۇلتانۇل ئارىپىدىن بولمىش خوجە ئەخمەد يەسىسەۋى ھەزرىتم ماڭا شۇنداق ئۆگەتكەنكى، كىشىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، نەپسى-شەيتاننى يېڭىشتە. ھەممە كىشى باراۋەردۇر، ھەرقانداق كىشىگە ئازار بەرمە، مەيلى ئۇ باشقا دىندىكى كىشى بولسىمۇ ، ئاللا كۆڭلى ئازار كىشىنى يامان كۆرىدۇ. ئەي ئوغلۇم، بۇ پانىي دۇنيا ئەسلى بىۋاپادۇر. شۇنداق ئەمەسمۇ؟! پەسلەرنى كۆتۈرۈپ ئەزىزلەرنى يەرگە ئۇرىدۇ. ئەمىسە، بۇ قۇتسىز دۇنيا قېرىپ ئەقلىدىن كەتتىمۇ؟! ئاڭلا بالام ، زامانىڭنى ئەيىپلىمەي ، كىشىلىرىڭنى ئەيىپلە. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆز غۇرۇر-نومۇسۇڭنى قوغدىغىن. زالىملارغا قولچۇماق بولما ، ناكەسلىكلەردىن قولۇڭنى بۇلغىما. نامراتلارغا يانتاياق بولكى, قىلغان ياخشىلىقىڭغا ئۇلاردىن نان تىلىمە، مەردلەر بۇنى رەت قىلىدۇ. دېگەنلىرىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتماي پۇشايمان زەھىرى بىلەن قەلبىڭنى ئۆرتىمە.
ئەتەبەتۇلھەقايىق ناملىق كىتابتىن ئېلىندى |