• جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--2

    2010-04-01


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/61443486.html

    20 – ماددا دۆلەت تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پەن ۋە تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئىلمىي تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىجادىيەت – كەشپىياتلارنى مۇكاپاتلايدۇ.


    21 – ماددا دۆلەت داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى، ھازىرقى زامان تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مەھەللە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر خىل داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇئەسسەسىلىرىنى قۇرۇشىغائىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاممىۋى تازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدايدۇ.
    دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.


    22 – ماددا دۆلەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى، ئاخبارات، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى، نەشرىياتچىلىق، كىتاب تارقىتىش ئىشلىرىنى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
    دۆلەت مەشھۇر يادىكارلىقلارنى، قىممەتلىك ئاسار ئەتىقىلەرنى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىي مىراسلارنى قوغدايدۇ.


    23 – ماددا دۆلەت سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەر خىل ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ، زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.


    24 – ماددا دۆلەت غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر – يېزىلاردا ئوخشاش بولمىغان دائىرىدىكى ئامما ئارىسىدا ھەر خىل قائىدە، ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.


    دۆلەت ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، پەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك كوللېكتىپچىلىق تەربىيىسى ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزملىق، كوممۇنىستىك تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق تەربىيە ئېلىپ باردىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئوداللىق چىرىك ئىدىيىگە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.


    25 – ماددا دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.


    26 – ماددا دۆلەت تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تىزگىنلەيدۇ.


    دۆلەت كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.


    27 – ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ئىخچام بولۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە سىناش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، خىزمەت سۈپىتىنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرىدۇ.


    بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى شەرت.


    28 – ماددا دۆلەت جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ بىخەرتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا جىنايى ھەرىكەتلەرنى باستۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈئىدىغان، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ۋە باشقا جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى جازالايدۇ، جىنايەتچىلەرنى جازالايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.


    29 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى خەلققە مەنسۇپ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش.


    دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
    30 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ بۆلۈنۈشى مۇنداق بولىدۇ:


    (1) پۈتۈن مەملىكەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ؛

    (2)ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ؛

    (3)ناھىيە ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەر يېزا، مىللىي يېزا، بازارلارغا بۆلۈنىدۇ.


    بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەر رايون، ناھىيىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلار ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلار، ئاپتونوم ئوبلاستلار، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردۇر.


    31 – ماددا دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىدۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا يولغا قويۇلىدىغان تۈزۈملەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانۇن ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ.


    32 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو زېمىنىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو زېمىنىدىكى چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت.


    جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي سەۋەب بىلەن پاناھ تىلىگەن چەت ئەللىكلەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىدۇ.


    2 - باب پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى


    33 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغانلىكى كىشى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسىدۇر.


    جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر.


    دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


    ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار ئاساسىي قانۇندا ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت.


    34 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشى 18 گە تولغان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى مىللىتى، ئىرقى، جىنسىي، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، بىلىم دەرىجىسى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي، سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.


    35 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز، مەتبۇئات، يىغىن ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.


    36 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
    ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنىنىڭ، جامائەت تەشكىلاتى ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.


    دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.


    دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.


    37 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى دەخلىسىزدۇر.
    ھەرقانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىسىز ياكى قارارىسىز ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ.
    پۇقرالارنى قانۇنسىز قاماپ قويۇش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.


    38 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئىززىتى دەخلىسىزدۇر. پۇقرالارغا ھەرقانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، تۆھمەت قىلىش ۋە قارار چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.


    39 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئۆي - جايى دەخلىسىزدۇر.


    پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.


    40 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خەت – ئالاقە ئەركىنلىكى ۋە خەت – ئالاقە مەخپىيىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى تەپتىش ئورگانلىرى خەت – ئالاقىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەئىسنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن پۇقرالارنىڭ خەت – ئالاقە ئەركىنلىكىگە ۋە خەت – ئالاقە مەخپىيىتىگە دەخلى – تەرز يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.


    41 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمى ئۈستىدىن تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش ياكى پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن پاكىت ئويدۇرۇش يائى پاكىتنى بۇرمىلاش يولى بىلەن قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.


    مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى پۇقرالار شىكايەت قىلغان، ئەرز قىلغان ياكى پاش قىلغان ئىشلارنى ئېنىقلاپ، مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى شەرت. ھەرقانداق كىشىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىگە ۋە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.


    پۇقرالىق ھوقۇقى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ دەخلى - ئەرۇزىغا ئۇچراپ زىيان تارتقانلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.


    42 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.


    دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن شارائىت يارىتىدۇ، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا ئەمگەك ھەققىنى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ.


    ئەمگەك قىلىش – ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەممە پۇقرانىڭ شەرەپلىك بۇرچى. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ، شەھەر – يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرمۇ ئۆز ئەمگىكىگە دۆلەتنىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. دۆلەت سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋە خىزمەت ئىلغارلىرىنى مۇكاپاتلايدۇ. دۆلەت پۇقرالارنىڭ خالىسانە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.


    دۆلەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تېگىشلىك دەرىجىدە تەربىيىلەيدۇ.


    43- ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەكچىلىرى دەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
    دۆلەت ئەمگەكچىلەر دەم ئالىدىغان ۋە كۈتۈنىدىغان مۇئەسسەسىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ۋە دەم ئېلىش تۈزۈمىنى بەلگىلەيدۇ.


    44 – ماددا دۆلەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، كارخانا تەشكىلاتلىرىنىڭ، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى پېنسىيىگە چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا دۆلەت ۋە جەمئىيەت كاپالەتلىك قىلىدۇ.


    45 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قېرىغاندا، كېسەل بولغاندا ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندا، دۆلەتتىن ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەت پۇقرالارنىڭ بۇ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.


    دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىدۇ.


    دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەما، گاس، گاچا ۋە باشقا مېيىپ پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۇرمۇشىنى سەرەمجانلاشتۇرۇشىغا ۋە بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


    46 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.


    دۆلەت ياشلارنى، ئۆسمۈرلەرنى ۋە بالىلارنى تەربىيىلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ.


    47 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. دۆلەت مائارىپ، ئىلىم – پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى پۇقرالارنىڭ خەلققە پايدىلىق ئىجابىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.


    48 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى ھايات ساھەلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئەرلەر بىلەن ھوقۇققا ئىگە.
    دۆلەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېئېرىشنى يولغا قويىدۇ، ئايال كادىرلارنى يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.


    49 – ماددا نىكاھ، ئائىلە، ئانىلار، ۋە بالىلار دۆلەت تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ.
    ئەر بىلەن خوتننىڭ پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش مەجبۇرىيىتى بار.


    ئاتا – ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.


    نىكاھ ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، قېرىلارنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ.


    50 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.


    51 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بلغاندا، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.


    52 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.


    53 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، جامائەت مۈلكىنى ئاسرىشى، ئەمگەك ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى شەرت.


    54 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى، شان – شۆھرىتىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىگە، شان - شۆھرىتىگە ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.


    55 – ماددا ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.


    قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋە خەلق ئەسكىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.


    56 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ قانۇن بويىچە باج تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار.


    3 – باب دۆلەت ئاپپاراتلىرى


    1 – پاراگراف مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى


    57 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭ دائىمىي ئورگىنىدۇر.


    58 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.


    59 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار ۋە ئارمىيە سايلىغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.
    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.


    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىل سايلاش ئۇسۇلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.


    60 – ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.


    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى لازىم. ئەگەر سايلام ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولۇپ قالسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۆز تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى لازىم.


    61 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يىلىدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىننى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپسا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ قويسا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى قەرەلسىز چاقىرىشقا بولىدۇ.


    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ھەيئەت رىياسەت سايلايدۇ.


    62 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:


    (1) ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈئىدۇ؛

    (2) ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛

    (3) جىنايى ئىشلارغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دۆلەت ئاپپاراتىغا ۋە باشقا ئىشلارغا دائىر نېگىزلىك قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؛

    (4) جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنى سايلايدۇ؛

    (5)جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىئىتىنىڭ رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈئەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛ گوۋۇيۈئەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گوۋۇيۈئەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ، مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛

    (6) مەركىئىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىنى سايلايدۇ؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛

    (7) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ؛

    (8) ئالىي خەلق تەپىتىش مەھكىسىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ؛

    (9)خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، پىلاننىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

    (10) دۆلەتنىڭ خام چوتىنى ۋە خام چوتنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

    (11) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛

    (12) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەستىقلايدۇ؛

    (13) ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈملىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (14) ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (15) دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.


    63 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق:


    (1) جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى؛

    (2)گوۋۇيۈئەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ؛

    (3) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار؛

    (4) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى؛

    (5) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى.


    64 – ماددا ئاساسىي قانۇنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ تەكلىپى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.


    65 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:


    كومىتېت باشلىقى،

    مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى،

    باش كاتىپ،

    كومىتېت ئەزالىرى.


    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.


    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك.


    66 – ماددا ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتى سايلانغىچە يۈرگۈزىدۇ.


    كومىتېت باشلىقىنىڭ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


    67 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:


    (1) ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلايدۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛

    (2) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلىدىغان قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارنى تۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؛

    (3)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن قانۇنلارنى قىسمەن تولۇقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ، لېكىن بۇ شۇ قانۇنلارنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك؛

    (4) قانۇنلارنى ئىزاھلايدۇ؛

    (5)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ، دۆلەت خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەريانىدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك قىسمەن تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھىلەرنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛

    (6) گوۋۇيۈئەننىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛

    (7) گوۋۇيۈئەننىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛

    (8)ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان يەرلىك نىزام ۋە قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛

    (9)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، گوۋۇيۈئەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مىنىستىرلارنىڭ، كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ، باش مۇپەتتىشنىڭ، باش كاتىپنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛

    (10) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان باشقا خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ؛

    (11) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ؛

    (12) ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرىنى، تەپتىشلىرىنى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلايدۇ؛

    (13) چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (14) چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلەرنى ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ۋە بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (15) ھەربىيلەر ۋە دىپلوماتىك خادىملارغا خاس ئۇنۋان ۋە تۈزۈمىنى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇنۋان تۈزۈملىرىنى بەلگىلەيدۇ؛

    (16) دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇلارنى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (17) ئالاھىدە كەچۈرۈم توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (18) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، دۆلەت قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ قالسا ياكى تاجاۋۇزدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (19) مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (20)پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛

    (21) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.


    68 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلى قىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىدۇ. مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپ كومىتېت باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.


    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كومىتېت باشلىقى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپتىن كومىتېت باشلىقلىرى كېڭىشى تەشكىل قىلىنىدۇ.


    69 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
    http://aqkuq.cn/bbs/read.php?tid=232


    收藏到:Del.icio.us