• جىبران خەلىل نەسىرلىرىدىن

    2010-04-20

    تۈرى:نەسىرلەر

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62393745.html

     

                                                                         جىبران خەلىل نەسىرلىرىدىن

                                                  

    ﺋﻪﻱ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ
    (جىبران خەلىل)



    ئەي خەلقىم سىلەر مەندىن زادى نېمە كۈتۈۋۈتىسىلەر؟
    قۇرۇق ۋەدىلەردىن يالغان سۆزلەر بىلەن بىزەلگەن سارايلارنى ۋە شىرىن چۈشلەر بىلەن قۇپۇرۇلغان ھەيكەللەرنى ياساپ بىرىشىمنى كۈتۈۋاتامسىلار؟
    ياكى كاززاپ يالغانچىلار قۇرغان بىنالارنى يىقىشىمنى، رىياخور پەسكەشلەر قوپارغان تاملارنى ئۆرىۋىتىشىمنى كۈتۈۋاتامسىلەر ؟
    ئەي خەلقىم! سىلەرگە زادى نېمە قىلىپ بىرەي؟
    يۇرتۇڭلاردا كەپتەردەك ئۈنلەيمۇ ياكى ئۆز ۋەتىنىمدە شىردەك ھوۋلايمۇ؟
    سىلەرگە ناخشا ئېيتىپ بەردىم، لېكىن سىلەر ناخشامغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشمىدىڭلار!
    ئالدىڭلاردا يىغلاپ بەردىم لېكىن سىلەر يىغلىمىدىڭلار!
    بىرلا ۋاقىتتا ھەم كۆلۈپ ھەم يىغلاپ بىرىشىمنىمۇ كۈتۈۋاتامسىلەر؟
    روھىڭلار ئېچىرقاپ كېتىۋاتىدۇ...
    مەرىپەت ئۇزۇقلىرى ساينىڭ تېشىدىنمۇ كۆپ تۇرۇپتۇ لېكىن سىلەر ھېچنەرسە يېمەيۋاتىسىلەر.
    قەلبىڭلار تەشنالىقتا....
    ھاياتلىق بۇلىقى ساقىينىڭ قۇلىدىكى مەيدەك ئۆيۈڭلار ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئېقىۋاتىدۇ.
    نېمىشقا بىر يۇتۇم بولسىمۇ ئىچمەيسىلەر؟
    دېڭىز سۈيى ئازىيىدۇ كۆپۈيىدۇ.
    ئاي كەمىيىدۇ، تۇلىدۇ.
    زاماننىڭ يېزى بولىدۇ. قېشى بولىدۇ....
    لېكىن ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ، يۇقالمايدۇ، سۇنمايدۇ.
    نېمىشقا ھەقىقەتنىڭ يۈزىنى سەتلەشتۈرمەكچى بولىسىلەر؟
    تۇلۇن ئاينىڭ جامالىنى، يۇلتۇزلارنىڭ ھەيۋىتىنى كۆرسىتەي دەپ تۈن نىسپىدە چاقىرسام ئورنۇڭلاردىن ھۇلۇققان ھالدا تۇرۇپ، قېلىچىڭلارنى سۇغۇرۇپ، نەيزەڭلەرنى كۆتۈرۈپ: بىز ئېلىشىدىغان دۈشمەن قېنى دەپ جار سېلىۋاتىسىلەر.
    تاڭ سەھەردە دۈشمەن ئاتلىق ۋە پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كىرگەندە سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ئۇيقۇڭلاردىن ئويغانماي شىرىن چۈش دېڭىزىغا غەرىق بولۇۋاتىسىلار.
    دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ قۇياي دەپ تاغ چۇققىسىغا چىقايلى دېسەم سىلەر: ئابا-ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ جايدا ياشاپ، مۇشۇ جايدا ئۆلۈپ يەنە مۇشۇ جايغا دەپنە قېلىنغان تۇرسا بىز ئۇلارنى تاشلاپ ئۇلار بارمىغان يەرگە بارامدۇق دېدىڭلار.
    تۈزلەرڭلەرنى سەيلى قىلايلى، زېمىننىڭ ئالتۇن-كۆمۈش خەزىنىلىرىنى كۆرسىتەي دېسەم سىلەر: ئۇ يەردە قاراقچىلار يۇشۇرنۇپ تۇرىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىڭلار.
    دېڭىز، بايلىقلىرىنى تاشلاپ قويغان قىرغاقلارغا بارايلى دېسەم سىلەر: دېڭىز شاۋقۇنى رۇھىمىزنى قۇرقۇتسا دولقۇنى تېنىمىزنى شۈركەندۈردىكەن دېدىڭلار.
    ئەي خەلقىم مەن سىلەرنى سۆيەتتىم، لېكىن سۆيگۈم ماڭا زىيان ئېلىپ كەلدى. سىلەرگە بولسا ھېچبىر پايدا يەتكۈزەلمىدى...
    ئاجىزلىقىڭلارغا ھېسداشلىق قىلغان ئىدىم، ئەكسىچە ھېسداشلىقىم ئاجىزلارنى كۆپەيتىۋەتتى. بىخۇتلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۋەتتى. ھاياتىڭلارغا بولسا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ كىلەلمىدى...
    خارلىقىڭلارغا، بوشاڭلىقىڭلارغا يىغلىغان ئىدىم، ياشلىرىم گۆھەردەك ساپ ئىدى. بىراق يېشىم قاسماق كىرلىرىڭلارنى يۇيالمىدى ئەكسىچە مېنى كۆز قارچۇغۇمدىن ئايرىدى.
    ئەي خەلقىم سىلەر مەندىن زادى نېمە كۈتىۋاتىسىلەر؟
    تېنىچ سۇ يۈزىدە چىرايىڭلارنىڭ شولىسىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشىمنى كۈتىۋاتامسىلەر؟
    بۇياققا كېلىڭلار، ئويلىنىپ بېقىڭلار! قورقۇنچ بېشىڭلارنىڭ تۈكىنى قۇمدەك قىلىۋەتتى. بىدارلىق كۆزۈڭلارنى كور قىلدى. كۆزۈڭلار بەئەينى قاراڭغۇ ئوڭكۈرگە ئوخشاپ قالدى.
    قورقۇنچاقلار مەڭزىڭلارنى سىلاپ قويغان ئىدى مەڭزىڭلار كامارغا ئوخشاپ قالدى.
    ئۆلۈم لىۋىڭلارغا سۈيۈپ قويغان ئىدى لىۋىڭلار كۈزنىڭ ياپرىقىدەك سارغىيىپ كەتتى.
    ھاياتلىق-ياشلىققا ھەمراھ ئىرادە.
    ھاياتلىق-قىرانلىققا دوست تىرىشچانلىق.
    ھاياتلىق-قېرىلىققا تەۋە ھېكمەت.
    بىراق خەلقىم سىلەر قېرى، ئاجىز توغۇلۇپ قالدىڭلار.
    ئىنسانىيەت تاغ سىرلىرىنى دېڭىزلارغا تۈكىدىغان، رېتىملىق ھالدا ئېتىلىپ ئېقىۋاتقان گۆھەر دەريا.
    ئەمما سىلەر ئەي خەلقىم-شامال قار ئۈستىگە چېچىۋاتقان قۇم دانچىلىرى.

     

    ھەقىقەت ۋە خىيال ئارىسىدا
    (جىبران خەلىل)



    ھاياتلىق بىزنى بىر ئۇرۇندىن يەنە بىر ئۇرۇنغا ئېلىپ بارماقتا .
    بىز بىلەن قوشۇپ تەقدىرىمىزنىمۇ بىر بېكەتتىن باشقا بىر بېكەتكە يإتكىمەكتە.
    بىز پەقەت مېڭىۋاتقان يۇلىمىزدىن تېيىلىپ كىتىپ توختاپ قالغانلىقىمىزنىلا
    كإرەلىدۇق .
    بىزنى قورقىتىۋاتقان ئاۋازدىن باشقا ھېچقانداق تېۋىش ئاڭلىمىدۇق .
    گۈزەللىك سەلتەنەت تەختىدە نامايەن بولماقتا , بىز ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقتىمىز ,
    ئارزۇ - ئېستەك نامى بىلەن گۈزەللىكنىڭ باغرىنى بۇلغىماقتىمىز , پاكلىق تاجىنى
    چۈرۈپ تاشلىماقتىمىز .
    مۇھەببەت ماتەم كىيىمىنى كىيىپ يېنىمىزدىن ئإتمەكتە ,
    بىز بولساق ئۇنىڭدىن قورقۇپ زۇلمەت ئوڭكۈرلىرىگە يۇشۇرۇنماقتىمىز ياكى ئۇنىڭغا قول
    بىرىپ ئۇنىڭ نامىدا يامانلىققا قول تىقماقتىمىز .
    دانىشمەن ئارىمىزدا ئېغىر كىشەنلىرىنى سورەپ يۈرمەكتە , ھالبۇكى ئۇ چېچەكلەرنىڭ
    تىنىقىدەك مۇۆيىم , لىۋاننىڭ تاڭ شامىلىدەك مەيىن .
    ھېكمەت كۇچىلارنىڭ دوقمۇشلىرىغا كىلىپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا بىزنى چاقىرماقتا , بىز
    ئۇنى ساختىلىق دەپ مۇرىتلىرىگە ھاقارەت ياغدۇرماقتىمىز .
    ئەركىنلىك بىزنى ھاراق - شاراپ نازۇ - نېئمەتلىرى مول داستىخانغا چاقىرماقتا ,
    بىز داستىخانغا داخىل بولۇپ ئاچكإزلۈكىمىزنى باشلىماقتىمىز .
    داستىخان شۇئان خار - زەبۇنلىقنىڭ سەھنىسىگە , ئإز روھىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ
    كەڭ مەيدانىغا ئايلانماقتا .
    تەبىئەت بىزگە دوستلۇق قۇلىنى سۇنىۋاتىدۇ .
    بىزدىن ئإزىنىڭ بارچە گۈزەللىكىدىن بەھرى ئېلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ , بىز
    بولساق ئۇنىڭ سۈرىدىن قورقۇپ شەھەرلەرگە قاچماقتىمىز .
    ئۇ يەردە بإرىنى كإرۈپ قالغان بىر توپ پادىدەك بىر يەرگە توپلىشىۋالماقتىمىز .
    ھەقىقەت سەبى كۈلكىسىنى , ھارارەتلىك سۈيگۈسىنى ئەگەشتۈرۈپ بىزنى يوقلاپ
    كەلمەكتە .
    بىز بولساق ھېسسىيات ئىشكىمىزگە تاقاق سېلىپ ئۇنى ئىنسان قەلبىنى بۇلغاپ
    بىزگە يىلىنىۋاتقان جىنايەتچىنى قايتۇرۋەتكىنىمىزدەك قايتۇرۋەتمەكتىمىز .
    روھىمىز بىزنى چاقىرماقتا . . . . . .
    بىز جانسىز , ھېسسىياتسىز مەخلۇقتەك ھېچنىمىنى بىلمەيمىز ھەممە نەرسىدىن
    بىخەۋەرمىز .
    ئەگەر بىراۋ قەلبىنىڭ چۇقانىنى , روھىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىسا, بىز : ساراڭ بۇپسەن
    دەپ ئۇنىڭدىن قېچىۋاتىمىز .
    كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئإتىۋاتىدۇ , بىز بولساق غاپىللىققا پېتىۋاتىمىز .
    زامان بىزگە سالام بىرىۋاتىدۇ , بىز بولساق كىچىلەردىن , كۈندۈزلەردىن قورقۇۋاتىمىز .
    تۇپراققا يېقىنلاشماقتىمىز ,
    ئىلاھلار بىزگە تەۋە بولماقتا .
    ھاياتلىق ئۇزىقىنىڭ يېنىدا تۇرۋاتىمىز , بىراق ئاچلىق كۈچ - قۇۋۋىتىمىزدىن
    غىزالانماقتا .
    ھاياتلىق نەقەدەر سۈيۈملۈك ,
    ھاياتلىق نەقەدەر يىراققا .

    كەلگۈسىگە نەزەر
    (جىبران خەلىل)



    ھازىرنىڭ تاملىرى كەينىدىن ئىنسانىيەت تەسبىھلىرىنى ئاڭلىدىم .
    گۈزەللىك ئىبادەتخانىسىدا ناماز باشلانغانلىقىنى ئىۆن قىلىپ سإيۈملۈك مېنۇتلارنى
    قوزغۇغۇچى قوڭغۇراق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم ..........
    كىلەچەكنىڭ كەينىدىن تەبىئەت كإكسىگە سەجدە قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنى
    كوردۈم
    مەشرىق تەرەپكە يۈزلەنگەن ھالدا
    تاڭ نۇرىنى
    ھەقىقەت تاڭىنى كۈتكەن ھالدا .
    شەھەرنىڭ چىرىپ كەتكەنلىكىنى كإردۈم ,
    شەھەرنىڭ خارابىلىردىن نۇر ئالدىدا زۇلمەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كىشىلەرگە
    جاكارلاۋاتقان يۈرەكنىڭ ئىزناسىدىن باشقا نەرسە قالمىغان .
    مەجنۇنتاللۆرنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۋاتقان بۇۋايلارنى كإردۈم
    ئەتراپىدا بىر توپ بالىلار ئەييام خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان .
    گىتتارغا تەڭكەش قىلىپ نەي چېلىۋاتقان يىگىتلەرنى كإردۈم ,
    ئەتراپىدا ياسىمىننىڭ شاخلىرى ئاستىدا سۇمبۇل چاچلىق قىزلار ئۇسسۇلغا
    چۈشكەن .......
    مول - ھۇسۇل ئېلىۋاتقان نەۋقىران يىگىتلەرنى گىنە - ئاداۋەتنى چورۈپ تاشلاپ , شاد -
    خۇراملىق مېلودىيسى ياڭرىتىۋاتقان ئايالللارنى كإردۈم .
    ئايالنى كإردۈم ئۈڭى ئإچكەن كىيىملەردىن دەرەخ يۇپۇرماقلىرى , گۈل چەمبىرەكلىرى
    بىلەن تإلەم تەلەپ قىلىۋاتقان ...........
    ئىنسان ۋە مەخلۇقاتلار ئارىسىدا دوستلۇقنىڭ ھإكۈم سۈرۈپ ئۇچار قۇشلارنىڭ
    ئىنسانلارغا خاتىرجەم ھالدا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى , بىر توپ كىيىكنىڭ كإل تەرەپكە
    ئىشەنىچ بىلەن كىتىۋاتقانلىقىنى كإردۈم .
    نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم ھېچبىر تۇساق كإرمىدىم , ھەتتا ئالقانچىلىكمۇ , بەلكى دوستلۇق
    ۋە باراۋەرلىك بىر - بىرى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ;
    بىرمۇ دۇختۇر كإرمىدىم , ھەممە تۇنۇش ۋە تەجىربە - سىناقلىرى بىلەن ئإزىنىڭ
    دۇختۇرىغا ئايلانغان ...
    بىرەر قوغدىغۇچى كإرمىدىم , چۈنكى تەبىئەت ئۇۆر ئوتتۇرسىدا ........... ئىتتىپاقلىق
    كىلىشىمىنى خاتىرلەپ قويغان .
    ئىنساننى كإردۈم , ئۇ ئإزىنىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ئۇل تېشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ
    ئەرزىمەس ئىشلاردىن يۈز ئورىگەن , ناچار قىلىقلاردىن پاكلانغان ,
    قەلىب كإزىدىن قايمۇقۇش پەردىلىرنى ئېلىپ تاشلىغان .......
    ئاسمان مەڭزىدىكى بۇلۇتلار يازغان خەتلەرنى , سۇ يۈزىدىكى مەيىن شامالللار ئويغان
    نەقىشلەرنى ئوقۇيالىغان ,
    چېچەكلەر تېنىقىنىڭ ماھىيتىنى چۈشەنگەن ,
    قۇش ۋە بۇلبۇلللار نەغمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن .
    ھازىرنىڭ تاملىرى كەينىدىن ,
    كەلگۈسى ئەۋلادلار سەھنىسى ئۈستىدە ,
    گۈزەللىكنى كإردۈم , بەئەينى تويى بولغان يىگىتتەك ,
    روھنى , ئەقىلنى كإردۈم تويى بولغان قىزدەك ,
    ھاياتنى ھەممىسىنى . . . . . .
    گۇيا قەدىر كىچىسىدەك


    ئەرەپچىدىن مەھزۇن تەرجىمىسى

    مەنبەسى: داڭلىق مۇنبىرى

    http://bbs.danglik.com/read.php?tid-2682.html


    收藏到:Del.icio.us