• 2010-06-06

    خالىد مەشئەل - [مەشھۇر شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65245915.html

     خالىد مەشئەل
    تەييارلىغۇچى: ئا. جوشقۇن
    پەلەستىن قارشىلىق ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ سۈرگۈندىكى سىياسى لىدىرى خالىد مەشئەل.
    ھازىرغا قەدەر سۈرگۈندە ياشاۋاتقان خالىد مەشئەل  1956 ـ يىلى پەلەستىننىڭ راماللا شەھىرىگە  يېقىن بىر يېزىدا دۇنياغا كەلگەن. 1967 ـ يىلىدىكى ئۇرۇشتا كۇۋەيتكە كۆچۈپ كەلگەن، 1971 ـ مۇسۇلمان قېرىنداشلار (ئىخۋانۇل مۇسلىمىين) جامائىتىگە ئەزا بولغان. بىر قانچە يىل كۇۋەيتتە فىزىكا ئۇقۇتقىچىلىقى قىلغان خالىد مەشئەل 1987 ـ يىلى باشلانغان پارتىزانلىق ھەرىكەتتىن كېيىن ھاماس تەشكىلاتىغا قېتىلىدۇ. بىرىنچى پارس قولتۇق ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇۋەيتتە ياشاۋاتقان نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئىئوردانىيىگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ مەشئەلمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىئوردانىيىگە كۆچۈپ كېلىپ يەنىلا ھاماسنىڭ ئىقتىسادىنى  كۆچەيتمەك ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ.
    بۇ ئارىدا (مۇسساد) ئىسرائىليە ئىستىخبارات كۈچلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. 1997 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى كانادا پاسپۇرتى كۆتۈرگەن 10 (مۇسساد) ئەزاسى نىتانياھۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىئوردانىيىگە كىرىدۇ ۋە سۇيىقەست پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بىراق سىۇيىقەست ئاشكارىلىنىپ ئىككى نەپەر مۇسساد ئەزاسى ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى تەرپىدىن قولغا چۈشۈرىلىدۇ. ئىسرائىليە ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر پەيتتە. ئىئوردانىيە پادىشاھى مەلىك ھۈسەين ئەگەر ئىسرائىليە زەھەر قايتۇرۇش دورىسى ئەۋەتمەيدىغان بولسا ئىسرائىليە ئىستىخبارات ئىدارىسىگە مەنسۇپ ئىككى كىشىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىليە زەھەر قايتۇرغۇچ دورىسىنى ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ  بىلەن بىرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شەيخ ئەھمەد ياسىننىمۇ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
    پادىشاھ ھۈسەيننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغان ئابدۇللا ھاماسنىڭ ئۇمماندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىدۇ.
    1999 ـ ئاۋغۇستتا مەشئەل ۋە ئۇنىڭ ئۈچ سەپدىشى ئىئوردانىيەدىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. تۈنجى بولۇپ قاتارغا دۆلىتىگە كەلگەن مەشئەل 2001 ـ سۈرىيەگە كېلىپ توختايدۇ. 2003 ـ يىلىدا ھاماسنىڭ روھانى لىدىرى شەيخ ئەھمەد ياسىن ئىسرائىليە باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رانتىسىنىڭمۇ شېھىت قىلىنىشىدىن كېيىن پارتىيە يېڭى لىدەرلەرنى جاكارلىماسلىق يولىنى توتۇپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ خالىد مەشئەل تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى سىياسى لىدەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردەبولغان سايلامدا ھاماس پارتىيسى ئۇتقاندىن كېيىن ئامېرىكا، ئىسرائىليە باشلىق غەرب ئەللىرى ھاماس پارتىيسى قۇرماقچى بولغان يېڭى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىليە دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىشىغا مەجبۇرلاۋاتقان بولسىمۇ خالىد مەشئەل باشچىلىقىدىكى ھاماسنىڭ پۈتۈن خادىملىرى قاتتىق رەت قىلىش بىلەن بىرگە پەلەستىن زېمىنىدىن مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان بىر غېرىچمۇ يەر قالمىغانغا قەدەر كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاۋتىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us