• 2010-06-14

    ئالتۇن ئالما ،دۇ ئا ئال - [شىئىرىيەت]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/66012633.html

       

                                                                     ئالتۇن ئالما ،دۇ ئا ئال  دەرلەر

     

     

                          ھەر  نەرسىنى ئەيلىدىم ئارزۇ ،                    
    لىكىن ماڭا  ھەمرا بىر ئارزۇ،
    كىچىكىمدىن ئاڭلىغىنىم شۇ ،
    ئالتۇن ئالما ،دۇ ئا ئال  دەرلەر.

    ئالتۇن قولدىن كىتەر،ئۇ ئەمما
    ھەركۈن ساڭا ھەمرادۇر دۇ ئا.
    پايدىلىقراق ئىزدىسەڭ سودا،
    ئالتۇن ئالما ،دۇ ئا  ئال  دەرلەر .

    بىركۈن كىلەر قىيامەت قايىم ،
    قۇتقۇزىدۇ مىنى دۇئايىم .
    تەجىربىدىن ئۆتكەنلەر دائىم
    ئالتۇن ئالما  ،دۇئا  ئال  دەرلەر .

    قول ئاچقاندا بۇۋام دۇئاغا ،
    ئىلتىجالار ئەيلەر خۇداغا.
    ساڭا قارشى فانىي دۇنياغا
    ئالتۇن ئالما ،دۇئا ئال  دەرلەر .

     

    ئايا دوستلار ،ئالدىرىماڭ ئاسىيلار دەۋرىسىگە،
    بىركۈن كىلىپ  ھەربىر ئىشنىڭ سۇرىقى بار دۇنيانىڭ .
    ئايا دوستلار ،سىز ئالدىراڭ  ياخشىلار ھالقىسىغا ،
    ئۆلمىسەك ھەم ھەربىر ئاڭا ساۋابى بار دۇنيانىڭ .

    ئايا دوستلار ،ئاياللارنىڭ مىكرى بۇلارمىش يامان ،
    ئۇلاردىن يىراق يۈرگەننىڭ  قەلبى  بۇلارمىش ئامان .
    نامەھرەم ئىچىدە بولغان  ھەر ئىش بۇلارمىش گۇمان،
    ئەۋرىتىنى يېپىپ قۇيۇڭ  ھىجابى بار دۇنيانىڭ .

    ئايا دوستلار ،رىيا بىلەن كىبىر دۇرۇس ئىش ئەمەس،
    كىبىر قىلغان كىشى بىلەن ئاللاھ  ئەسلى كىلىشمەس .
    قەلب بىلەن يىغلانمىغان دۇئا ھەققە  نالە ئەمەس .
    خالىس بولماس ،قىيامەتتە  ئازابى بار دۇنيانىڭ .

    ئايا دوستلار  ،يىتىملارغا سېخى بولغان مۆمىندۇر ،
    ئۇنىڭ قەلبى ،ئىمانى ھەم تۇلۇقتۇر ھەم مەلۇمدۇر .
    بۇ دۇنياغا كەلگەنلەرنىڭ بارار جايى ئۈلۈمدۇر .
    مەغرۇرلانماڭ ، يىقىلسا ھەم تۇرارى بار دۇنيانىڭ .

    ئايا دوستلار ،بۇ تەقدىرگە ئىسىيان قىلماڭ  ھېچقاچان ،
    ئۇنىڭ باردۇر يازغۇچىسى ،پۈتۈلگەن قاي  بىر زامان .
    مۇكاپاتقا لايىق بۇلۇپ بېقىڭ ،سىز  مەنزىل تامان ،
    ئون بەش كۈندە ئاي چىقار ،ئاپتابى بار دۇنيانىڭ .

    ئايا دوستلار ،بىر كۈن كىلىپ ھەممە تاپقۇسى ۋاپات ،
    بىۋاپا يارى ئۈچۈن قايغۇدا  نەبار نىجات .
    ياخشىسى ئىمانىمىزنى  چارلىسۇن باقىي ھايات ،
    مۇددەت ئۆتۈپ ئىمارىتى ،خارابى بار دۇنيانىڭ.

      ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : فانىي

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论