-
2011-06-24
سوپى ئاللا يار شېئىرلىرى - [شىئىرىيەت]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/funy520-logs/139701502.html
سوپى ئاللا يار شېئىرلىرى
1
ھاجىتىم ئولدۇر خۇدايا، ھەر ئىشىم باش ئەيلىسەڭ،
مۇندا تەۋفىق، ئۇندا ئىمانىمنى يولداش ئەيلىسەڭ.
بەرگىل دىلىمغا ھېكمەت، ئاغزىمغا ھەر چاغ سانا،
كۆڭلۈمگە ئىشىق ئاتەشىن سالساڭ، كۆزۈم ياش ئەيلىسەڭ.
بىر ئۈمىدىم: گەردى ئىسيانىمنى يۇغاي ئابى ئەۋف،
مەندە يوقتۇر چارىسى گەر سەن قارا تاش ئەيلىسەڭ.
چېھرەيى جۇرمىمنى ياپقىل پەردەسى ئىسمەت بىلەن،
ئاندا مۈشكۈلدۇر گۇناھىم خەلق ئارا پاش ئەيلىسەڭ.
گەرچە ئاللا يار ئېرۇر نا قابىلۇ نا مۇستەقىم،
لۇتف ئېتىپ بىر مۇرشىدى كامىلغا يولداش ئەيلىسەڭ.2
مۇناجات
خالىقا!
قايىلمەن ئۆز نۇقاسنىمغا،
كۆپ جەبر قىلدىم ئۆزۈمنىڭ جانىغا.
زاتى پاكىڭدىن ئىنايەت بولمىسا،
ھېچ ئىشەنچىم يوق ئەمەل قىلغانىمغا.
خالىقا!
قىلدىم فەئالى كۈندەنى،
قىلمىغىل رەسۋا مېنى - شەرمەندىنى.
سەن ئەرگەر رەھمەت نىقابىن ياپمىساڭ،
ئەيبى كۆپ، نۇقسانى كۆپتۇر بەندەنى.
خالىقا!
تۆكتۈم ئىبادەت تاسىنى، (تاس=مول،كۆپ)
سەن تۈزەرسەن بەندىنىڭ كەم-كۇسىنى.
قۇللىرىڭ بۇلغانسا ئىسيان لايىغا،
ئاققۇزارسەن مەغفىرەت دەرياسىنى.
خالىقا!
قىلدىم گۇناھى بىئەدەت،
جان بېرەر ھالەتتە سەن بەرگىل مەدەت.
نەفسى شەيتان ئىلكىدىن قۇتقازمىساڭ،
بولدى مۈشكۈل ھالىمىزغا يا ئەھەد.
خالىقا!
يا ئەۋۋالۇ، يا ئاخىرا،
نەفسى شەيتان جانىما بولدى بالا.
گەرچى ئاللا يار ئۆتكۈچىدۇر يامان،
قويمىغىل دۈشمەن قولىدا مۇپتىلا.
خالىقا!
تۇتتۇم فاراغەت خابىنى، (خاب=ئۇيقۇ، چۈش)
ئىستەدىم دائىم جاھان ئەسبابىنى.
گەرچە ئاللا يار ئېرۇر غەرقى گۇناھ،
ئاچ ئاڭا ئۆلگەندە رەھمەت بابىنى.
خالىقا!
ئۆمۈر ئەيلەدىم فانى بىلەن،
ئەمدى بەندەڭ زار يىلار جانى بىلەن. (يىلار=يىغلار دېمەكچى)
گەرچە ئاللا يار ئېرۇر زارۇ-زەبۇن،
جانىن ئال نىرى ئىمانى بىلەن.
خالىقا!
پائىشلەرىم باش ئەيلەسەڭ،
خىرمەنى رەھمەت ماڭا چەش ئەيلەسەڭ.
مۇندا تەۋفىغىم، چىراغىم قولغا بەر،
ئاندا ئىمانىمنى يولداش ئەيلەسەڭ.
خالىقا!
دىيدەمگە ئەشكى زارى بەر، (دىيدە=كۆز، ئەشك=ياش، زار=يىغا، كۈچلۈك تەلەپ)
كۆڭلۈمگە دائىم مۇھەببەت يارى بەر.
ئابى كەۋسەردىن مېنى سېراب ئېتىب، (سېراب ئەتمەك= يېتەرلىك بەرمەك)
ھەم ماڭا كۆپرۇك ئۆتەردە يارى بەر. (ماڭا پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشكە كۈچلۈك ئىماننى
يار قىلىپ بەر، دېمەكچى)
خالىقا!
لۇتف ئەت گادايى زارىڭغا،
بەندەدۇرمەن، زار مەن ھەر-بىر كارىڭغا.
مەغفىرەت دەرياسىغا غەرقاب ئېتىپ،
كۆزلەرىم شايەتسە قىل دىدارىڭغا.
خالىقا!
تۇز ئەيلەگەيسەن راھىمىز،
مۇستەجەب ئەتگىل دۇئايى ئاخىمىز.
تاڭلا ىەيران بولسا خەق ئۆز ھالىغا
مۇستافانى قىل شافائەتگاھىمىز.
http://bbs.merifet.net/read.php?tid=5235
评论
مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىزغۇ؟كەۋسەر ئىسلام مۇنبىرى تەرجىمە قىلغان شېئىر بۇ.
بىراۋنىڭ ئەمگىنىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ناچار ئادەت.