• 2012-04-19

    ئايرىلمىسۇن - [شىئىرىيەت]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/funy520-logs/206965947.html

     

    ئايرىلمىسۇن

     

    كىمكى ھەققە بەندىدۇر ،پەرمانىدىن ئايرىلمىسۇن،
    كىچە-كۈندۈز تائىتى سۇبىھانىدىن ئايرىلمىسۇن.
    بارچە مۆئمىن رەھمىتى -رەھمانىدىن ئايرىلمىسۇن ،
    خەيرىلىك ئەھدى،شاپائەت ھەمكارىدىن ئايرىلمىسۇن.
    جان بېرەردە گۆھىرى ئىمانىدىن ئايرىلمىسۇن.

    ھەقتائالا دىدى دوستۇم ،تۈن -سەھەر بىدارىنى
    ۋەدە قىلدى ئاللاھىم جەننەت بىلەن دىدارىنى.
    ھەق سۈيەر قىلسا ساخاۋەت بەندە ھەرنە-بارىنى،
    رەھمىتىگە ھەم نېسىپ ئەتكەي ،شۇ گۇناھ-زارىنى.
    تاڭلا راھەت ئىستىگەن ئېھسانىدىن ئايرىلمىسۇن .

    بۇجاھانغا كىم كىلىپتۇ ،بولمىسۇن بەختى قارا،
    ئۇشبۇ ئىللەتكە كىشىنى قىلمىسۇن ھەق مۇپتىلا .
    بۇكىسەل زادى تۈزەلمەس دورىسى يوق بىداۋا ،
    شۇندا ھەم كۆكتىن چۈشۈپ ئىسا ئاڭا قىلسا دۇئا .
    رەھمەتى ھەق دائىما ئىنسانىدىن ئايرىلمىسۇن .

    ھەر ئىنسانغا شۇل ئەجەل كەلگۈچە يۈرگەي بىخەۋەر ،
    ئاخىرەتنى ئويلىنىپ ،كۆڭلىدە يوق خەۋپۇ-خەتەر .
    مالى -دۇنيا بىزنى ھەم تاشلاپ كىتەر ، تاشلاپ كىتەر ،
    تا قىيامەت تاڭغىچە ئىنسان شۇدەم گۆردە ياتەر .
    ھەسرىتا شۇ بىرگە ئۆتكەن ھەمراھىدىن ئايرىلمىسۇن .

    يارۇ -دوستۇ ،ئەقرىبالاردىن جۇدا قىلغان پىراق ،
    ھەسرىتا ،ھەم دوست بىلەن قەددىن جۇدا قىلغان پىراق .
    بارچىنى ھاكىمۇ -دۆلەت ئىچدە جا قىلغان پىراق،
    بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ ساھىبى زار قىلغان پىراق .
    بۇ خەزىنە دائىما سۆيگەنىدىن ئايرىلمىسۇن


    ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى :فانىي

    分享到: