-
2012-03-07
ھىجاپلىق قىزلار - [شىئىرىيەت]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/196743648.html
ھىجاپلىق قىزلار
ھەق رىزاسىن تىلەپ ھىجاپ تۇتقان قىزلار .
خەقنىڭ ئەمەس خالق لۇتفىن كۈتكەن قىزلار .
ھەق ئىشقىدا نازىن ئىچگە يۈتكەن قىزلار .
پاك قەلبىڭىز چىن ئىلاھى ھىسلار تۇيسۇن ،
ئۇرانغان ئاي يۈزىڭىزنى ئاللاھ سۆيسۇن.يات نەزەردىن قېچىپ پەردە تۇتۇپ يۈزگە،
ئۈلگە بۇلۇپ بىھايايۇ -قارايۈزگە،
ئەمدى ھەتتا تاش ئاتسا ھەم تەگمەس سىزگە،
سىزگە زۇلۇم ئىستىگەنلەر ئۆزىنى بىلسۇن .
ئۇرانغان ئاي يۈزىڭىزنى ئاللاھ سۆيسۇن .بۇلۇپ فەيزى -كارامەت ھەم سىرلارغا باي ،
مىسلى بۇلۇت ئارىسىدا كۆرۈنگەن ئاي ،
ئاي ھاياغا پۈركىنىپتۇ ئايدەك چىراي .
كىيىم كىيگەن يالىڭاچلار رەشىكتە كۆيسۇن .
ئۇرانغان ئاي يۈزىڭىزنى ئاللاھ سۆيسۇن .ھايالىق شۇ ئاي يۈزلەرنى توسقان پەردە
بىر چىراينى تاۋلاپتۇ مىڭبىر چىرايدا.
يامان كۆزدىن ئاسرىسۇن ئاللاھ ھەرجايدا،
بىتەۋپىقلەر مەيلى نىمە دىسە، دىىسۇن
ئۇرانغان ئاي يۈزىڭىزنى ئاللاھ سۆيسۇن .مۇھاپىزەت ئىتىپ ئۆزىنى يات نەزەردىن،
كۆپ مەھرەمنى قۇتقۇزدىڭىز گۇناھلاردىن،
ھەق لۇتىفىگە سازاۋەرسىز تاڭ سەھەردىن،
ئۇچۇق -ئاشكار يۈرگەنلەر ھەم ئېسىنى يىغسۇن.
ئۇرانغان ئاي يۈزىڭىزنى ئاللاھ سۆيسۇن .دۇنيا سىناق ، ھەق يولىدا سابىت قېلىڭ،
خەتەرلەردىن ئامان -ئېسەن ئۆتۈپ ئېلىڭ ،
جەننەت ئۇزىرا ، بۇندا پاياندازلار سېلىڭ،
ئاللاھ ئۈزى سىزگە چىن بەخت ئاتا قىلسۇن .
ئۇرانغان ئاي يۈزىڭىزنى ئاللاھ سۆيسۇن .ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى:فانىي
كۆزۈڭ ھەم دىلىڭنى زەپ ئەتكەن تولۇپ،
نەفاسەت ھەققىدە سۇرسەڭ گەر خىيال
.
نوقسانسىز گۇزەللىك تىمسالى بولۇپ،
يۈرگەن بىر ھەسرەتتە ھىجاپلىق ئايال.
بىراق ئاسان ئەمەس يۈرمەك ھىجاپتا،
بۈگۈندە كۆپلەرگە كەلمەكتە مالال .
ھىس قىلار ئۆزىنى ئول يات دۇنيادا
كەلگەندە كۈلپەتلەر ھىجاپلىق ئايال.
ئەۋىج ئالغان بۇزۇقلۇق مەسىيەتلەردىن
نى-نى قەدىرلىكلەر بولدىكى ئۇۋال .
ئىھ رەببىم پاناھ بەرگىن بۇلاردىن
پۈركەنگەن سۈرەتلىك ھىجاپلىق ئايال.
كۆپلەر ئايال نامىڭنى بۇلغايدۇ تىنماي،
ئەۋرەتلەر ئاچىلىپ بۇلۇشار خۇشھال .
تەقۋاسىن كۆرسىتىىپ ،ئوزىن كۆرسەتمەي،
ساقلانغان سۈرەتلەر ھىجاپلىق ئايال.
مىللەت ئۇ دىنىنى كۆپلەر ئۇنتۇپ ،
گۇناھلار قەرىدە تاپاركەن زاۋال .
تەقۋالىق تىمسالى لىباسى بولۇپ ،
دىنىگە قۇۋەتلەر ھىجاپلىق ئايال.
بىھايا كىمسەن دەرلەر جاھىللار
مەسخىرە قىلغاندا ئۇنى بىمالال .
ئاللاھىم ئۇلارغا ھىدايەت بەر دەپ ،
ئىھ ياخشى نىيەتلىك ھىجاپلىق ئايال.
ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى كۆڭۇلگە مەلھەم ،
كۆز كۆرسە قەلىب ھەم بولمىغاي بىھال .
كىتابلار ياقىلىپ كەتكەندە ھەم ،
ئىسلامدا ھۆججەتتۇر ھىجاپلىق ئايال.
دەۋەتلەر توختىغان تىل بىلەن يەردە ،
ھەر كىمنىڭ كۆڭلىدە كاتتا بىر سوئال .
ئۈندىمەي كەتسە ھەم كۆزلىرى يەردە ،
كاتتا بىر دەۋەتتۇر ھىجاپلىق ئايال.
ئۇنگە ھەۋەس قىلىپ دېدىم ئەي سىڭلىم ،
ئەرلەرگە تەقۋادار ئۆرنەك بولۇپ قال .
ئىماندىن ۋاز كەچكەن ئەركەكلەر ئۈچۈن ،
ئەڭ ياخشى ئىبرەتتۇر ھىجاپلىق ئايال.
مىسرانىم مۇنبىرىدىن نۇر ئەخمەت نامىدىكى تورداشنىڭ يوللانمىسى
收藏到:Del.icio.us