-
2011-07-02
ببىمارلار ئۈچۈن داۋالارى---1 - [دىنىي كىتابلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/143272879.html
نۇر(رىسالەلىرى) توپلىمىدىن
بىمارلار ئۈچۈن داۋالارمۇئەللىپى : بەدئۇززامان سەئىد نۇرسى
ئەسكەرتىشبۇ مەنىۋى رېتىىپ ،باشقا رىسالەلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىچە بىر ھالدا ناھايىتى تىز لىك )بۇ رىالە تۆرت يېرىم سائەت ئىچىدە يېزىلغاندۇر(بىلەن يېزىلدى ،ھەمدە باشقىلىرىغا ئوخشاش ئوخشىمىغان ئاساستا،كۈڭۈل بۈلۈپ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشقىمۇ ۋاقىت بولماي ناھايىتى تىز ھالدا ئاران بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلدى .يەنى ،بىرىنچى نۇسخسى قانداق بولغان بولسا شۇ بۇيىچە تەرتىپسىز قالدى.قەلبكە تەبئى سۈرەتتە كەلگەن مەنىلەرنى ،سۈنئىي بىر شەكىلگە ئۆزگەرتمەسلىك ئۈچۈن قايتىدىن تەھلىل قىلىشنى لايىق كۆرمىدۇق.ئوقۇغان زاتلار ،بۇلۇپمۇ كىسەللەر بەزى يېقىمسىز ئىبارىلەردىن ياكى ئېغىر ئىپادىلەردىن قىينىلىپ خاپا بۇلۇشمىسۇن ،ماڭىمۇ دۇئا قىلىشسۇن.
بىمىللاھىر رەھمانىررەھىم
شۇ لەمئا)يۇرۇق ،جىلۋە(دائىنسانىيەتنىڭ ئوندىن بىر قىىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاغرىق بىتاپلارغا ۋە كىسەللەرگە ھەقىقىي بىر تەسەللىي ھەم پايدىلىق بولغان بىر دۇرا بولدىغان يىگىرمە بەش داۋانى بايان قىلىمىز.
بىرىنچى داۋا:
ئەي بىچارە بىمار !كىسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما ،بەلكى ئەبىر قىل .سىنىڭ كىسىلىڭ ساڭا دەرت ئەمەس ،ئەكسىچە بىر خىل دەرماندۇر .چۈنكى كىتىۋاتقان شۇ ئۆمۈر بىر سەرمايىدۇر .مىۋىى بولمىسا زايە بولىدۇ .راھەت ۋە غەپلەت بىلەن ئۆتسە ناھايىتى تىز ئۈتىدۇ .كىسەللىكلەربولسا سىنىڭ سەرمايەڭگە چوڭ پايدىلارۋە مىۋىلەر بىرىدۇ.مىۋىلەرنى بىرىپ تاشلاپ كەتكەنگە قەدەر ئۆمرۈڭنىڭ تىز ئۈتۈپ كىتىشىگە يول قويماي تۇتۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇزۇن قىلىدۇ .شۇڭا كىسەللىك ئارقىلىق ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن ھاياتىي نەتىجىلەرنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ككپ ئېيتىلىدىغان مۇنداق بىر سۆز بار : قىيىنچىلىق ۋاقتى بەك ئۇزۇن ،كەيىپ -ساپا ۋاقتى بەك قىسقا".
ئىككىنچى داۋا:
ئەي سەبىرسىز بىمار!سەبىر قىل ،ھەتتا شۈكۈر قىل .سىنىڭ بۇ كىسىلىڭ كىسەللىك مىنۇتلىرىنى سائەتلەرچە قىلغان ئىبادەتلەرگە ئايلاندۇرۇشى مۇمىكىن.چۈنكى ئىبادەت ئىككى قىسىمدۇر .بىرى مۇسبەت ئىبادەت بۇلۇپ ،ناماز ۋە دۇئاغا ئوخشاش مەلۇم ئىبادەتلەردۇر.يەنە بىر قىسىمى مەنفىي ئىبادەتلەر بۇلۇپ،كىسەللىك ۋە بالالار ۋاستىسى بىلەن كىشى ئاجىزلىقنى ۋە كۈچسىزلىكىنى ھىس قىلىدۇ .رەھىملىك بولغان ياراتقۇچىغا ئىلتىجا قىلىدۇ ، يالۋۇرىدۇ .خالس ،رىياسىز ،مەنىۋىي ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ .شۇنداق ،كىسەللىك بىلەن ئۆتكەن بىر ئۆمۈر ئاللاھتىن شىكايەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەت ھىسابلىندىغانلىقىغا دائىر ئېنىق ھەدىسلەر بار. ھەتتا سەبىر ۋە شۈكۈر قىلغان بەزى بىمارلارنىڭ بىر مىنۇتلۇق كىسەللىكى بىر سائەتلىك ئىبادەتكە بارابەر بولىدىغانلىقىنى ،بەزى كامىل ئىنسانلارنىڭ بىر مىنۇتلۇق كىسەللىكى بىر كۈنلۈك ئىبادەتكە ئۆتىدىغانلىقنى ئېنىق ھەدىسلەر ۋە ئىشەنچىلىك كەشىفلەر)ئەۋلىيالارنى بەزى يۇشۇرۇن ھەقىقەتلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېچىشى(ئۇچۇق بىلدۈرىدۇ .سىنىڭ بىر مىنۇتلۇق ئۆمرۈڭنى مىڭ مىنۇت قىلىپ ،سىنى ئۇزۇن بىر ئۆمۈرگە ئىگە قىلىدىغان كىسەللىكتىن شىكايات ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيىت.ئۈچىنچى داۋا:
ئەي بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقان بىمار ! ئىنسان بۇدۇنياغا كەيىپ سۈرۈش ۋە لەززەت ئېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىگە،داۋاملىق ھالدا كەلگەنلەرنىڭ كىتىشى ،ياشلارنىڭ قېرىشى ۋە دائىم ئايرىلىش ۋە يۇقىلىشلارغا دۇچار بۇلۇپ ،قايغۇ -ھەسرەت ئىچىدە قېلىشى ئېنىق دەلىلدۇر .ئىنسان جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ ئۈستۈن ۋە تۈزۈلۈش بۇيىچە ئەڭ باي ،بەلكى بەلكى جانلىقلارنىڭ سۇلتانى ھۆكۈمىدە بولسىمۇ ،ئۆتكەن لەززەتلەرنى ۋەكىلىدىغان بالالارنى ئويلىنىش ئارقىلىق ھايۋانغا نىسبەتەن بەكمۇ تۈۋەن دەرىجىگە چۈشۈش بىلەن بىلەن بىرگە،ئەلەملىك ۋە مۇشەققەتلىك بىر ھايات كەچۈرىدۇ.دىمەك ،ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەتلا ياخشى ياشاش ئۈچۈن ياكى راھەتچىلىك ۋە كەيىپ -ساپا ئۈچۈن كەلمىگەن، بەلكى قۇلىدا چوڭ بىر سەرمايە بولغان بۇ ئىنسان ،بۇيەردە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئەبەدىي ۋە دائىملىق ئبىر ھاياتنىڭ بەخت -سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىشقا كەلگەندۇر .ئۇنىڭ قۇلىغا بىرىلگەن سەرمايە بولسا ئۆمۈردۇر .ئەگەر كىسەللىك بولمىسا ،ساقلىق ۋە سالامەتلىك غەپلەت بىرىپ
ددۇنيانى ياخشى بىر سۈرەتتە كۆرسىتىدۇ .ھەمدە ئاخىرەتنى ئۇنۇتتۇرىدۇ ،قەبرىنى ۋە ئۈلۈمنى ئىسىگە كەلتۈرمەيدۇ .ئۈمۈر سەرمايىسىنى بىكارغا بوش يەرگە سەرپ قىلىدۇ.كىسەللىك بولسا، تىز كۆزنى ئاچقۇزۇپ تەنگە ۋە جەسەتكە دەيدۇكى : "سەن ئۆلمەس ئەمەس ،بەلكى بىر ۋەزىپەڭ بار ،غۇرۇرىڭنى تاشلا ،سىنى ياراتقاننى ئويلا قەبىرگە كىرىدىغانلىقىڭنى بىلىپ شۇ بۇيىچە تەييارلان ".مانا شۇ نۇقتىئىنەزەردىن كىسەللىك ئالدىماس بىر نەسھەتچى ۋە ئويغاتقۇچى رەھبەردۇر .شۇڭا ئۇنىڭدىن شىكايەت ئەمەس ،بەلكى بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش كىرەك .ئەگەر بەكرەك ئېغىر كەلسە سەبىر تىلەش كىرەكتۇر .تۆتىنچى داۋا:
ئەي شىكايەتچى بىتاپ!سىنىڭ ھەققىڭ شىكايەت ئەمەس ،بەلكى شۈكۈردۇر ،سەبىردۇر.چۈنكى سىنىڭ تىنىڭ ،ئەزا ۋە تۇيغۇلىرىڭ سىنىڭ مۈلكۈل ئەمەس ،ئۇلارنى سەن ياسىمىغان ياكى سېتىۋالمىغان )ئىنسان بۇنىڭغا قادىر ئەمەس(دىمەك باشقىسىنى مۈلكىدۇر .ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئۆز مۈلكىدە خالىغىنىدىك ئىجرائىيەت يۈرگۈزىدۇ . مەسلەن:ئىنتايىن باي ۋە بەكمۇ ماھىربىر سەنئەتكار گۈزەل ھۈنەر -سەنئەت بۇيۇملىرىنى ۋە قىممەتلىك بايلىقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مودىل بۇلۇپ بىرىش ئۈچۈن كەمبەغەل ،مىسكىن بىر كىشىنى مەلۇم مىقداردا ھەق بىلەن ياللاپ ئىشلىتىدۇ .يەنى ،بىر سائەت ئىچىدە ئىنتايىن گۈزەل ۋە ئالاھىدە ماھارەت بىلەن تىكىلگەن كۆينەكنى شۇ مودىلغا كىيگۈزۈپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدە خىلمۇ -خىل شەكىل ۋە كۆرۈنىشلەرنى كۆرسىتىپ ،ھەيران قالارلىق ماھارەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆينەكنى كىسىدۇ ،ئۆزگەرتىدۇ ،ئۇزارتىدۇ ،قىسقارتىدۇ .ھەمدە بىر كۈنلۈك خىزمىتى ئۈچۈن ھەق ئالىدىغان مودىلنىڭ شۇ سەنئەتكارغا ؛"مىنى قيناۋاتىسەن ،ئىگىلدۈرۈپ تۇرغۇزۇپ مىنى مۇشەققەتكە سېلىۋاتىسەن ،مىنى گۈزەللەشتۈرگەن شۇ كۆينەكنى كىسىپ قىسقارتىپ چىرايلىق ھالىتىمنى ئۇزىۋاتىسەن "دىيىشكە ھەققى بارمۇ ؟دەل مانا مۇشۇ مىسالدەك،ئۇلۇغ سەنئەتكار بولغان ئاللاھ ساڭا ككز ،قۇلاق ،ئەقىل ،قەلپكە ئوخشاشغان نۇرانە تۇيغۇلار بىلەن ھەيران قالارلىق قىلىپ كىيگۈزگەن جىسىم كۆينىكىڭنى گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ نەقىشلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ھالەتلەر ئىچىدە سىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ساڭا باشقا -باشقا شەكىللەر بىرىدۇ . سەن ئاچلىق بىلەن ئۇنىڭ >رەززاق )رىزىق بەرگۈچى(دىگەن ئىسمىنى تۇنۇغاندەك >شافىي)شىپا بەرگۈچى(دىگەن ئىسمىنىمۇ كىسەللىك ئارقىلىق بىل .قايغۇ -ھەسرەتلەر ،مۇسىبەتلەر بىر قىسىم ئسىملىرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردا ھىكىمەتتىن نۇرلار ،رەھمەتتىن شولىلار ۋە ئۇ يۇرۇقلۇق ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ گۈزەللىكلەر بار .ئەگەر پەردە ئېچىلسا ،سەن قورقۇپ نەپرەت قىلغان كىسەللىك ئارقىسىدا كۆپلىگەن ياخشى ۋە گۈزەل مەنىلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىسەن .بەشىنچى داۋا:
ئەي كىسەلگە مۇپتىلا بىتاپ !بۇ زامانلارداتەجىربىلىرىم بىلەنقانائەت ھاسىل قىلدىمكى،كىسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىر ئىھسانىدۇر ۋە بىر مەرھەمەت ھەدىيەسىدۇر .بۇ سەككىز -توققۇز يىل داۋامىدا مىنىڭ بىر لاياقىتىم بولمىسىمۇ ،بەزى ياشلار كىسەللىك سەۋەبى بىلەن دۇ ئا قىلىشىمنى ئۆتۈنۈشتى .دىققەت قىلدىمكى ،قايسى كىسەلمەن ياشنى كۆرسەم،باشقا ياشلارغا نىسبەتەن ئاىىرەتنى ئويلىنىشقا باشلىغان ،ياشلىق مەستلىكى يوق.غەپلەت ئىچىدىكى ھاۋايى -ھەۋەستىن ئۈزىنى بىر ئاز تارتقان ئىدى.مەنمۇ ئۇلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقان كىسەللىكلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بىر ئېھسانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قۇياتتىم ۋە دەيتتىم ؛"قېرىندىشىم سىنىڭ بۇ كىسىلىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ساڭا بىر شەپقەت ھىس قىلىپ ئىچ ئاغرىتالمايۋاتىمەن،كىسەللىك سىنى تامامەن ئويغاتقانغا قەدەر سەبىر قىل.كىسەللىك ئۆزۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كىيىن رەھىملىك ياراتقۇچى ئىنشائاللاھ )ئاللاھ خالىسا ،خۇدا بۇيرىسا (ساڭا شىپا بىرىدۇ "يەنە دىگەن ئىدىم ؛"ساڭا ئوىشىغان بىر قىسىم ياشلارسالامەتلىك بالاسى ئارقىلىق غەپلەتكە چۈشۈپ نامازنى تەك قىلىپ ،ئاخىرەتنى ئويلانماي ،ئاللاھنى ئۇنۇتۇپ ،دۇنيا ھاياتىنىڭ بىردەملىك كىچىككىنە كەيپى بىلەن چەكسىز ئەبەدىي ھاياتنى زېدىلەيدۇ ،زەرەرلەيدۇ،ھەتتا خاراپ قىلشىدۇ.سەن بولساڭ كىسەللىك كۈزى ئارقىلىق ئەلۋەتتە بارىدىغان يىرىڭ بولغان قەبىرنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئاخىرەتلىك يەرلىرىڭنى كۆرىسەن .سەن ئۈچۈن كىسەللىك بىر سالامەتلىك ،ساڭا ئوخشاش بىر قىسىملارنىڭ سالامەتلىكى بولسا بىر كىسەللىكتۇر".ئالتىنچى داۋا:
ئەي ئەلەمدىن شىكايەت قىلغان بىمار !ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق ،شۇ ئۆمۈردە ئۆتكەن لەززەتلىك ،راھەتلىك كۈنلىرىڭنى ۋە ئەلەملىك ،بالالىق كۈنلىرىڭنى ئويلىساڭ ،ئەلۋەتتە يا 'ئۇھ"ۋە ياكى "ئاھ "دەيسەن .يەنى قەلبىڭ ياكى تىلىڭ يا >ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈ<ياكى بولمىساھەي ئىسىت دەيدۇ .ساڭا >ئۇھ ، ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈر <دىگۈزىۋاتقان نەرسە ،سىنىڭدىن بېشىڭدىن ئۆتكەن ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلار بۇلۇپ ،ئۇلارنى ئەسلىشىڭ بىر مەنىۋىي لەززەتنى تېشىدۇ -دە،سېنىڭ قەلبىڭ شۈكۈر قىلىدۇ .چۈنكى ئەلەمنىڭ يۇقىلىشى لەززەتتۇر .ئۇ ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ يۇقىلىشى مەنۋىيەتتە بىر لەززەت پەيدا بولۇپ،ئويلىنىش ئارقىلىق روھتىن بىر لەززەت ئاقىدۇ ،ياراتقۇچىغا نىسبەتەن قەلبتىن شۈكۈرلەر تامچىلايدۇ.ساڭا 'ئاھ ،ۋاي ئېسىت "دىگۈزگەن ،ئۆتكەن ۋاقىتلاردا سەن كەچۈرگە ن لەززەتلىك ،كەيىپ-ساپالىق ئەھۋاللار بولۇپ ،يوقىلىشى بىلەن سىنىڭ قەلبىڭدە دائىمىي بىر ئەلەم پەيدا بولىدۇ .شۇڭا قاچان ئەسلىسەڭ ئۇ ئەلەم يەنە تېشىلىدۇ -دە،ھەسرەتلەر ئاقىدۇ .دىمەك بىر كۈلۈك ھارام لەززەت بەزىدە بىر يىللىق مەنىۋىي ئەلەم چەكتۈرىدۇ .ۋاقىتلىق بولغان كىسەللىكتىن كەلگەن بىر ئەلەم بولسا ،كۆپ كۈنلەر ساۋاپ لەززىتى بىلەن بىرگە يۇقىلىشىدىكى قۇتۇلۇشتىن كەلگەن مەنىۋىي لەززەتلەرنى بېرىدۇ.سەندىكى ۋاقىتلىق بولغان بۇ كىسىلىڭنىڭ نەتىجىسى ۋە ماھىيىتىدىكى ساۋاپنى ئويلاپ >ئىنشا ئاللاھ بۇ مۇ ئۆتۈپ كىتەر <دە.شىكايەت ئورنىغا شۈكۈر قىل .ئالتنىچى داۋا:*
ئەي دۇنيا لەززىتىنى ئويلىنىپ كىسەللىكتىن ئازاپ چەككەن قېرىندىشىم !ئەگەر بۇ دۇنيادا دائىملىق بولىدىغان بولسا،يۇلىمىزدا ئۈلۈم بولمىغان بولسا ،ئايرىلىش ۋە يۇقىلىش شاماللىرى چىقمىغان بولسا،ھەمدە مۇسىبەتلىك ،بالالىق ۋە قاراڭغۇ بولغان ئىستىقبالدا مەنىۋىي قىش پەسىللىرىبولمىغان بولسا ،مەنمۇ سىنىڭ ھالىڭغا ئىچ ئاغرىتاتتىم.بىراق بۇدۇنيا بىركۈنى بىزگە >قېنى بۇياققاچىق<دەيدۇ.پەريادلىرىمىزدىن قۇلاقلىرىنى ياپىدۇ.ئۇنداقتا ئۇ بىزنى سىرىتقا ھەيدەشتىن ئىلگىرى ،بىز بۇ كىسەللىكلەرنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ھازىردىن باشلاپ بۇ دۇنيا ئاشىقلىقىدىن ۋاز كىچىشىمىز كىرەك .ئۇ بىزنى تەرك قىلىشتىن بۇرۇن قەلب جەھەتتىن بىز ئۇنى تەرك قىلىشقا تىرىشىشىمىز كىرەك .شۇنداق ،كىسەللك بىزگەشۇ مەنىنى ئەكەرتىپ دەيدۇكى ؛"سنىڭ تىنىڭ تاشتىن ياكى تۈمۈردىن ئەمەس،بەلكى ھەر ۋاقىت تارقىلىپ چىرىپ كىتىشى مۇمكىن بولغان ھەرخىل ماددىلاردىن تەركىب .كىبىر ،غۇرۇرۇڭنى تاشلا ئاجىزلىقىڭنى چۈشەن،ئېگەڭنى تۇنۇ ،ۋەزىپەڭنى بىل ،دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭ توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈز "دەپ ،قەلب ئۇنىڭ قۇلىقىغا يۇشۇرۇن ئەسكەرتىدۇ .شۇنداقلا دۇنيانىڭ راھەت ۋە لەززەتلىرى داۋام قىلىۋەرمەيدۇ .بۇلۇپمۇ ھالال بولمىسا،ھەم داۋامسىز،ھەم قايغۇلۇق،ھەم گۇناھ بولىدۇ ،كىسەللىك باھانىسى بىلەن بۇنداق لەززەتنى يۇقاتقانلىقىڭ ئۈچۈن يەغلىما ،ئاھ ئۇرما .ئەكسىچە كىسەللىكتىكى مەنىۋىي ئىبادەت ۋە ئاخىرەتلىك ساۋاپ تەرىپىنى ئويلىنىپ ،ئۇنىڭدىن راھەت ئېلىشقا تىرىش .
-------------------
*داۋا:بۇ داۋا تەبئى سۈرەتتەقەلبكە كەلگەنلىكتىن ئالتىنچى قىسىمدا ئىككى داۋا يېزىلىپتۇ.تەبئىلىكىگە چېقىلماسلىق ئۈچۈن شۇ بۇيىچە قۇيۇپ قويدۇق،بەلكىم بىر سىر باردۇر دەپ ئۆزگەرتمىدۇق.يەتتىنچى داۋا:
ئەي سالامەتلىكنىڭ لەززىتىنى يۇقاتقان ئاغرىقچان !سىنىڭ كىسىلىڭ ئاللانىڭ نىمىتى بولغان سالامەتلىكتىكى لەززەتنى قاچۇرمايدۇ .ئەكسىچە ئۇنى ساڭا تېتىتىپ ئارتقۇزىدۇ .چۈنكى بىر نەرسە داۋاملىشىۋەرسە تەسىرىنى يۇقىتىدۇ .شۇڭا ھەقىقەتپەرۋەرلەر دىيىشىدۇكى:ھەرنەرسە زىت بىلەن بىلىنىدۇ " .مەسلەن :قاراڭغۇلۇق بولمىسا يۇرۇقلۇق بىلىنمەيدۇ ،راھىتى سېزىلمەيدۇ .سوغوق بولمىسا ،ھارارەت ھىس قىلىنمايدۇ ،زوقسىز قالىدۇ.ئۇسساش بولمىسا سۇ ئىچىشتە لەززەت يوق.كىسەللىك بولمىسا ،سالامەتلىك لەززەت بەرمەيدۇ.شۇڭا چەكىز نىمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچى ئىنسانغا ھەر تۈرلۈك ئېھاننى سەزدۈرۈش،خىلمۇ خىل نىمەتلەرنى تېتىتقۇزۇش ۋە ئىناننى دائىم شۈكۈر قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ كائىناتتىكى چەكىسىز خىلمۇ -خىل چەكسىز نازۇ -نىمەتلەرنى ،تېتىيالايدىغان،تۇنۇيالايدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن كۆپلىگەن ھىس -تۇيغۇلار بىلەن ئىنساننى قۇراللاندۇرۇشى كۆرسىتىدۇكى ،اق -ئالامەتلىكنى بەرگىنىدەكلا ،ئەلۋەتتە كىەللىكلەرنى ۋە دەرتلەر نىمۇ بىرىدۇ.سسەندىن ئۇراپ باقاي:شۇ كىسەللىك ئىنى بېشىڭدا ،قۇلۇڭدا ياكى ئاشقازىنىڭدا بولمىغىنىدا ،ئەجىبا سەن بېشىڭ ،قۇلۇڭ ،ئاشقازىنىڭنىڭ ئاق ھالەتتىكى لەززەتلىك ،ھۇزۇرلۇق بولغان ئىلاھى نىمەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتەرمىدىڭ ؟ ئەلبەتتە شۈكۈر ئەمەس ،بەلكى ئويلىنىپمۇ قويمايتىڭ .خەۋەرسىز ھالدا ئۇ ئالامەتلىكنى غەپلەتكە ،ھەتتا كەيپ -ئاپالىق ئىشلارغا سەرپ قىلغان بۇلاتتىڭ ".سەككىزىنچى داۋا:
ئەي ئاخىرىتىنى ئويلانغان كىسەل!كىسەللىك خۇددى سۇپۇنغا ئوخشاش گۇناھلارنىڭ كىرلىرىنى يۇىىدۇ،تازلايدۇ.كىسەللىكلەر گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس بار.يەنە بىر ھەدىستە دىيىلگەنكى:ئەي بولغان دەرەخ سىلكىنسە مىۋىلىرى چۈشكەندەكئىمانلىق بىر كىەلمەننىڭ تىترىشىمۇ گۇناھلارنى سىلكىپ چۈشۈرىدۇ".گۇناھلار بولسا ئەبەدىي ھاياتتا دائىملىق كىسەلىكتۇر.بۇ دۇنيا ھاياتىدىمۇ قەلب ،ۋىجدان ،روھ ئۈچۈن مەنىۋىي كىسەللىكلەردۇر .ئەگەر سەن شىكايەت قىلماي سەبىر قىلساڭ ،شۇ ۋاقىتلىق كىسەللىك ئارقىلىق دائىمىي بولغان كۆپلىگەن كىسەللىكلەردىن خالى بولىسەن.ئەگەر گۇناھلىرىڭنى ئويلانمىساڭ مياكى ئاخىرەتنى بىلمىەڭ ۋەياكى ئاللاھنى تۇنۇمىساڭ ،ئۇ ھالدا سەندە شۇنداق بىر قورقۇنچلۇق كىەللىك باركى ،سىنىڭ بۇ كىچىك ماددىي كىسىلىڭدىن مىليۇنلىغان ھەسسە تېخىمۇ چوڭدۇر .ئۇنىڭدىن پەرياد قىل.
سەككىزىى داۋا:
ئەي ئاخىرىتىنى ئويلانغان كىسەل!كىسەللىك خۇددى سۇپۇنغا ئوخشاش گۇناھلارنىڭ كىرىنى يۇيىدۇ ،تازىلايدۇ.كىسەللىكلەر گۇناھلارغا كەففارەت بۇلىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر بار.يەنە بىر ھەدىستە دىيىلگەنكى ؛>ئەي بولغان دەرەخ سىلكىنسە مىۋىلىرى ئۈشكىنىدەك ،ئىمانلىق بىر بىر كىسەلنىڭ تىترىشىمۇ ،گۇناھلارنى سىلكىپ چۈشۈرىدۇ<.گۇناھلار بولسا ،ئەبەدىھ ھاياتىدا دائىملىق كىسەللىكتۇر.بۇ دۇنيا ھاياتىدىمۇ قەلب،ۋىجدان ۋە روھ ئۈچۈن مەنىۋىي كىسەللىكتۇر.ئەگەر سەن شىكايەت قىلماي سەبىر قىلساڭ ،شۇ ۋاقىتلىق كىسەللىك ئارقىلىق دائىمىي بولغان كۆپلىگەن كىسەللىكلەردىن قۇتۇلىسەن.ئەگەر گۇناھلىرىڭنى ئويلانمىساڭ ياكى ئاخىرەتنى بىلمىسەڭ ۋە ياكى ئاللاھنى تۇنىمىساڭ،ئۇ ھالدا سەندە شۇنداق بىر كىسەللىك باركى ،سىنىڭ بۇ كىچىك ماددى كىسىلىڭدىن مىليۇنلىغان ھەسسە تېخىمۇ چوڭدۇر ،ئۇنىڭدىن پەرياد قىل.چۈنكى دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قەلب،روھ ۋە نەفىسلىرىڭ ئالاقىداردۇر.ھەرۋاقىت ئايرىلىش ۋە يۇقۇلۇشلار بىلەن ئۇ ئالاقىلار ئۈزۈلۈپ سەندە چەكسىز يارىلار ئېچىلىدۇ.بۇلۇپمۇ ئاخىرە تنى بىلمىگەنلىكىڭ ۋە ئۈلۈمنى مەڭگۈلۈك يۇقۇلۇش دەپ قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن ،خۇددى بۇ يارىلار ئىچىدە دۇنيادەك چوڭلۇقتا كىسەل بىر تىنىڭ بار .شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال چەكسىز يارا ۋە كىسەل ئىچىدە بولغان بۇ يوغان تىنىڭنىڭ چەكسىز كىسەللىكلىرىگە ھەقىقى دورا ۋە ھەقىقىي شىپا بېرىدىغان ئىمان دۇرىسىنىئىزدىشىڭ ۋە ئىتىقادىڭنى تۈزىتىشىڭ كىرەك .بۇ دۇرىنى تېپىشتا ئەڭ قىسقا يول،بۇ ماددىي كىسەللىك يىرىتقان غەپلەت پەردىسى ئاستىدا ئۇ ساڭا كۆرسەتكەن ئاجىزلىق ۋە كۈچسىزلىكىڭ ئارقىىلق چەكسىز قۇدرەتلىك بىر ئاللاھنىڭ قۇدىرىتى ۋە ھىممىتىنى كۈرۈشتۇر ۋە تۇنۇشتۇر.شۇنداق ،ئاللاھنى تۇنۇمىغاننىڭ بېشىدا دۇنيا تولغىدەك بالالار باردۇر.ئاللاھنى تۇنۇغاننىڭ دۇنياسىدا بولسا نۇر ۋە مەنىۋىي ھۇزۇر باردۇر .بۇنى دەرىجىسىگە يارىشا ،ئىمان قۇۋۋىتىگە قارىتا ھىس قىلىدۇ.ئىماندىن كەلگەن بۇ مەننىۋىي ھۇزۇر ،شىپا ۋە لەززەت ئاستىدا كىچىك ماددىي كىسەللىكلەرنىڭ ئەلىمىمۇ ئېرىيدۇ ،ئېزىلىدۇ.توققۇزىنچى داۋا:
ئەي ياراتقۇچىسىنى تۇنۇغان بىمار !كىسەللىكتىكى قايغۇ -ئەلەم ۋە قورقۇشلار ،كىسەللىك بەزىدە ئۈلۈمگە سەۋەپ بولغانلىقدىندۇر .ئۈلۈم كۈرىنىشتە ۋە غەپلەت نۇقتىنەزىرىدە قورقۇنچلۇق بولغانلىقتىن،ئۇنىڭغا سەۋەپ بۇلىشى مۇمكىن بولغان كىسەللىكلەرمۇ قورقىتىدۇ ،ھۇدۇقتۇرىدۇ.
بىرىنچىدىن :بىل ۋە قەتئىي ئىشەنكى >ئەجەل ۋاقتى تەغىدىر بىلەندۇر ،ئۆزگەرمەس كۆپلىگەن ئېغىر كىسەللەرنىڭ بېشىدا يىغلىغانلارۋە سالامەتلىكى ياخشى بولغانلار ئەجەل شارابىنى ئىچىشدۇ.ئۇ ئېغىر كىسەلەر بولسا شىپا تېپىپ تىرىكچىلىك قىلىشدۇ .
ئىكككىنچىدىن :ئۈلۈم سەن ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇق ئەمەس،ئۈلۈم مۆئمىنلەر ھەم ھايات ۋەزەپىسىدىكى قىيىنچىلىقلاردىن بىر قۇتۇلۇشتۇر، ھەم دۇنيادىكى ئىمتىھاندا تەلىم ۋە چېنىقىش بولغان ئىبادەتتىن بىر بوشىنىشتۇر، ھەم ئۇ ئالەمگەكەتكەن دوست- يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۈرىشىش ئۈچۈن بىر ۋاستىدۇر .ھەم ھەقىقىي ۋەتىنىگە ۋە ئەبەدىي سائادەت ماكانىغا كىرىشكە بىر سەۋەپتۇر ،ھەم دۇنيا زىندانىدىن جەننەت باغچىلىرىغا بىر دەۋەتتۇر .ھەم چەكسىز مەرھەمەت ھەم ساخاۋەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنىڭ چەكسىز ئىلتىپاتىدىن ئۆز خىزمىتىگە قارىتا ھەق ئېلىش ئۈچۈن كۈتۈلىدىغان بىر نۆۋەتتۇر .شۇنداق ،ئۈلۈمنىڭ ماھىيىتى ھەقىقەت نۇقتىنەزىرىدە مانا شۇدۇر .ئۇنىڭغا قورقۇپ قاراش ئەمەس ،ئەكسىچە رەھمەت ۋە سائادەتنىڭ بىر مۇقەددىمىسى دىگەن نەزەر بىلەن قاراش كىرەك .ئەۋلىيالارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئۈلۈمدىن قورقۇشلىرىنىڭ ئۈلۈمنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىدىن ئەمەس ،بەلكى تېخىمۇ كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشىش مەقسىتىدە ھايات ۋەزىپىسىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىگە بۇلىدىغان ياخشى ئەمەللەر ئۈچۈندۇر .شۇنداق ،ئۈلۈم---مۆمىنلەر ئۈچۈن رەھمەت ئىشىكى ،ئەھلى زالالەت ئۈچۈنئەبەدى قاراڭغۇلۇق
ھڭىدۇئونىنچى داۋا:
ئەيكىسىلىدىن غەم يىگەن بىمار !سەن كىسىلىڭنىڭ ئېغىرلىقىدىن غەم قىلىۋاتىسەن ،لىكىن ئۇغەم سىنىڭ كىسىلىڭنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.كىسىلىڭنىڭ يىنىكلىشىنى خالىساڭ ،غەم يىمەسلىككە تىرىش .يەنى ،كىسەللىكنىڭ پايدىلىرىنى ،ساۋاپلىرىنى ۋە تىز ئۈتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ غەم قىلىشنى توختات، كىسەللىكنىڭ يىلتىزىنى كەس.غەم كىسەللىكنى ھەسسسىلەپ ئارتتۇرىدۇ.ماددى كىسەللىكنىڭ ئاستىدقەلبكە مەنىۋىي بىر كىسەللىكنى بىرىدۇ.ماددى كىسەللىك ئۇنىڭغا تايىنىپ داۋاملىشىۋىرىدۇ.ئەگەر تەسلىم بۇلۇش ئارقىلىق رازىلىق بىلدۈرۈپ،كىسەللىكنىڭ ھىكىمەت ۋە پايدىلىرىنى ئويلىنىش بىلەن ئۇ غەم يۇقالسا ماددى كىسەللىكنىڭمۇھىم بىر يىلتىزى كىسىلىدۇ،يىنىكلەيدۇ .بۇلۇپمۇ ،ۋەھىملىنىش ۋە غەم يىيىش سەۋەبى بىلەن بىر دەرھەم ماددى كىسەللىك ئون دەرھەم چوڭىيىدۇ،غەمنىڭ توختىشى بىلەن ئۇ كىسەللىكنىڭ ئوندىن بىرى قالىدۇ.غەم كىسەللىكنى ئارتقۇزغاندەكلا،ئاللاھنىڭ ھىكىمىتىگەقارشى چىقىش ،ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلىش ھۆكىمىدە بولغانلىقتىن ئەكسىچە جازا كۈرىدۇ -دەكىسەللىك زىيادىلىشىدۇ.شۇنداق ،شۈكۈر نىمەتنى ئارتقۇزغاندەك شىكايەتمۇ كىسەللىك ۋە بالالارنى ئارتقۇزىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن غەمنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل كىسەللىكتۇر.ئۇنىڭ دۇرىسى كىسەللىكنىڭ ھىكمىتىنى بىلىشتۇر.ئەمدى ھىكمىتىنى ھەم پايدىلىرىنى بىلدىڭ ،ئۇ مەرھەمنى >غەم <كىسىلىگە سۈرۈپ قۇتۇل،>ئاھ <ئورنىغا >ئۇھ <دە.>ۋاي ئېسىت < ئورنىغا>ئەلھەمدۇلىللاھ ئەلا كۇللى ھال <دەپ شۈكۈر قىل.ئون بىرىنچى داۋا:
ئەي كىسەلمەن قېرىندىشىم!كىسەللىك شۇ پەيىتتىكى ئەلەمنى ساڭا بەرسىمۇ،ب بۈگۈنگە قەدەر ئۈتۈپ كەتكەن ھەر كۈنلۈك كىسەللىك قولدىن چىقىپ يۇقىلىشتىكى بىر مەنىۋىي لەززەتنى ۋە ساۋاپلىرىدىكى رۇھى ھۇزۇرنى ساڭا بىرىدۇ.بۈگۈندىن، ھەتتا بۇ سائەتتىن كىيىنكى زاماندا كىسەللىك يوق،ئەلۋەتتە يوقتىن ئەلەم يوق .ئەلەم بولمىسا چۈشكۈنلىشىشمۇ بولمايدۇ .سەن خاتا ھالدا ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن سەبىرسىزلىك قىلىۋاتىسەن ،ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كىسەللىكلىرىڭ سەندىن ئايرىلىپ يوق بولغىنىدەك ،ئەلىمىمۇ بىر گە يوق بولدى،ئۈزىدىكى ساۋاپلار ۋە يۇقىلىشىدىكى لەززەت قالدى.بۇلاردىن خۇشاللىنىش كىرەك بولسىمۇ،ئەكسىچەئۇلارنى ئويلىنىپ قايغۇرۇش ۋە سەبىرسىزلىك قىلىش نادانلىقتۇر.كىلىدىغان كۈنلەر بولسا تېخى كەلمىدى.ئۇلارنى ئويلىنىپ ،يوق بىر كۈندە ،تېخىيوق بىر ئەلەمدىن ۋەھىمىلىنىپ قايغۇغا چۈشۈش ،سەبىرسىزلىك قىلىش ئەخمەقلىق بولماي نىمە ؟ھەقىقەت نۇقتىنەزىردە بۇ سائەتتىن بۇرۇنقى كىسەللىك ۋاقىتلىرى لەززەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن .ھەمدەبۇ سائەتتىن كىيىنكى زامانلار تېخى يوق ،كىسەللىكمۇ يوق ،ئەلەملەرمۇ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ،سەن ئاللاھنىڭساڭا بەرگەن پۈتۈن سەبىر قۇۋۋتىنى ئوڭغا ،سولغا،يەنى ،ئۆتكەن ۋە كىلەچەك زامانلارغا تارقاتما.ئۇ قۇۋۋەتنى بۇ سائەتتىكى ئەلەمگە قارىتا سەرپ قىل ،بەرداشلىق بەر.ئون ئىككىنچى داۋا:
ئەي كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئىبادەت ۋە دۇئالىرىدىن مەھرۇم قالغان ھەمدە بۇنىڭدىنئۈكۈنگەن كىسەل!بىلگىنكى ،ھەدىستە مۇنداق ئېيتىلغان ؛>تەقۋا بىر مۆمىن كىسەللىك سەۋەبى بىلەن قىلالمىغان دائىملىق دۇئا -زىكىرلىرىنىڭ ساۋابىغا كىسەل ۋاقتىدا يەنىلا ئېرىشىدۇ .<پەرىزلەرنى مۇمكىن بولغىنچە ئادا قىلغان بىر كىسەلمەن سەبىر ۋە تەۋەككۇل قىلسا ،ئۇ ئېغىر كىسەل ۋاقتىدىكى باشقا سۈننەتلىرىنىڭ ئورنىنىئۇ كىسەللىك خالس بىر سۈرەتتە ئالىدۇ.شۇنداقلا ،كىسەللىك ئىنساندىكى ئاجىزلىقنى ،كۈچسىزلىقنى ھىس قىلدۇرىدۇ.شۇ ئاجىزلىق تىلى ئارقىلىق ھال ۋە سۆزلىرى بىلەن بىر دۇئا قىلغۇزىدۇ.ئىنسانلارنىڭ دائىمىي سۈرەتتە ئۆز دەرگاھىغا ئىلتىجا بىلەن دۇئاقىلىپ يالۋۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھ ئىنسانغا چەكسىز بىر ئاجىزلىق ۋە كۈچسىلىك بەرگەن>ئەگەر دۇئايىڭلار بولمىسا نىمە ئەھمىيىتى بار <دىگەن ئايەتنىڭ سىرى بۇيىچە ئىنساننىڭ يارىتىلىش ھىكىمىتى ۋە قەدىر-قىممەت ئۆلچىمى.سەمىمىي دۇئا ۋە يالۋۇرۇش بۇلۇپ،كىسەللىكمۇ ئۇلارنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.شۇڭا بۇ نۇقتىنەزەر بۇيىچە شىكايەت ئەمەس،شۈكۈر قىلىش ھەمدە ئۇ كىسەللىكنىڭ ئاچقان دۇئا بولغىنى، ساقايغاندىن كىيىنمۇ توختىتىپ قويماسلىق كىرەك.
收藏到:Del.icio.us