• 2011-07-02

    بىمارلار ئۈچۈن داۋالار--2 - [دىنىي كىتابلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/143366037.html

     

    ئون ئۈچىنچى داۋا:

     ئەي كىسىلىدىن شىكايەت قىلغان بىچارە! كىسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر غەزىنە ۋە ئاللاھنىڭ  قىممەتلىك بىر ھەدىيەسىدۇر .ھەر كىسەلمەن  ئۆز كىسەللىكىنى شۇ بۇيىچە تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ.ھېلىمۇ ئەجەل ۋاقتى مۇئەييەن ئەمەس.ئاللاھ ئىنساننى ھەم تامامەن ئۈمىتسىز  بۇلۇپ قېلىشتىن ھەم تامامەن  غەپلەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن  قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ،قورقۇنچ ۋە ئۈمىت ئوتتۇرىسىدا تۇتۇش ئارقىلىق ،ھەم دۇنيا ،ھەم ئاخىرەتنىمۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن  ھىكىمىتى بىلەن  ئەجەلنى يۇشۇرغان .ئەجەل ھەر ۋاقىت كىلىشى مۇمكىن...ئەگەر ئەجەل سىنى غەپلەت ئىچىدىكى ۋاقتىڭدا تۇتىۋالسا،ئەبەدىيلىك ھاياتىڭغا كۆپ زىيان بىرىشى  مۇمكىن.كىسەللىك بولسا غەپلەتنى تارقىتىپ ئاخىرەتنى ئويلاندۇرىدۇ،ئۈلۈمنى ئەسكە سېلىپ ئۇنىڭغا تەييارلاندۇرىدۇ.بەزىدە شۇنداق  ھالەت بولىدۇكى ،يىگىرمە يىلدا ئېرىشەلمىگەن بىر مەرتىۋىگە يىگىرمە كۈندە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن:
     
     قېرىنداشلىرىمىزدىن ئىككى ياش بارئىدى.بۇ ئىككىسى تالىپلار ئىچىدە يېزىشنى بىلمىگەنلەردىن بولسىمۇ ،ئىمان خىزمىتىدە  ئەڭ ئالدىنقى سەپتە كىتىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالاتتىم. سىرىنى بىلمىگەن ئىدىم.ئۇلار ۋاپات قىلىشقاندىن بىلدىمكى ،ھەر ئىككىسىدە ئېغىرراق كىسەل بار ئىدى.شۇ كىسەللىك سەۋەبىدىن باشقا غاپىل  ،پەرىزلەرنى تەرك  قىلىدىغان ياشلاردەك بولماستىن ،ناھايىتى تەقۋا  ئىدى.ئىنشائاللاھ ئىككى يىللىق كىسەللىك قىيىنچىلىقى مىليۇنلىغان يىللىق ئەبەدىي ھاياتنىڭ بەخت-سائادىتىگە سەۋەپ بولدى .مەن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىمنى  ئەمدى چۈشىنىۋاتىمەن . دۇنيا ئىتىبارى بۇيىچە بەددۇئا بوپتۇ.ئىنشائاللاھ ئۇ دۇئالىرىم ئاخىرەتلىكىدىكى سالامەتلىكى  ئۈچۈن  قۇبۇل بۇلار.ئەگەر ئۇلار  بىر قىسىم ياشلاردەك سالامەتلىكى ۋە ياشلىقىغا ئىشىنىپ غەپلەت ۋە كەيىپ -ساپاغا بىرىلەەن بولسا ،ئاخىرەتتىكى نۇر خەزىنىسى ئورنىغا  قەبىرلىرىنى چايانلار  يىلانلار  ئۇۋىسى  قىلىشاتتى.كىسەللىكنىڭ ئەنە شۇنداق مەنپەئەتلىرى بار.شۇڭا ئۇنىڭدىن شىكايەت ئەمەس،تەۋەككۈل بىلەن  شۈكۈر قىلىپ ،ئاللاھ نىڭ رەھمىتىگە ئىشىنىپ  ئۇنىڭغا تايىنىش كىرەك

    ئون تۆتىنچى داۋا:

       ئەي كۈزىگە پەردە چۈشكەن ئەما!ئەگەر مۆمىنلەرنىڭ كۈزىگە چۈشكەن پەردىنىڭ  ئاستىدا قانداق بىر نۇر ۋە بىر كۆزنىڭ بارلىقىنى بىلسەڭ،"رەھىملىك رەببىمگە يۈز مىڭ شۈكۈر "دەيسەن .
     ماڭا سەككىز يىل بۇرۇن ئىنتايىن  ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان بارلالىق  سۇلايماننىڭ  ھاممىسىنىڭ كۈزى  بىر ۋاقىت يۇمۇلدى .ئۇ  تەقۋا ئايال مىنى خۇددى ئۈزۈمدىن  يۈز ھەسسە يۇقىرى كۈرۈپ ،"كۈزۈمنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن  دۇ ئا قىل "دەپ مەسچىت ئالدىدا تۇتىۋالدى .مەنمۇ ئۇ مۇبارەك ياشانغان ئايالنىڭ كۈزىنىڭ ئېچىلىشىنى ئاللادىن تىلەپ "ئى رەببى،ئۇنىڭ تەقۋالىقىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن  ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچ"دەپ يالۋۇردۇم .ئىككىنچى كۈنى  بىر دوختۇر كىلىپ ئۇنىڭ كۈزىنى ئاچتى .ئەپسۇسكى قىرىق كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ كۈزى يەنە يۇمۇلدى .مەن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم  ۋە كۆپ دۇئا قىلدىم .ئىنشائاللاھ  ئاخىرىتى ئۈچۈن قۇبۇل بۇلار.بولمىسا مىنىڭ ئۇ دۇئايىم ئۇنىڭ .ۈچۈن بىر بەددۇئا بولغان بۇلاتتى.چۈنكى ئەجەلى ئۇ  ۋاقتى قىرىق كۈن قالغانتى .قىرىق كۈندىن كىيىن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ۋاپات بولدى .ئىمانى كۈچلۈك ،تەقۋاسى قۇۋۋەتلىك بىر مۇسۇلماننىڭ كۈزىگە پەردە چۈشكەن بولسا ۋەكۈزى يۇمۇق ھالەتتە قەبرىگەكىرسە،دەرىجىسىگە يارىشا قەبرىدىكى باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن  ئارتۇق دەرىجىدە  ئۇ نۇر ئالىمىنى  كۈرۈپ زوقلىنالايدۇ .بۇ دۇنيادا كۆپ نەرسىلەرنى بىز كۈرەلەيمىز ،ئەما بولغان مۆمىنلەر كۆرەلمەيدۇ،قەبىردە بولسا  ئۇ ئەمالار ئىمان بىلەن كەتكەن بولساباشقىلارغا  نىسبەتەن شۇنچىلىك  ئۈستۈن پەرق بىلەن كۈرۈشتىن لەززەت ئالىدۇ .مانا شۇنداق  ناھايىتى  نۇرلۇق  بولغان  ۋە تۇپراق  ئاستىدا تۇرۇپ  كۆكلەرنىڭ ئۈستىدىكى  جەننەتنى  كۈرىدىغان  بىر كۆزنى ،بۇ  كۈزۈڭدىكى  پەردە  ئاستىدا  شۈكۈر قىلىش  ۋە سەبىر قىلىش  ئارقىلىق تاپالايسەن . ئۇ پەردىنى سىنىڭ كۆزۈڭدىن ئېلىۋىتىدىغان   ۋە ئۇ كۆز بىلەن  كۆرگۈزىدىغان  كۆز دوختۇرى -"قۇرئان كەرىم "دۇر

     ئون بەشىچى داۋا:
     
         ئەي ئاغرىقىنىڭ  ئېغىرلىقىدى ئىڭرىغان بىمار !كىسەللىكنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ۋاي دەپ قىينالما .مەنىسىگە قاراپ شۈكشر قىل .ئەگەر كىسەللىكنىڭ مەنىسى ياخشى نەر  بولمىغان بولسا  ،رەھىملىك ياراتقۇچى ئەڭ سۆيگەن قۇللىرىغا  كىسەللىكلەرنى بەرمىگەن بۇلاتتى.ھالبۇكى ھەدىستە:ئەڭ كۆپ  بالا ۋە قىيىنچىلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار ،ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى  ۋە ئەڭ كامىللىرىدۇر ". باشتا ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر لەر ،كىيىن ئەۋلىيالار ۋە باشقا  تەقۋا مۇسۇلمانلار  ،تارتقان  كىسەللىكلىرىنى خالس  بىر ئىبادەت  ۋە ئاللانىڭ  بىر ھەدىيەسى  دەپ بىلىشكەن  ۋە سەبىر  ئىچىدە  شۈكۈر قىلىشقان .سەن ،ئەي  چىدىيالماي ئىڭرىغان  كىسەل!بۇ  نۇرانە جامائەتكە قۇشۇلۇشنى ئويلىساڭ ،سەبىر ئىچىدە شۈكۈر قىل .ئەگەر ئەكسىچە شىكايەت قىلساڭ ،ئۇلارسىنى جامائەتلىرىگە قوشمايدۇ.غەپلەتتىكىلەرنىڭ ئازگاللىرىغا چۈشىسەن ۋە قاراڭغۇ يوللاردا  مېڭىشقا مەجبۇر بولىسەن .شۇنداق ،كىسەللىكلەرنىڭ بىر قىسىمى باركى،ئەگەر ئۈلۈم بىلەن نەتىجىلەنسە ،مەنىۋىي شىھىت ھۆكىمىدە بۇلۇپ ،ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە سەۋەپ بولىدۇ .مەسىلەن :تۇغۇتتىن كەلگەن كىسەللىكلەر ،قۇرساق ئاغرىقى ،سۇ، ئوت ئاپەتلىرى ۋە ۋابا  كىسەللىكلىرىدىن  ۋاپات بولغانلار  مەنىۋىي  شىھىت بۇلۇشقىنىدەك ،يەنە كۆپلىگەن خەيرلىك  كىسەللىكلەر باركى ئۈلۈم بىلەن ناھايىتى يۇقىرى ماقامغا ئېرىشتۈرىدۇ .يەنە بىر تەرەپتىن كىسەللىكلەر  دۇنياغا  ئاشىقلىقنى ،ئالاقدارلىقنى يىنىكلەتكەنلىكتىن ،دۇنياخورلار  ئۈچۈن ئۇ كىسەللىكنىڭ  ئۈلۈم بىلەن  كىلىدىغان ناھايىتى ئەلەملىك  ۋە ئاچچىق بولغان ئايرىلىش  قايغۇسىنى يىنىك قىلىدۇ  ۋە سۈيۈندۈرىدۇ .

    ئون ئالتىنچى داۋا:

       ئەي قىنىلىپ  شىكايەت قىلىۋاتقان بىمار!كىسەللىك  ئىنسانىيەتنىڭ  ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم بولغان  ھەمدە قەدىرلەشكە ھۆرمەت ۋە  مەرھەمەت ھىسلىرىنى  تىكلەيدۇ .چۈنكى ئىنساننى ياۋايىلىققا  ۋە مەرھەمەتسىزلىككە  ئۈندەيدىغان  تەكەببۇرلۇقتىن  قۇتقۇزىدۇ .ساغلاملىق ۋە سالامەتلىك  سەۋەبىدىن چوڭىيىپ كەتكەن  تەكەببۇر نەپسى ئەممارە * ھۆرمەتكە لايىق بولغان  كۆپلىگەن قېرىنداشلىققا  قارىتا  ھۆرمات  ھىسسىنىڭ  يۇقىلىشغا  سەۋەپ بولىدۇ . شۇنداقلا  مەرھەمەت  ۋە شەپقەتكە  لايىق بولغان ،مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىغان  ۋە كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا  مەرھەمەت قىلغۇسى  كەلمەيدۇ .قاچانكى كىسەل بۇلۇپ قالسا ،ئۇ كىسەللىك ئارقىلىق ئاجىز ۋە  كۈچسىزلىكىنى چۈشىنىدۇ .شۇنىڭ بىلەن  ھۆرمەتكە  لايىق  بولغان تۇغقانلىرىغا  ۋە زىيارەتكە  كەلگەن  ،يوقلاپ ئۇنىڭغا  ياردەم  قىلغانمۇسۇلمان بولغان  قېرىنداشلىرىغا  قارىتا  ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدابۇلۇشقا تىگىشلىك بولغان  شەپقەتنى ھەمدە ئەڭ  مۇھىم بولغان  بىر ئىسلامىيەت خىسلىتى بولغان ئاغرىق -سىلاقلارغا  ۋە مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارغا  قارىتا  مەرھەمەتنى  ھىس قىلىپ ،ئۇلارنى ئۈزى بىلەن  سېلىشتۇرۇپ ،ئۇلارغا  ھەقىقىي تۈردە ئىچ  ئاغرىتىش  سىزىملىرى  ئويىغىنىدۇ،شەپقەت كۆرسىتىدۇ . قولىدىن كەلسە  ياردەم بىرىدۇ  ۋە دۇئا قىلىدۇ .ھېچبولمىسا  شەرىئەتتە  سۈننەت  ئەمەللەردىن بولغان  يوقلاش ئۈچۈن زىيارەتكە  بېرىپ ساۋاپقا ئېرىشىدۇ .

     ئو يەتتىنچى داۋا:

         ئەي كىسەللىك سەۋەبىدىن  ياخشى ئەمەللەرنى قىلالمىغانلىقىدىن  شىكايەت قىلغان بىمار !شۈكۈر قىل .ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەڭ خالسنىڭ ئىشكىنى ساڭا ئاچقان كىسەللىكتۇر .كىسەللىك بىمارغا ۋە  ئاللاھ ئۈچۈن  كىسەل باققۇچىلارغا  داۋاملىق  ساۋاپ قازاندۇرۇش  بىلەن بىرگە،دۇئانىڭ  قۇبۇل بولىشىغا  ئەڭ مۇھىم سەۋەپ بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .شۇنداق ،كىسەل بېقىشتا مۆمىنلەر ئۈچۈن  ئەڭ چوڭ سەۋەپلەر بار .كىسەلنىڭ ھالىنى سۇراش ،كىسەلنى راھەتسىزلەندۈرمەسلىك شەرتى بىلەن  يوقلاش ،زىيارەت قىلىش سۈننەتتۇر.گۇناھلارغا كاپارەتتۇر .ھەدىستە "كىسەلنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭلار ،ئۇلارنىڭ دۇئاسى مەقبۇلدۇ" دىيىلگەن.بۇلۇپمۇ كىسەل بولغۇچى تۇققانلاردىن بولسا،ئاتا -ئانا بولسا ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىقىلىش  چوڭ بىر ئىبادەتتۇر،چوڭ ساۋاپتۇر .كىسەللەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ،تەسەللى بىرىش چوڭ بىر سەدىقە ھۆكىمگە ئۆتىدۇ .ئاتا -ئانى كىسەل ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ نازۇك قەلىبلىرىنى مەمنۇن قىلىپ ،ياخشى دۇئالارنى  ئالغان پەرزەنت  نىمە دىگەن  بەختلىك !شۇنداق  ،ئىجتىمائىي ھاياتتائەڭ ھۆرمەتكە  لايىق  بىر ھەقىقەت  ئاتا -ئانىنىڭ شەپقىتى بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا قارىتا ،ئۇلار بىتاپ بۇلۇپ قالغاندا ھەقىقى تۈردە ھۆرمەت  ۋە پەرزەنتلىك  شەپقەت بىلەن  ئۇلارغا  قارىغان ئۇ ئېسىل  بالىلارنىڭ  شۇ ۋاپادارلارچە  خىزمىتىگە  ۋە ئىنسانىي  ئۈستۈنلۈك ،پەزىلىتىگە قاراپ ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ  ماشائاللاھ(ئاپرىن دىگەندەك مەنىدە)،بارىكاللاھ دەپ ئالقىشلايدۇ .
       كىسەللىك سىرى بۇيىچە  خالىسلىق  قازانغان  ،بۇلۇپمۇ  ئاجىزلىق ۋە كۈچسىزلىكىنى  بىلىشتىن  ھەمدە  يالۋۇرۇش ۋە ئىھتىياجىدىن  كەلگەن  بىر  دۇئا  قۇبۇل بۇلۇشقا بەك يېقىندۇر . كىسەللىك ئەنە شۇنداق  خالس دۇئالارنىڭ  سەۋەبىدۇر .شۇڭا دىندار بولغان  كىسەل ھەم كىسەلگە قارىغۇچى مۆمىنلەر  بۇ دۇئادىن پايدىلنىۋېلىشى لازىم .ئەگەر ھىكىمەت ۋە مەرھەمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ  شىپاھ ەرسە  پەزلى ساخاۋىتىدىن بىرىدۇ .ئەگەر دۇئايىمىز  خالىغان شەكىلدە  قۇبۇل بولمىسا "مەقبۇل بولمىدى "دىيىلمەيدۇ .چەكسىز ھىكىمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ  تېخىمۇ ياىشى بىلىدۇ ،مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن  خەيرلىك  بولغىنى نىمە بولسا  شۇنى بىرىدۇ .ھەم بەزىدە  دۇنياغا  ئائىت دۇئالىرىمىزنى مەنپەئەتىمىز  ئۈچۈن  ئاخىرەتلىكىمىز  ئۈچۈن قۇبۇل  قىلغان بولىدۇ .

    ئون سەككىزىنچى داۋا:

         ئەي شۈكۈرنى تاشلاپ شىكايەت قىلىۋاتقان  كىسەل!شىكايەت بىر ھەقتىن كىلىدۇ .سىنىڭ بىر ھەققىڭ زايە بولمىغان تۇرسا  نىمە ئۈچۈن شىكايەت قىلىسەن ؟ ئەكسىچە سەن ئۈچۈن  مەجبۇرىيەت بولغان كۆپلىگەن شۈكۈرلەر بارئىدى ،قىلمىدىڭ .ئاللاھنىڭ ھەققىنى بەرمەستىن،ھەقسىز بىر شەكىلدە  ھەق خالىغاندەك شىكايەت قىلىۋاتىسەن .سەن ئۈزۈڭدىن يۇقىرى بولغان سالامەت بولغانلارغا قاراپ  شىكايەت  قىلالمايسەن.بەلكى سەن سالامەتلىك بۇيىچە  سەندىن تۈۋەن دەرىجىدىكىبىچارە  بىتاپلارغا  قاراپ  شۈكۈر قىلىشىڭ كىرەك.سىنىڭ قۇلۇڭ سۇنغان بولسا كىسىلگەن قوللارغا قارا ! بىر كۈزۈڭ بولمىسا  ئەمالارغا قارا !ئاللاھقا شۈكۈر قىل .شۇنداق ،نىمەتكە ئىگە بۇلۇش جەھەتتە ئۈزىدىن يۇقىرىغا  قاراپ شىكايەت قىلىشقا ھېچىكىمنىڭ ھەققى يوقتۇر.مۇسىبەتتە بولسا ،ھەركىم ئۈزىدىن يۇقىرى بولغانلارغا قاراپ  شۈكۈر قىلىشى لازىم .
        بىر زات  بىر بىچارىنى بىر مۇنارغا چىقىرىدۇ .مۇنارنىڭ ھەر قەۋىتىدە  ئايرىم -ئايرىم ھەدىيەلەرنى بىرىدۇ .مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستىدىمۇ  ئەڭ چوڭ ھەدىيەنى  بىرىدۇ .ئۇزات بەرگەن  ھەدىيەلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن  تەشەككۈر ۋە مىننەتدارلىق  خالاۋاتقان تۇرسا ،ئۇ ئەىمەق بىچارە  ئۇ قەۋەتلەردە  كۆرگەن پۈتۈن  ھەدىيەلەرنى ئۇنتۇپ  ياكى ئەرزىمەس  دەپ قاراپ  يۇقىرغا قارايدۇ ."كاشكى بۇ مۇنار تېخىمۇ ئىگىز بولغان بولسا ،تېخىمۇ يۇقىرغا چىقسام ،نىمە ئۈچۈن ئۇ تاغدەك  ياكى باشقا مۇناردەك ئىگىز  ئەمەس ."شىكايەت باشلىسا  نەقەدەر توزكورلۇق  ۋە ھەقسىزلىق بولغان بولىدۇ .شۇنىڭغا ئوخشاش ،بىر ئىنسان يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ ،تاش بولماستىن ،دەرەخ بولماستىن ،ھايۋان بۇلۇپ قالماستىن،مەىلۇقلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىنسان بۇلۇپ ،مۇسۇلمان بۇلۇپ،كۆپ زامانلار سالامەتلىك كۈرۈپ،  بەكمۇ  يۇقىرى نىمەتلەرگە بولغان تۇرۇقلۇق يەنە  بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،سالامەتلىكتەك  بەزى نىمەتلەرگە لايىق بولمىغانلىقى   ياكى يامان ئىختىيار ،ئەيش-ئىشرەت ،كەيىپ -ساپا سەۋەبلىك قولدىن قاچۇرغانلىقى ۋە ياكى قۇلى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن  شىكايەت قىلىش ،سەبىرسىز لىك قىلىش  ۋە "نىمە ئىش قىلغىنىمغا  بۇ بېشىمغا كەلدى "دەپ ئاللانىڭ  رۇبۇبىيىتىنى(ئاللانىڭ ھەر قاچان ،ھەر يەردە  ھەر مەخلۇققا  مۇھتاج بولغان نەرسىلىرىنى بىرىش ،بېقىش ،باشقۇرۇش  سۈپىتى)تەنقىت قىلىشتەك  بۇ خىل ھالەت ،ماددىي كىسەللىكتىن  تېخىمۇ مۇسىبەتلىك  مەنىۋىي  كىسەللىكتۇر . سۇنغان قول بىلەن ئۇرۇش قىلغاندەك ،شىكايەت ئارقىلىق كىسىلىنى تېخىمۇ  زىيادىلەشتۈرىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us