-
2011-05-05
ئىسمائىلىيە مەزھىبى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ---2 - [دىنىي ماقالىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/125725750.html
ئىسمائىلىيە مەزھىبى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ---2
4
بىز يۇقۇرىدا غەربىي ئىسمائىلىيە ياكى مۇستەئلى ئىسمائىلىيە ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۇق.
ئەمدى تۆۋەندە ئىسمائىلىزىمنىڭ يەنە بىر چوڭ تارمىغى بولغان شەرقىي ئىسمائىلىيە ياكى نىزارى ئىسمائىلىيە ئۈستىدە توختىلىمىز. بۇنى پارىس ئىسمائىلىزىمى، شام شەرقىي ئىسمائىلىزىمىدىن ئىبارەت ئككى قىسىمغا بۆلۈپ سۆزلەيمىز:
ئالدى بىلەن پارىس شەرقىي ئىسمائىلىزىمنى بايان قىلىمىز. يۇقۇرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، مىسىردا ئىمام مۇستەنسىربىللا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەزىرى ئەپزەل ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى مۇستەئلىنى ئىماملىققا تەيىنلىدى، لېكىن ئىمامنىڭ قانۇنىي ۋارىسى نىزار ئىبن مۇستەنسىر ئۇنىڭغا قارشى چىقتى، نەتىجىدە نىزار ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەپسىگە ئېلىنىپ شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلدى. دائى ھەسەن ئىبن سەبباھ، ئىمام مۇستەنسىرنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پارىستىن مىسىرغا كەلگەن ئىدى. ئۇ، مۇستەنسىردىن ئوغلى نىزارنى ۋەلى ئەھدىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى. ھەسەن سەبباھ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، سەلجۇق تۈركلىرىگە قارشى جىددى ھەركەت ئېلىپ باردى. سەلجۇق تۈركلىرىدىن بولغان مەلىك شاھ شىئە مەزھىبىدىكىلەرنى، بولۇپمۇ ئىسمائىلىلارنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئالغان ئىدى. ھەسەن سەبباھ سەلجۇقىلار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مەيدانغا كەلگۈسى ئادىل ئىمامنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ئادالەتلىك جەمىيەت بەرپا قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئىرانلىق دىخانلاردىن ۋە شىئىلەر ئاممىسىدىن بولۇپ نۇغۇن كىشى ھەسەن سەبباھنىڭ بايرىغى ئاستىغا ئويۇشتتى. ھەلسەن سەبباھ ئۇلاردىن ئۆز ئەقىدىسى بۇيىچە پىداكارلىق روھىغا ئىگە قوشۇن تەربىيىلەپ چىقتى. شۇندىن باشلاپ ئۆز رەقىپلىرىگە قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا كىرىشتى. ھەسەن سەبباھ ئۇنىڭغا دۇشمەنلىك قىلغۇچىلارنى ياكى ئۇنىڭ يولىغا توسالغۇ بولغانلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى. بۇ، ئۇنىڭ ئۆز غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى بىردىن-بىر ئۈنۈملۈك چارىسى ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىرىنى ئورۇنداشتا ئۆزى تەربىيىلەپ پىدائى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان ئادەملىرىدىن پايدىلاندى. پىدايىلارنى ئېۋەتىپ دۈشمەنلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشتا ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپىقىيەت قازاندى. ئۇنىڭغا قارشى ھەركەتتە ياكى باشقىچە پىكىردە بولغانلارنىڭ ھاياتى زور تەھلىكە ئاستىدا قالدى، ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى كىشلەردە ئەندىشە، جەمىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. تارىخچى ئىمادوددىن ئەسفىھانىنىڭ «سەلجۇقلار دۆلىتى تارىخى» دېگەن كىتابىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزىدىن ئەينى ۋاقىتلاردا ئەھلى ئىسلامنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ قايسى ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن: «تۈرلۈك ھادىسىلەر ۋە ئاجايىپ ئىشلار يۈز بەرگىلى تۇردى، ئارىمىزدا ئۆسكەن بىر جامائە ئاممىدىن ئايرىلىپ كەتتى، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ئوقۇپ، فىقھى ۋە ئەدەبىياتتىن زور مەلۇماتلىق بولغان كىشلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيانى ساياھەت قىلغان، كاتىپلىق قىلىدىغان پىكىرلىك بىر ئادەم (ھەسەن ئىبن سەبباھ) بولۇپ، تاكى ئۇ مەيدانغا چىقمىغىچە ئۇنىڭ ئىشى مەلۇم بولمىدى. ئۇ دەھشەتلىك پىتنىلەرنى قوزغىدى. پاجىئەلىك يوسۇندا ئۇتۇرۇش، چېپىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. ئاكابىرلارغا ئەجەل يەتكۈزدى، ئۇلاردىن (پىدائىلاردىن) بىر ئادەم نۇرغۇن ئادەمگە ھۇجۇم قىلاتتى، ئۆلتۈرىمەن دىگەن ئادىمىنى ئۆلتۈرەلەيتتى، پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتىن چارىسىز قالدى». ھەسەن ئىبن سەبباھنىڭ دەۋرىدە ياشىغان مۇئەررىخنىڭ سۆزى ئەنە شۇ. ئۇ، مەيلى سەلجۇقلاردىن بولسۇن، مەيلى غەربىي ئىسمائىلىلەردىن بولسۇن، ئۆزىگە قارشى پوزىتسىيىدە بولغان ئادەم بولسىلا ئۇنى ئۇجۇقتۇرىۋىتەتتى. پىدائىلار تەرىپىدىن تۇنجى ئۇجۇقتۇرۇلغان كىشى ھەسەن سەبباھنىڭ ساۋاقدىشى ۋەزىر نىزامۇلمۇلك سەلجۇقى بولدى. نىزامۇلمۇلك ئىسمائىلىيە فىرقىسىگە قارشى ھۇجۇم پىلانلىرىنى تۈزگەن ئىدى. ھەسەن ئىبن سەبباھ قەزۋىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالۇمۇت قەلئەسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، بۇ يەردە ئىسمائىلىيە دۆلىتىنى قۇردى. بۇ دۆلەت تارىختا ئىسمائىلىيە دۆلىتى، نىزارىيە دۆلىتى، باتىنىيە دۆلىتى، سەبىئە دۆلىتى، تەلمىيە دۆلىتى، ھەششىيە دۆلىتى مەلاھىدە قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالدى. ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە، پىدائىلار خىرىستىيانلارغا قارشى ئۇجۇقتۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىغى ئۈچۈن، غەرىب ئاپتۇرلىرى ئۇنى سەففاكىن (قان تۆككۈچىلەر) دۆلىتى دەپ ئاتىدى.
ئىسمائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئىسمائىلىزىم تارىخىدا ھالقىلىق نامدار بولغان شەخس ھەسەن سەبباھنىڭ كىملىگىنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى. ھەسەن سەبباھ 1039- يىلى (ھىجرىيە 430- يىلى) ئەتراپىدا رەي شەھىرىدە، يەنە بىر رىۋايەتتە، پارىستىكى قۇم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائلىسى كۆرۈنۈشتە سۈننى مەزھىبىدە، ئەمىليەتتە بولسا شىئە مەزھىبىدە ئىدى. ھەسەن ئىبن سەبباھنى ئاتىسى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن نىشاپۇرغا ئەۋەتتى. ئۇ، نىشاپۇردا بىر مۇنچە دوست تۇتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نىزامۇلمۇلك بىلەن ئومەر ھەييام ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى بولۇپ، نىزامۇلمۇلك ھەسەن سەبباھقا ياردەم قىلىپ ئۇنى مەلىكە شاھنىڭ سارىيىدا كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن ئىدى. ھەسەن سەبباھنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىرى سېزىلىپ سارايدىن ھەيدەلدى، مۇئەررىخ ئالائىددىن جۇۋەينى «جاھان گوشاي» دېگەن كىتابىدا: ھەسەن سەبباھنىڭ ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلغان جەريانى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ: « بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا بىلىم ئېلىشقا ناھايتى كۆڭۈل بۆلەتتىم، مەلۇماتىمنى كېڭەيتىشكە قولۇمدىن كېلىشچە تىرىشاتتىم. كىچىكىمدىنلا ئاتا – بوۋىلىرىمغا ئوخشاش شىئە ئىسنا ئەشەرىيە مەزھىبىگە ئېتىقات قىلىپ ئۆستۈم، بۇ ئەقىدىنى دۇنيانىڭ ئاپەتلىرىدىن خالاس تېپىشنىڭ بىردىن – بىر يولى دەپ قارايتتىم. ياشلىغىمدا ئىسمائىلىزىمنىڭ بىر دائىسى بىلەن ئىسمائىلىزىم ئەقىدىسى ئۈستىدە جىددى مۇنازىرىلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ كۈچلۈك دەلىللىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى..... كېيىن ئەبۇ نەجىم سەرراچتىن ئىسمائىلىزىم توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشنى ئۈتۈندۈم. ئىسمائىلىزىم تەلىماتلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىناتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن دائى موئمىن بىلەن تونۇشۇپ قالدىم......ئۇنىڭدىن مىسىردىكى پاتىمىلەر خەلىپىسىگە بەيئەت قىلىدىغانلىغىمنى، بەيئىتىمنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە مەندىن چىڭ ۋەدە ئېلىشىنى ئۆتۈندۈم. ئۇ، بىر ئاز ئككىلەنگەندىن كېيىن تەلىبىمنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسمائىلىزىم مەزھىبىگە كىرىپ مىسىردىكى پاتىمىيە ئىمامىنىڭ تەۋەلىرىدىن بولۇپ قالدىم. دائى دۇئات (چوڭ تەرغىباتچى) ئابدۇلمەلىك ئىبن ئەتاش رەيگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا توغرىلاندىم. ئۇ مېنىڭ قاراشلىرىمدىن خەۋەر تاپقان ۋە ئىستىدادىمنى سىناپ كۆرگەندىن كېيىن، ماڭا دائىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى، مەن ئىسمائىلىزىم دائىسى بولدۇم. ئۇ ماڭا يوليۇرۇق بېرىپ: سەن قاھىرەگە بېرىپ مەۋلايىمىز ئىمام مۇستەنسىرنىڭ خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولغايسەن، دىدى. ئابدۇلمەلىك رەيدىن ئەسفىھانىغا كەتتى، مەن قاھىرەگە ماڭدىم.»
ھەسەن سەبباھنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى يۇقۇرقى بايانلىرىدىن ئۇنىڭ شىئە مەزھىبى مۇھىتىدا ئۆسۈپ، شىئە مەزھىبى ئەقىدىلىرىنى كىچىكىدىنلا ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ بارغانلىغىنى، دىلىغا پۈككەن غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق ۋاستىلارنى تاللاش مەسىلىسىدە بىر مەھەل ئويلىنىشلاردا بولغانلىغىنى كۆرىمىز. دىنىي مەزھەبلەر ئىچىدە ئىسمائىلىيە مەزھىبى بىردىن – بىر چوڭقۇر سىياسى تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇمۇمى روھىدىن قارىغاندا، دىن بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ بىردەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھەسەن سەبباھنىڭ بۇ مەزھەبنى تاللىشى تەبئى ئىدى. ئۇ ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرىنى دەرھال ئوتتۇرغا قويمىدى. دەسلىۋىدە ئۇ، ئىسمائىلىزىمنىڭ خالىس، ئەسەبى ئېتىقاتچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى، ئارقىدىنلا دائىلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشتى. دائىلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس ئىدى، بىراق، ھەسەن سەبباھ كەلگۈسىدىكى زور ئىشلىرى ئۈچۈن ئىلىم ۋە ئىدىولوگىيە جەھەتلەردىن تولۇق تەييارلانغانلىقتىن يۇقۇرى ئىستىداتقا ئىگە ئىدى. ئۇ نىشاپۇردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىسلام دىنىي ئىلىملىرىنىڭ تۈرلۈك تارماقلىرى بۇيىچە يۇقۇرى سەۋىيىگە ئېرىشكەن ئىدى. ھەسەن سەبباھ پاتىمىيە خەلىپىسى ئىمام مۇستەنسىرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قاھىرەگە باردى. ئۇ، ئىمامغا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە، ئىمامغا بولغان ئىخلاسىنى، ئىمامنىڭ يولىدا جان پىدا قىلىدىغانلىغىنى تەشۋىق قىلىپ يۈردى. ئىمام مۇستەنسىرنىڭ ۋەزىرى بەدرۇلجامالى ھەسەن سەبباھنىڭ ئىمامغا يېقىنلىشىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، ئۇنى مەلۇم بانا بىلەن ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كويىغا چۈشتى. بۇنى سېزىپ قالغان ھەسەن سەبباھ ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا سالامەتلىكىنى ئەلا بىلىپ مىسىردىن قېچىپ چىقتى. مىسىردا تۇرغان بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئىمام بىلەن پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشەلىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە ئىمام مۇستەنسىرنىڭ ئوغلى نىزارنى ۋەلى ئەھدىلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى ئىمامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ، مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىراق، خوزىستان، يەزدى قاتارلىق جايلارنى ئايلاندى. ئۇ، بارغانلا يەردە ئىسمائىلىزىم ئۈچۈن دەۋەت قىلاتتى، ئۇنىڭ دەۋىتىگە نۇرغۇن كىشلەر ئاۋاز قوشۇپ ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلدى. ھەسەن سەبباھ كېچە – كۈندۈز ۋەزىر بەدرۇجامالدىن ئۆچ ئېلىشنى، ئىمام مۇستەنسىرنىڭ ئۇنىڭ كونتىروللىغىدىن قۇتۇلدۇرىشنى ئويلايتتى. ئۇ ئاخىرى پارىستا مۇستەقىل دۆلەت تەسسىس قىلىپ، مىسىرنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىسمائىلىزىم ھەركىتىنڭ مەركىزى قىلىش، ئىمام مۇستەنسىرنى مىسىردىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىشتىن ئىبارەت بىر كەسكىن تەدبىر قوللىنىش قارارىغا كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئەمەلىي پىلان تۈزىدى. چارە – تەدبىرلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ بىر بولۈك تالانتلىق دائىلەرنى تاللاش قەزۋىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قەلئە ۋە ئىستىھكاملارغا ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ بۇ يەرلەردىكى ئاھالىدىن ۋە ئەسكەر تەبىقىسىدىن نۇرغۇن ئادەملەرگە ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلدۇردى. جۈملىدىن ئالۇمۇت قەلئەسىدىكى ئەسكەرلەرمۇ ئىسمائىلىزىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇ، تاغ ئۈستىگە جايلاشقان مۇستەھكەم قەلئە بولۇپ، ئەتراپى ھاڭ بولغانلىقتىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۇ يەرگە چىقىشى تەس ئىدى. ھەسەن ئىبن سەبباھ پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى مۇشۇ پۇختا قەلئەنى قولغا كىرگۈزۈشكە قاراتتى. بۇ قەلئەنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆز مەزھىبىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۆز ئىسمىنى يوشۇرغان ھالدا بۇ قەلئەگە كىرىپ كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ باردى، قەلئەنىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كۆردى ۋە ئۇ يەردىكى كىشلەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ باردى، ئاندىن ئۆزىنى ئاشكارلاپ قەلئەنىڭ ھاكىميىتىدىن قەلئەنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. قەلئەدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەسەن سەبباھنىڭ تەرەپدارى بولغانلىقتىن، ئۇ ئىلاجىسىز 1090- يىلى (ھىجرىيە 483- يىلى) قەلئەنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پارىستىكى ئىسمائىلىزىم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ھەسەن سەبباھ يېڭى دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كىرىشتى. ئىسمائىلىزىمنىڭ دۈشمىنى سۇلتان مەلىك شاھ سەلجۇقىنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭغا ئوڭۇشلۇق تۇغدۇرۇپ بەردى. ھەسەن سەبباھ قەلئە ئالۇمۇتنى ئىگەللەپ ئىككى يىلدىن كېيىن مەلىك شاھ ۋاپات بولغان ئىدى. مەلىك شاھنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن سەلجۇقلارنىڭ شان – شۆھرىتى سۇندى، دۆلىتى پارچىلىنىشقا باشلىدى، ھەسەن سەبباھ بىر قانچە قەلئە ۋە قورغانلارنى ئۆز دۆلىتىگە قوشۇۋالدى. ئۇ، نامىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىمام مۇستەنسىرنى ئۆز يېنىغا تەكلىپ قىلماقچى بولغان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا مۇستەنسىرنىڭ 1094- يىلى (ھىجرىيە 487- يىلى) ئۆلگەنلىگى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستەئلى ئىبن مۇستەنسىرنىڭ قانۇنسىز رەۋىشتە ئىماملىققا ئولتۇرغانلىق خەۋىرى ئاڭلاندى. ھەسەن سەبباھ مۇستەئلىنى ئېتىراپ قىلمىدى. نىزار ئىبن مۇستەنسىر نامىغا خۇتبە ئوقۇتتى. ئۇ، نىزارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بەزى پىدائىلارنى ئېۋەتكەن بولسىمۇ، نىزارنى ۋەزىر ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقتىن ئېلىپ كېلەلمىدى. ھەسەن سەبباھ قەلئە ئالۇمۇتتىكى خانىسىدا كىتاب مۇتالىئە قىلىش، چارە – تەدبىرلەرنى تۈزۈش، سۇيقەستلەرنى پىلانلاش بىلەن بولاتتى. كىشىلەرنى قوبۇل قىلمايتتى، دائىلەرگە، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا ئەمىر – پەرمانلىرىنى ئۇلار بىلەن ئۇچراشماستىن چىقىرىپ بېرەتتى. بەزى رىۋايەتلەردە، قەلئە ئالۇمۇتتا تۇرغان شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە پەقەت 2 قېتىملا خانىسىڭ سىرتىغا چىققان، دېيىلىدۇ. بەزى كىتابلاردا ھەسەن سەبباھنىڭ جەننىتى توغۇرلۇق خىيالى تەسەۋۋۇرلار بىلەن تولغان ھېكايىلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇلاردا: ھەسەن سەبباھ قانداقتۇر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا كەڭ باغچا بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىلمۇ – خىل مېۋىلەرنى، گۈللەرنى ئۆستۈرگەن، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن قەسىرلەر بېنا قىلغان، شاراپلار، سۈتلەر، ھەسەللەر ئېقىپ تۇرغان ئوستەڭلەرنى ئىنشا قىلغان، باغدا خۇددى ھۆرى غىلماندەك گۈزەل نازىنىلار ناخشا – ئۇسۇل، سازلارنى قىزىتىپ تۇرغان، ھەسەن سەبباھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن مانا بۇ- ئاللاھنىڭ سىلەرگە ۋەدە قىلغان جەننىتى، دېگەن. بۇنىڭغا پىدائىلارنى ۋە خالىغان ئادەملىرىنى كىرگۈزگەن، شۇڭا ئۇنىڭ پىدائىلىرى ئىتائىتىدىن چىقمىغان، دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر يېزىلغان.
ئەمەلىيەتتە، بىرىنچىدىن، ئەسلىدە ھەسەن سەبباھ قەلئە ئالۇمۇت جايلاشقان تاغنىڭ باغرىنى كۆكەرتىشكە بۇيرىغان، تاغ باغرى گۈل – چېچەكلەرگە تولغان ئىدى؛ ئىككىنچىدىن، ھەسەن سەبباھ ئۆزى ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان پىدائىلارنى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆزىگە سادىق بولغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى پىدائىلىققا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆزى تەربىيىلىگەن ئىدى. ئۇلارنى ھەسەن سەبباھقا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا ئۆگىتەتتى؛ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى قەتئى، شەرتسىز ئورۇنداشقا ئۈندەيتتى؛ خەنجەر قاتارلىق ئەينى زاماننىڭ قوراللىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنى مەشىق قىلدۇراتتى، ئۈلۈمدىن قورقماسلىقنى، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا سىر ساقلاشنى، قولغا چۈشۈپ قالسا سىرنى ئېيتىشقا مەجبۇر قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنى جېكىلەيتتى؛ قاتتىق ئىنتىزام، كۈچلۈك تەربىيە ئاستىدا يېتىلگەن پىدائىلارنىڭ ئۈلۈمگە جۈرئەت قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بارغان زەربىدارلىق ھەركەتلىرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى ۋە خىرىستىيانلار جامائەسىنى چۆچىتىۋەتتى. ھەسەن سەبباھنىڭ يۇقۇرقى ئىككى ئىش ئۈستىدە ئۇنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ جەننىتىگە ئوخشاش ھېكايىلار توقۇپ چىقىرىلدى. مۇنداق ھېكايىلەر ھەسەن سەبباھنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدىن كۆپتۈرۈلۈپ تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇلدى. 13- ئەسىردە ئۆتكەن ساياھەتچى ماركوبولىنىڭ ھەسەن سەبباھنىڭ جەننىتى توغرىسىدىكى ھېكايىسى مەزكۇر قېسسىلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ئىدى. شۇنىڭدەك، بەزى تارىخچىلار ھەسەن سەبباھ گورۇھىنىڭ «ھەششىشىيىن» (نەشە چەككۈچىلەر) دەپ ئاتالغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: ھەسەن سەبباھ پىدائىلارنى نەشە چەكتۈرۈپ مەس قىلاتتى، ئۇلار نەشىگە ئادەتلىنىپ، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ نەشە چەككۈسى كەلگەندە، نەشە بېرىمەن دەپ ئۇلارنى خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا بۇيرۇيتتى، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا نەشە بېرەتتى ۋە جەننىتىگە كىرگۈزەتتى، دېيىلگەن. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بۇ ھېكايىلارمۇ ئاساسسىزدۇر. چۈنكى نەشە چەككەن ئادەم قورقۇنچاق كېلىدۇ، نەشە كىشىنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ، ئەقلىنى پالەچلەندۈرىدۇ، نەشىگە ئادەتلەنگەن ئادەم پىكرى چېچىلانغۇ، سىر ساقلىيالمايدىغان، خىيالپەرەس، بوشاڭ، لايغەزەل كېلىدۇ. بۇ، پىدائىلارنىڭ قەيسەرلىك، سەزگۈرلۈك، ئىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەيدىغان، كاللىسى كەتسىمۇ سىرنى پاش قىلمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان تارىخچىلىرى مەزكۇر ئىككى تۈرلۈك ھېكايىنى ئىنكار قىلماقتا.
پىدائىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەركەتلىرى سەلجۇق سۇلتانلىرى ۋە ئەمىرلىرىدە ۋاھىمە پەيدا قىلدى. ئۇلار : ھەسەن سەبباھىغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىپ باقسىمۇ، بۇنىڭدىن ھىچ نەتىجە چىقمىدى. ئاخىرى سۇلتان سەنجەر ھەسەن سەبباھ بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇنى: سۇلتان سەنجەر بىر كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قارىسا، ياتقان تۆشۈگىنىڭ يېنىدا خەنجەر تۇرغانلىغغىنى كۆرگەن، سۇلتان بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىپ سۈلھى قىلىش قارارىغا كەلگەن، دەپ ئىزاھلىغۇچىلارمۇ بار. بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار: سۇلتان سەنجەر ھەسەن سەبباھقا بىر ئەلچىلەر ھەيئىتى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ھەسەن سەبباھ پىدائىلىرىنىڭ ئۆز داھىسىغا چەكسىز سادىقلىقىنى، ھەتتا بىر پىدائىنى داھىسى خەنجەر بىلەن ئۆزىنىڭ قارنىنى يېرىشقا بۇيرىغاندا ھىچ ئىككىلەنمەستىن بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلغانلىقىنى، يەنە بىر پىدائىنى قورغاننىڭ كۈنگۈرىسىدىن ھاڭغا ئۆزىنى تاشلاشقا بۇيرىغاندا دەررۇ ئۆزىنى تاشلىغانلىغىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ خەۋەرمۇ سۇلتان سەنجەرنى سۈلھى قىلىش قارارىغا كەلتۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك. ئىككى ئارىدا سۈلھى تۈزۈلگەنگە قەدەر، ئىسمائىلىيە فىرقىسى بىلەن سەلجۇقىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش 30 يىلچە داۋاملاشتى.
ئىسمائىلىيە – پاتىمىيە دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىمۇ پىدائىلارنىڭ زەربىسىدىن ئامان قالمىدى. ئۇلارغا قارشى ھەسەن سەبباھنىڭ قىلغان سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن، ئىسمائىلىيە – پاتىمىيە دۆلىتى ئاجىزلىشىپ، ئاخىرى سالاھىددىن ئەييۇبى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
ھەسەن سەبباھ ئۆزىنىڭ رەقىپلىرىگە قارشى سىياسى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشتىن تاشقىرى، ھەر قايسى مەزھەبلەرگە قارشى جىددى دىنىي پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ باردى. دائىلارنى ئەۋەتىپ خەلق ئالدىدا ھەر قايسى مەزھەب ئۆلىمالىرى بىلەن مۇنازىرىگە سالدى. ئىسمائىلىزىم دائىلىرى مەخسۇس تاللانغان ئىستىداتلىق، سۆزمەن، مۇنازىرىگە ئۇستا ۋە بۇ جەھەتتە چېنىققان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۆلىمالارنى كىشىلەر ئالدىدا مات قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئەقىدىلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى ۋە ئامما ئىچىدە ئاممىنىڭ ئەقىدىسىگە گۇمان تۇغدۇرماقچى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى مەزھەب ئۆلىمالىرى ئىسمائىلىزىم دائىلىرى بىلەن يۈزمۇ – يۈز تۇرۇپ مۇنازىرىلەشكەندىن كۆرە، ئۇلارغا قارشى رەددىيە يېزىشنى پايدىلىق ھېسابلىدى. ئىمام غەززالى، ئىبن رەزام، ئىبن نەسىر قاتارلىق ئالىملار ئىسمائىلىزىمغا قارشى كىتابلار يازدى. ئىسمائىلىلەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارغا قارشى رەددىيەلەر يازدى. ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بەس – مۇنازىرە ھەسەن سەبباھ دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئىسمائىلىزىم پەيدا بولغان ۋاقىتتىن تارتىپلا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىش ئىدى.
ھەسەن سەبباھ ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنىمۇ «گۇناھ ئۆتكەزدىڭ» دەپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئىسمائىلىزىم قائىدىسى بۇيىچە، ئۇنىڭ ئىز باسارى بولىدىغان ئوغلى بولمىغانلىغى ئۈچۈن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىپ تەيىنلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ، ئۆزىگە سادىق ئادەملەردىن كىيا بۇزرۇك بىلەن ئەبۇ ئەلىنى ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇشقا ۋەسىيەت قىلدى. ھەسەن سەبباھ دىنىي ھوقۇق بىلەن سىياسى ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىدىن كېيىن ئۇلارنى ئايرىۋىتىشنى ئويلاپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ئەبۇ ئەلىنى، پىدائىلارنى باشقۇرۇشقا كىيا بۇزرۇكنى ئىز باسارى قىلىپ تەيىنلىدى.
«قەشقەر تارىخى»نىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەت ئاتىپ ھەسەن سەبباھنىڭ ھىجرىيىنىڭ 5- ئەسىر باشلىرىدا قارا خانىلاردىن ئىبراھىم خان دەۋرىدە قەشقەرگە كېلىپ ئۆز مەزھىبىنى تارقىتىشقا ئورۇنغانلىغىنى، ھۆكۈمدارلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش – تالاشلار تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن تىنىچسىز ۋەزىيەت شارائىتىدا، ئىسمائىلىيە مەزھىبىنى ئىلگىرى سۈرەلمەي قايتىپ كەتكەنلىكىنى، قەشقەردە ئۇ ئۆز مەزھىبىگە ئازغىنە كىشىلەرنى ئەگەشتۈرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۈلۈپ تۈگىشى بىلەن بۇ مەزھەبنىڭ بۇ يەرلەردە مۇنقەرىز بولغانلىغىنى تازىدۇ. مۇھەممەت ئاتىپ بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئىبراھىم خان غەربى قاراخانلىق ھۆكۈمرانى ئىبراھىم تاۋغاچ قارا خان بولۇپ، ئۇ، ھىجرىيىنىڭ 465- يىلى (مىلادىيە 1072- يىلى) سەلجۇقلاردىن سۇلتان ئالىپ ئارسلان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئىدى. «تارىخى ئەبۇلفىدا»دا ئىبراھىم خاننىڭ ھىجرىيىنىڭ 462- يىلى (مىلادىيە 1083- يىلى) ۋاپات بولغانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ. قەشقەر تارىخىدىن باشقا كىتابلاردا ھەسەن سەبباھنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمايدۇ، مۇھەممەت ئاتىپنىڭ نېمىگە ئاساسەن مۇنداق يازغانلىغى مەلۇم ئەمەس. بۇ رىۋايەتنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەستايىدىل ئىزدىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەسەن سەبباھ 1124- يىلى (ھىجرىيە 518- يىلى) 90 يېشىدا ئۆلدى. ئۇ، شەرقىي ئىسمائىلىزىم پارىس دۆلىتىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ شان – شۆھرىتىنى چىقىرىش يولىدا 70 يىلچە كۈرەش قىلدى. ھەسەن سەبباھنىڭ ئۆلۈمى ئىسلام دۇنياسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى. ئىسمائىلىيە پارىس دۆلىتى بىلەن ئۇنىڭ خوشنىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى. سەلجۇقىلار ئىسمائىلىلەردىن ئۆچ ئېلىش نىيتىگە كەلدى . سەلجۇقىلار: ئىسمائىلىلەر داھىسى ئۆلدى، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئوڭاي دەپ قاراپ، ئۇلارغا ھەربى ھۇجۇم باشلىدى. ئىسمائىلىلەر قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، ئەتراپىدىكى يېزا – مەھەللىلەر بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. سۇلتان سەنجەر 1177- يىلى (ھىجرىيە 521- يىلى) ئالۇمۇت قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ ئىسمائىلىلەردىن 10مىڭدەك ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن قەلئەنى ئالالمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار، سەلجۇقىلاردىن قاتتىق ئۆچ ئېلىپ ئۇلۇغ – ئۇششاق نۇرغۇن ئادەملەنى قىرىپ تاشلىدى، ھەتتا باغدادتىكى ئابباسىلار خەلىپىسىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈردى. ھەسەن سەبباھ بەرپا قىلغان ئىسمائىلىزىم دۆلىتى 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەر بىلەن گاھى ئۇرۇشۇپ، گاھى ئەپلىشىپ يەنىلا ئۆز مەۋقەسىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا مۇڭغۇللار قوشۇنى ئوتتۇرا شەرىققە يۈرۈش قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. 1254- يىلى (ھىجرىيە 651- يىلى) ھولاكوخان مۇڭغۇللار قوشۇنىدىن تاشقىرى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى ھەمرا قىلىپ، ئىسمائىلىيە قورغانلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئاتلاندى. ئىسمائىلىلەرنىڭ بۇ چاغدىكى ئىمامى روكنىددىن خورشاھ ھولاكوغا تەسلىم بولدى. ھولاكو 1256- يىلى (ھىجرىيە 654-يىلى) ئالۇمۇت قەلئەسىگە بېسىپ كىردى. ئىسمائىلىلەرنىڭ پۈتۈن قەلئە ۋە قورغانلىرىنى ئىشغال قىلدى. (جەمى 40چە قورغان ئىدى)، ئاھالىسى قورغانلارنى تاشلاپ سىرتقا قاشتى، ھولاكونىڭ قوشۇنى ئۇلارنى سۈرۈپ يۈرۈپ كىچىك بالىلاردىن باشقىلىرنى قىرىپ تاشلىدى. تۇتۇلۇپ قالغانلىرى ئەتراپقا تاراپ كەتتى، نىزارىيە ئىسمائىلىزىمنىڭ ئاخىرقى ئىمامى رۇكنىددىن خورشاھ ئالۇمۇت قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلدى. لېكىن ئۇ، ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئلگىرى ئوغلى شەمسىدىن مۇھەممەتنى كافكاز تەرەپكە قاچۇرۇۋېتىشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى، ئۇ ، شۇ يەردە ھىجرىيە 8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋاپات بولدى. شەرىق ئىسمائىلىلىرى ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ئىمام بولۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مۇھەممەت شاھنى ئىمام دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسمى قاسىم شاھنى ئىمام دەپ قارىدى. مۇھەممەت شاھنىڭ نەسلىدىن ئاخىرقى ئىمام ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن تاھىر شاھ بولۇپ، دەكەنى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 950- يىلى ئەتراپىدا ھىندىستاندا ۋاپات بولدى.
شەرىق ئىسمائىلىلىرى ھولاكونىڭ قىرغىنچىلىغىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەدەخىشانغا، بولۇپمۇ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدى. ھىندىستاندا بۇرۇنمۇ يەمەندىن كەلگەن دائىلەرنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم ئىسمائىلىلار بار ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ھىندى بۇددىزىمىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچىرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھىندى شەرىق ئىسىمائىلىزىمى ئىسمائىلىزىمدىن، ھىندى بۇددىزىمى ئەقىدىلىرىدىن، پارىس تەسەۋۋۇپى ۋە ھىندى تەسەۋۋۇپىدىن شەكىللەنگەن يېڭى ئەقىدە بولۇپ قالدى.
5
يۇقۇرىدا پارىس شەرىق ئىسمائىلىزىمى ئۈستىدە توختالدۇق. ئەمدى شام شەرىق ئىسمائىلىزىمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. شامدا ئىسمائىلىزىم ھەركىتى خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان ئىدى، پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى ئۇبەيدۇللا مەھدىنىڭ دەسلەپتە شامنى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋىتىنىڭ مەركىزى قىلىپ، ئۇ يەردىن ئەتراپقا دائىلەر ئەۋەتكەنلىكىنى، كېيىن قارا مىتىلەردىن قېچىپ ماراكەشكە بارغانلىغىنى يۇقۇرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئىسمائىلىلەر مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شامغا قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگەللىۋالدى ۋە شامدا ئىسمائىلىزىمنى قانات يايدۇرۇشقا كىرىشتى. ھەسەن سەبباھ مىسىردىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ھەلەب شەھىرىدە بىرمەزگىل تۇرۇپ ئىسمائىلىيە مەزھىبىگە دەۋەت قىلغان ئىدى. شام ۋە ئىراق سەلجۇقلىرى دەۋرىدە، ئىسمائىلىيە مەزھىبى شامدا گاھى كۈچىيىپ گاھى ئاجىزلىشىپ تۇردى.
رىزۋان بولسا سەلجۇقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ھەلەبنىڭ ۋالىسى، روقماق بولسا دەمەشقىنىڭ ۋالىسى، جاناھۇددەۋلە ھومىنىڭ ۋالىسى ئىدى. ئىسمائىلىلەردىن بولغان ھەكىم مۇنەججىم رىزۋاننىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمى بولۇۋېلىپ، مەزكۇر ۋالىلارنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى، ئىسمائىلىلەرنىڭ رىزۋانغا ياردەم بېرىدىغانلىغىنى ۋەدە قىلدى. رىزۋان ئۇنىڭ گېپىگە ئالدىنىپ ئىسمائىلىلەرگە مايىل بولدى، ئىسمائىلىلەرگە مەخسۇس مەسچىت سېلىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەزھىبىنى يوشۇرۇن كېلىۋاتقان ئىسمائىلىلەر ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. ھەلەبدە ئىسمائىلىلىيە مەزھىبىنىڭ كۈچىيىشىگە قاراپ، پارىستىكى ئىسمائىلىلەردىن بىر قىسمى سەلجۇقىلاردىن قېچىپ ھەلەبكە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نوپۇزى تېخىمۇ كۈچەيدى.
مۇررىخ ئىبن خورات بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «ھەلەبتە ئىسمائىلىلەرنىڭ نوپۇزى زورايدى، دەۋەتخانا بەرپا قىلىندى، ئادەملىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە ئۇلارنى قوغدايدىغان پادىشاھ ئالدىدا ئارا تۇرۇپ ئۇلارنى جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيدى، شەۋكىتى ئۇلغايدى، ئىشلىرى جاھانغا پۇركەتتى. ئۇلار باشقىلارنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋالسىمۇ قارشى چىقالمايدىغان، كوچىدا كېتىپ بارغان ئاياللارنى، بالىلارنى تۇتۇۋېلىپ خالىغان جايلارغا ئېلىپ بارسا ھىچ كىشى ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالالمايدىغان بولدى.»
بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ زوراۋانلىغىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. جاناھۇددەۋلە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا رىزۋاننىڭ قوشۇنى مەغلۇب بولدى، رىزۋان قاچتى ئىسمائىلىلەر ئۆچ ئېلىش يۈزىسىدىن 1103- يىلى (ھىجرىيە 496- يىلى) مەسچىتى جامىدا جاناھۇددەۋلىنى ئۆلتۈدى. رىزۋان ھەلەبكە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭغا سۈننىلەرنىڭ نارازىلىغى كۈچەيگەن ئىدى. شەھەرنىڭ قازىسى رىزۋانغا ئۇنىڭ ئىسمائىلىلەرنى ھىمايە قىلغانلىغى ئۈچۈن كايىغان ئىدى، قازىنى ئىسمائىلىلەر ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.
ئىسمائىل ئەبۇ تاھىر پارىسى 1106- يىلى ھىجرىيە (500) فامىيە قورغىنىنى ئەھلى سەلىبنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ئىدى، 1145- يىلى (ھىجرىيە 540- يىلى) ئەھلى سەلىب فامىيەنى قايتۇرۇۋالدى.
ئەمىر رىزۋان ئىسمائىلىلەرنىڭ ئەھلى سەلىبتىن يېڭىلىپ قالغانلىغىنى ئاڭلىدى، رىزۋان سۈننىلەرنىڭ ئىسمائىلىلەرگە بولغان غەزىۋىنى چۈشىنەتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىسمائىلىلەردىن بىزار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق باستۇردى. لېكىن ئۇ، 1113- يىلى (ھىجرىيە 570- يىلى) ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئىسمائىلىلەر ئۈستىدىن ئۇمۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىق باشلاندى، سۈننىلەر قوزغىلىپ ئىسمائىلىلەردىن نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈردى، ھايات قالغانلىرى سىرتقا قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئىسمائىلىيە پارىس دۆلىتىنىڭ ئەلچىسى ئەبۇ تاھىر پارىسنى ئامما ئۆلتۈرۈپ پۇت – قوللىرىنى كېسىپ، كاللىسىنى شەھەر ئايلاندۇردى.
ھەلەبتىن قېچىپ چىققان ئىسمائىلىلەر شەرىق قەلئەسىدە ماكانلاشتى، ئۇيەر – بۇيەردە كۈچ توپلاپ، پىدائىلارنى ئەۋەتىپ، رەقىپلىرىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى، 1126- يىلى (ھىجرىيە 520- يىلى) مەۋسىلنىڭ ۋالىسى قەسىمۇددەۋلە ئاق سەنقەر مەسچىتى جامىدا پىدائىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
پارىسلىق دائى بەھرامنىڭ شامغا كېلىشى بىلەن ئىسمائىلىزىم يەنە كۈچىيىشكە باشلىدى. دەمەشقىنىڭ ۋالىسى ئەمىر تۇغتىكىننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشى بىلەن ئىسمائىلىلەر دەمەشقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بانياس قەلئەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ ئەتراپقا كېڭىيىشكە ئورۇنۇۋاتاتتى، لېكىن ئىسمائىلىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىر دوروزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوروزىلار 1137- يىل (ھىجرىيە 532- يىلى) ئىسمائىلىلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ دائى بەھرامنى ئۆلتۈردى. بەھرام ھايات ۋاقتىدىلا دائى ئىسمائىل پارىسىنى ئورۇنباسارلىققا تەيىنلىگەن ئىدى. ئىسمائىل سەلجۇقىلارغا قارشى ئەھلى سەلىب بىلەن بىرلىشىپ بولسىمۇ دەمەشقتە ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى تىكلەش ئۈچۈن ھىلە – مىكىر بىلەن ئىش ئېلىپ باردى. دەمەشق ھۆكۈمرانىنىڭ ۋەزىرى موردىفاننى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ ئۇنىڭغا ئىسمائىلىيە مەزھىبىنى قوبۇل قىلدۇردى. ئۆزىنىڭ يېقىن ئەگەشكۈچىسى دائى ئەبۇلۋافانى دەمەشقنىڭ قازى – قۇززاتلىق ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئەبۇلفىدا، ئىبنۇلئەسىر ۋە ئىبنۇلفۇرات قاتارلىق مۇئەررىخلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىغا قارىغاندا، ئەبۇلۋافا بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ خىرىستىيان پادىشاھى 2- بودان بىلەن يوشۇرۇن سۆزلىشىپ، دەمەشقنى بودانغا تاپشۇرماقچى بولغان. ئەمىر بورى بۇ سۇيىقەستنى سېزىپ قېلىپ ۋەزىر موردىفاننى دەررۇ ئۆلتۈرگەن. دەمەشقتىكى ئىسمائىلىلەردىن كىشىنى بوغۇزلاپ تاشلىغان. شامدا راشىددىن سىناننىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئىسمائىلىزىمنىڭ بۇ يەردىكى كۈچى زورايدى. راشىددىن سىنان ئۆزىنىڭ يۇقۇرى قابىلىيىتى ئارقىلىق شام ئىسمائىلىلىرىنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇردى، ئۆزىنىڭ ئىماملىغىنى ئەتراپىدىكىلەرگە ئېتىراپ قىلدۇردى.
راشىددىن ئىسمائىلىزىم تەلىماتىنى ئالۇمۇت قەلئەسىدە ئۆگەندى، ئۇ 1163- يىلى (ھىجرىيە 558- يىلى) ئۆزىنى باشقىلارنىڭ تونۇپ قىلىشىدىن قورقۇپ، شامغا دەرۋىش قىياپىتىدە كىردى. شامغا كېلىشتە چوڭ شەھەرلەردىن، چوڭ يوللاردىن ئۆتمىدى. ئۇ، ھەلەبدە تۇرماستىن كەھىف قەلئەسىگە كېلىپ جايلاشتى. بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ رەقىپلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بولدى. ئۇ، مىسياف قەلئەسىگە يۆتكىلىپ، بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ھەركەت ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم بازىسى قىلدى، قەلئەنى تېخمۇ مۇستەھكەملەپ نۇرغۇن قورال – ياراق تەييارلىدى. سالاھىددىن ئەييۇبى ھەلەبنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتلانغاندا، ھەلەبنىڭ ۋالىسى سىناندىن ياردەم تىلىدى. پىدائىلار سالاھىددىننى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى، ئۇ، ئىككى قېتىم يېنىدا خەنجەر تۇرغانلىغىنى كۆردى، سالاھىددىن نۇرغۇن قوشۇن تارتىپ بېرىپ مىيساف قەلئەسىنى مۇھاسىرگە ئالغان بولسىمۇ، ئۇنى پەتھى قىلماستىن قايتىپ كەلدى، چۈنكى ئۇنىڭ يېقىن بىر ئادىمى ئىسمائىلىلەرگە چېقىلماي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەھلى سەلىبكە قارشى تۇرۇشنى ئېيتقان ئىدى.
بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، سالاھىددىن بىلەن سىنان كېيىن ئەپلىشىپ، ئەھلى سەلىبكە بىرلىكتە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، سۈننىلەر بىلەن ئىسمائىلىلەرنىڭ ئىتتىپات بولۇشى سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ئەھلى سەلىب ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بولۇپ قالغان. سىناننىڭ ئىسمائىلىزىم تەلىماتىغا يېڭى نەرسىلەرنى قوشقانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەناسۇخۇلئەرۋاھ (دۇنياغا قايتا كېلىش، روھنىڭ بىر بەدەندىن يەنە بىر بەدەنگە يۆتكىلىشى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) توغرىسىدىكى قارشى ئىسمائىلىزىم تەلىماتىدا يېڭى قاراشتۇر. ئىسمائىلىلەر مۇشۇ قاراش بويىچە سىناننى يوشۇرۇن ئىماملار ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئوغلى دەپ تونۇيدۇ. سىنان- ئىمامنىڭ دەل ئۆزى ،دەپ ئېتىقات قىلىدىغانلارمۇ بار. فىرانسىيىلىك شەرقشۇناس جويار سىناننى نەسرىيە مەزھىبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ خۇدالىق دەۋاسى قىلغان، دەپ قارايدۇ. مۇنداق قاراش بەلكىم ئىمامنىڭ سۈپەتلىرىنى تەئۋىل (چۈشەندۈرۈش، سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن باشقىچە ئىزاھلاش) قىلىدىغان كىتابلارنى جوريانىڭ تولۇق كۆزدىن كەچۈرمىگەنلىكىدىن بولۇشى كېرەك. شۇنىسى ئېنىقكى، شام ئىسمائىلىلىرى سىنانغا ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەرنى چاپلاپ، ئۇنىڭ غايىبنى بىلىدىغانلىغى توغرىسىدا بەزى ھىكايىلارنى توقۇپ چىققان. مۇنداق ھىكايىلار ساددا – قارا خەلقنى ئالداش ۋە ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى بولۇپ قالغان. سىنان ئۈلۈشتىن ئىلگىرىلا شام ئىسمائىلىزىمى رەتكە سېلىنىپ، بىر تۈركۈم دائىلار يېتىشىپ چىققان ئىدى ، سىنان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن ھىچبىرى ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنىلا ئالۇمۇت قەلئەسى ھۆكۈمرانلىرىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. 1266- يىلى (ھىجرىيە 664- يىلى) ئىسمائىلىلەر زاھىربىيبىرىسنىڭ قوشۇنىغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا تەسلىم بولدى. شامدىكى ئىسمائىلىلەرنىڭ بارلىق قورغان ۋە قەلئەلىرى زاھىربىيبىرىسنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئوتۈپ قالدى. مەشھۇر سەيياھ (ساياھەتچى) ئىبنى بەتۇتە 1327- يىلى (ھىجرىيە 727- يىلى) مەزكۇر قورغانلارنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىگىنى يازغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شام ئىسمائىلىلىرى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلار سۇرىيىنىڭ خابى مىسياف، سۇلەمىيە، بانياش ۋە كەھىف قاتارلىق جايلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئۆز ئەقىدىلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
6
پارىسى نىزارىيە ئىسمائىلىلىرىدىن زور بىر تۈركىمى ھولاكونىڭ قىرغىنچىلىغىدىن كېيىن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى بۇ يەردە ھىندى بۇددىزىمىنىڭ چوڭچۇر تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئەمما ئۇلار بۇددىستلارنىڭ ئىچىدە ئىسمائىلىزىمنى تارقىتىشتا خېلى مۇۋەپپىقىيەت قازاندى، ئۇلار ھىندىستاندا ئاساسەن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىلغا ئالغىدەك بىرەر سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بارمىدى.
19- ئەسىردە ئىراننىڭ تارىخ سەھنىسىدە «ھەسەن ئەلى شاھ» مەيدانغا چىقتى. ئۇ، بىر بۆلۈك ئىسمائىلىلەرنى ۋە باشقىلارنى ئارقىغا سېلىپ، ئىراننىڭ بېزىلىرىغا ۋە كارۋان قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلاتتى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى جۈرئەتلىك ھەركەتلىرى ئىران – قاچارخانلىغىنى تەمتىرىتىپ قويدى. ھەسەن ئەلى ئەنگلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ شاھقا قارشى قوزغالغان ئىدى. ئۇ، بۇ چاغدا تېخى ئۆزىنىڭ ئىسمائىلى ئىكەنلىگىنى ئاشكارىلىمىغان ۋە ئىسمائىلىزىم بايرىغىنى كۆتىرىپ چىقمىغان ئىدى، ھەسەن ئەلى مەغلۇپ بولۇپ شاھ تەرىپىدىن زىندانغا تاشلاندى. ئەنگلىيىنىڭ شاپائەت قىلىشى بىلەن زىنداندىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئافغانىستانغا، ئۇ يەردىن ھىندىستانغا كەلدى، ئۇ، بومباي شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ ئەنگلىيىنىڭ قوللۇشى بىلەن نىزارىيە ئىسمائىلىلىرىنىڭ ئىماملىغىغا تەيىنلەندى، ئۇنىڭغا «ئاغاخان» ئۇنۋانى بېرىلدى. ھەسەن ئەلى شاھ «ئاغاخان» ئۇنۋانى ئالغان تۇنجى ئىسمائىلىزىم ئىمامىدۇر.
ھىندى ئىسمائىلىلىرى خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. نوپۇزى زورايدى، ئاغاخان گويا ئۇلارنىڭ ئەمىلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى، ئاخاخانىيە ئائىلىسى مەيدانغا كەلدى. ھەسەن ئەلى شاھ مىلادى 1881- يىلى ۋاپات بولدى. ئىماملىق ئۇنىڭ ئوغلى ئاغا ئەلى شاھقا قالدى، ئۇنىڭغا «ئىككىنچى ئاغاخان» ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇ، ئاتىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇتۇشى نەتىجىسىدە ئەرەبچە، پارىسچە، ئوردۇچە، جوجراتچە تىللارنى ئوبدان بىلىدىغان يۇقۇرى مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىشكەن ئىدى. ئاغا ئەلى شاھ ئىسمائىلىيە مەزھىبىدىكىلەر ئارىسىدا مائارىپنى قاناتيايدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلدى، ھىندىستاندا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئاچتى. ئۇ، ئىراننىڭ شاھى پەتىھى ئەلى شاھنىڭ قىزى بىبىخاننى ئالغان ئىدى، بۇنىڭدىن بولغان ئوغلى مۇھەممەت ھۈسەيىننى شاھ (1857 – 1877) ئۈچۈنچى ئاغا خانلىقىغا تەينلەندى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا نەۋرىسى كېرەمنى ئاغا خانلىققا تەينلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسمائىلىيەت ئاغا خان مەزھىبىدىكىلەر نېروبى، دارۇسسالام، زەنجىبار، كونىگو، ھىندىستان، پاكىستان، سۇرىيە ۋە ئېلىمىزنىڭ تاشقورغان رايونلىرىدا ياشايدۇ. ئاغاخان مەزھىبىدىكلەرنىڭ دۇنيا بويىچە رەھبەرلىك ئورگىنى پاكىستاننىڭ پايتەختى كاراچى شەھىرىدە بولۇپ، ئۇلار ئاغاخاننى ئىمام دەپ ئاتايدۇ. ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ مۇقەددەس ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاغا خان مەزھىبىدىكىلەر كېرىمنىڭ بەشتىن بىرىنى ئاغا خانغا تەقدىم قىلىدۇ.
7
ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۆز ئەقىدىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ زور نوپۇز تىكلىگەنلىكىنى، ئايرىم دۆلەتلەر بەرپا قىلغانلىغىنى كۆرىمىز. ئىسمائىلىزىمنىڭ مۇنداق مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنى ئۇنىڭ ئۆز ئەقىدىسىگە دەۋەت قىلىشتا ئالاھىدە ئىنتىزامغا، مەخسۇس تەشكىلى تۈزۈملەرگە ۋە ئىستىداتلىق، تەجىربىلىك تەرغىباتچىلار ئىگە بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىسمائىلىيە فىرقىسى ئىسمائىلىزىمنى ئۆز ئەقىدىسىنىڭ نېگىزى قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پەلسەپىسى ئىنساننى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت دۇنياسى سېستىمىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇ سېستىمىنى دىنغا تەتبىقلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار قەدىمقى پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىنى ۋە قەدىمقى دىنلارنىڭ بىر قىسم ئەقىدىلىرىنى ئىسلام دىنغا ئارلاشتۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك پەلسەپە ۋە دىنلاردىن قوراشتۇرۇلغان ئارىلاشما بىر ئەقىدە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلدى. ئىسمائىلىزىمنى تەرغىپ قىلىش دىننىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى قىلىپ بىكىتىلدى. تەرغىباتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىگە «دائى» ئۇنۋانى بېرىلىپ ئىماملار ھەققىدە بىشارەت بېرىش ۋە ئىسمائىلىيە مەزھىبىنى تەشۋىق قىلىش ئۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىندى. دائىنىڭ رۇلىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇ، مەلۇم دەرىجىدە مۇقەددەسلەشتۈرۈلدى، دائى بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ياكى ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلغان ئادەم ئىسمائىلىزىمغا ئاسىلىق قىلغۇچى ھىساپلاندى. شۇنىڭ بىلەن دائى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە خالىغانچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولدى.
ئىسمائىلىلەر مەيلى يۇشۇرۇن دەۋردە بولسۇن، مەيلى ئاشكارە دەۋردە بولسۇن، تەرغىباتچىلىقىنى ئۆز ئىشىدا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىنىڭ بىردىن – بىر ۋاستىسى قىلغان ئىدى. ئۇلار ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى چاغلىرىدا شائىرلارغا، ئەدىبلەرگە ناھايتى نۇرغۇن ئىنئاملار قىلىپ تۇردى، بۇنىڭدىن مەقسەت – بىرىنچىدىن، ئۆزلىرىگە پايدىلىق جامائەت پىكرى ھازىرلاش بولسا، ئىككىنچىدىن، رەقىپلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنى ئىقتسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك كۆرسىتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ سېخىلىغىنى نامايەن قىلىش ئىدى.
ئىسمائىلىزىم تەرغىباتچىلىغىنىڭ تەشكىلى تۈزۈملىرى پىلانىتىلار ھەركىتى سېستىمىسىغا تەقىلىت قىلىنىپ تۈزۈلگەن ئىدى، ئۇلار بىر يىلنىڭ 12 ئايغا بولۈنىدىغانلىغىغا قاراپ جايلارنى 12 بۆلۈككە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلۈكنى «جەزىرە» دەپ ئاتىدى. ھەر جەزىرىگە بىر دائىنى مەسئۇل قىلىپ، ئۇنى « دۇئاتىلجەزىرە» (چوڭ دائى) ياكى «ھوججەتىلجەزىرە» دەپ ئاتىدى. بىر ئاينىڭ 30 كۈن ئىكەنلىكىگە قاراپ، جەزىرىنىڭ ھەر دائىسىغا تەرغىباتچىلىققا ياردەملىشىدىغان 30 ياردەمچىنى بەلگىلەيتى، بۇنى «نەقىپ» دەپ ئاتايتى. بىر كۈننىڭ 24 سائەت (كۈندۈزى 12 سائەت، كېچىسى 12 سائەت) ئىكەنلىكىگە قاراپ، ھەر بىر نەقىپقا 24 ياردەمچىنى (12نى يوشۇرۇن ياردەمچى قىلىپ) تەيىنلەيتى. دائى تاللاشتا ئۇنىڭ قابىلىيىتى، كىشلەر ئارىسىدىكى نوپۇزى ۋە تەرغىباتچىلىقتىكى ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە قارىلاتتى. خېلى ۋاقىت سىنالغاندىن كىيىن ئاندىن قوبۇل قىلىناتتى. دائى تاللاش شەرتلىرى ئۈستىدە يېزىلغان كىتابلار بولۇپ، ئۇلاردا بۇنىڭ ئىنچىكە پىرىنسىپلىرى بايان قىلىنغان.
ئىسمائىلىيە فىرقىسىدىكى دائىلىق ۋەزىپىسى يۇقىرى – تۆۋەنلىكتە بەشكە بۆلۈنگەن: بىرىنچى- دائىلىق مەرتىۋىسى، ئىككىنچى- دائى دۇئاتلىق مەرتىۋىسى، ئۈچىنچى- دائى بەلاغ مەرتىۋىسى، توتىنچى- ھوججە مەرتىۋىسى، بەشىنچى- بابولئەيۋاپ مەرتىۋىسى. دائى ئادەتتىكى تەرغىباتچى بولۇپ، دائى دۇئاتنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.
دائى دۇئات «جەزىرە» دائىلىرى ئىچىدىن تاللىنىپ ئىمام تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئۇ، ئادەتتىكى دائىلارغا قوماندانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك دائىلار بىلەن ئىمامنىڭ ئارىسىدا ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ، مەيلى يوشۇرۇن دەۋردە بولسۇن ياكى ئاشكارا دەۋردە بولسۇن، ھامان ئاشكارا ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ. دائى بەلاغ مۇنازىرىلىشىش، پاكىت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسمائىلىزىمنى ئىسپاتلاش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، بۇ، يۇقۇرى رەھبەرلىك گۇرۇھىغا مەنسۇب مەرتىۋىدۇر.
ھوججە- «ھوججەتۇلئىمام» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ، تولا چاغلاردا يوشۇرۇن ھالەتتە بولۇپ، ئۇنى ئىمامدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ، بۇمۇ ئىمام تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.
بابولئەيۋاپ مەرتىۋىسى ئىمامدىن قالسىلا ئەڭ يۇقۇرى مەرتىۋە بولۇپ، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى بەك يوشۇرۇن تۇتۇلغانلىقتىن مەلۇم ئەمەس.
ھەسەن سەبباھنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئىسمائىلىزىم مەزھىبىگە ئائىت بىر قىسم ئەرەبچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى پارىسچە ئاتالغۇلار ئىگەللىدى، ھەسەن سەبباھ تەشەببۇس قىلغان بۇ ئاتالغۇلار تەسەۋۋۇپ ئىستىلاھىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچۇرىغان ئاتالغۇلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھوججە، دائى دۇئات، دائى بەلاغ قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىستىمالدىن قېلىپ، ھوججىنىڭ ئورنىغا «بىر» دائىنىڭ ئورنىغا «موللا» ياكى «ئاخۇن» سۆزلىرى قوللىنىدىغان بولدى.
8
شىئە – ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ ئەقىدىلىرىگە كەلسەك، دەسلىۋىدە ئۇنىڭ ئۇمۇمى شىئىلەر ئەقىدىسىدىن ئۆزگىچىلىگى يوق ئىدى. شىئىلەر ئارىسىدا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ئاددى بولۇپ، پەقەت ئىمامەت مەسىلىسى بىلەنلا چەكلىنەتتى.
ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئىمامەت مەسىلىسىدىكى دەت – تالاش شەكىللەندۈرگەن ئەقىدىدىن كېلىپ چىققان历史上的今天:
ئىسمائىلىيە مەزھىبى ۋە ئۇنىڭ تارىخى 2011-05-05ھىدايەتنامە 2010-05-05ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى 2010-05-05
收藏到:Del.icio.us
评论