• 2011-05-05

    ئىسمائىلىيە مەزھىبى ۋە ئۇنىڭ تارىخى - [دىنىي ماقالىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/125725007.html

     

    ئىسمائىلىيە مەزھىبى ۋە ئۇنىڭ تارىخى 
            
    مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم

    شىئە مەزھىبىنىڭ ئىسمائىلىيە تارمىغى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام ئەللىرىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى ۋە دىنىي ھاياتىدا زور رول ئويناپ كەلدى. ئۇ، سىياسى سەھنىدە پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ماراكەش، مىسىر، ئىران ۋە يەمەن ئەللىرىدە ئىسمائىلىزىمنى ئىلگىرى سۇرىدىغان مۇستەقىل دولەتلەر تەسىس قىلدى.
    ئىسمائىلىزىم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىدا بىر مۇنچە ئەگرى – توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى، ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن زور ۋە مۇرەككەپ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئىسلام دىنىدىكى فىرقىلەر ۋە مەزھەپلەر ئارىسىدا ئالىملارنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن كۆپ جەلپ قىلغىنى ئىسمائىلىيە فىرقىسى بولدى. ئىسمائىلىزىم توغرىسىدا تارىختىن بېرى نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى. كېيىنكى دەۋرلەردە ئىسمائىلىيە فىرقىسى بىر قىسم شەرقشۇناسلارنىڭ ۋە ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالدى.
    شىئە – ئىسمائىلىيە مەزھىبى بۈگۈنكى كۈندە پاكىستان، بېرما، ھىندۇنېزىيە، شەرقىي ئافرىقا، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، ئىران، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ۋە ئېلىمىزدىكى تاجىك مىللىتى ئارىسىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا ئىسمائىلىزىمنى تەتقىق قىلىش – تارىخىي جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، رىيال ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە.
    مەن بۇ ماقالامدا شىئە – ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭتارىخى، تەشكىلى تۈزۈملىرى، ئەقىدىلىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك ئېقىملىرى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمەن.  
                    
    1

    ئىسمائىلىيە فىرقىسى شىئە مەزھىبىنىڭ تارمىغى بولۇپ، ھىجرىيە 147- (مىلادىيە 766-) يىللىرى، شىئە مەزھىبىدىن بۆلۈنۈپ چىقتى. ئۇ، ئىسمائىلىيە فىرقىسى بولۇپ شەكلىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئادەتتىكى شىئە مەزھىبى بىلەن تۈپ يىلتىزى بىر ئىدى. دەسلىۋىدە شىئىلەر بىلەن باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ – پەقەت پەيغەمبەرنىڭ ئورۇنباسارى كىم بولۇش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت بىرلا نۇقتا بىلەن چەكلىنەتتى. چۈنكى شىئىلەر ئىمامەت (دىنىي ۋە سىياسى جەھەتتىن پەيغەمبەرنىڭ ئورۇنباسارى بولۇش ۋەزىپىسى) ئەلى ئىبن ئەبۇتالىپنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قانۇنىي ھەققى دەپ قارىدى. سۇننىلار تەرىپىدىن چاھارىيار دەپ تونۇلغان 4 خەلىپە ئىچىدىن ئەبۇ بەكرى، ئومەر، ئوسمانلارنىڭ خەلىپىلىگىنى شىئىلەر ئېتىراپ قىلمىدى. مۇنداقتا شىئىلەرنىڭ ئومەۋى، ئابباسى خەلىپىلىرىنى ۋە باشقا ھۆكۈمرانلارنى ئېتىراپ قىلماسلىغى تەبئى ئىدى.
    شىئىلەر بىلەن سۇننىلەر ئارىسىدا تۇغۇلغان بۇ تۇنجى ئىختىلاپ يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەت دەسلىۋىدە ئانچە چوڭقۇر بولمىدى. ۋاقىتنىڭ ئوتۇشى بىلەن بارا – بارا بۇ ئىختىلاپ كېڭىيىپ، شىئىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارشى ئۇلارنىڭ ئاساسى دىنىي ئەقىدىسىسىگە ۋە مەزھىبىنىڭ تۈپ پەلسەپىسىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تارماق مەسىلىلەرنى ۋە يېڭى –يېڭى پىكىرلەرنى شاخلىتىپ چىقاردى.
    ئىشنىڭ دەسلىۋىدە شىئىلەر: دىنىي ئىشلار پەقەت ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىپتىن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ قىزى فاتىمەدىن بولغان ئەۋلاتلىرىدىن تەلىم ئېلىنىش كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەرنىڭ نەۋرە – چەۋرىلىرى ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى ھەممىدىن ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئىلمىنىڭ ۋارىسلىرى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسى يېتەكچىلىرى، ئۇلار پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ خەلىپىسى بولۇش كېرەك، دەپ قارىدى.
    بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىئىلەرنىڭ بۇ تەشەببۇسى قەدىمقى دەۋرلەردە رىم، يۇنان، بابۇل، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈمنى ئىسلام يۇرتلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. مەزكۇر دۆلەتلەردە پۇقرالار پادىشاھلارغا ھەم دىنىي ھەم دۇنياۋى نۇقتىدىن قارايتتى.
    ھۆكۈمەتلەر ئىلاھى ھۆكۈمەت ھېسابلىناتتى. پادىشاھ مۇقەددەس ئىلاھ سانىلاتتى. پادىشاھ مەيلى زالىم، مەيلى مۇستەبىت بولسۇن، پۇقرالار ھامان ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدىكى، قارشى چىقىشقا ھىچ كىشىنىڭ ھەققى يوق ئىدى. شىئىلەر بۇ تۈزۈمنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، دەسلىۋىدە ئەلىنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئىدى. شىئىلەر نەزىرىدە ئىمام (دىنىي ۋە سىياسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەممە شەرتسىز بويسۇنۇشقا تېگىشلىك بولغان مۇقەددەس شەخىس)نى ئادەتتىن تاشقىرى خىسلەتلەر بىلەن سۈپەتلەش بىلەن كۇپايىلەنگەن ئىدى. ئابباسىلار دەۋرىدە ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى كۈچەيدى. پۈتۈن جەمىيەت قاتلاملىرى بۇيىچە زالىم ئەمەلدارلارغا قارشى نارازىلىق كەيپىياتى قوزغالغان ئىدى. كىشلەر ئىجتىمائى زۇلۇمدىن قۇتۇلىشقا ئىنتىلەتتى، زالىم پادىشاھلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەر قانداق ھەركەتنى قارشى ئالاتتى.
    شىئىلەر كىشلەرنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن شىئىلەر ئابباسىلار سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، «ئادالەتلىك جەمىيەت» بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشلەرنى پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن نوپۇزلۇق بىر زاتنى ئىماملىققا تىكلەپ، دىنىي ۋە سىياسى جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە، بارلىق ئىشنى ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلدى. شىئىلەر ئەمىلى ئىشقا كىرىشىپ، گاھى يوشۇرۇن، گاھى ئاشكارا رەۋىشتە كەڭ دائىرىلىك پائالىيەت ئېلىپ باردى.
    شىئىلەرنىڭ ئىنسانلارنى زۇلۇمدىن قۇتقازغۇچى ئىمام توغرىسىدىكى تەرغىباتلىرى جەمىيەتنىڭ تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە قىزىقىش  پەيدا قىلغان ئىدى. جاپاكەش خەلق ئىچىدە شىئە مەزھىبىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپەيدى. ئابباسىلار شىئىلەرنىڭ ھەركىتىدىن قاتتىق چۆچىدى. ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇنداق ھەركەتلەرنى دەھشەتلىك باستۇردى. پەيغەمبەر نەسلىگە مەنسۇب بولغانلارنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىپ، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى، بىر قىسمىنى زىندانغا تاشلىدى. ئامان قالغانلىرى تۈرلۈك جايلارغا پىتىراپ كەتتى.  بۇنىڭ بىلەن شىئىلەرنىڭ ئۆزغايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەركەتلىرى توختاپ قالمىدى. پۇرسەت تاپسىلا ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ، تارقىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى. شىئىلەرنىڭ دەسلەپكى ئەقىدىسى بۇيىچە، پەيغەمبەر ئەۋلادىغا مەنسۇپ بولغانلارنىڭ كىمنىڭ يېشى ئەڭ چوڭ بولسا، شۇ كىشى شىئىلەرنىڭ ئىشلىرىغا باشچىلىق قىلىش كېرەك ئىدى. بۇ چاغدا يېشى چوڭى باشچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەقىدە تەرەققى قىلىپ، ئەلى ئوغلى ھۆسەيىن ئەۋلادىدىن ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە بىلىملىك بولغىنى باشچىلىق قىلىشقا ئۆزگەردى. شۇ شەرتكە ئەڭ لايىق كېلىدىغىنى جەپەر سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەتراپىغا شىئىلەردىن نۇرغۇن خەلق توپلاندى.
    جەپەر سادىق بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىغى، قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈگى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، ھاياتىدا ئۆزىنى شىئىلەرنىڭ ئىمامى دەپ جاكارلىمىدى. شىئە مەزھىبى ئىمامىيە تارمىغىنىڭ قارىشىچە، جەپەر سادىق شىئە مەزھىبى ئەقىدىلىرىگە ئاساس سالغۇچى شىئىزىم مەكتىۋىنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. جەپەر سادىقنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى بىر قەدەر مۆتىدىل بولغانلىقتىن، ئەينى زاماندا مەيلى شىئىلەر بولسۇن، مەيلى سۈننىلەر بولسۇن، ئۇنى ھەممىسى قوبۇل قىلالايتتى. ئۇنىڭ دەرس ھەلقىلىرىدا شىئىلەرمۇ، سۈننىلەرمۇ بولاتتى. سۈننى مەزھىبى ھەنىپى تارمىغىنىڭ ئاساسچىسى – ئىمام ئەززەم ئەبۇ ھەنىپە، سۈننى مەزھىبى مالىكى تارمىغىنىڭ تارمىغىنىڭ ئاساسچىسى – ئىمام مالىك ئىبن ئەنەس، مۇئتەزىلىلەر فىرقىسىنىڭ ئاساسچىسى – ۋاسىل ئىبن ئەتا قاتارلىق ئالىملار ئەنە شۇ جەپەر سادىقنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى. جەپەر سادىقنىڭ ئىلىم ئىھاتىسى كەڭ ئىدى. ئۇنىڭ شاگىرتى مۇساجابىر جەپەر سادىقنىڭ 500 رىسالىسىدىن تەركىپ تاپقان مىڭ ۋاراقلىق بىر كىتاب تەسنىف قىلغان ئىدى. جەپەر سادىقنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى زايا بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە ئۇنىڭ ئازغىنىسى يېتىپ كېلەلىدى. كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا يات ئېلېمېنىتلار قوشۇلدى. ئۇ، ئېيتمىغان سۆزلەر ئۇنىڭغا چاپلاندى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا غەيرى دىندىكىلەرنىڭ بىر قىسم دىنىي ئىدىيىلىرى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ، شىئە مەزھىبىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە، خىلمۇ – خىل شىئە مەزھىبى فىرقىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.
    جەپەر سادىق مىلادىيە 765 – يىلى (ھىجرىيە 142 –يىلى) ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر كىمنى ئىمام دەپ تونۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ، ئىككى فىرقىغا بۆلۈندى: جەپەر سادىقنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئىمام دەپ ئېتىقات قىلغۇچىلار ئىسمائىلىيە فىرقىسى بولۇپ شەكىللەندى. جەپەر سادىقنىڭ يەنە بىر ئوغلى مۇساكازىمنى ئىمام دەپ ئېتىقات قىلغۇچىلار مۇساكازىمنىڭ ئىسمىنى ئاساس قىلىپ «مۇسەۋىيە» ياكى ئۇلار ئېتىقات قىلىدىغان ئىماملارنىڭ سانى ئون ئىككى بولغانلىقىغا ئاساسەن «ئىسنا ئەشەرىيە» (ئون ئككىلىلەر)دەپ ئاتالدى
    جەپەر سادىقنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ھەققىدە مۇنداق 3 خىل رىۋايەت مەۋجۇت:
    1-    خىل رىۋايەتتە: جەپەر سادىق ئوغلى ئىسمائىلنى ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغانلىقتىن، ئىمامەتلىكتە ئۆزىنىڭ ئۇرۇنباسارى قىلىپ تەيىنلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، دىيىلىدۇ. لېكىن ئىسمائىلىيە تەرەپدارلىرى جەپەر سادىقنىڭ ئىسمائىلنى ئىمامەتتىن قالدۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئىسمائىل مەسۇم (پاك) بولغانلىقتىن، ھاراق ئىچكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مەسۇملىغىغا زىيان يەتمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامەتكە بولغان لاياقىتىنى يوقاتمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
    2-    خىل رىۋايەتتە: ئىسمائىل بولسا، ئاتىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولغان، ئىماملىق ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەتكە قالغان، چۈنكى ئۇلار ئىماملىق بالىدىن – بالىغا قالىدۇ، بىر تۇققانغا قالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىسمائىلىلەر بۇ قاراشنى ئىسپاتلاشتا ئۇلارغا خاس بولغان باتىنى تەئۋىل بۇيىچە، مۇنۇ ئايەتكە ئاساسلىنىدۇ: «ئىبراھىم مۇشرىكلەرنى بۇتپەرەسلىكتىن قايتسۇن دەپ، كەلىمە توۋھىدنى ئەۋلاتلىرىغا باقى قالدۇرغان.» سۆرە زۇخرۇف 28- ئايەت. ئۇلار بۇ ئايەتتىكى «كەلىمە» دېگەن سۆزنى «ئىمامەت» دەپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئىسمائىلنىڭ ئوغلى مۇھەممەتنى ئىمام دەپ تونۇپ، مۇھەممەتنىڭ تاغىسى مۇسا كازىمنىڭ ئىماملىغىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دىيىلىدۇ.
    3-    خىل رىۋايەتتە: ئىسمائىل ئاتىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەمەس، ئاتىسىدىن 5 يىل كېيىن ئۆلگەن، ئاتىسى جەپەر سادىق ئابباسىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ ئوغلى ئىسمائىلنى يالغاندىن ئۆلدى قىلىپ كۆرسەتكەن، دىيىلىدۇ.
    ئىسمائىلىيە فىرقىسى دېگەن نامنىڭ ئۆزى ھىجرىيە 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن تارىخ بېتىدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مىلادىيە 765- يىلى (ھىجرىيە 142-يىلى) جەپەر سادىق ۋاپات بولغاندىن تارتىپ تاكى 909- يىلى (ھىجرىيە 296- يىلى) مەھدى ئوبەيدۇللانىڭ ماراكەشتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتقا قەدەر بولغان بىر يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكەن ئىسمائىلىيە ئىماملىرى توغۇرلۇق تۈزۈگرەك، ئىشەنچىلىك ماتىرىيال ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئىسمائىلىيە فىرقىسى بۇ مەزگىلنى يوشۇرۇن دەۋر دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى، بۇ دەۋرىدە ئىماملار ئابباسىلەرنىڭ  باستۇرىشىدىن قورقۇپ ئۆزلىرىنى يوشۇرۇن تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئىسمائىلىيە فىرقىسى ئاپتۇرلىرىنىڭ يوشۇرۇن دەۋر ئىماملىرى ئۈستىدە يازغانلىرى ئىما ۋە كىنايە ئارقىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بىرەر توغرا يەكۈن چىقىرىش قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئاپتۇرنىڭ يازغىنى بىلەن يەنە بىر ئاپتۇرنىڭ يازغىننىڭ ئوخشىمايدىغانلىغى ۋە ئۇنىڭدىكى زىددىيەتلەر بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. ئىسمائىلىيە فىرقىسى ئىچىدە چوڭ تارىخچى ھېسابلانغان دائى (تەرغىباتچى) ئىدرىس ئىمادوددىن ئىبن ھەسەن (مىلادىيە 1467- يىلى، ھىجرىيە 872- يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «ئويۇنۇلئەخبار» دېگەن كىتابىدا دائى. مەنسۇر ئىبن ھەۋشەبىنى 782-يىلى (ھىجرىيە 169- يىلى) نىھاۋەند قەلئەسىنىڭ ھاكىمى ئىدى، دەپ يازىدۇ. ھالبۇكى، مەنسۇر ھىجرىيىنىڭ 3- ئەسىرىدە ئۆتكەن ئادەمدۇر. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ: مۇھەممەت تەقى دەپ ئاتالغان ئىمام ئەھمەت ئىستامبولغا باردى، 843- يىلى (ھىجرىيە 229- يىلى) ئىستامبۇلدا ۋاپات بولدى، دېگەن سۆزىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈنلەردە ئىسلام دىنى ئىستامبۇلغا كىرمىگەن ئىدى. بۇ چاغدا ئىستامبۇل بىزانىس ئىمپېراتورلىغىنىڭ پايتەختى بولۇپ، ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش بولۇپ تۇراتتى.
    ئىسمائىلىيە فىرقىسى تارىخچىلىرىنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇن دەۋر ئىماملىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدىمۇ ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئۇلانىڭ سانىنى بەزىلەر ئۈچ، بەزىلەر بەش ۋە بەزىلەر يەتتە ھېسابلايدۇ. كۆپ سانلىق ئىسمائىلىيە فىرقىسى تارىخچىلىرى ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ 1- ئىمامىدىن يوشۇرۇن دەۋرنىڭ ئاخىرقى ئىمامىغىچە بولغان ئىماملارنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە كۆرسىتىدۇ:
    ھەسەن ئىبن ئەلى ئەبۇتالىپ، مۇھەممەت باقىر ئىبن ئەلى ئەبۇتالىپ، ئەلى زەينۇلئابىدىن ئىبن ھۈسەيىن، مۇھەممەت باقىر ئىبن ئەلى زەينۇلئابىدىن، ئەھمەد ئىبن ئابدۇللا، ھۈسەيىن ئىبن ئەھمەت (بۇ، يوشۇرۇن دەۋرنىڭ ئاخىرقى ئىمامى ھېسابلىنىدۇ).
    يوشۇرۇن دەۋر ئىماملىرى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نەسەبىنىڭ پەيغەمبەرگە تۇتۇشىدىغانلىغى ھەققىدە ئەينى زامان كىشلىرىدە زور گۇمان تۇغۇلغان ئىدى. ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ ئىمامى ئەزىز ئىبن مۇئىزلىدىنىللا مىسىردا ئەمدىلا ھاكىمىيەت قۇرغان چېغىدا، خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەردە 5 كۇبلىت شېئىر يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى ئۇچرىتىدۇ، ئۇنىڭ باش تەرىپىدىكى مىسرالىرى مۇنداق ئىدى:
    ئەرەبچە تېكىستى:

    إنا سمعنا نسبا منكرا
    يتلى على المنبر في الجامع
    إن كنت فيما تدعي صادقا
    فاذكر أبا بعد الأب الرابع

    ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
             جامەدە خەتىپلەر مۇنبەر ئۈستىدە،
             يات ئېتەر نامىڭنى خوجا دەپ سېنى.
             خوجىلىق دەۋايىڭ راس بولسا ئەگەر،
           بەشىنچى بوۋاڭ كىم؟ ئەيتىب باق قېنى؟.

    ئەزىز بۇنى ئوقۇپ، لام – جىم دىمەيدۇ. مۇئىزلىدىنىللا پايتەخت قاھىرەگە يۆتكىلىپ كەلگەندە مىسىرنىڭ ئەربابلىرى، ئۆلىمالىرى، ئۇئىزلىدىنىللا ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭ نەسەبىنى سورايدۇ، ئۇ: مېنىڭ نەسىبىم مۇشۇ! دەپ قىلىچنى سۇغۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.
    دەرۋەلە،  ئىسمائىلىيە فىرقىسى مۇئەللىپلىرنىڭ يوشۇرۇن دەۋر ئىماملىرىنى بايان قىلىشتىن سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبىگە تەنە قىلىشتا، ئۆز رەقىپلىرىنىڭ قولىدىكى ئۆتكۈر قورال بولۇپ قالغان ئىدى. تارىختا پاتىمىيە دۆلىتى دەپ ئاتالغان ئىسمائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى ئوبەيدۇللا مەھدىنىڭ خوجىلىق دەۋاسىغا قارشى سۈننىلار، شىئە مەزھىبى ئىسنا ئەشەرىيە تارمىغىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم  باشلىغان ئىدى. چۈنكى بۇ ھەقتە: ئوبەيدۇللا مەھدى سۇلەيمىيەدىكى بىر تۆمۈرچى يەھۇدىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قېپقالغان، تۇل قالغان ئانىسى شىئىلەردىن بىر مەرتىۋىلىك ئادەمگە ياتلىق بولغان، ئوبەيدۇللا ئۆگەي ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇ، خوجىلىق دەۋاسى قىلغان، ئاندىن كېيىن ئىماملىق دەۋاسى قىلغان، دېگەن رىۋايەتمۇ؛ ئوبەيدۇللا مەھدى بولسا ئىمام جەپەر سادىقنىڭ قاچا – قومۇچ باشقۇرىدىغان خادىمى ئابدۇللا قەرداھىنىڭ نەسلىدىن ئىدى، دېگەن رىۋايەتمۇ بار.
    ئىسمائىلىيە فىرقىسىنى رەقىپلىرى يوشۇرۇن دەۋر ئىماملىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبى توغرۇلۇق شۇنچە ئېيىپلىغان تۇرسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل – پاكىتلىرىنى قويماستىن، پەقەت ئىماملارنىڭ نەسەبى پەيغەمبەرنىڭ قىزى فاتىمە زەھراغا تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ، خالاس.
                    
    2

    ئىسمائىلىيە ھەركىتى يوشۇرۇن ئىماملار دەۋرىدىلا باشلاندى. ئۇنىڭ تەرغىباتچىلىرى ئىمامنىڭ ئېنىق ئىسمىنى ئېيتماي، جەپەر سادىقنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد ئىبن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىن بولغان، مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان مەھدى نامىدىن دەۋەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. مەنسۇرۇلىيە مەن دەپ ئاتالغان ھۈسەيىن ئىبن ھەۋشەبىنىڭ يەمەندە ئېلىپ بارغان ھەركىتى مۇۋەپپېقىيەت قازانغان تۇنجى قېتىملىق ئىسمائىلىيە ھەركىتىدۇر. ئۇ، 879- يىلى (ھىجرىيە 266- يىلى) دەۋەت ئېلىپ بېرىپ، يەمەندىكى قەبىلىلەردىن نۇرغۇن كىشلەرنى توپلاپ بىر قانچە قورغان ۋە قەلئەلەرنى فەتھى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلىيە ئىمامى نامىدىن تارىختا تۇنجى ئىسمائىلىيە دۆلىتىنى قۇردى. ئاندىن ئىبن ھەۋشەبىنىڭ ھەركىتى سىرىتقا كېڭىيىشكە باشلاپ، ئەتراپقا دائىلەر (تەرغىباتچىلەر) ئەۋەتتى. ماراكەشكە ئالدىدا ھۇلۋان بىلەن سۇفياننى، ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئەبۇ ئابدۇللا شىئەنى مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغۇن مەھدى نامىدىن تۇنىسنىڭ شىمالىغا ئەۋەتتى. بۇ يىللاردا بەھرەيندە تارىختا قارامىتلەر ھەركىتى دەپ ئاتالغان ئىسمائىلىيە ھەركىتى مەيدانغا كەلدى. بۇ ھەركەت ئابباسىلار ھاكىميىتىنى تەمتىرىتىپ قويدى. قارامىتلەر بىر قانچە جەڭلەردە ئابباسىلار قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى. قارامىتلەر ھەج مەۋسۇمىدە ھەرەمگە باستۇرۇپ كىرىپ، كەئبىدىكى ھەجەر ئەسۋەد (قارا تاش)نى يۇلۇپ ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ پايتەختى ھۇجرىغا يۆتكەپ كەتتى. ھەجەر ئەسۋەد 339- ھىجرىيىگە قەدەر ئىھس شەھرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تاشلىنىپ تۇردى. ئاخىر ئۇنى قارامىتلەر مەنسۇر پاتىمىنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە ئۆز جايىغا ئېلىپ كېلىپ قويدى. لېكىن، قارامىتلەر ئابباسىلارنى يەڭگەندىن كېيىن، ئىسمائىلىيە ئىماملىرىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئىماملارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ مال – مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدى، ئائىلە ئەزالىرىدىن بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ بۇ چاغدىكى ئىمامى ئوبەيدۇللا مەھدى ئىدى. ئۇ، قارامىتلەردىن قېچىپ مىسىرغا، ئۇ يەردىن تۇنىسنىڭ شىمالىغا بېرىش بىلەن ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قويدى. مۇندىن ئىلگىرى ئۇ، يوشۇرۇن يۈرەتتى. ئۇنى ئابباسىلار قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋېلىشقا تاس قالغان ئىدى. ئاخىرى ئەغلەبىلەر تۇتۇۋېلىپ تۇرمىغا تاشلىدى. بۇ ۋەقەنى ئۇنىڭ ماراكەشتىكى دائىسى ئەبۇ ئابدۇللا شىئى ئاڭلاپ، كىتامە قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم كىشلەرنى باشلاپ كېلىپ، مەھدىنى ۋە ئۇنىڭ تۇرمىداشلىرنى قۇتقۇزۇۋالدى. ئۇ، مەھدىنى ئۇلاققا مىندۈرۈپ، يېتىلەپ يۈرۈپ: مانا بۇ سىلەرنىڭ ئىمامىڭلار بولىدۇ، مانا بۇ- مەھدى بولىدۇ، دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلىيە ھەركىتى ئاشكارىلىنىش دەۋرىدىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. مۇندىن ئىلگىرى ئوبەيدۇللا مەھدىنىڭ ئىمام ئىكەنلىگىنى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك دائىلىرىدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتتى. مەھدى بۇچاغلاردا سۇلەيمىيە شەھرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇ ئەتراپقا دائىلار ئېۋەتتى. مەھدىنىڭ دائىلىرى ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى، تۇرار جايىنى ئېيتماي، پەقەت پات ئارىدا مەيدانغا چىقىدىغان قانۇنلۇق ئىمام مەھدى ئۈستىدە بىشارەت بېرەتتى. كىشلەرنى شۇنىڭغا ئېتىقات قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى، ئىسمائىلىيە مەزھىبىنى تەشۋىق قىلاتتى.
    ئوبەيدۇللا مەھدى قارامىتلەرنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋە خاندانىنى ۋەيران قىلىشقا بەل باغلىغانلىغىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قەيەرگە قېچىش مەسىلىسىنى ئويلاندى.ئۇنىڭدا قارامىتلەرگە تاقابىل تۇرغىدەك كۈچ – قۇۋۋەت يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇش كۆرمىگەن، تېچ شارائىتتا دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان يېنىدىكى ئازغىنا تەرغىباتچىلىرىغا يۆلۈنۈپ، ئابباسىلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان قارامىتلەرگە قارشى تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. باشقا جايلارغا قارىغاندا، يەمەن بىلەن ماراكەشتە ئوبەيدۇللا مەھدىنىڭ تەسىرى زور ئىدى. بۇ ئىككى جايدا ئىسمائىلىيە فىرقىسى كەڭ تارالغان، ئۇنىڭ دائىلىرى تەرپىدىن مەھدىنىڭ نۇپۇزى تىكلەنگەن ئىدى. كەلگۈسىدىكى غايىسنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەھدىنىڭ ئالدىدا بۇ ئىككى جاينىڭ بىرسىنى تاللاش مەسىلىسى تۇراتتى. ئوبەيدۇللا مەھدى يىراقنى كۆرىدىغان پاراسەتلىك سىياسەتچى ئىدى. ئۇ، ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن، خەۋىپ – خەتەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي ماراكەشكە سەپەر قىلدى. بۇ يەردە ئۇ، 999- يىلى (ھىجرىيە 297- يىلى) تارىختا «پاتىمىيە دۆلىتى) دەپ ئاتالغان شەۋكەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. پاتىمىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئانچە ئوڭايغا چۈشمىدى، تۇنۇسنىڭ شىمالىدىكى بەر - بەر قەبىلىسىنىڭ تولىسى سۈننى مەزھىبىدە ۋە بەزىلىرى خاۋارىج مەزھىبىدە ئىدى. ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ يۇقىرقى مەزھەبلەر بىلەن توقۇنىشى تەبئى ئىدى. مۇنداق بولغاندا مەھدىنىڭ سىياسىتى زور توسالغۇغا ئۇچرايتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىۋىي قەبىلىلەرگە بىرەر يېڭى مەزھەبنى قۇبۇل قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش قېيىن ئىدى. مەھدى ئەنە شۇ توسالغۇلارنى يېڭىپ تاشلاپ تۇنىستىكى ئەغلەبىلەر دۆلىتىنى تارمار قىلىپ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «پاتىمىيە دۆلىتى»نىڭ ئاساسى تېخى مۇستەھكەملەنمەي تۇرۇپلا، مەملىكەت ئىچىدە ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈلىمى ئەڭ زور بولغىنى ئەبۇيەزىد باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ ئىدى. ئەبۇ يەزىد ئەسلىدە خەۋارىجلار مەزھىبىدە بولۇپ، شىئە مەھىبىگە تولىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. ئۇ، ئۇزۇن مۇددەت تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن، مەھدىنىڭ ۋاپات بولغانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، «پاتىمىيە دۆلىتى» قۇشۇنلىرنى مەغلۇب قىلدى، ھەتتا مەھدى تۇنىسدا بېنا قىلغان پاتىمىيەلەرنىڭ پايتەختى «مەھدىيە»نى مۇھاسىرە قىلۋالدى، شۇنداقتىمۇ بۇ قوزغىلاڭ پاتىمىيىلەرنىڭ 3- خەلىپىسى تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلدى. ئەبۇيەزىد 946- يىلى (ھىجرىيە 335-يىلى) ئۆلتۈرۈلدى.
    ئىسمائىلىيە مەزھىبى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مەزھەبنىڭ تەسىرىمۇ زورىيىشقا ۋە دۆلەت دائىرىسىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى. ئۇبەيدۇللا مەھدى ماراكەشتە پاتىمىيە دۆلىتىنى قۇرغان چىغىدىن باشلاپلا شەرىق تەرەپكە يۈزلۈنۈپ، دۆلەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ پاتىمىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭمۇ سىياسىتى بولۇپ قالدى. شەرىققە كېڭىيىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئۇبەيدۇللا مەھدىنىڭ كۈزى مىسىرنى مەركەز قىلىشقا تىكلەنگەن ئىدى. ئوبەيدۇللا مىسىرنى ئىخشىدىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن 3 قېتىم قوشۇن ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئابباسىلارنىڭ مىسىرغا بەرگەن ياردىمى تۈپەيلىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچىردى. پاتىمىيىلەرگە قارشى ماراكەشتىكى قەبىلىلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرى پارتىلاش بىلەن پاتىمىيىلەرنىڭ مىسىرغا قىلغان ھەربى يۈرۈشلىرى توختاپ قالدى. بۇ چاغدا ئىسمائىلىيە فىرقىسى ئۆز ئەقىدىسىنى مىسىرلىقلار ئارىسىدا تارقاتماي تۇرۇپ، نۇقۇل ھەربى كۈچىگە تاينىپ مىسىرنى ئىشغال قىلىشنى ھىس قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا ئىسمائىلىزىمنى تەشۋىق قىلىدىغان دائىلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار مىسىرغا بېرىپ ئىسمائىلىزىم ئەقىدىلىرىنى، ئىسمائىلىيە ئىماملىرىنىڭ پەزىلەتلىرىنى، ئىخشىدى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلمىدىن خالاس تېپىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىغىنى ۋە پەقەت پەيغەمبەر نەسلىدىن بولغان ئىمامنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىلا ئىجتىمائى ئادالەتنىڭ تىكلىنىدىغانلىغى تەشۋىق قىلدى. فەيرۇز، ئەبۇئەلى، ئەبۇلھۈسەيىن، ئەبۇجەپەر قاتارلىقلار ئەنە شۇ دائىلاردىن ئىدى. مانا مۇشۇنداق دائىلار ئارقىلىق ئىسمائىلىزىم تەلىماتلىرى مىسىرغا كىردى. بەزى مىسىرلىقلار ئۇنى ھىجرىيە 358- يىلى مۇئىزلىدىنىللا قوشۇنى ئۇنى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇنلا قوبۇل قىلغان ئىدى. جەۋھەر سىقىللى قوماندانلىغىدىكى پاتىمىلەر قوشۇنى 969- يىلى (ھىجرىيە 358- يىلى) مىسىرنى رەسمىي ئىشغال قىلىپ، ئىخشىدىلەر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. جەۋھەر سىقىللى پاتىمىلەرنىڭ پايتەختى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەنى بېنا قىلدۇردى ۋە قاھىرەدىكى دىنىي ئۇنۋېرىسىتېت – جامىئۇل ئەزھەرنى سالدۇردى.
    ئىسمائىلىزىمنىڭ ئىسلام شەرقىدە مۇنداق تېز ئىلگىرىلىشىنىڭ زادى سەۋەبى نېمە؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئابباسىلارنىڭ ئەڭ ئاجىزلاشقان دەۋرىدە، 945- يىلى (ھىجرىيە 334-يىلى) رەي، جەبەل دېگەن جايلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئەھمەد ئىبن بويە فەتھى قىلىش يۈزىسىدىن باغدادقا بېسىپ كىردى. ئۇ: ئابباسىلار زۇلۇم قىلىپ خەلىپىلىكنى ھەقداسى بولغان كىشلەردىن تارتىۋالغان، دەپ قارايتتى. شىئە مەزھىبىگە ئالاھىدە يەل بېرەتتى، شۇڭا ئىسمائىلىزىم بۇ چاغدا تېخىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. سۈننى مەزھىبى تەرەپدارى بولغان بىر پۈتۈن ئابباسى ئىسلام خەلىپىلىگى پارچىلىنىپ بىر مۇنچە كىچىك دۆلەتلەرگە ۋە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلار، نىمجان بولۇپ قالغان ئابباسى سۇلالىسىنىڭ ئۆلەر – تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي، پەقەت ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆز – ئارا ئۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن، ھەممە يەردە تىنىچسىزلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئۇرۇشنىڭ بالايى – ئاپەتلىرى، ئىجتىمائى زۇلۇم تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ھالى زەبۇن ئىدى. ئىسمائىلىيە فىرقىسى مۇنداق ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىمامنىڭ يېتەكچىلىگىدە «پاراۋان، ئادالەتلىك جەمىيەت» قۇرۇش توغرىسىدىكى تەشۋىقىنى كۈچەيتتى. ئۇلار ئىسمائىلىيە  ئىماملىرنى بېزەپ، قانداقتۇر «ئادالەتنىڭ مۇجەسسەم سىمۋولى» قىلىپ كۆرسەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىبىنى قوبۇل قىلغانلىغى ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە قىزىققانلىغىدىن ئەمەس، بەلكى دائىلار ۋەدە قىلغان ئاتالمىش ئادىل ئىمامنىڭ سايىسىدا زۇلۇمدىن خالاس تېپىپ تېچ ھايات كەچۈرۈش ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغانلىقتىن ئىدى.
    پاتىمىيە دۆلىتى ئارقا تېرەك بولۇپ تۇرغانلىغى ئۈچۈن، شىئە مەزھىبىنىڭ «ئىسنا ئەشەرىيە» تارمىغى ئىراق، ئىرانلاردىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. ئىسمائىلىزىم نوپۇزىنىڭ سۈرىيە، يەمەنلەردە ئۇلغىيىشىغا ئەنە شۇ ئامىللار سەۋەب بولدى. جايلارغا ئەۋەتىلگەن دائىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئىسمائىلىزىم ئىران، ھىندىستانلاردىمۇ تارقىلىشقا باشلىدى. ھەتتا دائى نەسەبىنىڭ دەۋىتى بىلەن سامانىلاردىن نەسرى ئىبن ئەھمەدمۇ بۇ مەزھەبى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئابباسىلارنىڭ ئىراقتىكى قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئەبۇ ھارىس بەساسىرنىمۇ پاتىمىلەر ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پاتىمىلەر 1058- يىلى (ھىجرىيە 450- يىلى) باغدادنى ئىستىلا قىلدى. ئىسمائىلىزىم ئىراقتا تېز تارقىلىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى ئۇششاق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلدى. مۇنبەرلەردە ئوقۇلغان خۇتبىلەر تولۇق بىر يىل مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانى يەنى ئىسمائىلىزىمنىڭ ئىمامى مۇستەنسىر بىللانىڭ نامىغا ئوقۇلدى.
    پاتىمىلەر پۈتۈن ئىسلام شەرقىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىۋاتقان پەيىتتە، ئۇلار بىلەن سەلجۇق تۈركلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلدى. سەلجۇقلاردىن توغرۇلبەكنىڭ قوشۇنى ئالدىدا پاتىمىلەر مەغلۇب بولدى. شۇنىڭدەك بۇ چاغدا پەلەستىننى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ۋە سۈرىيەنىڭ پاتىمىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى بەزى شەھەرلىرىنى بېسىۋىلىش ئۈچۈن ئەھلى سەلىب، قوشۇن توپلاپ ھەركەتلەنمەكتە ئىدى.
    ئەينى زاماندا، ئاھالە ئىچىدە پاتىمىلەر ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ چىقىشقا باشلىدى. ئىقتىسادىي ھايات يامانلىشىش بىلەن ئاھالە ئىچىدە ئاچارچىلىق يۈز بەردى. چۈنكى ئىماملار ھاكىمىيەت تەختىگە چىققاندىن كېيىن خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى كۈچەيتتى. دائىلار ئىلگىرى تەرغىب قىلغان قانداقتۇر «ئادالەتلىك جەمىيەت» ئەمەس، ئىجتىمائى زۇلۇم تېخىمۇ ئەۋج ئالغان زۇلمەتلىك جەمىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللار  ئىسمائىلىزىم نوپۇزىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئاجىزلىشىشغا ئېلىپ كەلدى. بەزى جايلار ئىسمائىلىزىم ئىمامىغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. ئەڭ ئالدىدا پاتىمىلەرنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ سۈننى مەزھىبىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن جاي – ئىسمائىلىزىمنىڭ دەسلەپكى ئۇگىسى ماراكەش بولدى. ئىسمائىلىزىم ئىمامىنىڭ نوپۇزى پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى مىسىردىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. ئىراندىن كەلگەن بىر قىسىم دائىلارنىڭ ئىسمائىلىزىمنىڭ ئىمامى ۋە ھۆكۈمرانى ھاكىم بىئەمرىللانى خۇدالىق دەرىجىسگە كۆتىرىش ياكى ئىلاھلاشتۇرۇش ھەركىتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق بولدى. مىسىرلىقلار بۇ ھەركەتكە قارشى تۇرۇشقا باشلىدى. يۇقۇرقى دائىلارنىڭ بەزىسىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرى ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مىسىردىن قېچىپ كەتتى. كىشىلەر ھاكىم بىئەمرىللادىن كۈلەتتى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى، ھاكىم بىئەمرىللا مىسىرلىقلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن قۇستات شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئىمامغا قارشى دۈشمەنلىگى كۈچەيدى. ئۇلار ئىسمائىلىزىم ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچتى، ياكى ئۇنىڭدىن شەكلىنىشكە باشلىدى. ئىسمائىلىيە ئىماملىرىنىڭ ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ۋەزىرلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىشقا، ئۆز ئارا جېدەل – ماجرا قىلىشقا كىرىشتى. شەخسى غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىمامنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە ئىسمائىلىزىم ئەقىدىلىرىنى چۆرىۋەتكەن ئىدى. ئىماملار ۋە ئىماملىق مەنسەپ ئۇلارنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق بولۇپ قالدى. ئىمام قويۇشقا ئىسمائىلىزىم تۈزۈمى بۇيىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تونۇلغان ئادەمنى ئىمام تىكلەشكە ھەركەتلىنەتتى . ئىسمائىلىزىم ئەقىدىسى بۇيىچە ئېيتقاندا، ئىماملىق بالىدىن – بالىغا قالىدىغان تۈزۈم بولۇپ، ئىمام ئۆلسە ئىماملىق ئۇنىڭ ئوغلىغا قېلىشى كېرەككى، ئوغلى تۇرۇپ قېرىندىشى ياكى تاغىلىرى ئىمام بولالمايتى. ئىسمائىلىزىمنىڭ بۇ تۈپ ئەقىدىسىگە بۇ چاغدا ئەمەل قىلىنمىدى، بۇ تۈزۇمگە ئىماملارنىڭ ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىغان يەردە باشقىلار ئەلۋەتتە ئەمەل قىلمايتتى.
    مۇئىزلىدىنىللا ئۆزىدىن كېيىن ئىمام بولۇشقا ئوغلى ئابدۇللانى تەيىنلىگەن ئىدى، ئوغلى ئابدۇللا  ئۆزىدىن بۇرۇن ئۈلۈپ كەتكەندە نەۋرىسى ئەمەس يەنە بىر ئوغلى ئېزىزنى ئىماملىققا تەيىنلىدى. شۇنىڭدەك ئىمام مۇستەنسىربىللا ئۆزىدىن كېيىن ئىمام بولۇشقا نىزارنى تەيىنلىگەن ئىدى. 1094- يىلى (ھىجرىيە 487- يىلى) مۇستەنسىربىللا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەزىرى ئەبزەل ئىبن بەدىر مۇستەنسىربىللانىڭ سەغىرە ئوغلى مۇستەئلىنى ئىماملىققا تەيىنلىدى. چۈنكى ئۇ، ۋەزىرنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى ئىدى، ۋەزىر يەنە نىزارنى ۋە ئىزارنىڭ ئوغلىنى ئۆمۈرلۈك تۇرمىغا تاشلىدى. ئىسمائىلىيە فىرقىسىنىڭ بىر قىسىمى مۇستەئلىگە بەيئەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئۇنىڭ ئىماملىغىنى ئېتىراپ قىلماي نىزارنى ئىمام دەپ تۇنىدى. نۇرغۇن دائىلەر نىزراغا دەۋەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلىلەر 1094- يىلى (ھىجرىيە 487- يىلى) نىزارى ئىسمەئىلىيە بىلەن مۇستەئلى ئىسمائىلىيىدىن ئىبارەت ئككى فىرقىغە بولۈنۈپ كەتتى. نىزارى ئىسمائىلىيە – شەرقىي ئىسمائىلىيە، مۇستەئلى ئىسمائىلىيە- غەربىي ئىسمائىلىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    ھىجرىيە 408- يىلى ئىسمائىلىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىسمائىلىزىم فىرقىسىدىن بولۈنۈپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا ئىسمائىلىزىمغا يات بولغان ئەقىدىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر مەزھەب شەكىللەدۈرگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىز يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك، بەزى ئىرانلىق دائىلەرنىڭ ھاكىم بىئەمرىللانى خۇدالىق دەرىجىسىگە كۆتەرگەنلىكى ئىدى. بۇ، دوروز مەزھىبى دەپ ئاتالدى. بۇ مەزھەبنىڭ باشچىلىرىدىن بولغان دوروزى بىلەن ھەمزە مىسىردىن سۇرىيەگە قېچىپ بېرىپ بەزى قەبىلىلەر ئىچىدە ئۆز مەزھىبىنى تارقىتالىدى. بۇ مەزھەبنىڭ قاراشلىرى ئىسمائىلىزىم ئەقىدىلىرىگە خىلاپ بولغانلىقىدىن، ئىسمائىلىزىم ئۆلىمالىرى ئۇنىڭغا قارشى رەددىيە كىتابلىرىنى يازدى، ئەھمەد ھەمدۇددىنىڭ «رىسالە ۋائىزە» ناملىق كىتابى شۇ جۈملىدىن ئىدى. ئىسمائىلىزىمدىن بىرىنچى قەدەمدە دوروز مەزھىبى بۆلۈنۈپ چىققان بولسا، ئىككىنچى قەدەمدە نىزارىيە بىلەن مۇستەئلىيە فىرقىلىرى بولۈنۈپ چىقتى. تۆۋەندە بۇ ئككى فىرقە ئۈستىدە تۆختىلىمىز:

    3

    غەربىي ئىسمائىلىزىم (مۇستەئلىيە ئىسمائىلىزىم) دەپ ئاتالغان بۇ فىرقە ئەگەشكۈچىلىرىگە كەلسەك، ئۇلار ۋەزىر ئەپزەل تەرىپىدىن تىكلەنگەن مۇستەئلى ئىبن مۇستەنسىربىللانىڭ ئىماملىغىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، مىسىر، يەمەن ۋە سۈرىيەنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئىسمائىلىلەر مانا مۇشۇ مەزھەبكە مەنسۇپ ئىدى. مۇستەئلى كىچىك بولغانلىقتىن، پۈتۈن ھاكىمىيەتنى تاغىسى ۋەزىر ئەپزەل قولىغا ئېلىۋالدى، مۇستەئلىنىڭ ئوغلى ئامىرغا قالغاندىمۇ، ئۇ 5 ياشتا بولغانلىقتىن، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئەھمەد ئىبن ئەپزەلنىڭ قول ئاستىدا بولدى. ئامىر ئويۇن – تاماشا ۋە ھاۋايى – ھەۋەس بىلەن بولۇپ كەتتى. ئامىر بولسا 1130- يىلى (ھىجرىيە 524- يىلى) نىزارىيە ئىسمائىللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئامىرنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بالىسى بولمىغانلىقتىن، تاغىسى ھاپىز ئابدۇلمەجىت ئىسمائىلىزىمنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ۋاكالىتەن ئىمام بولدى. ئوزۇن ئۆتمەي ئىسمائىلىزىم ئەقىدىسىگە خىلاپ ھالدا رەسمىي ئىماملىق دەۋاسى قىلدى. مىسىرلىقلار نەزىرىدە ھاكىم بىئەمرىللانىڭ دەۋرىدىن تارتىپلا ئىمامنىڭ مۇقەددەسلىك ئورنى قالمىغان ئىدى. ئۇلار ئىمامنى ئەسلا كۆزىگە ئىلمايتتى، ئىمامنىڭ نوپۇزى ئاجىزلىشىپ شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، كىشلەر ئىمام ھاپىزنى مۇھاسىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى ھەسەننى ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇلار ھاپىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، ھاپىز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ھاپىز ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىماملار دەۋرىدە مىسىردا ئىسمائىلىلەر ناھايتى ئاز قالغان ئىدى. سالاھىددىن ئەييۇبى 1171- يىلى (ھىجرىيە 567- يىلى) ئىسمائىلىلەرنىڭ مىسىردىكى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن مىسىردىكى مۇستەئلى ئىسمائىلىيە فىرقىسى مۇنقەرىز بولدى.
    يەمەندىكى مۇستەئلى ئىسمائىلىيە فىرقىسى مىسىرلىقلاردىن باشقا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىمام تىكلىۋالغان ئىدى، بۇلار يېڭى مۇستەئلى ئىسمائىلىيە فىرقىسى بولۇپ شەكىللەندى. ئۇلار «تەييىبىيە ئىسمائىلىيە فىرقىسى» ياكى «بوھرە ئىسمائىلىيە فىرقىسى» دېگەن نام بىلەن ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىسمائىلىزىمنىڭ بۇ فىرقىسى ھىجرىيىنىڭ 10- ئەسىرلىرىگە كەلگەندە، قايسى دائىغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىپ داۋۇدىيە ۋە سۇلەيمانىيەدىن ئىبارەت ئككى فىرقىغە بۆلۈنۈپ كەتتى. 1612- يىلى (ھىجرىيە 1012- يىلى) ۋاپات بولغان. دائى قۇتبى شاھ داۋۇتقا مەنسۇپ بولغانلار «داۋۇدىيە»، 1589- يىلى (ھىجرىيە 997- يىلى) ئۆتكەن دائى سۇلايمان ئىبن ھەسەنگە مەنسۇپ بولغانلار «سۇلەيمانىيە» دەپ ئاتالدى. داۋۇدىيە فىرقىسىنىڭ دەۋەت مەركىزى ھىجرىيىنىڭ 10- ئەسىرىدە يەمەندىن ھىندىستانغا يۆتكەلگەن.
    مىلادىيە 1624- يىلى ۋاپات بولغان ئەلى ئىبن ئىبراھىم بوھرە فىرقىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئەلەۋىيە فىرقىسىنى تەشكىل قىلدى. شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ بارودا ۋىلايىتىدىكى ناجۇشىيە فىرقىسىمۇ ئەنە شۇ بوھرە تائىپىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان تارماقتۇر. بۇ فىرقە ئەسلىدە ھىندىستان براخمان دىنىدە بولۇپ، مىلادىيە 1789- يىللىرى ئەتراپىدا تەييىبىيە ئىسمائىلىزىمنى قوبۇل قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلاردا براخمان دىنىنىڭ ئېتىقاتچىلىرىنىڭ گۆش يىمەسلىكتەك بىر قىسىم ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغان. يەنە 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھىبەتۇلا ئىبن ئىسمائىل باشچىلىغىدا بوھرە تائىپىسىدىن بىر فىرقە بۆلۈنۈپ چىقىپ «ھىبەتىيە فىرقىسى» دەپ نام ئالغان. بۇ فىرقە ھىندىستاننىڭ ئەۋجاپ دېگەن جايىغا جايلاشقان. شۇنىڭدەك 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئابدۇلھۈسەيىن باشچىلىغىدا بوھرە تائىپىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان مەھدى باغ نامىدىكى بىر فىرقە بولۇپ، ئۇلار ھازىر ھىندىستاننىڭ ناجبۇر دېگەن جايىدا ئولتۇراقلاشقان. داۋۇد تەييىبىيە فىرقىسىدىن  بۆلۈنۈپ چىققان كىچىك فىرقىلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئاز بولغانلىقتىن، ئىجتىمائى ۋە سىياسى پائالىيەتلىرى ئۆز فىرقىسى دائىرىسىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ

    http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=9822


    收藏到:Del.icio.us