• 2010-06-30

    ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر - [دىنىي كىتابلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/67625934.html

    ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
    1426. سوئال: سەھىھ ھەدىس دېگەن قانداق ھەدىس؟
    جاۋاب: سەھىھ ھەدىس- ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىس دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ راست ھەدىسلارنى يالغان ھەدىسلەردىن، ئىشەنچلىك ھەدىسلارنى ئاجىز ياكى ئىشەنچسىز ھەدىسلەردىن ئايرىش ئۈچۈن قويغان بىر مەخسۇس شەرتلىرىگە چۈشكەن ۋە راستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك قالماستىن ئىسپاتلانغان ھەدىسلەر «سەھىھ» ھەدىسلەر، دەپ ئاتىلىدۇ. سەھىھ ھەدىسنى قىسقا سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەقتە ھەدىس ئىلمىغا ئائىت كىتابلارغا مۇراجىئات قىلىش لازىم.
    تارىخنى، مەلۇماتلارنى، دىنىي تەلىماتلارنى، دەستۇرلارنى، كىتابلارنى ۋە پەيغەمبەر سۆزلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىنچىكىلەش ۋە ئۆز ئەينى بېكىتىشتە، ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ  ئالدىغا ئۆتىدىغان ھېچكىم  يوق.
    1427. سوئال: ھەدىس قاچاندىن باشلاپ توپلانغان؟
      جاۋاب: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا توغرا يولنىڭ بىردىنبىر مەشئىلى بولغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنى ئاتا قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ سۈننىتى – سۆزلىرى، ئىش – پائالىيەتلىرى، باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىدىن توغرا كۆرگەنلىرىنى تەستىقلىشى – بىلەن تەپسىرلىگەن، شەرھلىگەن، چۈشەندۈرگەن ۋە بىلدۈرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتالىقلاردىن مەسۇم بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ھەر قانداق گەپ - سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى، قوللىغانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار ئەگىشىشكە تېگىشلىك دىنىي ئەمرلەردۇر.
      بۇ سەۋەبتىن ساھابىلار ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمگە ئەڭ زور ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگىمۇ زور ئەھمىيەت بەرگەن. قۇرئان كەرىمنى جىمى ئىسلام ئۇممىتىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن پېتى سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن «قۇرئان ئىلمى»، «قىرائەت ئىلمى»، «تەجۋىد ئىلمى» قاتارلىق ئىلىملەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھەر بىرى ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە – پرىنسىپلارنى بېكىتكەنگە ئوخشاش، ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق دەستۇرى بولغان سۈننەتنى ئىسلام ئۇممىتىگە ئۆز پېتى، سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ھەدىس ئىلمى»، «ھەدىسلارنى تەتقىق قىلىش ئىلمى»، «ھەدىس رىۋايەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈش ئىلمى»، «ھەدىسلارنى تۈرلەرگە ئايرىش ئىلمى» قاتارلىق ئىلىملەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە- پرىنسىپ ۋە مېتودلارنى بېكىتكەن. بۇلارنىڭ سىرتىدا، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ روھىنى مۇسۇلمانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن «تەپسىر ئىلمى»، «فىقھى ئىلمى» قاتارلىق ئىلىملەرنى مەيدانغا چىقىرىش بىلەن بىرگە بۇلارنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ياردەمچى ئىلىملەر ھېسابلانغان ئەرەب تىلىنىڭ «فونېتىكا»، «گرامماتىكا» ۋە ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا مۇسۇلمانلاردىن ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئۇ ھەمىشە مۇسۇلمانلارنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە چاقىرىپ تۇراتتى. بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن مۇشرىك قوشۇنلىرىنىڭ ساۋاتلىقلىرىدىن ھەر بىرىنىڭ مۇسۇلمان بالىلىرىدىن ئون بالىنىڭ خەت ئوقۇش ۋە يېزىش ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇش بەدىلىگە قويۇپ بېرىش سىياسىتىنى قوللانغانلىقىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ساۋاتسىز قالماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەممە چارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ساھابىلاردىن كۆپ كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى يېزىپ خاتىرىلىمەكچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە ئۇلارنى بۇ ئىشتىن مەنئى قىلغان.
    1428. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن ھەدىسلەرنى يېزىشتىن توسقان؟
      جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ھەدىسلارنى يېزىپ توپلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ بارچە ھىممىتىنى ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمگىلا بېغىشلاش، ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ ھەدىسلارنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ سېلىشىدىن ئەنسىرەش ئىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ياخشى ئۆگىنىشكە، ئاندىن قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى.
    ھەدىسلارنىڭ يېزىلىشقا باشلىنىشى
    1429. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلەرنى يېزىشقا قاچان رۇخسەت قىلغان؟
      جاۋاب: ئىسلام دەۋىتى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى دېگۈدەك ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەدىسلەرنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم بولغان يېڭى بىر باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان. مەسىلەن: جابىر ئىبنى ئابدۇللا، ئابدۇللا ئىبنى ئەمر، ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدرى، ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىق ساھابىلار كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئىمام بۇخارىي مەشھۇر ئەسىرى «سەھىھۇلبۇخارىي» دا «ئىلىمنى يېزىپ قالدۇرۇش» دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس بىر بۆلۈم تەيىنلەپ بۇ ماۋزۇغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن.
      ساھابىلارنىڭ ھەدىسلارنى ئۆگىنىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇشقا بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى زور بولۇپ، ئىمام بۇخارىي «سەھىھۇلبۇخارىي» دا جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئابدۇللا ئىبنى ئۇنەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر ھەدىسنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر ئايلىق مۇساپىگە سەپەر قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ساھابىلار ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ مەخسۇس قائىدە – پرىنسىپلارنى ۋە شەرتلەرنى قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار زامانىمىزدا «ھەدىس ئىلمى» دەپ تونۇلغان مەشھۇر ئىلىمنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىغان.
    ھەدىسلارنىڭ رەتلىنىشى
    1430. سوئال: ھەدىسلار قاچان كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن؟
     ساھابىلار توپلىغان ھەدىسلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، تېرىلەرگە، يوپۇرماقلارغا، سىلىق تاشلارغا يېزىپ ساقلىغان بولسىمۇ، توپلانغان ھەدىسلەر شەكلىگە كەلمىگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 85 يىل كېيىن، ھەدىسلار رەسمىي تۈردە كىتاب شەكلىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئىش «خۇلەفائۇرراشىدۇن» ( ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى قاتارلىق خەلىپىلەر) نىڭ 5- سى ۋە ئەمەۋىي خەلىپىلىرى قاتارىدىن 7- خەلىپە (717 ۋە720مىلادىيە يىللىرى خەلىپىلىك قىلغان) ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ بېۋاسىتە پەرمانى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.
    1431. سوئال: ھەدىسلارنى تۇنجى قېتىم كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن ئالىم كىم؟
      جاۋاب: ھەدىسلارنى تۇنجى قېتىم كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن ئالىم ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ھەدىسشۇناس مۇھەممەد ئىبنى شىھاب ئەل زۇھرىي (م670- 741) دېگەن كىشىدۇر. بۇ كىشى «تابىئىين» (ساھابىلارنى كۆرگەن ئىككىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار) قاتارىدىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىم ساھابىلاردىن ئەنەس ئىبنى مالىكتا ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئۆلىمالىرىدا ئوقۇغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 2200 ھەدىسىنى يادلىغان ۋە يېزىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن.
    1432. سوئال: ھەدىس بىلەن ھەدىس قۇدسىي ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نېمە؟
    جاۋاب: ھەدىس تېكىستى ۋە مەنىسى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدۇر. ئەمما ھەدىس قۇدسىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن ھېكايە قىلىپ، ئېيتقانلىرى بولۇپ، مەنىسى ئاللاھتىن، تېكىستى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بولىدۇ.
    ھەدىس ئىلمى ۋە ئۇنىڭ غايىسى
    1433. سوئال: ھەدىس ئىلمى دېگەن قانداق ئىلىم؟
      جاۋاب: ھەدىس ئىلمى - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش – پائالىيەتلىرى، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن مۇۋاپىق كۆرۈپ تەستىقلىغانلىرىغا ئائىت رىۋايەتلەرنى ۋە بۇ رىۋايەتلەرنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ راستچىللىقى، ئىشەنچلىكلىكى، تەقۋالىقى ۋە باشقا سۈپەتلىرىنى مەلۇم بىر ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىلىمدۇر.
    1434. سوئال: ھەدىس ئىلمىنىڭ غايىسى نېمە؟
      جاۋاب: ھەدىس ئىلمىنىڭ غايىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش ھەم تۇرمۇشقا تەتبىقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرزىنى ئەڭ توغرا شەكىلدە ئۆگىنىپ مۇسۇلمانلارغا شۇ بويىچە بىلدۈرۈشنى غايە ۋە مەقسەت قىلىدۇ.
    1435. سوئال: ھەدىس ئىلمى قاچان بارلىققا كەلگەن؟
      جاۋاب: ھەدىس ئىلمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنلا ساھابىلارنىڭ زامانىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ راستچىللىقى، تەقۋالىقى، ئىشەنچلىكلىكى ۋە پۈتۈن ئەھۋالىنى ئېنىق تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە ھەدىسنى قاچان، نەدە ئاڭلىغانلىقى ۋە ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقان لەۋزى قانداق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ۋە تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن مەلۇم مېتود ۋە پرىنسىپلارنى بەلگىلىگەن. ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا ھەدىس ئىلمىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى بېكىتىلگەن.
    1436. سوئال: ھەدىس ئىلمى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ كىتاب يازغان ئادەم كىم ؟
      جاۋاب: ھەدىس ئىلمى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىم كىتاب يازغان كىشى مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم مۇھەممەد ئىبنى شىھاب ئەل زۇھرىي دېگەن كىشى بولۇپ، 717- 720- مىلادىيە يىللىرى ئارىسىدا خەلىپىلىك قىلغان ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەزكۇر كىتابىنى يازغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىمام ئەلى ئىبنى ئەل مەدىينى(م777- 848) دېگەن كىشىدۇر. ئىمام بۇخارىي كىتابىدا بۇ كىشىدىن ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلمى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى يازغان. ھەدىس ئىلمى ھەققىدە كىتاب يازغانلارنىڭ ئۈچىنچىسى شافىئىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام شافىئىي(م767- 819) دۇر.

    ھەدىس توپلاملىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
    1437. سوئال: ئەڭ مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرى قايسىلار؟
      جاۋاب: زامانىمىزغىچە نۇرغۇنلىغان ھەدىس توپلاملىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پۈتۈن ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن«سەھىھ»(ئەڭ ئىشەنچلىك) دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىنغانلىرىنىڭ مەشھۇرلىرى 6 چوڭ ھەدىس توپلىمىدۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
      1. «سەھىھۇلبۇخارىي»
      2. «سەھىھۇ مۇسلىم»
      3. «سۇنەن تىرمىزى»
      4. «سۇنەن ئىبنى ماجە»
      5. «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»
      6. «سۇنەن نەسائىي».
    سەھىھۇلبۇخارىي
    1438. سوئال: «سەھىھۇلبۇخارىي» نى كىم توپلىغان؟
      جاۋاب: «سەھىھۇلبۇخارىي» قۇرئان كەرىمدىن قالسا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۆتىۋەر كىتاب بولۇپ، ئۇنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارىي دېگەن كىشى توپلاپ چىققان. بۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ194-يىلى( 809م) ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، ھىجرىيىنىڭ 256-يىلى( 869م) سەمەرقەند ۋىلايىتىگە قاراشلىق خەرتەڭ دېگەن يېزىدا دۇنيادىن ئۆتكەن. مۇھەممەد ئىسمائىل بۇخارى ھاياتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن خۇراسان، مەككە، مەدىنە، مىسىر، شام ۋە باشقا ئىسلام شەھەرلىرىگە بېرىپ ئوقۇغان. ئۇ ھەدىس توپلاشقا بېرىلىپ 600 مىڭدىن كۆپرەك ھەدىسنى يادىلىغان. بۇ ھەدىسلەر ئىچىدىن تاللاپ «سەھىھۇلبۇخارىي» ناملىق ئەسىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ كىتابنىڭ راستلىقىغا ۋە ھەدىسلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە بىردەك ئىقرار قىلىدۇ.
    سەھىھۇ مۇسلىم
    1439. سوئال: «سەھىھۇ مۇسلىم» نى كىم توپلىغان؟
      جاۋاب: «سەھىھۇ مۇسلىم» ناملىق بۇ ھەدىس توپلىمى مۇسلىم ئىبنى ھەججاج ئەبۇل ھەسەن ئەل قۇشەيرىي دېگەن زاتنىڭ قولىدا يارىتىلغان بولۇپ، ئىمام مۇسلىم ھىجرىيىنىڭ 205-يىلى(821م) يىلى ھازىرقى ئىراننىڭ نىساپورشەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، ھىجرىيىنىڭ261- يىلى(875م) نىساپۇردا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىمام مۇسلىم ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا ئىراق، ھىجاز (مەككە، مەدىنە)، شام قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان. ئۇ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن كۆپ ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە كۆپ ھەدىسلەرنى يادلىۋالغان. شۇلارنىڭ ئىچىدىن «سەھىھۇ مۇسلىم» دېگەن ھەدىس توپلىمىنى ياراتقان. ئۇ «سەھىھۇلبۇخارىي»دىن قالسا ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس كىتابى ھېسابلىنىدۇ.
    سۇنەن تىرمىزى
    1440. سوئال: «سۇنەن تىرمىزى» نى كىم توپلىغان؟
      جاۋاب: «سۇنەن تىرمىزى» مۇھەممەد ئىبنى ئىسا ئەل تىرمىزىنىڭ ھەدىس توپلىمىدۇر. ئۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ 209-يىلى( 824م) ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ تىرمىز شەھىرىگە قاراشلىق بوغ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئىمام تىرمىزى ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا خۇراسان، ئىراق، ھىجاز قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان ۋە كۆپ ھەدىسلەرنى توپلىغان. ماۋارائۇننەھرى شەھەرلىرىدە ئىمام بۇخارىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئەڭ زور ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ، توپلىغان ھەدىسلىرىنى مىسىر، ھىجاز، ئىراق ۋە خۇراسان ئۆلىمالىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئېلان قىلغان. ئۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ279-يىلى( 892م) تىرمىز شەھىىرىنىڭ بوغ يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. تىرمىزىنىڭ ھەدىس توپلىمى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالتە ھەدىس توپلىمى ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    سۇنەن ئىبنى ماجە
    1441. سوئال: «سۇنەن ئىبنى ماجە» نى كىم توپلىغان؟
      جاۋاب: «سۇنەن ئىبنى ماجە» مۇھەممەد ئىبنى يەزىد ئەل قەزۋىنىي دېگەن كىشى توپلىغان ھەدىس كىتابى بولۇپ، بۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ 209-يىلى( 824م) كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان رايوندا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھىجاز(مەككە ۋە مەدىنە) شام (سۈرىيە ۋە ئېئوردانىيە)، مىسىر، ئىراق قاتارلىق ئەرەب مەملىكەتلىرىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە كۆپلىگەن ھەدىسلەرنى يادلىغان. ئۆزى ئىزدەپ يۈرۈپ توپلىغاسن نۇرغۇن ھەدىسلەردىن تاللاپ «سۇنەن ئىبنى ماجە» ناملىق بۇ ھەدىس توپلىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ273-يىلى( 886م)  ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ بۇ توپلىمى مەشھۇر ئالتە ھەدىس توپلىمى ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    سۇنەن ئەبۇ داۋۇد
    1442. سوئال: «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»نى كىم توپلىغان؟
      جاۋاب: «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» سۇلايمان ئىبنى ئەشئەس ئەل سىجىستاني دېگەن كىشىنىڭ توپلىمى بولۇپ، ئۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ 202-يىلى( 817 م) ھازىرقى ئىراننىڭ سىستان (ئەسلىسى «سىجىستان») دېگەن يېرىدە  دۇنياغا كەلگەن. ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدە ئوقۇغان. ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن شام، ئىراق، خۇراسان ۋە باشقا ئەرەب شەھەرلىرىگە بارغان. ھىجرىيىنىڭ275-يىلى(888م)  ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ بۇ ھەدىس توپلىمى مەشھۇر ئالتە ھەدىس توپلىمى ئىچىدىن بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    سۇنەن نەسائىي
    1443. سوئال: «سۇنەن نەسائىي»نى كىم توپلىغان؟
      جاۋاب: «سۇنەن نەسائىي» ناملىق بۇ توپلام ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب نەسائى دېگەن كىشىنىڭ توپلىمى بولۇپ، ئۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ 215-يىلى( 830م) ھازىرقى  خۇراساننىڭ نەسائ  دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىمام نەسائىي ھەدىسلەرنى توپلاش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ھەدىسلارنى راست ۋە يالغاندىن ئايرىشتا ناھايىتى چىڭ شەرتلەرنى قويۇپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئالىم. ئۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇپ، ئىشەنچلىك ھەدىسلەرنى توپلىغان. ھىجرىيىنىڭ 303-يىلى(915م) پەلەستىننىڭ رەملە دېگەن يېرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ بۇ توپلىمى مەشھۇر ئالتە ھەدىس توپلىمى ئىچىدىن ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    评论