-
2012-05-10
سۇنۇق قىلىچ - [شىئىرىيەت]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/funy520-logs/211881574.html
سۇنۇق قىلىچ
ئابدۇرىھېم ئابدۇللا
ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،
بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن.
قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا،
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ پارقىراپ.
بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى،
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ.
تىترىدى قوللىرىم، تونىدى يۈرەك،
ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى.
زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ،
بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى.
قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى،
بالقىيدۇ ئىپتىخار،بالقىيدۇ زەر نۇر.
جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز،
سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر.
تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ،
جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا.
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن،
ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاق بويدا.
كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا،
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ.
سۇنغان چېغدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي،
تەۋەرۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ.
ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن،
بىر قېتىم قېنىدىن چىقالمايدىغان.
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ،
قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان.
خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلچىقا،
ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ.
بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا،
دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە دەرگاھ.
چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق،
ئۈمىدنىڭ زەرىدە قالقان قالتىرار.
تەككەندە گەجلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا،
بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقنار يالتىرار.
ئاھ قىسمەت،بۈگۈن مانا سۇندى ئۇ قىلىچ،
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا.
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى،
ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.
قۇياشمۇ قارايدۇ سۇنغاندا قىلىچ،
زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ.
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلدى باشسىز،
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق جىلغىدا.
قېنى ئۇ باھادىر، قاردىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟
قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىم ئۇنى،
ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەر دەپ.
خەيرىھاھ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ،
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى،
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە.
يىگىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار،
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.
ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى،
بىلدىمكى ئۇ مېنى بارماقتا چىللاپ.كۆكلەم تورىدىن كۆچۈرۈلدى