-
2010-04-24
دىلبەر - [يازمىلىرىم]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/funy520-logs/62554218.html
دىلبەر
فانىي
يۇلۇڭغا تەلمۈرۈپ باقتىم ،بىراق سەن كەلمىدىڭ دىلبەر،
ۋىسا لسىز ئۆتتى بۇكۈنلەر ،بۇنى سەن بىلمىدىڭ دىلبەر.
كۈزۈڭگە تەلمۈرۈپ باقسام ،قاراپ بىر كۈلمىدىڭ دىلبەر ،
بۇ جان كۈلپەتكە يۈزلەندى ،رەھىممۇ قىلمىدىڭ دىلبەر .
بېغىڭدا سايرىدىم ھەرتاڭ ،قىلىپ بۇجاننى سەكپارە،
مەھەللەڭدىن كىتەلمەيمەن،بۇلۇپ ئىشقىڭدا دىۋانە.
تىلەپ سۆيگۈ،ۋىسال سەندىن بۇلايمۇ ياكى دىۋانە؟
ئۇچۇر بەرگىن ئۈزۈڭدىن سەن ،ئەمىن تاپسۇن كۈڭۈل ،دىلبەر.
تەسەددۇق ئەيلىدىم جاننى ،بۇلۇپ ئىشقىڭدا مەن پەرھاد،
پەلەككە يەتتى ئاھ -زارىم ،جاھاننى قاپلىدى پەرياد.
ئۈتەرمۇ بۇ ھايات شۇنداق، بۇلۇپ گۈل ياشلىقىم بەربات،
مىسالى لەيلى رۇخسارىڭ ئايان قىل سەن ماڭا دىلبەر.
ۋىسال دەشتىڭدە كارۋان بوپ ،تەسەددۇق ئەيلىدىم جاننى،
زىمىستان چۆلنى باغ قىلدىم،كۈرۈپ كەت سەن بۇ بوستاننى.
كۈرۈپ سەن ياكى بۇجاننى ئەجەل جادۇغا باسقاننى
شىرىندەك ئاھ ئۇرۇپ ،ئاندىن تۈكەمسەن كۆز يېشى دىلبەر؟
تاڭ ئاتماس تۈننى كۆردۈڭمۇ ؟ يىتەرمەن بىر كۈنى ۋەسلىڭ.
ۋىسال دەپ ئاتىدىم جاننى،كۆرەرمەن يار باھار پەسلىڭ ،
يۈرەكتە باردۇر بىر ئارمان ،سىنىڭ قانداقتۇر يار ئەسلىڭ ،
لېۋىڭگە لەۋ يېقىپ ئۆلسەم قالارمۇ تەندە دەرت دىلبەر .
پەلەك باقماسمۇ ئوڭ كۆزدە مىنىڭدەك قەلبى ۋەيرانغا ،
قۇلاق سالماي زامان ، ھەرگىز پىسەنت قىلماسمۇ غەليانغا ؟
ياراشماس ئەمدى پىنھاندا تۈكۈش كۆز ياش،ئەر -ئوغلانغا.
بېلىمنى باغلىدىم مەھكەم مەدەت بەر سەن ماڭا دىلبەر.
2006.12 (شەھىرى خاربىن)