• 2012-03-30

    بۇ ئۈممەت - [شىئىرىيەت]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/funy520-logs/201767230.html

     

     


                     بۇ ئۈممەت


    ھەر تۈن  ئۇخلىيالماي چەكتىم نادامەت ،
    ئۆزۈمگە ھەم تىنماي  قىلدىم  مالامەت .
    تارىختا نە كۆرسەم  كۆردۈم ،لىكىن 
    ئۆمەردىن كىيىن بىرلەشمىدى  بۇ ئۈممەر.


    ئۆمەر كەتتى  بۇ ئۈممەتكە  ئىشەنمەيىن ،
    چۈنكى ئىمانى  زەئىپلەشمىش كۈنسايىن ،
    ئەبۇ زەرلەر قەي قىلغاندا  تىنمايىن ،
     نە دەرت باردۇر  سىرداشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    نەلەردىندۇر  ئېقىپ كەلدى گۇمراھلار ،
    ئاستا -ئاستا ئادەت  بولدى گۇناھلار .
    ھەتتا قۇرئان ھۇزۇرىدا گۇۋاھلار ،
    جەڭگە چىقىپ بىرلەشمىدى  بۇ ئۈممەت.

    قەلىبلەر سۇلدى ،يۈزلەر بولدى  بى دىدار،
    كۆڭۈل ئۆلدى ئىبادەتلەر  پەيتىدە .
    ئەلى ، ئوسمان  بوغۇزلاندى بەيتىدە ،
    ئەھلى بەيىتكە  قاراشمىدى  بۇ ئۈممەت.

    بۇ  خارىنىڭ  قانغا تولدى چاناغى ،
    ئۆتتى سەرسان، تېپىلماي بىر  ھەمراھى .
    سان جەھەتتىن  ئاشسا ئاشتى ساناغى
    بىراق ، ئاز بولسىمۇ كۈرەشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    تىلەپ قالدى  ئىمان قەلىپنىڭ سەۋرىنى ،
    ۋۇجۇد شۇندا  تىلەپ قالدى  جەبرىنى .
    ئۆمەر ئىبنى  ئابدۇلئەزىز دەۋرىنى
    كۆتۈرەلمەي ئەگەشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    ئالىملىرى  كىمەيدى ،ھەم تەمبەللەر
    ئۆزلىرىگە ئورناتتى ھەم  مۇنبەرلەر .
    كەلسە شۇندا  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر
    ئاتتىن چۈشۈپ  ئەگەشمىدى  بۇ ئۈممەت .


    «لا ئىلاھە ئىللەللاھ »دەر تىللىرى
    دەھرىيانە تۇغيان ئۇرار دىللىرى .
    بىركۈن بولسا  بى سائادەت يىللىرى ،
    بىر مەنزىلدە  تۇتاشمىدى بۇ ئۈممەت .

    بىرى ئەرەپ ، بىرى تۈرك ، بىرى فارس ،
    مىللەت دىگەن تۇيغۇ ئەمدى بولدى «پەرىز».
    بىرياندا دەرت ،كىسەللىكتن  قالغان دەرس،
    ئۆزھالىغا قاراشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    خارلار بولدى مەلئۇن دۈشمەن پايىدە ،
    يۈرىۋەردى شۇندا يەنە جايىدا .
    ھاياتىغا جارى بولمىش قائىدە ،
    بۇ نىچۈك ،دەپ  ھىسابلاشماس بۇ ئۈممەت.

    قۇرئان ئەمدى مازارلادا ئوقۇلمىش ،
    تۈرلۈك پاسات رىۋايەتلەر تۇقۇلمىش .
    شۇندا تۈرلۈك ھەق يولى ھەم خار بولمىش ،
    ھەق يولىغا ئەگەشمىدى بۇ ئۈممەت .


    شۇ ئەھۋالنى  ئويلاپ -ئويلاپ تىنمىدىم ،
    پەقەتكىنە ئاللاھىمدىن تىلىدىم .
    ئەلەم بىلەن كۆزۈمدە ياش  يىغلىدىم ،
    ئۆمەردىن كىيىن  بىرلەشمىدى بۇ ئۈممەت.

    ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى :فانىي
                     بۇ ئۈممەت


    ھەر تۈن  ئۇخلىيالماي چەكتىم نادامەت ،
    ئۆزۈمگە ھەم تىنماي  قىلدىم  مالامەت .
    تارىختا نە كۆرسەم  كۆردۈم ،لىكىن 
    ئۆمەردىن كىيىن بىرلەشمىدى  بۇ ئۈممەر.


    ئۆمەر كەتتى  بۇ ئۈممەتكە  ئىشەنمەيىن ،
    چۈنكى ئىمانى  زەئىپلەشمىش كۈنسايىن ،
    ئەبۇ زەرلەر قەي قىلغاندا  تىنمايىن ،
     نە دەرت باردۇر  سىرداشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    نەلەردىندۇر  ئېقىپ كەلدى گۇمراھلار ،
    ئاستا -ئاستا ئادەت  بولدى گۇناھلار .
    ھەتتا قۇرئان ھۇزۇرىدا گۇۋاھلار ،
    جەڭگە چىقىپ بىرلەشمىدى  بۇ ئۈممەت.

    قەلىبلەر سۇلدى ،يۈزلەر بولدى  بى دىدار،
    كۆڭۈل ئۆلدى ئىبادەتلەر  پەيتىدە .
    ئەلى ، ئوسمان  بوغۇزلاندى بەيتىدە ،
    ئەھلى بەيىتكە  قاراشمىدى  بۇ ئۈممەت.

    بۇ  خارىنىڭ  قانغا تولدى چاناغى ،
    ئۆتتى سەرسان، تېپىلماي بىر  ھەمراھى .
    سان جەھەتتىن  ئاشسا ئاشتى ساناغى
    بىراق ، ئاز بولسىمۇ كۈرەشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    تىلەپ قالدى  ئىمان قەلىپنىڭ سەۋرىنى ،
    ۋۇجۇد شۇندا  تىلەپ قالدى  جەبرىنى .
    ئۆمەر ئىبنى  ئابدۇلئەزىز دەۋرىنى
    كۆتۈرەلمەي ئەگەشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    ئالىملىرى  كىمەيدى ،ھەم تەمبەللەر
    ئۆزلىرىگە ئورناتتى ھەم  مۇنبەرلەر .
    كەلسە شۇندا  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر
    ئاتتىن چۈشۈپ  ئەگەشمىدى  بۇ ئۈممەت .


    «لا ئىلاھە ئىللەللاھ »دەر تىللىرى
    دەھرىيانە تۇغيان ئۇرار دىللىرى .
    بىركۈن بولسا  بى سائادەت يىللىرى ،
    بىر مەنزىلدە  تۇتاشمىدى بۇ ئۈممەت .

    بىرى ئەرەپ ، بىرى تۈرك ، بىرى فارس ،
    مىللەت دىگەن تۇيغۇ ئەمدى بولدى «پەرىز».
    بىرياندا دەرت ،كىسەللىكتن  قالغان دەرس،
    ئۆزھالىغا قاراشمىدى  بۇ ئۈممەت .

    خارلار بولدى مەلئۇن دۈشمەن پايىدە ،
    يۈرىۋەردى شۇندا يەنە جايىدا .
    ھاياتىغا جارى بولمىش قائىدە ،
    بۇ نىچۈك ،دەپ  ھىسابلاشماس بۇ ئۈممەت.

    قۇرئان ئەمدى مازارلادا ئوقۇلمىش ،
    تۈرلۈك پاسات رىۋايەتلەر تۇقۇلمىش .
    شۇندا تۈرلۈك ھەق يولى ھەم خار بولمىش ،
    ھەق يولىغا ئەگەشمىدى بۇ ئۈممەت .


    شۇ ئەھۋالنى  ئويلاپ -ئويلاپ تىنمىدىم ،
    پەقەتكىنە ئاللاھىمدىن تىلىدىم .
    ئەلەم بىلەن كۆزۈمدە ياش  يىغلىدىم ،
    ئۆمەردىن كىيىن  بىرلەشمىدى بۇ ئۈممەت.

    ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى :فانىي

    分享到: