• 2010-04-21

    سەھرا قىزى - [دوستلىرىم ئەسەرلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/funy520-logs/62437230.html

      سەھرا قىزى

    سۈنئىيلىك  خېرىدار ئەمەس تۇرقۇڭغا،
    كىر يۇغان قوللىرىڭ پاكىزلىق گۈلى.
    پىشۇرغان نېنىڭنى تونۇردا پەقەت،
    قەلبىڭدە يانغان ئوت ئانىلق ھۇلى.

    ساددىلىق لىباسى كىيگەن سەھرانىڭ،
    كۆكىدە پارلىغان ئايغا سەن يېقىن.
    يىگىتلەر قەلبىدە شىلدىرلاپ تۇرغان،
    ئەڭ پىنھان جايدىكى سەن زىلال ئېقىن.

    ئېھ،سەھرا ئاپتىپى كۆيدۈرگەن جىسمىڭ،
    ئىپار تەر تامچىغان گۈلىنىڭ نىقابى.
    لاتاپەت نۇرىدا پۈتكەن ۋۇجۇدۇڭ
    مەنىگە شۇنچە باي ئىپپەت كىتابى.

    مېھرىڭدن گۈل  تېرىپ چىمەن دوپپاڭغا،
    سۇغىرىپ تۇرىسەن ئېتىزلىرىنى.
    قىرىق تال چېچىڭدا دولقۇنلىتىسەن،
    قىرىق مىڭ رىۋايەت دېڭىزلىرىنى.
     
    قېشىڭدا ئۆسىدۇ ئوسما مايسىسى،
    كىرپىكىڭ ياشنىتار تېرەك بوستاننى.
    تىرنىقىڭ بەرگىدە خېنە گۈللىرى،
    خىجلىغا سالىدۇ باغدا رەيھاننى.

    تۇرۇپ قال سەھرادا بولدىلا ئۇزاق،
    شەھەردە رەڭلەر كۆپ دىللار يالىڭاچ.
    ئالغىلى كەلگەندە قىزىل ماشىنا،
    ھارۋاڭدا ئولتۇرۇپ جاڭگىلىڭغا قاچ.

    سەھرانىڭ قۇياشى يەنىلا نۇرلۇق،
    سەن ئاشۇ نۇرلاردىن پۈتكەن بىر سۈرەت،
    گۈلنى سۆي،چۆلنى سۆي،ئۆزۆڭنىمۇ سۆي،
    سەھرادا بوپقالغىن ئۆزگەرمەس سەنئەت.
    مەنبەسى    داڭلىق  مۇنبىرى  . ئاپتۇرى :ساداقەت
    分享到: