• 2010-05-23

    دادام خاتىرىسىگە - [يازمىلىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64070319.html

     

              دادام خاتىرىسىگە

     

                                               (فانىي)



             

     

                                              


           مانا  مەن  رەھمەتلىك دادامدىن ئايرىلغىلى  9يىل بولغىلى  تۇرۇپتۇ  ، دادام  دارۇلباقىغا  سەپەر قىلغان ۋاقىتلاردا  مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ،دادىنىڭ قەدرىنىڭ  قانداق  بۇلىدىغانلىقىنى ،بىر  ئوغولىغا  نىسبەتەن  دادىسىنى يۇقىتىپ  قۇيۇشنىڭ  ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ،  دادىنىڭ  ئوغولبالىغا  نىسبەتەن  قانچىلىك يۈلەك  بۇلىدىغانلىقىنى ،بىر ئائىلە ئۈچۈن  قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى  بىلمەيدىغان ، تۇسان تايدەك  ۋاقىتلىرىم ئىدى  ،شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام نادانلىقىمدىن ،غەپلەتتە  يۈرگەنلىكىمدىن  ،ئەقىلسىزلىقىمدىن ئۆكۈنىمەن.دادام قازا قىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى مەكتەپكە مېڭىۋاتسام يېنىغا چاقىرىپ  قانداقلا بۇلۇشتىن  قەتئىينەزەر ياخشى ئوقۇشۇمنى،ئاكا-ئاچام ،قېرىنداش،ئۇرۇق -تۇغقانلار بىلەن  يار-يۈلەكتە ،ھەمدەمدە بۇلۇشنى ،ھالال-پاك ياشاش توغرۇلۇق  نەسىھەتلەرنى قىلىپ ماڭا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن دۇئا قىلدى،مۇشۇ ۋاقىتتا تاغام ،ئاكاملارنىڭ كۆزلىرىدىكى  ياشنى كۈرۈپ  ئۇلارغا ئاچچىلىغۇم كەلگەن ئىدى.كۈزۈمگە ياش كىلىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى -يۇ ،باشقىلارنىڭ كۈرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن  چەاناقلىرىمغاسىڭدۈرىۋەتكەن ئىدىم .مەن مېڭىۋاتسام ئاكام مىنى ئايرىم يەرگە چاقىرىپ :<ئۇكام قازا دىگەن ھەممە ئادەمگە بار  ،ساڭا جىق گەپ قىلماي ،شۇڭا سەن بېشىڭغا  دوپپا ياكى شەپكە كىيىۋال >،دەپ يىغلاپ كەتكەندىمۇ  تام تەرەپكە  قارىۋېلىپ  ئۇنىڭغا ئاچچىقىلانغان ئىدىم .ھازىر ئويلىسام  ھەقىقەتەن نادان ئىكەنمەن،غەپلەتتە قالغان ئىكەنمەن ،ئەگەر بۇرۇنراق بۇنداقلىقىنى بىلگەن بولسام دادامنىڭ يېنىدىن  ئايرىلماي  ئۇنىڭ كۆپرەك خىزمىتىنى قىلپ  كۆپرەك دۇئاسىنى ئالاركەنمەن.  بۇ دۇنيا شۇنداق ئىكەن ،ھەسرىتى بار جاھان ئىكەن  ،نۇرغۇن ئىشلارغا "ئەگەر "بىلەن سەۋەپ  كۆرسىتىدىكەنمىز،ئۈزىمىزنى بەزلەيدىكىنممىز،يىغلاپ- قاخشاپ قالىدىكەنمىز ،دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ قالىدىكەنمىز،نۇرغۇنلىرىمىز مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ھەممىنى دىگۈدەك ئۇنتۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك  بۇرۇنقى  ھالىتىمىز بۇيىچە ھاياتنىڭ رىتىمىغا ماسلىشىپ  ياشاۋىرىمىزدىكەنمىز،بەزىلىرىمىز ئەكسىچە ،چوڭ بولغانسىرى،ئەقلىمىزنى ،ھۇشىمىزنى ،تاپقانچە ،ھايات ھەققىدە ئويلانغۇدەك ،تەپەككۇر قىلغۇدەك بولغانسىرى ،تۇرمۇشىممىزدا نىمىنىڭدۇر بىرنەرسىنىڭ ،بىز ئىھتىياجلىق بولغان بىر تەسەللىنىڭ ،يۈلەنچۈكنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى بايقىغانسىرى ، كۆڭلىمىز نازۇك ،بوينىمىز پەس ،دىلىمىز سۇنۇق ،تىلىمىز تۇتۇق ،يۈلەنچۈكىمىز يوق ،بىر غېرىپلىقىمىز ئىككى بۇلۇپ ،دەرتكە ھەسرەت قۇشۇلۇپ  كەم سۆز  ،ئېغىر -بېسىق،بەزى ئىشلارغا ئانچە ئىسەنكىرەپ كەتمەيدىغان ،ئالدىراپ ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدىغان ،ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگىمۇ ۋايساپ ،ياش تۈكۈپ كەتمەيدىغان (مەن بەلكىم شۇنداقتىمەن ،ئالدىراپ ياش تۆككۈم كەلمەيدۇ ،كۈزۈمدىن ئاسان ياش چىقمايدۇ ، بەلكىم ياشنى كۈزۈم ئەمەس يۈرىكىم  تۈكىدىغاندۇ) بۇلۇپ قالىدىكەنمىز .  دادام قازا قىلغاندا  دادام خۇددى  ئەتە -ئۆگۈن  قايتىپ كىلىدىغاندەك  ،ھىلى  كولدورمىلىق ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ  ھويلىغا  كىرىپ  كىلىدىغاندەك  ئۈزەمگە ئۈزەم يالغان    تەسەللىي  بىرىپ كەلدىم . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى  بۇرۇنقى كەپسىز  ،مەنمەنچى  ، تەڭتۇشلىرىمنىڭ  ئارىسىدا نىمە  ئىش قىلسام  ئەڭ  ئالدىدا  تۇرىدىغان  مەن   غەمكىن ،بوينى قىسىق  ،كەمسۆز  ،خىيالچان  ،ئۆزيېشىمغا  نىسبەتەن  خىياللىرىم  ،مۇڭلىرىم  ،دەرتلىرىم  ،ھەسرەتلىرىم .....  مەندىن ھالقىپ كەتكەن  باشقا  بىر ئادەمگە ئايلاندىم  .خۇداغا  شۈكرىلەركى  ،ئاللامۇ شۇخىل  يۈك ،دەرتلەرنى ،ھەسرەتلەرنى  كۈتۈرەلەيدىغان بەندىسىنى يەلكىسىگە يۈكلەيدىكەن  .  مەن خۇددى  جاھاننىڭ  ھەممە  قايغۇسىنى  مۇڭلىرىنى  .....ھەممە ھەممىسىنى  كۈتۈرپ  ياشاۋاتقاندە  قىلاتتىم  .  چىداش  كىرەك  ،رىئاللىقنى ئىتراپ  قىلىش  كىرەك  ئىكەن .  چىشىمنى چىشلەپ  ياشاپ مانا  نۇرغۇن كىشىلەر  ئاڭلىسا تىلىنى  چاكىلدىتىغان  ئىچكىردىكى  ئالى مەكتەپ  چاقىرىقىنى  تاپشۇرۇپ ئالدىم  بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى كۈلدى ،بىراق مەن  ئۈنسىز  يىغلىدىم  ،ئاكا -ئاچا  قېرىنداشلىرىممۇ  چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ  ئۇھ  تارتتى  ، ئىچىدە  بىلدى . مانا  ئىچكىرگە ئۈزەم كەلدىم  ،ھەممە  بالىلارنىڭ دادىسى ،ئانىسى بىللە  ،مەن يالغۇز  . مەن تۇنجى قېتىم  ئۆيدىن  ئۈزۈم  يالغۇز  سەپەرگە چىقتىم  ،باشقىلار ئەنسىرەشتى  ،  بىراق مەن  ئۆز ئۈزۈمگە:پۈتۈنسۈرۈك  بىر ئەركەك  ئۈزۈڭنىڭ يولىنى  ئۈزۈڭ تېپىشىڭ كىرەك ، دەيتتىم   دادامنىڭ ئېغىر -بېسىق  ئەمما قەتئىي  سىماسى   كۆز ئالدىمدا ھەربىر  گەۋدىلەنسە  غەيرىتىم تۇلۇپ تاشاتتى .

                  مانا نەچچە يىل ئۆتتى . كىشىلەر  ، ۋاقىت ھەممىنى  ئۇنتۇلدۇرىدۇ  ،دەيدىكەن  .بىراق ، مىنىڭ رەھمەتلىك دادامغا بولغان  سېغىنىشىم  كۈندىن -كۈنگە كۈچەيمەكتە .    كىچىك  ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بىلەن  داۋاملىق خۇددى  ئۆز   تەڭتۇشلىرىم بىلەن  پاراڭلاشقاندەك  سىر دىشاتتىم  . مانا  ھازىرمۇ  بىرەر مۇھىم تاللاشقا  دۇچ كەلسەم  ، پىشكەللىككە ياكى  كۈڭۈلسىزلىككە دۇچ كەلسەممۇ   ئەڭ ئاۋۋال  دادام ئىسىمگە كىلىدۇ .ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن  مۇڭدىشىمەن  . كىچىكىمدە بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزسەممۇ  دادام رەھمىتى مىنى قەتئىي  تىللىمايتتى ، تەنقىدلىمەيتى  ،پەقەت  ماڭا ئۇزۇندىن ئۇزۇن  مىھرىبانلارچە تىكىلىپ قاراپ قۇياتتى  ۋە :ئوغولبالا دىگەن  بىر ئىشنى ئويلاپ  بېقىپ قىلىدىغان .دەپ يەڭگىلگىنە  تىنىپ قۇياتتى.  ھازىرمۇ  بىرەر  مەسىلىگە  يۇلۇقسام  دادامنى ئەسلەيمەن  ،ئۇنىڭدىن تەمكىنلىك ،ئېغىر بېسىقلىق  ،قەتئىيلىكنى ئۈزۈمگە ئۆرنەك قىلىشقا  ھەرىكەت قىلىمەن.  كىچىكىمدە، مەن بەزىدە ئاچىللىرىم ياكى مەھەلىدىكى تەڭتۇش قىزلاربىلەن  بىرەر نەرسە تالىشىپ خاپا بۇلۇشۇپ  قالسام   ،دادام :«ئوغولبالا دىگەن  قىزلارنىڭ  ئىشىغا كۆپ  ئارلاشمايدىغان  ،بولمىسا ئۈزەڭ  رەسۋا بولىسەن « دەيدىغان .بۇ دانىشمەنلەر چە ئېيتىلغان  سۆز ئىكەن . ھازىر  بۇ سۆز مىنىڭ  كىشلىك خاتىرەمنىڭ   باش بەتلىرىدە  جۇلالىنىپ  تۇرىدۇ .

           مەن ھازىر  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ،جەمىيەتتە  ،ئائىلىدە  بىر كىشلىك مەجبۇرىيەتنى  يەلكەمگە ئېلىش  ئالدىدا تۇرماقتىمەن. مەن ئۆز- ئۈزەمگە :<مەندە مۇ شۇ مەجبۇرىيەتلەرنى  ئۈستىمگە ئالغۇدەك  سالاھىيەت بارمۇ ؟>دەپ سۇئال  قۇيىمەن ،  دەرھال دادام    كۆز ئالدىمدا  پەيدا بولىدۇ .دادام  ئەينى قاتتقچىلىق  ،ئېغىر ئاچارچىلىق ، نامراتچىلىق  زامانىسىدىمۇ بىز  بىرنەچچە بالىنى خەقنىڭ قۇلىغا قاراتمايمەن  دەپ جاڭگالدىن ئۇتۇن ئېپچىقىپ سېتىپ  ، ھەرقانداق جاپاغا چىداپ  بېقىپتىكەن  . مەن مانا   مۇشۇلارنى  خىيال قىلىمەن .  دۇنيادا ھەرقانداق  بىر  باشقىلارنىڭ ئەمەس  پەقەت ئۆز  ۋارىسىنىڭ ئۈزىدىن ئۈستۈن ئادەم بۇلىشىنى، ئۈزىدىن ھالقىپ كىتىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ .ئۆز پەرزەنتىنىڭ  نەتىجىلىرى بىلەن  پەخىرلىنىشنى  بەخىت دەپ  ھىس قىلىدۇ  . مەن گەرچە جەمىيەت  ئىتراپ قىلغۇدەك ،باشقىلارنىڭ دىققىتىنى  تارتقۇدەك  نەتىجىلەرنى  قولغا كەلتۈرەلمىگەن  بولساممۇ  ،ئەتراپىمدىكىلەر ،  قېرىنداشلىرىمنىڭ ، دادامنىڭ  پەخىرى بۇلالايتىم  . بىراق ....مەندىن پەخىرلىنىدىغان ، بەخىت  ھىس قىلىدىغان  رەھمىتى  دادام يوق . مۇشۇلارنى ئويلىسام قەلبىمدىكى يارا قايتىدىن  ئېغىز ئالىدۇ  ، خىلۋەتلەرگە  ، دەريا بۇيىغا  ،ئورمانلىقلارغا  كىرىۋېلىپ  ئۈزۈمگە ئۈزۈم <مانا بۇ  تەقدىر  ، ئاللاھ  تائالانىڭ  پۈتكەن قىسىمىتى  ،   ئاللاھقا  ئىسىيان قىلمىغاندىمەن ، دەپ  ،ئالاھقا  يۈزلىنىپ  تەۋبىلەر قىلىپ >تەسەللى  بىرىمەن . 

            بۇ قېتىم  تەتىلدە  ئۆيگە  قايتىشىمدا  نىمىشقىدۇر  كۇچاغا كىرىپ  تاغامنى (دادامنىڭ ئىنىسى)  يوقلاپ  ئۈتۈشنى  ئويلاپ  ،كۇچاغا كىردىم  . مەن ئۆيگە قايتىشقا  ئالدىراپ ئەتىسى قايىتماقچى  بۇلۇپ  بىلەت ئالغىلى ماڭسام  تاغام قۇلۇمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ :<بالام ، ئاكام رەھمىتى   ھايات بولغان بولسا  سىزنىڭ  مۇنچىلىك چوڭ بۇلۇپ  بىزنى يوقلىغانلىقىڭزنى كۆرسە خۇرسەنلىكتىن يۈرىكى يېرىلىپ كىتەرمىدى ، مەن ھەم سىزنىڭ مىنى يوقلاپ ئۆتكەنلىكىڭىىزدىن  شۇنداق خوش  بولدۇم ، ئاكام رەھمىتى  بولغان بولسا بىزنى  نەچچە يوقلايتتى  ، بىر نەچچە  كۈن ئارتۇق تۇرۇڭ  سىزدىن ئاكامنىڭ ھىدىنى  پۇرىغاندەك بولىدىكەنمەن > دەپ  قارارىمدىن قايتۇردى ،مەن ھەم بىرنەچچە كۈن  تۇرۇپ  تاغام  بىلەن  سىردىشىپ  ، ئۇ  ئۇخلاپ قالسا  ئۇنىڭغا قاراپ  رەھمىتى دادامنى خىيال قىلىپ سىرىتقىمۇ  چىقماي  ،بىھەپتە تۇرغاندىن كىيىن  يۇرتقا قايتتىم .
     
          يۇرتقا قايتىپ مەھەللىدىكىلەردىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىدىم      . ئالدىنقى يىلى تەتىلدە ئۆيگە قايىتقاندا  مەھەلىمىزدىن رەھمىتى دادام بىلەن تەڭتۇش بىر كىشى  قازا قىلپ كەتكەن ئىدى .مەن ئۇنىڭ  ئۈلۈم  -نەزىرىلىرىگە قاتنىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي  مەكتەپكە  قايتتىم .ئۇ كىشىنىڭ بىر نەچچە ئوغلى بۇلۇپ  بىر ئوغلى ئوتتۇز نەچچە ياشلارغا كىرگەن بۇلۇپ مىجەزى تەرسا  ئاسان ئاچچىقلايدىغان ،ئاچچىقى يامانراق ،دادسىغا  گەپ ياندۇرىدىغان  بۇلۇپ، ئۇنىڭغا  ۋارقىراپ دادىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپتىكەن . مانا ئۇ دادىسىدىن ئايرىلىپ  دادا قەدرىگە يىتىپتۇ  .باشقىلارغا  دادىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ  ئۇنىڭغا ۋارقىراپ  ،سىلكىپ  كۆڭلىنى ئاغرىتقانلىقىدىن  پۇشايمان قىلغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ . مەھەللىدىكىلەرنىڭ  دىيىشىچە ئۇ  ئاكام ۋە مەندىن   ئاغرىنىپتۇ   .قەدىرلىك دوستلار  ،نىمە ئۈچۈن سىلەردىن  ئەغىرىنىدۇ ؟دەپ تەئەججۈپلىنىشىڭىز ئېنىق .  ئۇنىڭ دىيىشىچە  بىزنىڭ مە ھەللىدە ئاكام بىلەن ئىككىمىز  دادىمىزدىن ئايرىلىپ ،دادا  ھەسرىتىنى  چەككەنلەر ئىكەنمىز  ،دادىن ئايرىلىشنىڭ  قانداق ئازاپ  ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغانلار ئىكەنمىز .  بىز ئەسلى مەھەللىدىكى تەڭتۇشلىرىمىز  ۋە باشقىلارغا   ئاتا -ئانىنىڭ قەدرىگە يىتىش ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى  ئاغرىتماسلىق  توغرىسىدا  نەسىھەت قىلىشىمىز كىرەك ئىكەن .  شۇڭا ئۇ  بىزدىن  ئاغرىنىپتۇ  .
        مەن  تەتىلدە  ،بىر كۈنى بازاغا چىقىپ  بىر ئاشخانىغا  كىرىپ  گۆش يىمەكچى بۇلۇپ ئولتۇرسام ، تۇيۇقسىز  ئۇنىڭ <مەن ئەقىلسىز گۇي  دادامغا  بىرەر قېتىممۇ  ئۈزەم يەۋەتقاندەك گۆ ش   ئېلىپ ،دادا ما گۆشنى يە ڭ ،دەپ  باقماپتىمەن . ئەمدى بىرەي دىسەم ئۇ يوق .ئەگەر مۇمىكىن بولسا  دادام كىسەل بۇلۇپ ياتقان ھالىتىدە بولسىمۇ  ھايات تۇرۇپ  بەرسە مەن تىلەمچىلىك قىلىپ بولسىمۇ  ئۇنى بېقىشقا  ،ئۇنىڭ رازىلىقىنى  ئېلىشقا ،دۇئاسىنى ئېلىش ئۈچۈن  ھەممىدىن  كەچسەم مەيلى ئىدى > دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ  بوغۇزۇمغابىر نەرسە  كەپلىشىپ  قالغاندەك بۇلۇپ  قالدىم .  ئۇ  يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى  ،بىراق قۇلىقىمغا كىرمەيتتى  . بىر پەستىن كىيىن  ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنى تۇنۇيدىغان بىرسىنىڭ ما ئاداش كاللىسىدىن كەتتىمۇ نىمە  دىگەن سۈزىنى ئاڭلىدىم . راس ، ئوغولبالا  دادىسىدىن ئايرىلسا  ،يۈلەنچۈك تېغىدىن  ئايرىلسا  ھەرنىمە بۇلۇپ  قېلىشى مۇمىكىن .
       ئىچكىرگەئوقۇشقا قەدەم باسقاندىن بىرى  ھەر تەتىلدە قايتىمەن ،ئۆيگە ئارقا پۇتۇم كىرىپ بولغۇچە ئالدى پۇتۇم  مەكتەپكە قايتىشقا ئالدىرايدۇ،مىھرىبان ،جاپاكەش ئانامغاتۈزۈك  ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا  باشلىغاندا تەتىل تۇشىدۇ.بۇ تەتىلدە  ئىككىنچى ئاينىڭ  باشلىرىدا يۇرتتا قاتتىق قار يېغىپ ئارقىدىن سۇ كەلدى ،توڭ تۇپىلارنى كىسىپ -يېرىپ ئېرىق ئۆستەڭلەرنى رىمونت قىلدىم ،قاتتىق  سوغوقتا  توڭلىدىم ،قارلىق كىچىلىرى سۇ ياقىلاپ ئېرىق بويلىرىغا  ئوت يېقىپ قۇيۇپ ،شاخ-شۇمبىنىڭ ئۈستىگە جۇۋا-چاپانلارنى تاشلاپ قۇيۇپ يېغىۋاتقان قارغا قارىماي  ،ئۆيدە ساقلاپ قويغان  قۇغۇن-سويمىلارنى كارتىلدىتىپ قىرىپ ،توڭلاپ قالغان  قىشلىق ئامۇتلارنى  ئوتقا كۈمۈپ پىشۇرۇپ يىدىم ،يېزىنىڭ تۇرمۇسى ھەقىقەتەن  مەنىلىك ئىدى،لىكىن ھارغىنلىق  ھىس قىلمىدىم ،بالىلىقتىكى دوسلىرىم بىلەن يىغىلىپ دوتتا -راۋاپلارنى چېلىپ  بەزمىمۇ قىلدۇق ،لىكىن يەنىلا   بىر نەرسەم  كەمدەك، چوڭلارنىڭ يېنىغا چىقىپ ،دادامنىڭ تەڭتۇشلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقۇم كىلەتتى ،دادام توغرۇلۇق  كونا پاراڭلارنى ئاڭلىدىم ،ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ،ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلىرىدىن دادامنىڭ سىماسىنى ئىزدىدىم ، دادامنىڭ دستلىرىدىن ئۇنىڭ ھىدىنى  ھىدلاشقا  ئۇرۇناتتىم .دادام رەھمىتى مەھەللىدە نەدە  باراۋەت بولسا شۇ يەرگە باراتتى ،ئۈزىمۇ گۆشنى ككپ يىيەلەيتتى ھەم باشقىلاردىن بىر ئىككى  ھەسسە ەۆشنى جىق ئالاتتى ،گۆشنى پىشۇرۇپ  ئالدىمغا ئىتتىرىپ قۇيۇپ مىنىڭ يىيىشىمگە قاراپ ئولتۇراتتى ،مەن يەپ تويغاندىن كىيىن  ئاندىن ئۈزى يەيىتتى.دادامنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن يۇرتتا خېلى  بار ئىدى ،مەنمۇ بۇيىل چوڭلارنى ئىزدەپ باراۋەت قىلايلى دەپ  باراۋەت قىلدۇق ،گۆش پىشقاندا  گۆشنى يەي دىشەم مەندە ئۇ بۇرۇنقى ئىشتىھا يوق ،بىر پارچە ئېلىپ  "يەڭ "دەپ  بىرەي دىسەم ،ئەپسۇس ، دادام يوق!....گۆشنى يىدىم -يۇ،بىراق  بۇرۇنقىدەك تەم يوق !....دادامنىڭ تەڭتۇشلىرىغا  سۇندۇم ،ئۇلار كۈزۈمگە يېنىش -ينىشلاپ قاراپ قۇيۇپ ،چۇڭقۇر ئۇھ تارتىشىپ  قۇيۇشتى.
         بىركۈنى قارلىق  كىچىدە سۇ تۇتۇش نۆۋىتى كەلدى ،سۇنى ئېچىپ قۇيۇپ ئېتىز بېشىدا  ياتتىم  ،قارىسام سۇ يارداڭلىققا  كىرىپ كىتىپتۇ ،قار يېغىۋاتىدۇ ،شىۋىرغان چىقىۋاتىدۇ ،سۇغا  يۇتامغىچە كىرىپ  يوڭ تۇپىلارنى تارتىپ  ئىتىۋاتىمەن ،ئاخىرى خالتىغاتوڭ  تۇپىنى ئۇسۇپ بىر كىچە  جەڭ قىلىپ يارنى توختاتتىم  پۈتۈن بەدىنىم تەر ، قىر بېشىغا چىقىپ ماڭسام  ئايىغىمدىكى سۇ كولوپ -كولوپ  قىلىپ  ئاۋاز چىقىراتتى قوللىرىم مۇزلاپ  كەتكەن ئىدى ،لىكىن توڭغاندەك قىلمايتىم ،شەرىق تەرەپ  سۈزۈلگەن ئىدى ،شەرىققە قاراپ كەتمەننى ئاسىتمغا قۇيۇپ  ئولتۇردۇم ،بارغانسىرى پۇتۇمنىڭ مۇزلاۋاتقانلىقىنى ،بەدىنىمنىڭ ئۇيۇشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ،تۇيۇقسىز  دادام رەھمىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى  ،دادام بۇنداق سوغوق ،قىش -قەھرىتاندىن نەچچىنى ئۆتكۈزگەن بولغىيتى دىگەنلەرنى ئويلىدىم  .پۇتۇم مۇزلىماقتا .....
         كىچىك ۋاقتىمدا قىش كۈنلىرى داۋاملىق  كىنو كۆرگىلى چىقىپ كىتىپ  يېرىم كىچىلەردە  قايتىپ كىلەتتىم ،پۇت -قوللىرىم  چوكىدەك مۇزلاپ  كىتەتتى  ،مەن دەرھال دادامنىڭ قوينىغا شۇڭغۇيتىم ،مۇزدەك پۇتلىرىمنى ئۇنىڭ ھارارەتلىك قۇرسىقىغا ياقاتتىم .....مۇشۇلارنى ئويلاپ  بەدىنىمگە بىر خىل  ھارارەت  تارقىغاندەك بۇلۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .سۈبھى خېلىلا تارالغانىدى ،مەھەللىلەردىن سۇزۇپ -سۇزۇپ ئېيتىلغان  ئەزاننىڭ ئاۋازى  كىشىلەرنى  نامازغا  چاقىراتتى.كەتمىنىمنى  دۇلامغا سېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم  ،ئويلاپ باقسام نەچچە ئايلار بوپتۇ دادامغا دەپ  بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ  قويماپتىمەن  ......
      

           ھۆرمەتلىك دوسلىرىم  ، قېرىنداشلىرىم  ،ھەممىمىزنىڭ  ئاتا -ئانىمىز بار  ،  ماڭا ئوخشاش  يۈلەنچۈك  تاغىدىن  ئايرىلغانلار  ، مىرىبان  ، قىيغىتىپ  ،تاقلاپ ئوينايدىغان  كەڭرى باغىدىن  ئايرىلغانلار ھەم باردۇر  ، تۇغۇم بولغان ئىكەن ،ئۈلۈم بار  ،ھەقىيقەت .  بىراق شۇ ھەقىقەتكە  كۆز يۇمۇشقا  ،ئۇنى ئىنكار قىلىشقا (ئەستەغفىرۇللاھ) بولمايدۇ .ھەم بەندە ئۇنىڭدىن قېچىپ  قۇتۇلالماس  . دىمەكچى بولغىنىم  ئاتا -ئانمىزنىڭ  قەدرىگە يىتەيلى  !

       ئاللاھ  ئۇ  مىھرى  دەريالارنىڭ  تىنىنى  ساق  قىلسۇن  ،  پەرزەنتلىرىنى  ئىمان ئىتىقادلىق  ،ئۇلارنىڭ   خىزمىتىدىن  باش تارتمايدىغان  ۋافادارلاردىن  قىلسۇن (ئامىين)


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us