• ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر

    2010-05-22


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64043922.html

    1349. سوئال: ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرقلەر قايسىلار؟ جاۋاب: ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرقلەر تۆۋەندىكىچە: قۇرئان كەرىم توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە قۇرئان كەرىم كەم- زىيادە قىلىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان، ئاللاھتىن چۈشكەن پېتى داۋام قىلىپ كەلگەن، ئەرەب تىلى قائىدىسى بويىچە چۈشىنىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كالامىدۇر شىئەلەرنىڭ بەزىسى قۇرئان كەرىمنىڭ كەم – زىياددىن خالى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە پىكىرلىرىگە توغرا كەلمىگەن ئايەتلەرنى تەۋىل قىلىپ، مەنىسىنى بورمىلايدۇ. ھەدىس توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ھەدىس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەنبىئى، قۇرئاننى تەپسىرلەپ چۈشەندۈرگۈچى بىردىنبىر مەنبە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغانلىقى ئېنىقلانغان ھەدىسنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ھەدىسنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشتا تونۇلغان ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن پرىنسىپى ئاساس قىلىنىدۇ. شىئەلەر ئەھلى بەيت ( پەيغەمبەر ئائىلىسى) دىن چىققان ۋە ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن توپلانغان، سىياسىي توقۇنۇشلاردا ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدە تورغان كىشىلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھەدىسنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە تەتقىق قىلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ساھابىلار توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ساھابىلارنىڭ ھەممىسى ئۈلگىلىك ۋە ئادالەتلىك كىشىلەردۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىي توقۇنۇش ۋە دىنىي ئىختىلاپلار پەقەت ياخشى نىيەتلىك ئىجتىھاد يولى بىلەن بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن قايسىبىرىنى ئەيىبلەشكە ياكى ئۆچمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ. شىئەلەر ساھابىلاردىن ئىنتايىن ئاز كىشىدىن باشقا ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كاپىر بولۇپ كەتكەن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنى بەزى شىئە پىرقىلىرى پەيغەمبەر دېسە، بەزىلىرى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەلىدىن بۇرۇن خەلىپە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر، زالىم دەيدۇ. تەۋھىد ئەقىدىسى توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى ياكى ئوخشىشى يوق. ئاللاھ بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى يوق. ئاللاھنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلاردا كەلگەن گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىنى تەۋىل قىلماستىن، باشقىلارغا ئوخشاتماستىن كەلگەن پېتى چۈشىنىش كېرەك. غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شاپائەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا بولىدۇ. ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئاساسىي دىن، ئاندىن ئەقىلدۇر. شىئىلەرمۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىدۇ. بىراق بۇ ئېتىقادنى ئاللاھقا شېرىك قوشۇش بىلەن بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش، قەبىرلەرگە مال بوغۇزلاش ۋە چوقۇنۇش قاتارلىق خۇراپاتلارنىڭ ھەممىنى قىلىدۇ. ئۆزلىرى ئۇلۇغلايدىغان ئەھلى بەيت ئىماملىرىنى غەيبلەرنى بىلىدۇ، كەمچىلىكلەردىن مەسۇم دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەۋلىيالار كائىناتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئاساسى ئەقىل دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھنى كۆرۈش توغرۇلۇق ئەھلى سۈننى مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە «ئۇلار پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ» دېگەن ئايەتكە ئاساسەن، ئاللاھنى پەقەت ئاخىرەتتىلا كۆرۈش مۇمكىن. شىئەلەر ئاللاھنى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە كۆرۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. غەيب توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ مەلۇم دىنىي ئېھتىياج يۈزىسىدىن بەزى پەيغەمبەرلەرگە بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرگەن.«ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئۆزى بىلدۈرۈشنى خالىغانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ»(1) شىئەلەر غەيبلەرنى بىلىش پەقەت شىئە ئىماملىرىنىڭ ھەققى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەيبتىن خەۋەر بېرىشى دۇرۇس ئەمەس، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇڭا بەزىلىرى ئۆلىمالىرىنى ئىلاھ دەپ تونۇيدۇ. شەرىئەت ۋە ھەقىقەت توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە شەرىئەتنىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگەن. ھېچ نەرسىنى يوشۇرغان ئەمەس. ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن، ھەر قانداق يامانلىقتىن توسقان بەندىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ ۋاستىسى كېرەك ئەمەس. پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىنسانلار كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن مەسۇم ئەمەس. شىئەلەر شەرىئەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئەھكاملار بولۇپ، ئاۋام خەلق ئۈچۈنلا كېرەك بولىدۇ. ئەمما ھەقىقەت ياكى خاس ئىلىمنى ئەھلى بەيت ئۆلىمالىرىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇلار ھەقىقەت ئىلىملىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەمچىلىكلەردىن مەسۇم كىشىلەر، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەنلا بولىدۇ. ئىچ يۈزىنى يوشۇرۇش توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە مۇسۇلمان ئادەمنىڭ بىراۋغا ئۆزىنىڭ ئىچ يۈزىنى يوشۇرۇپ، باشقىچە كۆرسىتىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىنسانلارنى ئالدىغانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس»دېگەن. قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن كىشىلەرنى ئالداشقا، زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۇرۇش ئەسناسىدا، دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغاندا شۇنداق قىلسا بولىدۇ. شىئەلەرنىڭ پۈتۈن تائىپىلىرى ۋە پىرقىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىچ يۈزىنى يوشۇرش پەرزدۇر. ئۇلار بۇنى «تەقىيە»دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق قىلىش شىئە مەزھىبىنىڭ ئاساسلىق روھى بولۇپ، شىئە بولمىغانلارغا «تەقىيە» يولى بىلەن بارلىق ھىيلە – مىكىر ۋە ئالدامچىلىقلارنى يوللۇق سانايدۇ. ئۇلارنىڭ ”تەقىيە“سى بولمىغان ئادەمنىڭ دىنىمۇ يوق»دەيدىغان مەشھۇر سۆزى بار. خەلىپە ياكى ئىماملىق توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ئىسلام دۆلىتىنى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئىچىدىن سايلىنىپ چىققان خەلىپە باشقۇرىدۇ. خەلىپە بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن ئەقىل، ئىلىم، تەقۋالىق، ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. شىئەلەردە خەلىپىلىك مىراس يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. خەلىپىلىك زەنجىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان پەرزەنتلىرىدىن باشلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ خەلىپە بولۇش ھەققى يوق. فىقھى مەسىلىلىرىدە ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، ساھابى ۋە تابىئىين (ساھابىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەۋلاد) ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قىلغانلىرىدىن ئۈلگە ئېلىنىدۇ. ھېچكىمنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى يېڭىدىن بەلگىلەش ھەققى يوق. شىئەلەر فىقھى مەسىلىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى مەنبە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا شىئە ئىماملىرىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىش، بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئەزان، ناماز، روزا، زاكات، ھەج، مىراس مەسىلىلىرىدىكى ئوخشاشماسلىق بۇنىڭ مىسالى


    收藏到:Del.icio.us