-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63972557.html
موسكوۋادىكى موماي
رامىزان جاغىر (ھەقىقىي ۋەقەلىك)
موسكوۋا ئاسمىنىدا تېخى ئۇپۇق قىزارمىغان ئىدى ، ئۇ ناھايىتى تەسلىكتە بىشىنى كۆتۈرۈپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى دە – تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۇخانا تەرەپكە ماڭدى ، نېمىشقىكى نامەلۇم بىر ئۇچۇم خىياللار ئۇنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋىلىپ ، كۆڭلىگە بىر شۇملۇقنىڭ سايىسىنى تاشلاۋاتاتتى ... ساۋاقداشلىرىنى نامازغا ئويغۇتۇپ بىللە بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى ئۆز ياتاقلىرىغا تاراپ كىتىشتى . بۈگۈن ناشتىلىق تەييارلاش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەن ئىدى ...ئاشخانىدا پىچاقنى چىڭ تۇتقىنچە يەڭيۇ ئاقلاۋاتسىمۇ ، بىراق يەنىلا كۆڭۈل ئاسمىنىدىكى تۇمان ھېچ تارقايدىغاندەك ئەمەس ... يىراقتىن سانىتباسىل چېركاۋىنىڭ داڭ ئۇرغان ئاۋازى بىلەن تەڭ كۆز ئالدىغا سۇلتان ئەھمەد مەسجىدى كەلدى ...ھەر سەھەردىكى ئىستانبول ئاسمىنىدا ياڭرىغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ...كىشىلەرنىڭ توپ – توپ بولۇپ مەسجىدكە مېڭىشلىرى...ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھسېندى ...ئەي سۆيۈملۈك ۋەتىنىم ...سەن نېمىدىگەن گۈزەل ...!سەندە ئۆتكەن ئاشۇ مېنۇتلار نېمىدىگەن قىممەتلىك ...!تۇرۇپلا ئېسىگە تۈنۈگۈنكى موماي ئالىينا كەلدى ...بىچارە موماينىڭ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقان چاغدىكى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال روھىي سىماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ...ئۇ ھازىر قانداقراق تۇرۋاتقاندۇ ؟ شۇنداق دېگىنىچە پۈتۈن خىياللىرىنى يېغىشتۈرۋىتىپ ناشتىلىقنى تەييارلاپ ، ساۋاقداشلىرىنى دوستىخانغا چاقىردى . ھەممە ناشتىلىق قىلىپ بىر- بىرلەپ مەكتەپلىرىگە كىتىشكەندە ئۇ دوستى ئەھمەدكە بۇرۇلۇپ : بۈگۈن مەن بىلەن تۈنۈگۈن تونۇشقان ھېلىقى روسىيەلىك موماينى يوقلىغىلى بىللە بارالاسەنمۇ ؟ شەھەر كوچىلىرى شۇنداق ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە قىستى – قىستاڭ...ئاپتوبۇس ، پىكاپلارنىڭ تاقەتسىزلەرچە بەرگەن سېگىناللىرى ، تىرامۋايلارنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى ...ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە قارىغىلى چولىسى يوق ...ھەممىسى ئۆز ئىشى ئۆز دۇنياسى بىلەن ... شۇنچە قىستاڭچىلىقنىڭ ئىچىدە بىر قولىدا ھاسا ، يەنە بىر قولىدا سەي-كۆكتات ۋە مېۋە كۆتۈرۈپ ، ئېغىر قەدەملىرىنى ناھايىتى تەسلىكتە يۆتكەپ كىلىۋاتقان بىر موماي ...ئۇ ياردەمگە ئادەم چاقىرماقچى بولغاندەك ئوڭ – سولىغا ناھايىتى قىينىلىپ قاراپ كىلىۋاتاتتى...تولىمۇ كىلىشكەن ، يۈزلىرىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت موماي تەرەپكە قاراپ تېز-تىز قەدەم ئىلىۋاتاتتى ...ئۇ يىقىنلاپ كەلگەندە موماي : بالام ماڭا بىر ياردەم قىلساڭ بوپتىكەن ... يىگىت شۇنداق ئىللىق بىر تەبەسسۇم بىلەن موماينىڭ قولىدىكى لازىمەتلىكلىرىنى چاققانلىق بىلەن ئىلىپ يەنە بىر قولىدا موماينى قولتۇقلاپ يۆلىگەچ ماڭدى ...ئاستا ۋە تەكشى قەدەملەر بىلەن مېڭىپ يول بويىدىكى بىر كىچىك گۈللۈككە كەلگەندە ، موماي بىردەم تۇرۋىلىشنى ئىشارە قلىپ ، گۈللۈكتىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا ھارغىن جىسمىنى لەسسىدە تاشلىدى ...يىگىت كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا موماينىڭ قورۇق بىسىپ كەتكەن ، ئورۇق ، تاتىراڭغۇ چىرايىغا سەپ سالدى . ئۇنىڭ ياشانغىراق بىر جۈپ كۆزىدىن ئېغىر بىر ئازاپ ۋە غەم – قايغۇ جىلۋىلىنەتتى ... بىر نەچچە مېنۇتتىن كىيىن .. - بالام ئىسنىڭ نېمە ؟ پەرىزىمچە سەن بۇ يەرلىك ئەمەس... - ئىسمىم مۇستاپا ، تۈركىيەدىن كەلدىم . - تۈركىيەدىن ! نېمە سەۋەپ بىلەن كىلىشىڭ ئوغلۇم ؟ - مۇشۇ يەردىكى بىر ئۇنىۋېرىستېتتا ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرغىلى ... - بۇ دۆلەتنى تاللاپ قىلىشىڭدا ئالاھىدە بىر سەۋەبىڭ باردۇ ؟ - ھەي تەقدىر ، تەقدىر ھامما ...شۇنداق دەپلا مومايدىن سورىدى ،،، - سىزچۇ ھامما ؟... - بۇ سۇئال موماينىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى بارلىق ئەلەملىرىنى قوزغىۋەتكەن ئىدى . موماي خۇرسېنىپ يىغلاشقا تەمشەلگەن كۆزلىرىنى يېنىك سۈرتىۋىتىپ سۆز باشلىدى . - ئوغلۇم ، ئىسمىم ئالىينا . سەن كۆرۈپ تۇرۋاتقاندەك مەن ھاياتنىڭ بارلىق قېيىنچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈپ ياشاۋاتقان بىر موماي . - موماي بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن بىشىدىن كەچۈرگەن ئاچچىق ھېكايىلەرنى قىسقىغىنە قىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى ... ئۇ چوڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىدىن كۆپ خورلۇق تارتقان ئىدى . ئۇلار دائىم مومايغا تەھدىت سىلىپ ، ئۆيلەرنى تازىلىماي ، كىر- قاتلارنى ۋە قاچا – قۇچىلارنى يۇماي ، ھەر كۈنى بازاردىن ئۆيگە كىرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ كەلمەيدىغان بولسا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇراتتى ...موماينىڭ يۈرىكى سىقىلىپ ھاسىراپ كەتتى . مومايغا نېمە دەپ تەسەللىي بىرىشنى بىلمىگەن مۇستاپا ، ھامما بولدى كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ دىگەندىن باشقا گەپ قىلالمىدى ، ئارىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى ، مۇستاپا بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ، كۆزىنى يەردىن ئۈزمەي سۈكۈتتە ئولتۇراتتى ، بىردىنلا ئۇنىڭ كۆزلىرى تاشلىۋىتىلگەن بىر پارچە نانغا چۈشتى ۋە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ناننى ئالدى دە – يېنىك سۆيۈپ سومكىسىغا سىلىپ قويدى ...ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۈزىتىپ ئولتۇرغان موماي ، كۆرگەنلىرىگە نېمە دەپ تەبىر بىرىشىنى بىلمەي ، پۈتۈن قايغۇ- ھەسىرەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك يىگىتكە بۇرۇلۇپ : ئوغلۇم سېنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى بالا ئىكەنلىكىڭگە قەلبىم ئىسپات بىرىپ تۇرۇپتۇ ...لىكىن سېنىڭ بۇ قىلىقلىرىڭ يەنى خەق تاشلىۋەتكەن بىر پارچە ناننى شۇنچە ئەتىۋارلاپ سۆيۈپ كەتكىنىڭ ، ئۆزۈڭ تونۇمايدىغان مەندەك بىر قىرىغا ياردەم بىرىشلىرىڭ مېنى ئەجەپلەندۈرۈپ قويدى . بۇ دۆلەتتە بالىلىرىمىز بىر پارچە ناننى ئەمەس ، ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىلىرىنى كوچىغا تاشلىۋىتىپ بارىدۇ ، دىگىنە سەن نېمىشقا ماڭا ياردەم بىرىسەن ؟ - مۇستاپا كۈلۈمسېرەپ دىدى : ھامما بىزگە بىرىلگەن نېئمەتلەرنى قەدىرلەش ۋە ئۇلۇغلاش بىزنىڭ ئۆرپ ئادىتىمىز ... باشقىلارغا ياردەم قىلىش بولسا بۇ ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيتى ...بۇلار ھەممىسى بىزنىڭ ھەق دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىشلار . - ھەق دىن دىگىنىڭ قايسى دىن ؟ - بىزنى ئۆز – ئارا ياخشى كۆرۈشكە ، سادىق ، سەمىمىي ، رەھىمدىل بولۇشقا ، بىر – بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۋىتىشكە بۇيرىيدىغان ئىسلام دىنى ... مۇستاپا ئىسلام توغرۇلۇپ ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن چىرايلىق چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى . موماي مۇشۇ ۋاققىچە ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنى ئاڭلاۋاتاتتى . ئۇ قېزىقىش ۋە ئېنتىلىش ئىچىدە سۇئالىنى داۋاملاشتۇردى . - دىنىڭلاردا چوڭلار ۋە ئاتا-ئانىلارھەققىدە نېمىلەر دىيىلگەن ؟... - يولباشچىمىز ، مۇئەللىمىمىز دىگەنلەر... - مۇئەللىمىمىز ... ئۇ كىم ؟ - ھامما ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ، تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ئاخىر زاماندا كىلىدىغانلىقى ئالدىن خەۋەر بىرىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ، ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى ...ئۇ مۇنداق دەيدۇ :<ئەگەر يەر يۈزىدە رۇكۇ قىلغۇچى (ناماز ئوقوغۇچى) قىرى – چۈرىلەر ، سۈت ئاغزىدىكى سەبىيلەر (گۇناھسىز مەسۈم بالىلا) ، خىرامان ئوتلىشىپ يۈرگەن پادىلار بولمىسا ئىدى ، سىلەرگە بالا – قازانىڭ يۈزلىنىشى مۇقەررەر ئىدى >. شۇنىڭدەك دىنىمىز چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيدۇ . ئالىينا موماي پۈتۈن دىققىتى بىلەن مۇستاپانىڭ گىپىنى تېڭشاۋاتاتتى ،،، مۇستاپا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ : پەرۋەردىگارىمىز مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بۇيرىيدۇ ، ھەتتا ئۇلارغا «ئۇف» دىيىشتىنمۇ توسۇپ ، ئەڭ چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ ، ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىنمۇ ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ۋە ئۇلارغا < ئى رەببىم ! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيلىگەندەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن > دەپ ئاتا –ئانىمىزغا دۇئا قىلىشىمىزغا بۇيرۇيدۇ ... ئاتا- ئانىمىز ۋە چوڭلىرىمىز بىزنى مۇشۇ خىل مەدەنىيەتتە چوڭ قىلىدى ...بۇ مەدەنىيەتتە «ئاتا – ئانا رىزاسى خۇدا رىزاسى ، بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ رىزاسى ، جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا» دىيىلدى . جەننەت ؟! جەننەت دىگەن سۆزنى ئاڭقىرالمىغان موماي قايتا سورىدى ... - جەننەت دىگەن نېمە ؟ - جەننەت ئاللاھ مۆئمىن بەندىلىرىگە تەييارلىغان بىر گۈزەل باغ ...ئۇنىڭدا ئۈزۈم ، ئانار ، زەيتۇن قاتارلىق كۆڭۈل تارتقان بۈتۈن مېۋىلەر بار...ئۇ مەڭگۈلۈك بىر ماكان ، مۆئمىن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر تۇرالغۇ ، ئۇنىڭدا يەنە كۆزلەر كۆرمىگەن ، قۇلاقلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان تۈرلۈك-تۈرلۈك نېئمەتلەر بار ، ئىنسان ئۇ يەردە قېلچە غەم-ئەندىشىسىز ياشايدۇ . - مۇستاپانىڭ كۆزلىرى شۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ ياشقا تولدى ، سەللا ئۆزىنى تۇتىۋالمىسا تاراملاپ يېغلاپ تاشلىغۇدەك بولۇپ كىتىۋاتاتتى ...كىچىككىنە تۇرىۋىلىپ ، شۇنداق ھامما ، جەننەت ...ھەر قانداق زۇلمەتتىن كىيىن بىر نۇر ، ھەر كېچىدىن كىيىن بىر سەھەر ، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەسرەت –نادامەت ، غەم- قايغۇدىن كىيىن بىر خۇشاللىق ، باياشاتلىق بار ،دۇنيا ھاياتى مانا شۇنداق ، بۇ ھاياتمۇ ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ ، ئاخىرلاشقاندا خاتىرجەملىك ، راھەتكە تولغان يەنە بىر يىپ – يىڭى مەڭگۈلۈك بىر ھايات باشلىنىدۇ... موماينىڭ يۈرىكى ، خۇددى ئازابلىق ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۋاتقاندەك تەسۋىرلىگۈسىز بىر لەززەتنى ھېس قىلىۋاتاتتى . - بالام مېنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئېتتقاد قىلالىىشىم مۇمكىن بولامدۇ ؟ مۇستاپا قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى ...ھە ھ...شۇ ..شۇنداق ھامما ئەلۋەتتە مۇمكىن بولىدۇ ، سىز پەقەت «أشهد أن لا اله الا الله و أشهد أن محمد عبده ورسوله »}(ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدۇن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ )(شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ) {دىسىڭىزلا بولىدۇ . مۇستاپا كەلىمە شاھادەتنى ئالدىرىماي تەكرارلىدى ، ئالىينا لەۋلىرىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەركەتلەندۈرۋاتاتتى ... - بالام بۇ سۆزلەرنى ماڭا بىر قەغەزگە يىزىپ بەرگىن ... شۇنداق قىلىپ ئۇ قەغەزگە قاراپ تەكرار- تەكرار ئوقۇشقا باشلىدى ... « أشهد أن لا اله الا الله و أشهد أن محمد عبده ورسوله » (كەلىمە شاھادەت) ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بەرگەن بۇ قارارىدىن ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىپ چىرايى خۇشاللىقتىن ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى ...خۇشاللىقتا كۆز ياشلىرى ئېختىيارسىز مەڭزىنى سىيرىپ چۈشىۋاتاتتى... خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئۈنسىز ئولتۇرىۋىتىپ ، دەسسىدە ئورنىدىن تۇردى دە - ...سەي – كۆكتات ، مېۋە –چىۋىلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا تەمشەلگەچ...ساڭا بولغان مېننەتدارلىقىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيمەن ئوغلۇم ...مەن ساڭا قەرزدار ...سەن ئۇزۇندىن بىرى مەن يوقىتىپ قويغان سائادەتلىك ھاياتىمنى قايتۇرۇپ بەردىڭ ...بالام مەن ئۆزۈمنى دۇنياغا قايتا كەلگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ...سەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭنى قىلىپ ماڭا ياردەم بەردىڭ رەھمەت ساڭا ...ئەمدى مەكتىپىڭگە كىچىكىپ قالمىغىن ...مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ بىنانىڭ ئارقىدا ، مېنى چوقۇم يوقلاپ كەلگىن ...مېنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . خەير-خوش ... مانا ئۇ دوستى ئەھمەد بىلەن ئۈن- تۈنسىز تۈنۈگۈنكى يولدا كىتىپ باراتتى...لىكىن نېمىشقىكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر خىل غەشلىك چىرمىۋالغان ،ئوخشاش بىر يولدا بۇ قېتىم تۈنۈگۈنكى ھېسسىياتىنى تاپالمايۋاتاتتى ...مۇستاپا چېچىلغان خىياللىرىنى يىغىپ ، بۇ كۆڭۈل قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئۆزىنى ئايرىۋەتمەكچى بولۇپ ، گۈل دۇككىنىغا كىرىپ ئالىينا موماي ئۈچۈن بىر دەستە گۈل سېتىۋالدى . ئەھمەد بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ۋە يۇقىرغا قارىغاچ بىناغا بىر قۇر كۆز يۈگرىتتى ...موماي بىلەن بولغان ئاشۇ قېسقىغىنە مېنۇتلار ئۇنىڭ كۆڭلىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى . ئۇ ئۈلگىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلىدى : «سېنىڭ بىر كىشىنى ھىدايەتكە باشلىشىڭ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن خەيرىلىكتۇر » مۇستاپا بىر دەستە گۈلنى ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە قويۇپ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشقا باشلىدى ...قىرائەتتىن كىيىن قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى ، ئۇنىڭ يىنىدا دوستى ئەھمەد ۋە ئالىينا موماينىڭ نەۋرىسى ئوۋلىك بار ئىدى ...ئۇ دۇئا قىلىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتقان ئوۋلىك مومىسىنىڭ ۋاپاتىغا سەۋەب بولغان تۈنۈگۈنكى ماشىنا ۋەقەسىنى سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى : باشقىلارنىڭ ماڭا دىيشىچە ، يولدىن كىسىپ ئۆتۈۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز ئەگىپ چىققان بىر ماشىنا مومامنى سوقۇپ يولنىڭ ئۇ قىتىغا ئىتىپ تاشلاپتۇ... ، شۇ جىددىيچىلىك ۋە ساراسىمىدە تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلدى ، مەن پۈتۈن بىر كېچە ئۇنىڭ يىنىدا بولدۇم ، ئۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى ۋە مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ۋە مەنىسىنى بىلمەيدىغان سۆزلەرنى تەكرارلاپ چىقتى ...دىگىنىچە ئېسەدەپ ئوۋلىكنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى ... مۇستاپا ئورنىدىن تۇردى ۋە قەددىنى رۇسلاپ ، ناھايىتى بوش ئاۋاز بىلەن ئەتراپتىكىلەر ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئالىينا موماينىڭ تۈنۈگۈن خوشلىشىش ئالدىدا دىگەن سۆزلىرىنى تەكرارلىدى«بالام مەن ئۆزۈمنى دۇنياغا يىڭى كەلگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن » ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن ئالىينا ھامما ، ئاللاھ سېنى ئۆز جەننىتىگە كىرگۈزگەي ؟! توغرا دەيسەن سەن يىڭىدىن تۇغۇلغان ئىدىڭ ...ساڭا تەۋبە ھەقلىق بولدى ! مۇستاپا ئۆزىنى قەتئىي تۇتالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ... ئوۋلىك ئۇنىڭغا بىر پارچە قەغەزنى سۇنغاچ ...بۇ قەغەز مومامنىڭ قولىدىن ئالدىم ، ئۇ قەغەزنى چىڭ سېقىمدىۋالغان ئىكەن . مۇستاپا قەغەزنى ئىلىپ ئاچتى ...« أشهد أن لا اله الا الله و أشهد أن محمد عبده ورسوله » . تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :نۇرىددىن سىۋاش . ئۆزلەشتۈرگۈچى :داڭلىقتىن يۈكسەل . مەنبە :ھىرا پەسىلىك ئىلمىي مەدەنىيەت ژورنىلى . 2008 _ روسىيە . -----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:داڭلىق مۇنازىرە مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:http://bbs.danglik.com/read.php?tid=4297-----
随机文章:
چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن سۆھبەت 2010-05-02مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار ئارىسىدىكى كۆرەش 2010-04-02ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك 100جۈملە سۆز 2010-01-02
收藏到:Del.icio.us