• مەسجىدى ئەقسانى تۈنجى قېتىم كىم بىنا قىلغان؟

    2010-05-22


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64041684.html

     

    مەسجىدى ئەقسانى تۈنجى قېتىم كىم بىنا قىلغان؟

     

     

    تەپسىر ، ھەدىس ۋە تارىخ ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا مەسجىدى ئەقسانى تۈنجى قېتىم كىمنىڭ بىنا قىلغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلىرىنى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قاراشقا مۇجەسسەملەشكە بولىدۇ:

    بىرىنچى خىل قاراش: ئەللامە ئىبن جەۋزى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەككە - مۇكەررەمەدىكى بەيتۇللاھنى، بەيتۇلمۇقەددەستىكى مەسجىدى ئاقسانى تۇنجى قېتىم ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىنا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ھاپىز ئىبن ھەجەر بۇنى تەرجىھ قىلغان ۋە ئىبن ھىشامنىڭ "تىيجان" نامىلىق كىتابىدا زىكرى قىلغان بۇ سۆزىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن: "ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام كەبە شېرىپنى بىنا قىلىپ بولغاندىن كىيىن اﷲ تائالا ئۇنى بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ مەسجىد بىنا قىلىشقا بۇيرىغان، شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئادەم ئۇ يەردە مەسجىدى ئەقسانى بىنا قىلىپ، ئۇ مەسچىتتە بىر مەزگىل ئىبادەت قىلغان". ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبە شېرىپنى بىنا قىلغانلىقى مەشھۇر بولۇپ، بۇ ھەقتە بىر قانچە رىۋايەتلەر بار.

    1- ئىبن ئەبى ھاتەم ئابدۇللاھ بىن ئەمر بىن ئاسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: تۇپان ۋەقەسى يۈز بەرگەندە بەيتۇللاھ كۆتۈرۈلۈپ كېتىلگەن، اﷲ تائالا ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ ئورنىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇ بەيتۇللاھنى ھازىرقى ئورنىغا قايتا بىنا قىلغان.

    2- ئىمام بەيھەقىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى "دالائىل" دېگەن كىتابىدا ئابدۇللاھ بىن ئەمرىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: "اﷲ تائالا ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا جىبرىئل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنى كەبە شېرىپنى بىنا قىلىشقا بۇيرىغان، ھەزرىتى ئادەم كەبە شېرىپنى بىنا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىغان ۋە ئۇنىڭغا: سەن تۈنجى ئادەمسەن. بۇ، يەر يۈزىدە خەلقنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن تۈنجى بىنا قىلىنغان ئۆيدۇر، دېيىلگەن".

    3- ئابدۇراززاق ئىبن جۇرەيجدىن، ئىبن جۇرەيج ئاتادىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بەيتۇللاھنى تۈنجى بىنا قىلغان كىشى شەكسىز، ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدۇر.

    ئىمام ھاپىز بىن ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتقاندەك، بۇ ئاساسى كۈچلۈك سوزدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن مەسجىدى ئەقسانى تۇنچى قېتىم بىنا قىلغان كىشى شەكسىز ھەزرىتى ئادەم ياكى ئۇنىڭ بالىلىرىدۇر. جۈنكى ئىككى مەسجىدنىڭ ئۇتتۇرىسىدا ئۆتكەن مۇددەت پەقەت قىرىق يىلدۇر. (پەتھۇلبارى).

    ئىككىنچى خىل قاراش: مەسجىدى ئەقسانى بىنا قىلغان زات ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ مەسجىدى ھەرامنى بىنا قىلغانلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايەتلىرى بىلەن مەشھۇردۇر:

    اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

    «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ:«پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن، دېدى». (بەقەرە سۈرىسى 127- ئايەت).

    اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

    «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللانىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق..» (ھەج سۈرىسى 26- ئايەت).

    ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبە شېرىپنى بىنا قىلغانلىقى قۇرئان كەرىم بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى ۋە ئىككى مەسجىدنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسانىمۇ ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىنا قىلغانلىقى ئىھتىمالغا يېقىندۇر. ئىسلام پىشۋاسى ئىبن تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ پىكىرنى قوللاپ مۇنداق دېگەن: ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن باشلاپ پەيغەمبەرلەر مەسجىدى ئەقسادا ناماز ئۇقۇشقا باشلىغان. يەنە بىر ئورۇندا ئۇ مۇنداق دېگەن: مەسجىدى ئەقسا ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن باشلاپ ئاشكارە بولغان. لېكىن بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئىتىراز يۈزلىنىدۇ. بىرىنچى: ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبە شېرىپنى بىنا قىلىشى تۈنجى قېتىملىق تەسىس بولماستىن بەلكى يېڭىلاش ئىدى. ئىككىنچى: ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ئەقسانى بىنا قىلغانلىقى ھەققىدە ئەھل كىتابلارنىڭ تۆۋەندىكى رىۋايىتىدىن باشقا ھېچقانداق رىۋايەت يوق: "ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شامغا كەلگەندە اﷲ تائالا ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىننى قەۋمىڭگە ئاتا قىلدىم دەپ ۋەھيى قىلغان، ئۇ بۇ نېمەتكە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن بىر قۇشخانا بىنا قىلغان ۋە بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ شەرقى تەرىپىگە گۈمبەز ياسىغان". (بىدايە ۋە نىھايە1/ 142). لېكىن ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ۋاقىتتا بىنا قىلغىنى مەسجىد ئەمەس بەلكى قۇشخانا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشىدىن ۋە كەبە شېرىپنىڭ بىنا قىلىنىشىدىن بىر مەزگىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. مۇسلىم ۋە بۇخارىلاردىكى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كەلگىنىدەك، كەبە شېرىپ بىنا قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مەسجىدى ئەقسا بىنا قىلىنغان.

    ئۈچىنچى خىل قاراش: مەسجىدى ئەقسانى بىنا قىلغان زات ھەزرىتى ياقۇب ئەلەيھىسسالامدۇر. ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ سۆزنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبە شېرىپنى بىنا قىلىپ، قىرىق يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەزرىتى ياقۇب ئەلەيھىسسالام مەسجىدى ئەقسانى تەسىس قىلغان" (زادۇلمۇئاد). ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بۇ سۆزى ئەھلى كىتابلار ئىچىدىمۇ مەشھۇردۇر. ئىبن كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: "ھەزرىتى ياقۇب ئەلەيھىسسالام يېرۇ سالىمدا يۈز قويغا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە چېدىر، ئۆي ۋە قۇشخانا بىنا قىلىپ، ئۇنى ئىسرائىل ئىلاھىنىڭ ئۆيى دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇ ئۆي كېيىن ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام يېڭىلاپ ياسىغان بەيتۇلمۇقەددەستۇر".

    يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل قاراش ئىچىدىن كۈچلۈك قاراش، مەسجىدى ئەقسانى ھەزرىتى ئادەم ياكى ئۇنىڭ باللىرىنىڭ بىرى بىنا قىلغان دېگەن قاراشتۇر. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: "يەر يۈزىدە تۈنجى بىنا قىلىنغان مەسجىد قايسى؟" دېگەن ھەدىسىدە مەسجىدى ئەقسانى تۈنجى بىنا قىلغۇچىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە دەلىل يوق، بۇ ھەدىس اﷲ تائالانىڭ: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ:«پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن، دېدى». (بەقەرە سۈرىسى 127- ئايەت). دېگەن سۆزىگە تەپسىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى بىر قېتىم ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلەتلىرىنىڭ بايانىدا يەنە بىر قېتىم ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلەتلىرىنىڭ بايانىدا زىكرى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ ئىككى مەسجىدنى تۈنجى قېتىم تەسىس قىلغانلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئەمەس بەلكى بۇ مەسجىدلەرنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئىمام قۇرتۇبى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىس ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭ بۇ مەسجىدلەرنى تۈنجى بىنا قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ، دېگەن.


    收藏到:Del.icio.us