-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65243583.html
سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفورىنىڭ قىسقىچە ھاياتى
بۈگۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئەڭ جانلىق شەكىلدە يېزىپ چىققان يازغۇچىلارنىڭ بىرى، ھىندىستانلىق ئالىم ۋە دەۋەتچى سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفورىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا دەل يەتتە ئاي بولغان كۈن. مەرھۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە كىملەرنىڭ نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقى ماڭا ئايدىڭ ئەمەس. ئەمما، ئىسلام ئالەمىنىڭ ئىلىم ئاسمىنىدا يۇلتۇزلىرى پارلىغان، ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان بۇ ئالىمنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى يېزىش ئارتۇقچە ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.
1942-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇبارەكفور شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ھۇسەين ئاباد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن مۇبارەكفورىي تۇنجى قەدەمدە ئاتىسىدىن «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇشنى ئۆگەنگەن. 1960- يىلى مۇبارەكفور شەھىرىدىكى «ئىھيائۇل ئۇلۇم» ۋە «فەيزى ئام» مەدرىسىلىرىنى پۈتتۈرگەن مۇبارەكفورى 1966-يىلى شۇ شەھەردىكى «دارۇل ھەدىس» مەدرىسىسىدە، 1974-1978-يىللىرى ئارىسىدا بىنارىس شەھىرىدىكى سەلەفىييە ئۇنۋېرسىتىتىدا ھەدىس ۋە فىقھىي ساھەسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتىت تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان «مۇھەددىس» ناملىق ئايلىق ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
1980-يىلى ئەرەب تىلىدا يازغان «رەھىيقۇل مەختۇم» ناملىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت ئەسىرى بىلەن دۇنيا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان «دۇنيا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمالى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ يەنە «سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى»، «ئىبنى كەسىير تەفسىرىنىڭ خۇلاسىسى»، «بۇلۇغۇل مەرامنىڭ شەرھىسى» ۋە «روۋزەتۇل ئەنۋار في سىيرەتىننەبىييىل مۇختار» ناملىق ئەسەرلىرىدىن باشقا ئوردۇ تىلىدا يازغان ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.
«رەھىيقۇل مەختۇم» ناملىق ئەسىرى بىلەن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان، ئىسمىنى تارىخقا يازدۇرغان ئىستىداتلىق ئالىم مۇبارەكفورىي 1988-يىلىدىن 1998-يىلىغچە سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتىغا تەۋە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى» دە، 1998-يىللاردىن كېيىن، سەئۇدىي ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتىكى «دارۇسسالام نەشرىياتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى يازغان ئەسەرلىرىدىن «مانا مەن» دەپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇ تالانتلىق ئالىم پۈتۈن ھىندىستان مىقياسىدا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي يىغىلىشلارغا قاتناشقان ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە لېكسىيەلەر سۆزلىگەن.
كىچىك پىئىللىق، كەمتەرلىك ۋە ئاددى – ساددا ھاياتنى تاللىغان ئالىم سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفورىي يېقىنقى زامان سەلەپىييە دەۋەتچىلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، لېكسىيەلىرىدە سەلەپىييە چاقىرىقىنىڭ كۈچلۈك پاكىت ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ شەرئىي سىزىقلاردىن ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن باتىل ئەقىدىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازانغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇراتتى. ئۇ بىر قېتىملىق نۇتقىدا مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى زامان سەلەپىييە چاقىرىقى ئارقىلىق جانابى ئاللاھ ئەقىدە، تەلىم – تەربىيە ۋە شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئىلگىرىلەشنى ئاتا قىلدى... روشەن پاكىتلارنى چىقىش قىلغان بۇ ئەقىدە كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە تەسەۋۋۇرلىرىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يېڭىلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندۇردى، خۇراپاتلىق ۋە ئېغىش ھادىسىلىرىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلىدى، تەۋھىدنى ياقلىغۇچىلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى... ئىلمىي ساھەلەر راۋاجلاندى...» دەرۋەقە بۇ سۆزلەرنى سۆزلىگەن مەرھۇم ئالىم تىلغا ئېلىنغان مۇۋەپپىقىيەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىدا قولىدىن كەلگەن رولنى ئويناشقا تىرىشقان، كېچە – كۈندۈز پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
يەتتە بىر تۇققىنىنىڭ ئىككىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن مۇبارەكفورىينىڭ تۆت ئوغۇل، تۆت قىز پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇ 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) ھىندىستاندا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى ۋە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى (شەنبە) مەرھۇمنىڭ يېزىسىدىكى «ھۇسەين ئاباد» قەبرىستانلىقىغا دەپن قىلىندى.
جانابى ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنى جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر پايدىلىنىشىغا مۇۋەپپەق قىلغاي، ئامىن.
ئا. قارلۇقى随机文章:
ئۆمەر بىننى خەتتاب-ئەل فارۇق 2010-04-27ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى 2010-04-02روزى سايىت ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار 2009-12-23جامالىددىن ئافغانى 2009-11-22
收藏到:Del.icio.us