-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/63429785.html
قەبىرنىڭ نېمىتى ۋە ئازابى
135. سوئال: قەبىرنىڭ ئازابى كىملەرگە بولىدۇ؟
جاۋاب: قەبىرنىڭ ئازابى ـ كاپىرلارغا، مۇناپىقلارغا ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ گۇناھكار كىشىلەرنىڭ بەزىسىگە بولىدۇ. مەيلى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قەبىرلەرگە كۆمۈلمەستىن كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى يىرتقۇچلارغا يەم بولۇپ تۈگەشكەن بولسۇن، مەيلى قانداقلا ھالەتتە بولمىسۇن، ئاللاھ ھەر ھالەتتە ئۇلارنىڭ جانلىرى بىلەن جەسەتلىرىنى ئازابلاشقا قادىردۇر.
136. سوئال: قەبىرنىڭ نېمىتى كىملەرگە بولىدۇ؟
جاۋاب: قەبىرنىڭ نېمىتى ۋە راھىتى ھەقىقىي مۆمىنلەرگە بولىدۇ.
137. سوئال: قەبرىدە بولىدىغان ئىشلارغا ئىنكار قىلغۇچىلارغا قانداق رەددىيە بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: بەزى ئازغۇن كىشىلەرنى قەبىردە مېيتنىڭ تىرىلىشىگە، قەبىرنىڭ ئازابى ۋە نېمىتىگە ـ بۇنداق بولۇش رىئاللىققا ئويغۇن ئەمەس، قەبىردىكى مېيتنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇ ئەسلىدىكى كۆمۈلگەن ھالىتىدە ياتقان، قەبىرمۇ كېڭىيىش ياكى تارلىشىش جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەن دېگەن ئاخماقلارچە سۆزلىرى بىلەن ـ ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ ئىنكارى نەقىل، ئەقىل ۋە ھېس دەلىللىرى بىلەن رەت قىلىنىدۇ.
(1)نەقلىي دەلىللەر:
قەبىردىكى تىرىلىش، قەبىرنىڭ ئازابى ۋە نېمىتىنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلاردىن بەزى دەلىللەر يۇقىرىدا بايان قىلىنىپ ئۆتتى. سەھىھۇلبۇخارىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسى رىۋايەت قىلىنغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ بەزى باغلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىۋېتىپ ئىككى ئادەمنىڭ قەبىرلىرىدە ئازابلىنىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ :«بۇ ئىككى قەبىردىكى ئادەملەر ئازابلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى سۈيدۈكتىن پاكلانمايدىغان ئادەم، يەنە بىرى، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇپ يۈرىدىغان سۇخەنچى ئادەم ئىدى»([1]) دېگەن.
(2)ھېسسىي دەلىللەر:
بەرزەخ ئالەمى بۇدۇنيا ئالەمىدىن ئايرىم بىر ئالەم. ئىنسان مۇشۇ ئالەمدە ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا بولىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيدىغان ۋە ھېس قىلالمايدىغان تۇرسا، ئۇ باشقا بىر ئالەمدە بولىدىغان ئىشلارنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟!
ئانىنىڭ قۇرسىقىدىكى بوۋاق تۇغۇلغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى، خوشاللىقىنى، دەرتلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىلەلمەيمىز. چۈنكى ئۇ باشقا بىر ئالەمدە، بىز باشقا بىر ئالەمدە ئەمەسمۇ؟!
گاھىدا ئادەم چۈشىدە، ئۆزىنىڭ كەڭرى بىر جايلاردا نېمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ياكى تار بىر جايدا ئازابلىنىۋاتقانلىقى ۋە قورقۇنچىدىن يۈرىكى ئاغزىغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. كۆرگەن چۈشىدىن قورققىنىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ قارىسا ئۆزىنى بۇرۇنقىدەكلا ياتقان يېرىدە بەھۇزۇر يېتىۋاتقان كۆرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ياتقان كىشىسىمۇ ئۇنىڭغا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
(3)ئەقلىي دەلىللەر:
ئۇخلىغان كىشى چۈشىدە رىئاللىققا مۇۋاپىق ھەق چۈشلەرنىمۇ كۆرىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەر چۈشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز سۈرىتى بىلەن كۆرىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئويغانغاندىن كېيىن ئۆزىنى چۈشىدە كۆرگەنلىرىدىن بەكمۇ يىراق بىر جايدا ـ ئۆزىنىڭ ياتاق جايىدا ـ كۆرىدۇ. مۇنداق ئىشلار بۇ دۇنيادا رىئاللىقتا بولىۋاتقان تۇرسا، ئاخىرەت ئالەمىدە قانداقمۇ بولمىسۇن!؟
قەبىرنىڭ ئازابى، نېمىتى، ئۇنىڭ كېڭىيىشى ۋە تارلىشىشىنى مېيتنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. باشقىلار ئۇنى بىلەلمەيدۇ. خۇددى ئۇخلىغان كىشىنىڭ چۈشىدە تار بىر جايدا ئازابلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا قورقۇنچىدىن نالە ـ پەرياد قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ قوينىدا ياتقان جورىسىمۇ بىلمىگىنىدەك، ئۆلۈكنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى قەتئىي بىلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گاھىدا ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭغا ۋەھيى كېلەتتى ئەمما ساھابىلار ئۇنى ھېس قىلمايتتى.
138. سوئال: ئۆلگەنلەر قەبىرلىرىدە سوراق ـ سوئال قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جانلىرى نەدە قارار تاپىدۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ جانلىرى جەننەتلەرنىڭ ئەڭ يوقىرى تەبىقىلىرىدە نېمەتلىنىدۇ. شېھىدلاردىن بەزىلىرىنىڭ جانلىرى جەننەتلەردە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرىدۇ، بەزىلىرىنىڭ جانلىرى ـ ئۇلاردا باشقىلارنىڭ قەرزى ياكى ئامانىتى بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك ـ جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىلىپ تۇرىدۇ. تەقۋادار، ياخشى زاتلارنىڭ جانلىرى جەننەتلەردە خۇشپۇراقلار ئارىسىدا ھۇزۇرلىنىدۇ. ئادەتتىكى مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ جانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىگە لايىق جەننەتتىن ئورۇن ئالىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ گۇناھكارلارنىڭ جانلىرى زېمىندىن كۆتىرىلمىگەن ھالىتى بىلەن قالىدۇ. كۇففارلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ جانلىرى دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قېتىدىكى ھىدى ئىنتايىن سېسىق بولغان قان ۋە يىرىڭ دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ.
قىيامەت كۈنىدە بولىدىغان ئىشلار
139. سوئال: قىيامەت قانداق باشلىنىدۇ؟
جاۋاب: قىيامەت، كائىناتتا ئومۇميۈزلۈك چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇ كۈندە ئاسماننىڭ يېرىلىشى، يۇلتۇزلارنىڭ ۋە باشقا پلانېتلارنىڭ بىر ـ بىرىگە ئورۇلۇش نەتىجىسىدە يوقىلىشى، زېمىننىڭ تەۋرەپ پارچە ـ پارچە بولۇپ كېتىشى، تاغلارنىڭ كۇكۇن - تالقان بولۇپ، بىر دۆۋە قۇمغا ئايلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ.
140. سوئال: بەئس دېگەن نېمە؟
جاۋاب: بەئس ـ قىيامەت قايىم بولغان كۈنى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق سۈرگە پۈۋلىگىنىدىن كېيىن (بىرىنچى قېتىملىق پۈۋلىشى بىلەن پۈتۈن خالايىق ئۆلىدۇ) پۈتۈن جانلىقلارنىڭ تىرىلىشى دېمەكتۇر.
141. سوئال: قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىش قانداق ھەيئەتتە بولىدۇ؟
جاۋاب: قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىش جان ۋە بەدەن بىلەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھقا ھەرگىزمۇ قىيىن ئەمەس. ئىنساننى دەسلەپتە يوق يەردىن بار قىلغان ئاللاھ مەيلى ئۇنىڭ جەسىدى چىرىپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى يىرتقۇچلارغا يەم بولۇپ تۈگىشىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى تىتىلىپ پارچە ـ پارچە بولۇپ كەتكەن بولسۇن، ھەر ھالەتتە ئۇنى بىرلەشتۈرۈپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
142. سوئال: ئىنسان قىيامەت كۈنىدە قايسى تەرىقە بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ؟
جاۋاب: قىيامەت قايىم بولغان كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، خۇددى زىرائەتلەر يەرگە تىكىلگەن ئۇرۇقتىن ئۈنۈپ چىققاندەك، ئىنساننىڭ تەركىبىلىنىشىدىكى ئۈچ ئاساسلىق ماددىنىڭ بىرىنچىسى بولغان ئۇرۇقتىن ئىنسان ئۈنۈپ چىقىدۇ.
143. سوئال: ھەشىر دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ھەشىر ـ قىيامەت كۈنى ئىنسانلار تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەبىرلىرىدىن قوزغۇلۇپ چىقىپ ھېساب مەيدانىغا توپلىنىشى دېمەكتۇر. ئاللاھ ھەشىر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت بىلەن يىغىمىز. گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز﴾([2]).
144. سوئال: مىزان دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مىزان ـ قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىنى تارتىدىغان تارازى دېمەكتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز. ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. ئەگەر قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ ئۇنى ھازىر قىلىمىز. بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾([3]).
145. سوئال: ھېساب دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ھېساب ـ بەندىلەرنى، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمەللىرى يېزىلغان كىتابنى ئۇلارنىڭ قولىغا بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوقۇتۇش ۋە ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش دېمەكتۇر. قىيامەت كۈنىدە ھەممە ئادەم ئوقۇشنى بىلىدىغان ھالغا كەلتۈرىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ. (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خوشال قايتىدۇ. نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم ”ۋاي“ دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ) دوزاخقا كىرىدۇ﴾([4]).
146. سوئال: قىلمىشلارغا ئىقرار قىلدۇرۇش قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشتا مەۋقىئەسى ئېنىق بىردىن. چۈنكى ياخشى ئىش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشنى، يامان ئىش قىلغانلارنى جازالاشنى ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:﴿ قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ( يەنى ھەر بىر ئورگىنى ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ)﴾([5])
بۇ ئايەت ئاللاھ تائالا تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدىكى سوراق-سوئال قىلىش ئۇسۇلىدىن خەۋەر بەرگەن. دۇنيادىكى سوتچىلار جىنايەتچىنى سوتلىغاندا، جىنايەتچىنى ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېغىز ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇش، گۇۋاھچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە بار ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش ئارقىلىقمۇ يەنىلا كۆپ ھاللاردا ئادالەتنى جارىي قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا ناھەق، يالغان، ساختا، خاتا دېلولاردىن خالىي بولالمايدۇ.
ھالبۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ سوراق-سوئال قىلىشى (سوتلىشى) بۇلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا جىنايەتچىنىڭ پۈتۈن ئورگانلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۆز قىلمىشلىرىنى بايان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:﴿ بىز ئىنساننى شەك-شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق﴾([6]) دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقاندا، ئىنسان ئورگانلىرىنىمۇ ئەڭ چىرايلىق شەكىللەردە يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مەخسۇس ئىقتىدار ۋە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان. مەسىلەن: كۆزنىڭ ۋەزىپىسى كۆرۈش، قۇلاقنىڭ ۋەزىپىسى ئاڭلاش، بۇرۇننىڭ ۋەزىپىسى پۇراش، تىلنىڭ ۋەزىپىسى سۆزلەش، تەم ئېلىش ۋە تېتىش بولۇپ، سەزگۈ ئىقتىدارى تېرىگە بېرىلگەن. ئاللاھ تائالا خالىغان ۋاقتىدا، بۇ ئورگانلارنى ئىقتىداردىن مەھرۇم قىلالايدۇ. مەسىلەن: ئەمالارنىڭ كۆزى، گاسلارنىڭ قۇلىقى بۇنىڭ مىسالى.
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى قولنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەشكە؛ پۇتنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا ماڭغان يوللىرىنى سۆزلەشكە؛ كۆزنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەشكە؛ قۇلاقنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ بەدەندىكى ھەر بىر ئورگاننى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ ياخشىلىقمۇ-يامانلىقمۇ بىر-بىرلەپ نەزەردىن ئۆتكۈزىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بايانى ۋە ئىقرارىغا، تارازىدىكى ئۆلچىمىگە قاراپ مۇتلەق ئادالەتلىك ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
147. سوئال: ئىنساننىڭ ئورگانلىرى قانداق سۆزلەيدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:﴿ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆرسەتتى﴾([7])
بۇ ئايەتلەردە ”يارىتىش“ ۋە كۆرسىتىش“تىن ئىبارەت ئىككى مەسىلە نوقتىلىق بايان قىلىنغان. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىنساننىڭ ماددىي ئورگانلىرىنى ئاللاھ تائالا ياراتقان، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ ئاللاھ تائالا بەرگەن ۋە ئىشلەش يولىنى كۆرسەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، جىسمىدا ئەزەلدىن بار ھالەت ئەمەس. تىل سۆزلىيەلەيدۇ، ئەمما سۆزلەش ئەسلى تىلدا بار ئىقتىدار ئەمەس. چۈنكى ئۇ بىر ماددا. ماددىدا روھىي ئىرادە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىكى ئىقتىدارنى ئاللاھ ئاتا قىلغان. مەسىلەن: گاچىدا تىل بولسىمۇ سۆزلىيەلمىگەنگە ئوخشاش. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە ئىنساننىڭ تىلىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئورگانلىرىنى سۆزلىتىدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىردۇر. دۇنيا ھاياتىدا سۆزلەش ۋەزىپىسى ۋە ئىقتىدارىنى تىلغا، ئەمەس باشقا بىر ئورگانغا بېرىشكىمۇ قادىر ئىدى، ئەلۋەتتە.
148. سوئال: ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالا ھەممنى تولۇق بىلىپ تۇرسىمۇ ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ نامە-ئەمال كىتابىدا ئۇنىڭ ياخسى ۋە يامان پۈتۈن قىلغانلىرى تەپسىلى يېزىلغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلىش ۋە ئىنكارچىلارنىڭ تىللىرىنى باغلاش ئۈچۈن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. چۈنكى دۇنيا ھاياتىدا كۆرىۋاتىمىزكى، ئىنسان ئۆزىگە زىيانلىق بولغان ئىشلارغا ئاسانلىقچە ئىقرار قىلمايدۇ، قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىدۇ.
149. سوئال: جازا دېگەن نېمە؟
جاۋاب: جازا ـ بەندىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ـ يامان ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپات ۋە جازانىڭ ئېلان قىلىنىشى دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ﴾([8]).
150. سوئال: سىرات دېگەن نېمە؟
جاۋاب: سىرات ـ دوزاخنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، جىمى ئىنسانلار ھېساب مەيدانىدىن قايتىپ شۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ. جەننەتكە مۇيەسسەر بولغانلار جەننەتكە ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىدۇ. جەھەننەم (يەنى دوزاخ) گە مەنسۇپ بولغانلار كۆۋرۈكتىن ئۆتەلمەيدۇ ۋە دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا دوزاخقا (يەنى دوزاخنىڭ ئۈستىدىكى سىراتقا) بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر. ئاندىن تەقۋادارلارنى قۇتقۇزىمىز. زالىملارنى دوزاخقا تىزلىنپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز﴾([9]).
جەننەت بىلەن دوزاخ ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلىكى
151. سوئال: دوزاخ قانداق جاي؟
جاۋاب: دوزاخ ـ دەھشەتلىك ئوت قاينىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كاپىرلار، مۇناپىقلار ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ گۇناھكارنىڭ بىر قىسمى بارىدىغان جايدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلار ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار﴾([10]).
152. سوئال: جەننەت قانداق جاي؟
جاۋاب: جەننەت ـ بۈك ـ باراقستان بوستانلىق، گۈزەل باغچە بولۇپ، ئۇ، مۇسۇلمان تەقۋادار زاتلارنىڭ مەڭگۈلۈك قارار گاھىدۇر. ئاللاھ جەننەتنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن ـ يۇپقا ـ يېپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىشىدۇ. (ئۇلار تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلىنىدۇ. شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا خىزمەتچىلەردىن ھەممە مېۋىلەرنى كەلتۈرۈشىنى تەلەب قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا جەننەتتە ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھىمىتىدۇر. بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر﴾([11]).
153. سوئال: جەننەت بىلەن دوزاخ مەڭگۈلۈكمۇ؟
جاۋاب: جەننەت بىلەن دوزاخ ھەر ئىككىلىسى مەڭگۈلۈك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان چېكى يوقتۇر. جەننەت بىلەن دوزاختا ئۆلۈم يوق. جەننەتكە كىرگەنلەر ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك قالىدۇ. دوزاخقا كىرگەن كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارمۇ دوزاختا مەڭگۈلۈك قالىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ گۇناھكارلار دوزاختا گۇناھلىرىغا تېگىشلىك ئازابلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلىپ جەننەتكە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلەردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ يامىنىدۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ياخشىسىدۇر. ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرشىدۇ﴾([12]).
历史上的今天:
پىچاق ئاسقان ئەر! 2010-05-12قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش 2010-05-12ھىدايەت ۋە زالالەت 2010-05-12قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش 2010-05-12پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى 2010-05-12随机文章:
ھىدايەت ۋە زالالەت 2010-05-12قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش 2010-05-12دىن ۋە ھايات 2010-05-10ئىمان ۋە سۆيگۈ 2010-05-03ئىمان ۋە بەخت 2010-05-03
收藏到:Del.icio.us