• كىبىر توغرىسىدا

    2010-06-21


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/66704695.html

     

        كىبىر توغرىسىدا

    ئىمام غەزالى

     

    كىبىر دەپ  بىر ئادەمنىڭ ئۈزى كاتتا  بولماي تۇرۇپ ئۈزىنى كاتتا كىشىلەردىن ھىسابلىشى ،ئۈزىنى چوڭ تۇتۇشى ،تەكەببۇر لۇق  قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ .تەۋەززۇ بولسا  ئۇنىڭ ئەكسىچە ،ئۈزى ئالىجاناپ ،يۇقىرى مەرتىۋىلىك ،كاتتا ئابرويلۇق كىشىنىڭ  ئۈزىنى كەمتەر ،تۈۋەن تۇتۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
     كىبىر نەچچە خىل بولىدۇ ،كىبىرنىڭ ئىنساننىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە  ياكى ئاتا-ئانىسىغا  قىلىدىغان كىبىرى بار ،ئىلىم ساھىبلىرىغا  قىلىدىغان كىبىر بار ،ئۆز تەڭتۇشلىرىغا قىلىدىغانلىرى بار .لىكىن كىبىر نىڭ ئەڭ يامىنى بەندىنىڭ ئاللا تائالاغا قىلىدىغان  كىبىرىدۇر ،ئاللاھ تائالا  قىل دىگەن ئىشنى قىلماي ،پسەنتگە ئالماي كىتىشىدۇر .ھاجى مۇھەممەت ئەختەر ساھىبى دىگەن زات<دەردى مۇھەببەت >دىگەن كىتاۋىدا شۇنداق بىر ئاجايىپ  سۆز   ئېيتىدۇ كى:  ئاللاھ تائالا  پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى ۋاستىسىدە  شۇنداق دەيدۇكى< بىر بەندە ئىككىنچى بىر بەندىگە كىبىر قىلىدىغان بولسا پەسكە چۈشۈرىمەن ،ئەكسىچە  تەۋەززۇ قىلىپ ئۈزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۇنى كۆتۈرىمەن  دەيدۇ> . پەسكە چۈشۈرىمەن دىگىنى ،ئاللاھ ئۇنى ئۇرىمەن دىگىنى. ئاللانىڭ ئۇرىمەن دىگەن سۈزىگە كىشىلەر بىپەرۋا قارايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇرىمەن دىگىنىنى چۈشىنەمسەن ؟  مەن ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ  ئۇرىمەن دىگىنىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ  كۆرسىتىپ قۇيايمۇ؟ . ھەزرىتى ئەلى ئۈزى بىلەن ئوخشاش  جىنىسداش بولغان بىرسىنى ئۇرسا ئۇنى ئىككىنچى تۇرالمايدىغان  ھالەتكە كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ .  قارا ،بىر بەندە ئۈزى بىلەن تەڭ قۇۋۋەتكە ئىگە بىر سىنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ قويىۋاتىدۇ .ئەگەر  ئاللاھ تائالا  ئۇرىدىغان بولسا  پۈتۈن دۇنيا خەلقى كىلىپ سىنىڭ قۇلۇڭدىن تۇتۇپ  سىنى تۇرغۇزالمايدۇ .

           ئەمدى كىتابقا ئۆتسەك ، ھەزرىتى  ئىمام غەزالى  كىبىر توغرىسىدا توختىلىپ  ئۇنىڭ ناھايىتى ناچار ،يارىماس قىلىق ئىكەنلىكى ،ئۇنىڭ ئەكسى بولغان  تەۋەززۇنىڭ پەزىلەتلىرى ئۇ ھەققىدىكى  ئايەتلەر ھەدىسلەر ،كىتابلار ،ساھابىلەرنىڭ  سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئۆتكەندىن كىيىن ،بۇ كىبىر شۇنداق يارىماس ،يامان نەرسىكەن  ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىش ،ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش  توغرىسىدا توختىلىدۇ .
       غەززالى ئېيتىدۇركى ،ئەي ئىنسان  ،كىبىر  كىشىنى ھالاك قىلىدۇ . ئىنسانلاردى ھېچكىم  ئۇنىڭدىن  خالى ئەمەس ،ھەر قانداق كىشىدە  كىبىر بار . پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام :ئەگەر  بىر  كىشىنىڭ  قەلبىدە زەررىچە كىبىر بولسا ئاللا تائالا  ئۇنى  جەننەتكە كىرگۈمەيدۇ .دەيدۇ. كىبىر شۇنداق خەتەرلىك نەرسىكەن  ئۇنى يۇقىتىش  ھەممىزگە خۇددى نامازغا ئوخشاش  پەرىز بۇلىشى كىرەك ،ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز  كىرەك .ئۇنى ئېغىزدا دىيىش بىلەنلا  كىبىردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كىرەك ،ئۇنى تېگى -تۇمۇرىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاش كىرەك ،ئۇنى داۋالاشتا ئىككى يول بار،بىرى ،دەرەخ يەردە ئۆسكەندەك ،كىبىر بەدەندە  بولمايدۇ ،بەلكى قەلىبتە بولىدۇ ،ئۇنى قۇمۇرۇپ تاشلاش كىرەك .ئىككىنچسى،ئىنساننى كىبىرگە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەپلەر بار ،شۇ سەۋەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .بىز نىڭ بۇيەردە سۈزىمىز بىرىنچى يول ئۈستىدە بولىدۇ.ئۇنىمە ئىدى؟ كىبىرنى  قەلبتىن  سۇغۇرۇپ تاشلاش كىرەك ئىدى.ئۇنى داۋالاش ئىلمىي ھەم بولىدۇ ،ئەمىلىي ھەم بولىدۇ،ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن  ئىككىلا  يولنى بېسىش كىرەك . كىبىردىن يىراق تۇرۇشنىڭ ،ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىلمىي يۇلى  شۇكى، ئىنسان ئاۋۋال ئۈزىنى ۋە پەرۋەردىگارى ئالەمنى  تۇنۇش كىرەك . چۈنكى ،ئىنسان ئۈزىنى ھەقىقى يۇسۇندا تۇنۇسا  ئۆزىنىڭ دۇنيادا ھەممە خارنەرسىلەردىن  خارراق ،ھەممە كەم نەرسىدىن  كەمرەك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۈزىگە تەۋەززۇدىن ،كەمتەرلىكتىن باشقا نەرسىنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ . ئەگەر پەرۋەردىگارىنى  بىلسە ئۇ نىمىنى  بىلىدۇ ؟ ئەزىمەت ،كىبىرىيا ،تەكەببۇلۇق پەقەت ئاللاغىلا خاس ئىكەنلىكنى بىلىدۇ . ئاللانىڭ بۇ سۈپەتلىرىنى چۈشەندۈرىمەن دىسەم گەپ سۇزۇلۇپ كىتىدۇ ،بۇ  كەشىفلەرگە، ئىلىمگە باغلىق نەرسە . بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم    پەقەت كىبىر  ھەققىدە  بولىۋاتىدۇ.
     بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم  ،ئىنسان ئۆز نەفسىنى  يەڭسە ، قۇرئاندا دىيىلگەن بىر نەچچە ئايەتنىڭ مەنىدىنى بىلسىلا كۇپايە. چۈنكى ،قۇرئاندا ئاۋۋالقىلارنىڭ ئىلىمىي ھەم بار ،كىيىنكىلەرنىڭ ئىلىمىي ھەم بار . كىمگە بۇ ئىلىم ؟قەلب كۈزى ئۇچۇقلارغا. ئاللاتائالا دەيدۇكى ؛< ئىنسان ئۆلتۈرۈلسۇن ،يەنى لەنەتكە قالسۇن ، ئۇ قانداق قىلىپ كافىر بولدى ؟ئاللاھ تائالا ئۇنى نىمىدىن ياراتتى؟ ئالاھ تائالا ئۇنى لۇتىفىدىن ،يەنى ھارام سۇدىن ياراتتى ،ياراتقاندىن كىيىن بەلگىلىك قىلىپ ياراتقانمەن ،بىر قۇلىدىن يەنە  بىر قۇلى ئۇزۇن ئەمەس  ،بىر كۈزى يەنە بىر كۈزىدىن پەرىقلىق ئەمەس ،ھەممەئەزاىسى مۆتىدىل يارىتىلدى >.خۇدايىتائالا يەنە <مەن ساڭا يۇلۇڭنى ئاسان قىلىپ  قويغانمەن دەيدۇ>. ئەگەر  خۇدايىتائالا  بالا تۇغۇلغاندا بالىنى ئانىنىڭ قارنىدىن  بېشى تەرىپىنى ئاۋۋل قىلىماي  پۇتىنى ئاۋۋال قىلىپ  قويسا ئانىنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىشى ئېنىق . بۇنى پەقەت ئاللاتائالا  مۇشۇنداق ھىكىمەت بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرغان. ئاللا تائالا :<سىنىڭ يۇلۇڭنى ئاسان قىلىپ  قويغانمەن ،ئاۋۋال سىنى ئۆلتۈرىمەن ،ئاندىن قەبرىگە تىقىمەن ،كىيىن خالىغان ۋاختىمدا  سىن يەنە  قايتىدىن تىرىلدۈرىۋالىمەن>دەيدۇ. بۇ ئايەت ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى ئاۋۋالقى ھالىتىگە، ئاخىرقى ھالىتىگەھەم ئوتتۇردىكى ھالىتىگە ئىشارە قىلىدۇ. ئىنسان بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن . ئىنساننىڭ ئاۋۋىلى قانداق بولغان؟ ئىنسان ئاۋۋال تىلغىمۇ ئېلىنغان نەرسە  ئەمەس ئىدى. نامى ھەم بولمىغان .پالانى دىگەن بىر كىشى  ئەللىك ياشقا  كىرگەن بولسا  تۇغۇلۇشتىن بىر يىل  ئىلگىرى ئاتىسى ھەم بىلمىگەن ،ھېچكىم بىلمىگەن ئىدى. ئىنسان  زىكرى قىلىنغان نەرسە ئەمەس ئىدى ،ئۇ يوقلۇقتا ئىدى ،نامى نىشانى ھەم  بولمىغان . دۇنيادا  يوقتىن ھەم  پەسراق  خارراق  نەرسە بارمۇ ؟ ئۇ  ئاۋۋال يوق ئىدى ،كىيىن ئاللاھ تائالا  ئۇنى ياراتتى  ،ئۇ ئاللاھ  تەرىپىدىن زىكرى قىلىنىپ تىلغا ئېلىندى،يارالدى -يۇ  ئەڭ  پەس نەرسىدىن يارالدى ، ھېچ بولمىسا  پاكىز ،تازا ،سۈزۈك توختام سۇدىن يارالسا ئىدى. ئىنساننىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى يارىلىشى نىمە ئىدى ؟خار تۇپراق ئىدى ،ئاندىن ھارام سۇ بولدى. ئۇ شۇ ھارام سۇ ھالەتتىن  ياخشىراق بىر نەرسىگە ئۆزگەرمىدى ،ئەكسىچە لەختە  قانغا ئايلاندى، ئاندىن  بىر پارچە گۆشكە ئايلاندى  ،ئاندىن ئاللاھتائالا  سۆڭەكنى يارىتىپ ئۈسـتىگە  كىيىم قىلىپ گۆش بىلەن تىرىنى كىيگۈزۈپ قويدى. ئىنسان يوق نەرسىدىن ،پەس نەرسىگە ،ئاندىن  تامچىدىن يارىتىلدى .ئەمدى ئىنسان زىكرى قىلىنىپ قالدى ،تىلغا ئېلىندى.لىكىن بار بولدىيۇ،سۈپىتى ئەڭ پەس نەرسىلەر  ھالىتىدە بار بولدى .چۈنكى ئىنسان يارىتىلىشىدا مۇكەممەل بۇلۇپ يارىتىلمىغان ، باشلىنىشىدا ئۈلۈك ،جانسىز  ھالەتتە  باشلانغان ،ئاڭلىماس ئىدى ،كۆرمەس ئىدى، سەزمەس ئىدى ،ھەرىكەتلەنمەس ئىدى، گەپ قىلالماس ئىدى ،تۇتماس ئىدى، ئىدراكى ھەم يوق ئىدى ،ئىلمىي ھەم يوق ئىدى. پەقەت نۇقسان تەرىپىدە ئىدى.  ئىنسان ھاياتى تىرىكلىكتىن ئاۋۋال ئۈلۈم بىلەن  باشلاندى ، قۇۋۋەتىدىن ئالدىن  زەئىپلىك بىلەن باشلاندى، ئىلىمدىن ئاۋۋال بىلمەسلىك بىلەن  باشلاندى،كۈرۈشتىن ئاۋۋال ھاياتى كورلۇق بىلەن باشلاندى، ئاڭلاشتىن ئاۋۋال گاسلىق بىلەن باشلاندى، ھىدايەتتىن ئىلگىرى زالالەت بىلەن باشلاندى،بايلىقتىن ئاۋۋال كەمبەغەللىك بىلەن  باشلاندى. سىنى نىمىدىن ياراتتىم ؟ ھارام سۇدىن ياراتتىم  دىگەننىڭ مەزنۇنى شۇ. يارىتىشتىن ئىلگىرى ھەممە نەرسەڭنى بەلگۈلەپ قويدۇم دىگىنى شۇ.بىر ۋاقىتلار ئىلگىرى ئىنسان زىكرى قىلىنغان نەرسە ئەمەس ئىدى ،مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئاللاھ   ئىنساننى ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئارلاشمىسىدىن ،يەنى ھارام سۇدىن  ئىمتىھان ،سىناق ئۈچۈن  ياراتتى. ئاللاھ تائالا :<مەن ئىنساننىڭ يۇلىنى ئاسان قىلىپ قويدۇم >.دەيدۇ. بۇ ئايەت مەن ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىن تاكى  ئۈلۈمىگۈچە ھەممىنى  بەلگۈلەپ قويدۇم دىگەنگە دالالەت قىلىدۇ. سەن ئاۋۋال ئۈلۈك  تۇپراق ئىدىڭ ،تۇپراقتىن  يارىتىلدىڭ،ساڭا كىيىن ھايات  بەردىم ،ئىككىنچى قېتىم ھاياتىڭ  لۇتفە  بىلەن ،يەنى ھارام سۇ بىلەن ياراتتىم ،كور ئىدىڭ كۈرۈش ئاتا قىلدىم ،پاڭ ئىدىڭ  ئاڭلاش نىئمىتىنى ئاتا قىلدىم، ھېچنەرسىنىن بىلمەس ئىدىڭ  ،ئىلمىڭ يوق ئىدى  ،ھەممىنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. مىنىڭ كۈچ -قۇدرىتىمنىنى  تۇنۇسۇن دەپ ھەممە ئەزالىرىڭنى ماڭا رەھمەت ،ھەمدۇلار ئېيىتقۇدەك ھالەتتە  يارىتىپ قويدۇم دىگەنگە ئىشارە قىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us