• شەرىئەت ئىستىلاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى

    2010-06-30


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/67625564.html

     

    شەرىئەت ئىستىلاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى
    167. سوئال: بىلىش زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئىستىلاھلىرى قايسىلار؟
      جاۋاب: ئىبادەتكە سالاھىيەتلىك بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئىستىلاھلىرى 7 بولۇپ، ئۇلار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھ تەھرىمى، مەكرۇھ تەنزىھى، مۇباھتۇر.
    پەرز
    168. سوئال: پەرز دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: پەرز - ئۇنىڭ بۇيرۇلغانلىقى قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر (راستىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى بىر توپ جامائەت تەرىپىدىن بىرخىل ئىبارە بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ، شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىسپاتلانغان) ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق ۋە كەسكىن دەلىللىرى بىلەن بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر.
     مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنىڭ دەلىللىرى بىلەن بېكىتىلگەن بەش ۋاخ ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىقلارغا، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى بىلەن بېكىتىلگەن نامازدا قۇرئان ئوقۇش ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئەمەللەر.
    169. سوئال: پەرزنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: پەرزنىڭ ھۆكمى: ئۇنى ئورۇنلاش زۆرۈردۇر. ئورۇنلىغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ. ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ئورۇنلىمىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا تۇتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.
    170. سوئال: پەرز قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟
      جاۋاب: پەرز ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، پەرز ئەيىن، يەنە بىرى، پەرز كىفايەدۇر.
    171. سوئال: پەرز ئەين دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: پەرز ئەيىن ― مۇسۇلمانلاردىن ھەر بىر شەخسنىڭ بىۋاسىتە ئۆزى ئورۇنلىشىغا بۇيرۇلغان پەرز دېمەكتۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، ھارام ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئوخشاش ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئەمەللەردۇر.
    172. سوئال: پەرز ئەيننىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: پەرز ئەيىن دەپ ئاتالغان ئەمەللەرنى مۇسۇلمانلاردىن ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزى ئورۇنلىشى شەرتتۇر. باشقىلارنىڭ ئورۇنلاپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمايدۇ.
    173. سوئال: پەرز كىفايە دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: پەرز كىفايە - ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. مەسىلەن: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش، دىنى ئىلىم ياكى پەن تېخنىكا ساھەلىرىدىن قايسىبىرىدە مۇتەخەسسىس بولۇش، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەمەللەردۇر.
    174. سوئال: پەرز كىفايە بولغان ئىشلار پەرز ئەينغا ئايلىنامدۇ ؟
      جاۋاب: پەرز كىفايە بولغان ئىشلار گاھىدا پەرز ئەينغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر مەھەللىدە ياكى بىرەر شەھەردە بىر كىشىدىن باشقا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان ئادەم چىقمىسا، خەلققە ۋەز – نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىش شۇ ئادەمنىڭ ئۈستىگە پەرز ئەين بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بىرەر ئىلىم ساھەسىدە ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولۇش ئادەتتە پەرز كىفايە بولۇپ، مەلۇم بىر ئىلىم ساھەسىدە ئوقۇشقا تاللانغانلار ئۈچۈن شۇ ساھەدە ئوقۇش پەرز ئەينغا ئايلىنىدۇ.
    175. سوئال: پەرز كىفايەنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: پەرز كىفايە ئەمەللىرىنى مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن ئورۇنلىمىغانلارنىڭ ئۈستىدىكى بۇ پەرزنى ئورۇنلاش بۇرچى ئادا تاپىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن ھېچبىرسى بۇ پەرزنى ئورۇنلىمىغان بولسا، پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسى گۇناھكار بولىدۇ ۋە تەرك قىلىنغان بۇ پەرز ئۈچۈن ھەممىسى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
    ۋاجىب
    176. سوئال: ۋاجىب دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: ۋاجىب - بۇيرۇلغانلىقى قۇرئان كەرىم دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، شۇ مەسىلىگە نىسبەتەن دالالىتى كەسكىن بولمىغان ئايەتلەر ۋە غەيرى مۇتەۋاتىر(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى بىر ياكى ئىككى ساھابە تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، كەسكىن دەلىل ـ ئىسپاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان) ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: قۇربانلىق قىلىش، فىتىر سەدىقىسى، ھېيت نامازلىرى، ۋىتىر نامىزى قاتارلىقلار.
    177. سوئال: ۋاجىبنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: ۋاجىبنى ئورۇنلاش خۇددى پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. ۋاجىب ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ. ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى پەرزنى تەرك ئەتكەننىڭ گۇناھىدىن بىر دەرىجىدە تۆۋەن گۇناھكار بولىدۇ. ۋاجىبقا ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، بەلكى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.
    سۈننەت
    178. سوئال: سۈننەت دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: سۈننەت- پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش ـ پائالىيەتلىرى، ئەمەل - ئىبادەتلىرى ۋە باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىشلاردىن شەرىئەتكە ئويغۇن كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېمەكتۇر.
     سۈننەتنىڭ يەنە بىر مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرز، ۋاجىب ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىبادەتلەردۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشىغان ئەمەللەر.
    179. سوئال: سۈننەت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟
      جاۋاب: سۈننەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، تەكىتلىك سۈننەت، يەنە بىرى، تەكىتسىز سۈننەتتۇر.
    180. سوئال: تەكىتلىك سۈننەت دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: تەكىتلىك سۈننەت - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئورۇنلاشقا ئادەتلەنگەن ۋە ئۆزۈرسىز قەتئىي تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەتتە مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشاش ئەمەللەر.
    181. سوئال: تەكىتلىك سۈننەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: تەكىتلىك سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ كايىشىغا كايىشىغا ئۇچراش خەۋپى بار.
    182. سوئال: تەكىتسىز سۈننەت دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: تەكىتسىز سۈننەت - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇنلاشقا ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، گاھىدا ئورۇنلىغان، گاھىدا ئۆزۈرسىز تەرك ئەتكەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىدىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇشقا ئوخشاش ئەمەللەر. تەكىتسىز سۈننەت «مۇستەھەب» دەپ ئاتىلىدۇ.
    183. سوئال: تەكىتسىز سۈننەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: تەكىتسىز سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كايىشىغىمۇ ئۇچرىمايدۇ.
    ھارام
    184. سوئال: ھارام دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: ھارام - ئۇنىڭ قەتئىي تۈردە مەنئى قىلىنغانلىقى قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى بىلەن شۈبھىسىز ۋە كەسكىن ھالدا ئىسپاتلانغان ئىشلار دېمەكتۇر. مەسىلەن: زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش، ئۆسۈم يېيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش گۇناھلار.
    185. سوئال: ھارامنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. تەۋبە قىلىپ قايتمىسا دوزاخنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ھاراملارنى تەرك ئەتكەن كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ھارامنى ھالال سانىغان كىشى كاپىر بولىدۇ.
    مەكرۇھ تەھرىمى
    186. سوئال: مەكرۇھ تەھرىمى دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: مەكرۇھ - ياقتۇرۇلمايدىغان ئىش دېگەنلىك بولۇپ، مەكرۇھ تەھرىمى مەنئى قىلىنغانلىقى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىشلار دېمەكتۇر. مەكرۇھ تەھرىمى ھارام تەرەپكە ئېھتىمالى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: تاھارەت ئالغاندا سۇنى ئىسراپ قىلىش ياكى نورمالدىن ئاز قوللىنىش، نامازدا تۇرغاندا كۆزىنى يومۇۋېلىش ياكى ئۇياق ـ بۇياققا قاراش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار. ئەمما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسا، باشقىلارنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىش (يەنى باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇش)، باشقا بىرى نىكاھلانماقچى بولغان ئايالغا ئۇنىڭ ئىزنىسىز نىكاھلىنىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار.
    187. سوئال: مەكرۇھ تەھرىمىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: مەكرۇھ تەھرىمىنى ئىشلىگەن كىشى ھارامنى ئىشلىگەندىن بىر دەرىجە تۆۋەنرەك گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. مەكرۇھ تەھرىمىنى ھالال سانىغان كىشى كاپىر بولمايدۇ. بەلكى گۇناھكار بولىدۇ.
    مەكرۇھ تەنزىھى
    188. سوئال: مەكرۇھ تەنزىھى دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: مەكرۇھ تەنزىھىى ― مەنئى قىلىنغانلىقى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن ئىشلار دېمەكتۇر. مەكرۇھ تەنزىھىى ھالال تەرەپكە ئېھتىمالى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ئاممىۋى سورۇنلارغا ۋە مەسجىدلەرگە بېرىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ خام سامساق ۋە خام پىيازغا ئوخشاش ھىد - بۇيى يېقىمسىز نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغىنىغا ئوخشاش ئىشلار.
    189. سوئال: مەكرۇھ تەنزىھىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: مەكرۇھ تەنزىھىنى ئىشلىگەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما ئۇنى تەرك ئېتىش ئەۋزەلدۇر.
    مۇباھ
    190. سوئال: مۇباھ دېگەن نېمە؟
      جاۋاب: مۇباھ - ئۇنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىش ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغان ئىشلار دېمەكتۇر. مەسىلەن: يېيىش - ئىچش، ئولتۇرۇش - قوپۇشلارغا ئوخشاش ئىختىيارىي ئىشلار.
    191. سوئال: مۇباھنىڭ ھۆكمى نېمە؟
      جاۋاب: مۇباھ بولغان ئىشلارنى ئىشلەش ياكى تەرك ئېتىش بىلەن ھېچقانداق گۇناھ ياكى ساۋاب بولمايدۇ.
    مۇباھ ئىشلارنىڭ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتۈشى
    192. سوئال: قانداق قىلغاندا مۇباھ ئىشلارنى ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟
      جاۋاب: مۇباھ ئىشلارنى ياخشى نىيەت بىلەن ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە ئىبادەتلەردە پائالىيەتچان بولۇش نىيىتى بىلەن يېيىش ۋە ئىچىش، مېڭىنى ياخشى دەم ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاش نىيىتى بىلەن ئۇخلاش ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ياخشى ئورۇنلاش نىيىتى بىلەن تەن ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتكە ياتىدۇ ۋە بۇ ئىشلارغا ئاللاھ تائالا - ئۆز پەزلىدىن - چوقۇم ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ.
     193. سوئال: شەرىئەت ئىستىلاھلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نېمە؟
      جاۋاب: يۇقىرىقى شەرىئەت ئىستىلاھلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەنكىدەك ئىپادىلىنىدۇ:
      (1) ھەر قانداق ئەمەل - ئىبادەتلەردىكى پەرز ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسى قەستەن ياكى سەۋەنلىك(ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى بىلمىگەنلىك) بىلەن تەرك قىلىنسا ياكى نۇقسان بىلەن قىلىنسا، شۇ ئەمەل - ئىبادەتلەر بۇزۇلغان بولىدۇ، ئۇنى قايتىدىن ئورۇنلاشقا توغرا كېلىدۇ.
     مەسىلەن: نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بولغان پائالىيەتلەردىن رۇكۇ ياكى سەجدىلەردىن بىرەرسىنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ ئىناۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاش.
      (2) ھەر قانداق ئەمەل - ئىبادەتلەردىكى ۋاجىب ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسى تەرك قىلىنسا، بۇ ئەمەل - ئىبادەتلەر بۇزۇلمايدۇ، ئىناۋەتسىزمۇ بولمايدۇ. ئەمما ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.
     مەسىلەن: ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشنى سەۋەنلىكتىن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ نامازنىڭ ئاخىرىدا سەجدە سەھۋە قىلىشى بىلەن نامىزى تولۇقلانغانغا ئوخشاش. ئەمما ۋاجىبنى قەستەن تەرك ئەتكەنلىكنىڭ مىسالى: نامازنىڭ ۋاجىبلىرىدىن بولغان ھەر رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسنى ئوقۇشنىڭ قەستەن تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازلارنىڭ بۇزۇلغىنى ۋە ئىناۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاش.
      (3) ھەر قانداق ئەمەل - ئىبادەتلەردىكى سۈننەت نامىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسىنىڭ ياكى ھەممسىنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك قىلىنىشى بىلەن شۇ ئەمەل - ئىبادەتلەر بۇزۇلمايدۇ ۋە نۇقسان بىلەنمۇ سۈپەتلەنمەيدۇ.
     مەسىلەن: نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغان ھەر رەكئەتنىڭ بېشىدا بىسمللاھ دېيىشنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ نۇقسانلىق بىلەن سۈپەتلەنمىگىنىگە ئوخشاش.
      (4) ھەر قانداق ئەمەل ـ ئىبادەتلەردىكى مەكرۇھ دېگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى ياكى بىردىن كۆپىنى سادىر قىلىش بىلەن شۇ ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنىڭ دۇرۇسلىقىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
      مەسىلەن: پەرز نامازلاردا بىرىنچى رەكئەتكە ئوقۇغان(فاتىھە سۈرىسىدىن باشقا) سۈرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزۈرسىز ھالدا، ئىككىنچى رەكئەتكە ئوقۇش مەكرۇھتۇر. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن نامازنىڭ سۈپىتىگە ۋە قوبۇل بولىشىغا قەتئىي تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى«مەكرۇھ»نىڭ مەنىسى ـ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ـ ياقتۇرۇلمىغان ئىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىبادەتنى بۇزمايدۇ، سۈپىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
      (5) شەرت ― بىرەر ئەمەلنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مەۋجۇد بولۇشى شەرت قىلىنغان، ئەمما شۇ ئەمەلنىڭ ماھىيىتىدىن سانالمايدىغان نەرسە دېمەكتۇر. مەسىلەن: تاھارەت نامازنىڭ شەرتىدۇر. تاھارەت بولمىسا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. بىراق تاھارەت نامازنىڭ قاتارىدىن سانالمايدۇ.
      (6) جائىز ― دۇرۇس يەنى قىلسا بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: ناماز ئوقۇيدىغان جايدا نىجاسەت بولسا، ئۇنى تازىلاپ، ئەسىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق بۇ جايدا ناماز ئوقۇش جائىز دېگەنلىك «دۇرۇس» دېگەنلىكتۇر.
     


    收藏到:Del.icio.us