-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/66870316.html
كۈتۈلمەستىن ئەسكەرتىلگەن بىر مۇھىم مەسىلە
بەدئۇززامان سەئىد نۇرسى
ئاخىر زامان فىتنىسىدە ئەڭ قورقۇنچلۇق رول ئوينىغان ئاياللار تائىپەسى ۋە ئۇلارنىڭ فىتنىسى ئىكەنلىكى ھەدىس- رىۋايەتلەردىن كۆرۈلمەكتە. شۇنداق، تارىخلاردا ،بۇرۇنقى زامانلاردا "ئامازۇنلار"نامىدا ناھايىتى جەڭگىۋار قۇراللىق ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئاياللار تائىپەسى ئاجايىپ جەڭلەرنى قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش ،بۇ زاماندىكى كۇفىرلىق زالالىتىنىڭ ئىسلامىيەتكە قارشى قىلغان جېڭىدىن، نەفسى ئەممارىنىڭ *پىلانى بىلەن شەيتان قۇماندانلىقى ئاستىدىكى پىرقىلارنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇقى ،يېرىم يالىڭاچ ئاياللاردۇركى ؛دەھشەتلىك پىچاقلاردەك ،ئۇچۇق پاچاقلىرى بىلەن مۆمىنلەرگە قارشى تاجاۋۇز قىلىشماقتا.نىكاھ يولىنى تاقاپ ،پاھىشە يولىنى كىڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىپ،كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەفىسلىرىنى ئۇڭايلا ئەسىر قىلىپ،چوڭ گۇناھلار بىلەن قەلب ۋە روھلىرىنى پارىچىلىماقتا.ھەتتا ئۇ قەلىبلەردىن بىر قىسىمىنى ئۆلتۈرمەكتە.بىر قانچە يىللىق نامەھرەملەرنى ھەۋەسكارانە كۆرسىتىشنىڭ جازاسى تۈرىدە ،بۇ پىچاقلىق پاچاقلار جەھەننەمنىڭ ئوتۇنلىرى بۇلۇپ ،ئەڭ ئاۋۋال بۇپاچاقلار كۆيىدۇ .ھەمدە دۇنيادا ئىشەنچ ۋە ساداقەتنى يۇقاتقانلقى ئۈچۈن يارىتىلىشىدىن ھەقىقى خالىغان ۋە ۋە تەبىئىتىدىن كۆپ مۇھتاج بولغان ئەرنىمۇ تاپالمايدۇ .تاپسىمۇ بېشىغا بالا تاپىدۇ.ھەتتا بۇ ھالنىڭ نەتىجىسىدە ،ئۇ ئاخىر زاماندا بەزى يەرلەردە نىكاھقا قارشى كىلىش ۋە رئايە قىلماسلىق يۈزىىسىدىن قىرىق ئايالغا بىر قارايدىغان دەرىجىدە ،ئۇ ئاياللار ئەھمىيەتىسىز ،ئىگىسىز ،قىممەتسىز بىر ھالەتتە قالىدىغانلىقى ھەدىس رىۋايەتلىرىدە كۈرۈلمەكتە.
ھەقەقەت ئەنە شۇنداق .ئەمەلىيەتتە ھەر گۈزەل گۈزەللىكنى سۆيىدۇ ۋە قولىدىن كىلىشچە گۈزەللىكنى مۇھاپزەت قىلىشنى خالايدۇ ،بۇزىلىشنى خالىمايدۇ.گۈزەللىك بىر نىمەتتۇر .نىئمەتكە شۈكۈر قىلسا ئارتىدۇ ،قىلىنمىسا ئازىيىدۇ،يامانلىشىدۇ. ئەلبەتتە ئەقلى بار بولسا ،ھۆسىن -جامالىنى گۇناھلارغا ئېرىشىش ۋە ئېرىشتۈرۈش ،شۇنداقلا يىرگىنچلىك ۋە زەھەرلىك قىلىشتىن ساقلاپ ئۇ نىئمەتنى ،تۇزكورلۇق بىلەن ئازاپقا سەۋەپ بولىدىغان بىر ھالغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قېچىش كىرەك . ھەمدە ئۇ فانىي (ۋاقىتلىق)بەش -ئون يىللىق گۈزەللىكنى باقىي (مەڭگۈلۈك)قىلىش ئۈچۈن ھالال بىر شەكىلدە قوللىنىش ئارقىلىق ،ئۇ نىئمەتكە شۈكۈر قىلىش كىرەك .بولمىسا ياشانغاندا ئۇزۇن ۋاقىت پەس كۈرۈلۈشكە ،خارلىنىشقا دۇچار بولۇپ ، مەيۈس ھالدا يىغلاپ قالىدۇ .
ئەەەر ئىسلام تەربىيىسى دائىرىسىدە ،قۇرئاننىڭ ئەدەپ -ئەخلاق زىننىتى بىلەن ئۇ جامال گۈزەللەشتۈرۈلسە ،ئۇ فانىي ھۆسۈن مەنىۋىي جەھەتتىن باقىي قالىدىغانلىقى ۋە جەننەتتە ھۆرلەرنىڭ جامالىغا قارىغاندا ،تېخىمۇ شىرىن ،تېخىمۇ پارلاق بىر ھالدا ئۆزىگە بىرىلىدىغانلىقى ھەدىس شەرىىفلەردە قەتئىي تۈردە ئېيتىلغان .ئەگەر ئۇ گۈزەلنىڭ زەررىچىلىك ئەقلى بولسا ،بۇ گۈزەل ،نۇرلۇق ۋە ئەبەدىي نەتىجىنى قولدىن قاچۇرماسلىقى كىرەك ."ياشلىق رەھبىرى" دىن ئېلىندى
نەفسى ئەممارە ___ئىنسااندىكى شەيتاننىڭ تەكلىۋىنى ئېتىرازسىز قۇبۇل قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر سىزىم .
收藏到:Del.icio.us