-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61443526.html
1982 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقا جاكارلانغان، 1988 – يىل 4 - ئاينىڭ 12 – كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، 1993 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلمىسى» ۋە 2004 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇلتىيىتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇلللانغان «جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن.
سۆز بېشى
جۇڭگو دۇنيادا تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە.
فېئوداللىق جۇڭگو 1840 – يىلىدىن كېيىن، پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە – ئەركىنلىك يولىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ قەھرىمانە كۈرەش قىلدى.
20 – ئەسىردە، جۇڭگودا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.
1911 - يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جۇڭخۇئا مىنگونى بەرپا قىلدى، شۇنداقتىمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسى ئورۇندالمىدى.
رەئىس ماۋ زېدۇڭ يولباشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان جاپالىق، ئەگرى - توقاي قوراللىق كۈرەشلەرنى ۋە باشقا شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1949 - يىلى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇندالدى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى.ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسى، ماھىيەتتە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ تاجازۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ۋۇجۇدقا كەلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار زور دەرىجىدە راۋاجلاندى، سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى تەربىيىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلاندى.
جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىشى، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت ۋە خېيىمخەتەرلەرنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلىتىمىز ئۇزاققىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى توپلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا خاس تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە پەن - تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
دۆلىتىمىزدە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار سىنىپ سۈپىتىدە يوقىتىلدى، لېكىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىچكى - تاشقى دۈشمەن كۈچلەرگە ۋە دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.
تەيۋەن جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ بىر قىسمى. ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورۇنداش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا ۋە زىيالىيلارغا تايىنىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇلدى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ بارىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، ئۇ ئۆتمۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا، ئىجتىمائىي ھاياتتا ۋە سىرت بىلەن بولغان دوستانە پائالىيەتلەردە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، مەملىكەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان، كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت. باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى ۋە بۇ مۇناسىۋەت داۋاملىق كۈچەيگۈسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە چوڭ مىللەتچىلىككە، ئاساسلىقى چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم. دۆلەت بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى دۇنيانىڭ ئىستىقبالى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل،ئۆزىگەئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە ئېغىشماي قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قودداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقققىيپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
بۇ ئاساسىي قانۇندا جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرەش نەتىجىلىرى قانۇن شەكلىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلەندى. بۇ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، بۇ ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇننى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشى ھەمدە ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم.
1 – باب ئومۇمىي پروگرامما
1 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى، دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت.
سوتسىيالىستىك تۈزۈم جۇڭخۇئا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈپ تۈزمى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
2 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگانلىرىدۇر.
خەلق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، جامائەت ئىشلىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن باشقۇرىدۇ.
3 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىمۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىمۇ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتايلىرى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن جايلاردىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە جايلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئايرىلىدۇ.
4 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەممە مىللەت باپباراۋەر. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگەكاپالەتلىك قىلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. ھەرقانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىدۇ.
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈلىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر.
مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
5 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدۇ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرىدۇ.
دۆلەت سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ ھېچقايسىسى ئاساسىي قانۇنغا زىت كەلمەسلىكى لازىم.بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە جامائەت تەشكىلاتلىرى، كارخانا تەشكىلاتلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلەر سۈرۈشتۈرۈلۈشى شەرت.
ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىپ، ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
6 - ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى – ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدۇر. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلغان بولىدۇ، ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمگە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ.
7 – ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىك يەنى سوتسىيالىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىك – خەلق ئىگىلىكىدە يېتەكچى كۈچ. دۆلەت دۆلەت ئىلىكىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.8 – ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا ئائىلىلەر بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات – سودا، ئامانەت – قەرز، ئىستېمال قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى كوپىراتسىيە ئىگىلىكلىرى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكىچلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر.يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ، ئائىلە قوشۇمچە كەسپىنى باشقۇرۇش ۋە قالدۇرۇق چارۋىلارنى بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە.
شەھەر – بازارلاردىكى قول سانائەت، سانائەت، بىناكارلىق، ترانسپورت، سودا، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى كوپىراتسىيە ئىگىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ سوتسىيالىستىك كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكتۇر.
دۆلەت شەھەر ۋە يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
9 – ماددا كان بايلىقى، سۇ، ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار دۆلەت مۈلكى يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلكى بولىدۇ؛ قانۇندا كوللېكتىپ مۈلكى دەپ بەلگىلەنگەن ئورمان ۋە تاغ، يايلاق، بوز يەر، ساھىل بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
دۆلەت تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەتىۋارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەئىسنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشىنى مەنئى قىلىدۇ.
10 – ماددا شەھەرلەردىكى يەرلەر دۆلەت مۈلكى بولىدۇ.
يېزىلاردىكى ۋە شەھە ئەتراپى رايونلىرىدىكى يەرلەرنىڭ قانۇندا دۆلەت مۈلكى دەپ بەلەئىلەنگەندىن باشقىلىرى كوللېكتىپ مۈلكى بولىدۇ؛ ئۆي ئورنى ۋە قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغلارمۇ كوللېكتىپ مۈلكى بولىدۇ.
دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرنى يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆلەم بېرىدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلتنىڭ ياكى شەخسنىڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىش – سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەرلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.
يەر ئىشلەتكۈچى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى لازىم.
11- ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلەر سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
دۆلەت يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ھەم مەدەت بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكلەرنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
12 – ماددا سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر.
دۆلەت سوتسىيالىستىك جامائەت مۈلكىنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەئىسنىڭ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مۈلكىنى ھەرقانداق يول بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ياكى بۇزۇشىنى مەنئى قىلىدۇ.
13 – ماددا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مۈلكى دەخلىسىزدۇر.
دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋە ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قوغدايدۇ.
دۆلەت جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يىغىۋالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەم تۆلەم بېرىدۇ.
14 – ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ۋە كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈرلۈك شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ.
دۆلەت جۇغلانما بىلەن ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلايدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.15 – ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ.
دۆلەت ئىقتىسادىي قانۇن چىقىرىش ئىشىنى كۈچەيتىدۇ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلىدۇ.
16 – ماددا دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
دۆلەت كارخانىلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
17 – ماددا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، قانۇن بويىچە باشقۇرغۇچى خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى بەلگىلەيدۇ.
18 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەللەرنىڭ كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ياكى چەت ئەللىك شەخسلەرنىڭ جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلىمىلەر بويىچە جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشىغا، جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەر خىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكالىرقنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىكى كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى شەرت. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى بىلەن قوغدىلىدۇ.
19 – ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
دۆلەت ھەر خىل مەكتەپلەرنى ئېچىپ، باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئوتتۇرا مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ ھەمدە ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
دۆلەت ھەر خىل مائارىپ مۇئەسسەسلىرىنى كۆپەيتىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، ئىشچىلارنى، دېھقانلارنى، دۆلەت خادىملىرىنى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنى سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، تېخنىكا ۋە كەسپىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەيدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ كامالەت تېپىشقا ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتنىڭ كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت مەملىكەت بويىچە قوللىنىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.
http://aqkuq.cn/bbs/read.php?tid=232历史上的今天:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--2 2010-04-01جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--3 2010-04-01随机文章:
تەھانىۋى ھىكمەتلىرى 2010-04-03جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--2 2010-04-01جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--3 2010-04-01
收藏到:Del.icio.us
评论