• جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررېتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى--1

    2010-04-01


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/61443159.html

    جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررېتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى

     

    1984 -يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 يىغىنىنىڭ” جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار“ ئىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى


    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ


    1 - ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.


    2 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە دەپ ئايرىلىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمى.


    3 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىر دەرىجىلىك يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر.
    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.


    4 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 3 - باب 5 - پارگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قانۇندا ۋە مۇشۇ قانۇندا ھەم باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ.


    ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەۋەسىدە رايون، ناھىيە، بار شەھەرلىك يەرلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.


    5 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ شۇ جايدا رىئايە قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.


    6 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلماسلىق پرىنسىپى ئاساسىدا، ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ھوقۇقلۇق.
    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئېڭى ۋە پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.


    7 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى پائال ئورۇندىشى لازىم.


    8 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ.


    9 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ.


    10 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


    11 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


    ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ.
    ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.


    دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.


    2 - باب مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى


    12 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، شۇ  جاينىڭ مىللىي مۇناسىۋەت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق شارائىتلىرىغا قاراپ ھەمدە تارىخىي ئەھۋالى نەزەرگە ئېلىنىپ، بىر ياكى بىر قانچە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى ئاساس قىلغان ئاپتونومىيىلىك جاي قۇرۇلسا بولىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار دائىرىسىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مۇناسىپ ئاپتونومىيىلىك جاي ياكى مىللىي يېزا قۇرۇلىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم رايونلار ۋە شەھەر بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ.


    13 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ نامى يەر نامى، مىللەت نامى، مەمۇرىي ئورنى رېتى بويىچە ئاتىلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.


    14 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى، چېگرىسىنىڭ ئايرىلىشى، نامىنىڭ ئاتىلىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى ئالاقىدار يەرلىك دۆلەت ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىپ بېكىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار قۇرۇلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈ زمەي تۇرۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ چېگرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى بىلەن تولۇق كېڭىشىپ بېكىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىدۇ.


    15 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدۇر.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بىر دەرىجىلىك يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈئەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدائۇر. ئۇلار گوۋۇيۈئەنگە بويسۇنىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلىي ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇنىغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدا ياكى ئايرىم نىزاملىرىدا بەلگىلىنىدۇ.
    16 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بولغاندىن تاشقىرى، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلەشكە تېگىشلىك سانى ۋە نىسبىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت پۇقراسىدىن بولغان مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلار بولۇشى كېرەك.


    17 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەركىبىدىكى باشقا خادىملار ئىچىدە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ خادىملىرى مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.


    18 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ كادىرلىرى ئىچىدە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ خادىملىرى مۇۋاپىق ساندا بولۇشى كېرەك.


    3 - باب ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى


    19 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزامى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈئەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.


    20 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ قارار، بېكىتمە، بۇيرۇق ۋە يوليۇرۇقلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەي قالسا، ئاپتونومىيە ئورگىنى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، جانلىق ئىجرا قىلسا ياكى ئىجرا قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ؛ شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.


    21 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل يېزىقىنى قوللىنىدۇ؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئورتاق قوللىنىدىغان بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىدىغانلىرى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ.


    22 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، پەن - تېخنىكا خادىملىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى خادىم قوبۇل قىلغاندا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنقڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنىڭ ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئېتىبار ۋە ئىلھام بەرسە بولىدۇ.


    23 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىدۇ ھەمدە يېزىلار ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن ئالسا بولىدۇ.


    24 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈئەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلسا بولىدۇ.


    25 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش فاڭجېنى، سىياسىتى ۋە پىلانىنى تۈزۈپ، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.


    26 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىزم پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەڭ راۋاجلاندۇرۇلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.


    27 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئوتلاق، ئورماننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى بېكىتىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئوتلاق ۋە ئورماننى قوغدايدۇ، بەرپا قىلىدۇ، كۆچەت تىكىش، ئوت - چۆپ تېرىش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئوتلاق ۋە ئورمانغا ھەر قانداق ۋاسىتە بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئوتلاق ۋە ئورماننى بۇزۇپ تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى قەتئىي مەنئى قىلىدۇ.


    28 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى باشقۇرىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىمىلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جايدا ئاچسا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.


    29 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە باشقا كونكرېت شارائىتىغا قاراپ، يەرلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.


    30 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايغا قاراشلىق كارخانىلارنى، كەسپىي ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ.


    31 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەت، تاشقى ئىقتىساد سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، گوۋۇيۈئەننىڭ تەستىقى بىلەن، تاشقى سودا پورتىنى قۇرسا بولىدۇ. 


    چەت ئەل بىلەن چېگرىداش مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار گوۋۇيۈئەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرا سودىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار تاشقى ئىقتىساد سودا پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.


    32 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مالىيىسى بىر دەرىجىلىك مالىيە، شۇنداقلا دۆلەت مالىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشى لازىم.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە، دۆلەت يولغا قويغان مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىدىغان، قېلىپلاشقان تۈزۈم ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيىنىڭ ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مالىيە خام چوت چىقىمىدا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېھتىيات مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، زاپاس خىراجىتىنىڭ خام چوتتا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئادەتتىكى رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مالىيە خام چوتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئارتۇق كىرىم قىلغان ۋە چىقىمدىن تېجەپ قالغان مەبلەغنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ.


    33 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ تۈرلۈك چىقىم ئۆلچىمى، شتاتى ۋە نورمىسى توغرىسىدا دۆلەت بەلگىلىگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايون تۈزگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارە گوۋۇيۈئەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر تۈزگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ.


    43 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ باج قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، كېمەيتىلىدىغان ۋە كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باج تۈرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەرلىك مالىيە كىرىمىگە ياتىدىغان، باج جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش زۆرۈر بولغان بەزى باج تۈرلىرىنى كېمەيتسە ياكى كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر باجنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.


    35 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يەرلىك سودا بانكىسى ۋە شەھەر - يېزا ئامانەت - قەرز ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرسا بولىدۇ.


    36 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز جايىنىڭ مائارىپ پىلانى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئوقۇش مۇددىتى، باشقۇرۇش شەكلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش تىلى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ.


    37 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىدۇ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئادەتتىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىت ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈئىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاز سانلىق مىللەت چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت تاغلىق رايونلىرىدا ياتاقلىق بولۇش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئاساس قىلىنغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى شۇ جاينىڭ مالىيىسىدىن ھەل قىلىنىدۇ، شۇ جاينىڭ مالىيىسىدە قىيىنچىلىق بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيىدىن ياردەم بېرىلىشى كېرەك.


    ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر (سىنىپلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلەرنى قوللىنىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈشى كېرەك؛ ئەھۋالغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ياكى يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇئانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كېڭەيتىشى لازىم.


    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.


    38 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي شەكىل ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەدەبىيات، سەنئەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، مەدەنىيەت ئىشلىرى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىدۇ، مەدەنىيەت مۇئەسسەسىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلارنى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلارنى يىغىش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش، ۋە نەشر قىلىشقا تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلىرى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدايدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.


    39 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ پەت - تېخنىكا تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.


    40 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، زامانىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ھەم ئانا -  بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىدۇ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.


    41 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرىدۇ.


    42 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا جايلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.
    ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.


    43 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.


    44 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار پىلانلىق تۇغۇتنى ۋە ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىشنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.


    مىللىي ئاپتونومىئىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.


    45 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
    http://aqkuq.cn/bbs/read.php?tid=233


    收藏到:Del.icio.us