-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61443348.html
70 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنى، قانۇن كومىتېتىنى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنى، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنى، جۇڭگ مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنى ۋە تەسىس قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.
مەخسۇس كومىتېتلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تۈزىدۇ.
71 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپقاندا، ئالاھىدە مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىل قىلسا ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەممە ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ بۇ ھەيئەتنى زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار.
72 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
73 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە گوۋۇيۈئەنگە ياكى گوۋۇيۈئەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىگە، كومىتېتلىرىغا سوئال قويۇشقا ھوقۇقلۇق. سوئال قويۇلغان ئورگانلار سوئاللارغا مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشى لازىم.
74 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار سورىقىغا تارتىلمايدۇ.
75 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.
76 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋە قانۇنلارنىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى لازىم.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى لازىم.
77 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسىيەت بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
78 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمەت تەرتىپى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
2 – پاراگراف جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى
79 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنى، مۇئاۋىن رەئىسنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سايلاش ھوقۇقىغا ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان 45 ياشقا تولغان پۇقراسى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلىنالايدۇ.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
80 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ، گوۋۇيۈئەننىڭ زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىنى، دۆلەت كومىسسارلىرىنى، مىنىستىرلارنى، كومىتېت مۇدىرلىرىنى، باش مۇپەتتىشنى، باش كارتىپىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە پەخرىي ناملىرىنى بېرىدۇ، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىدۇ، جىددىي ھالەتتە تۇرۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇرۇش ھالىتىنى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ.
81 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىدۇ، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاسسەن، چەت ئەللەردە تۇرىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە چاقىرتىۋالىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنى تەستىقلايدۇ ۋە بىكار قىلىدۇ.
82 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ياردەملىشىدۇ.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسنىڭ ھاۋالىسى بىلەن رەئىسنىڭ بىر قىسىم خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزسە بولىدۇ.
83 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى خىزمەت ھوقۇقىنى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس خىزمەت تاپشۇرۇۋالغىچە يۈرگۈزىدۇ.
84 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مۇئاۋىن رەئىس رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، مەملىكەتلى خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ، مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئورنىمۇ بوش قالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تولۇقلاپ سايلايدۇ؛ تولۇقلاپ سايلىغىچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاقتىنچە ئۆتەپ تۇرىدۇ.
3 – پاراگراف گوۋۇيۈئەن
85 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوۋۇيۈئەنى يەنى مەرىزىي خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنىدۇر، دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرى ئورگىنىدۇر.
86 – ماددا گوۋۇيۈئەن تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:
زۇڭلى،مۇئاۋىن زۇڭلىلار،
دۆلەت كومىسسارلىرى،
مىنىستىرلار،
كومىتېت مۇدىرلىرى،
باش مۇپەتتىش،
باش كاتىپ.
گوۋۇيۈئەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردا مىنىستىر، مۇدىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
گۋۇيۈئەننىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
87 – ماددا گوۋۇيۈئەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
زۇڭلىنىڭ، مۇئاۋىن زۇڭلىلارنىڭ، دۆلەت كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
88 – ماددا زۇڭلى گوۋۇيۈئەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دكلەت كومىئىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.
زۇڭلى گوۋۇيۈئەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىنى ۋە گوۋۇيۈئەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ.
89 – ماددا گوۋۇيۈئەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ؛(2)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىدۇ؛
(3) مىنسىتىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە مىنىسىترلىق ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەمۇرىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ؛
(4) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركەزدىكى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم راين، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ؛
(5) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خام چوتىنى تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ؛
(6) ئىتقىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛
(7) مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛
(8) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە تەپتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەم بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ؛
(9) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزىدۇ؛
(10)دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ؛
(11)مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلى قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە مىللىي ئاپتونومى، يىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛
(12) جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛
(13) مىنىستىرلىقلار، كومىتېتلار چىقارغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە نىزاملارنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛
(14) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛
(15) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى تەستىقلايدۇ؛
(16) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛
(17) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شتاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ؛
(18)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.
90 – ماددا گوۋۇيۈئەن قارمىقىدىكى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنسىتىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ مىنىستىرلىق كېڭىشىنى ياكى كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىنى، كومىتېت كېڭىشىنى، چاقىرىپ ۋە باشقۇرۇپ، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە دائىر چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ.
مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار قانۇنلارغا، گوۋۇيۈئەننىڭ مەمۇرىي نىزام، قارار ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە نىزاملارنى چىقىرىدۇ.
91 – ماددا گوۋۇيۈئەندە مۇپەتتىشلىك ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، گوۋۇيۈئەندە مۇپەتتىشلىك ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ ئورگان گوۋۇيۈئەن قارمىقىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىم ئىشلىرى ئۈستىدىن، دۆلەتنىڭ مالىيە – پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا – كەسپىي تەشىلاتلىرىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىم ئىشلىرى ئۈستىدىن مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
مۇپەتتىشلىك ئورگىنى مۇپەتتىشلىك – نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى گوۋۇيۈئەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
92 – ماددا گوۋۇيۈئەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
4 – پاراگراف مەركىزىي ھەربىي كومىتېت
93 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:
رەئىس،مۇئاۋىن رەئىسلەر،
كومىتېت ئەزالىرى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
94 – ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كوئىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
5 - پاراگراف يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى
95 – ماددا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىدا بەلگىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەردە ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋە خىزمىتى ئاساسىي قانۇننىڭ 3 – باب 5 -، 6 – پاراگرافلىرىدا بەلگىلەنگەن تۈپ پرىنسىپلار بويىچە قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
96 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدۇر.
ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ.
97 – ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايونلۇق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋەكىل سايلاش ئۇسۇلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
98 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.
99 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىدا ئاساسىي قانۇننىڭ، قانۇنلارنىڭ ۋە مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئەمەلگە قويۇلۇشىغا ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە قارار ماقۇللايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پىلانىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەكشۈرىدۇ ۋە قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ.
ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خام چوتىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىجراسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
مىللىي يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە مىللىي ئالاھىدىلىككە ماس كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.
100 – ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا تاقاشتۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
101 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى ئۆلكە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىرىنى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى، يەنى كلكە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىرىنى، شەھەر باشلىقى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرىنى، ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملارنى، رايون باشلىقى ۋە مۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىنى، يېزا باشلىقى ۋە مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرىنى، بازار باشلىقى ۋە مۇئاۋىن بازار باشلىقلىرىنى ئايرىم – ئايرىم سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى سايلايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاشتا ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتا، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش لائىم.
102 – ماددا ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نائارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلى، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغان ئورۇنلار ۋە سالىغۇچىلار ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
103 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنى سايلايدۇ ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا، ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك.
104 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ھەر ساھەدىكى خىزمەتلىرىگە دائىر چڭ – چوڭ ئىشلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلىدە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرىدۇ ۋە تولۇقلاپ سايلايدۇ.
105 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرىدۇر، دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
106 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
107 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مالىيە، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، تەپتىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق مەمۇرىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ، مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، سىناپ كۆرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ.
يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قارارلىرىنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدۇ.
ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا، مىللىي، يېزا بازارلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگرىسىنى بەلگىلەيدۇ.
108 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۆز قارمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارارىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
109 – ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇپەتتىشلىك، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىدا ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مۇپەتتىشلىك ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
110 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۈئەننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۈئەنگە بويسۇنىدۇ.
111 – ماددا شەھەر يېزىلاردا ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار بويىچە قۇرۇلغان ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتتۇر. ئاھالە كومىتېتىنىڭ ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئاھالىلەر سايلايدۇ. ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خەلق كېلىشتۈرۈش ھەيئىتى، ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى، ئاممىۋى تازىلىق ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەر تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ ھەيئەتلەر ئۆز رايونىدىكى جامائەت ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ياراشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ ھەمدە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.
6 – پاراگراف مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى
112 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر.
113 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناھىئىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
114 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ ھاكىمى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولىدۇ.
115 – ماددا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئاساسى قانۇننىڭ 3 – باب 5 – پاراگرافىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قانۇندا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ.
116 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونومىيە نىزامىنى ۋە ئايرىم نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە ئايرىم نىزاملىرى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
117 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيە كىرىمىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.
118 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەچىلىكىدە، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشتا، كارخانا قۇرۇشتا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
119 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، مىللىي مەدەنىي مىراسلارنى ئاسراش ۋە رەتلەشتە، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدۇ.
120 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈئەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلسا بولىدۇ.
121 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل تىل – يېزىقنى ئىشلىتىدۇ.
122- ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىغا مالىيە، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ.
دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئۆز جايىدىكى مىللەتلەردىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى، تۈرلۈك ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
7 – پاراگراف خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى
123 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ سوت ئورگانلىرىدۇر.
124 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
خەلق ست مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
125 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلولارنى تەكشۈرۈپ برى تەرەپ قىلىش ئىشىنى پۈتۈنلەي ئوچۇق ئېلىپ بارىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالھىدە ئەھۋالدىكى دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا، جاۋابكارلار ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
126 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
127 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي سوت ئورگىنىدۇر.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
128 – ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
129 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەپتىش مەھكىمىلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىك ئورگانلىرىدۇر.
130 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ۋە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
131 – ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ، جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مۇداخىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
132 – ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي تەپتىشلىك ئورگىنىدۇر.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
133 – ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئالدىدا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.
134 – ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل – يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا سوراق ئىشلىرى شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ئەيىبنامە، ھۆكۈمنامە، ئېلان ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل يېزىق بىلەن جاكارلىنىشى كېرەك.
135 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشى، بىر – بىرىگە ماسلىشىشى، بىر – بىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن قانۇننىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
4 – باب دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بەلگىسى ۋە پايتەخت
136 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى – بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى – «پىدائىيلار مارشى».
137 – ماددا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەش يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى تيەنئەنمېننىڭ، چۆرىسىگە باشاقلار ۋە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
138 – ماددا، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى – بېيجىڭ.http://www.uighurbiz.net/forum/viewthread.php?tid=1204&extra=page%3D1
http://aqkuq.cn/bbs/read.php?tid=232历史上的今天:
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--1 2010-04-01جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--2 2010-04-01随机文章:
ئەركىن سىدىقنىڭ ياشلارغا يازغان خېتى--1 2010-04-13جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--1 2010-04-01جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى--2 2010-04-01
收藏到:Del.icio.us