• تەھانىۋى ھىكمەتلىرى

    2010-04-03


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/61520740.html

     

        تەھانىۋى  ھىكمەتلىرى
     

                        " بايانۇل قۇرئان "  ناملىق تەفسىرنىڭ مۇئەللىپى ئەشرەپ ئەلى تەھانىۋى ئېيتىدۇركى: بىركۈنى كوچىدا كىتىپ بارغان  بىر  دىۋانىنى سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئۇنىڭدىن  سورىدۇم،-ئەي دىۋانى  ،ئەقىل دەپ نىمىگە  ئېيتىدۇ؟. 
                          دىۋانە بىر پەس ئاسمانغا قاراپ  خىيال سۈرگەندىن كىيىن : ئەقىل دەپمۇ، ئەقىل دەپ   ھەممىنى يوقتىن بار قىلغان ، ئۈزىنىڭ خۇداسىنى ،ياراتقۇچىسىنى  تۇنىغان نەرسىنى  ئېيتىدۇ . شەرىئەت  ئۈزىنى يوقتىن بارقىلغان خۇداسىنى تۇنىمىغان ،تاپالمىغان  نەرسىنى  ئەقىل دەپ  ئىتراپ قىلمايدۇ .
                                  مەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىدۇم :  ئۇنداقتا خۇدا دەپ نىمىنى ئېيتىدۇ؟.
                       دىۋانە جاۋاپ بىرىپتۇ: خۇدادەپ  تۇرۇپ ئەقىلگە سىغمىغان  زاتنى  ئېيتىدۇ .

                                          *        *          *
                  
                     خۇدا دەپ  تۇرۇپ ،ئىنساننىڭ ئەقلى خۇداسىنى  تاپىدۇ  ، لىكىن ياراتقۇچى بولغان  ئاشۇ زات  ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئىنساننىڭ  ئەقلى  تەپەككۇرى دائىرىسىدىن  ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ (خۇدا قانداقمۇ  ئۈزى ياراتقان ئەقىل دائىرىسىدە بولسۇن؟).خۇدا  مانداق ئىكەن ياكى مانداق پىئىلى بارئىكەن  ،شەكلى ياكى تۇرقى مۇداق دىگەن نەرسىلەر   ئىنسانىنىڭ  ئەقىل دائىرىسىدىن  ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ . پەقەت قۇدرەتلىك بىر  زاتقا ئىمان كەلتۈرىمىز ،تامام.
      پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام  ئېيىتتىكى :خۇدانىڭ  مەخلۇقلىرى  توغرىسىدا ،يەنى  خۇدا ياراتقان نەرسىلەر  توغرىسىدا  تەپەككۇر قىلىڭ  ئۇ بەندىنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىشىنى  زىيادە قىلىدۇ . لىكىن  خۇدا توغرىسىدا  تەپەككۇر قىلىپ  بولمايدۇ . بىز  بۇيرۇققا  بويسۇنغۇچىمىز .

     

    مۇھىددىنى ئەرەبى دىگەن زات ئۆتكەن ، كاتتا   ئالىم .بىر كۈنى ئىبلىس  ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىپتۇ ، ئۇنىڭدىن سۇراپتۇ :ئەي  مۇھىددىن ،خۇدايىتائالا تەبارەك  مىنى نىمە قىلىدۇ؟
              - سىنى  دۇزاختا ئەبەدىي  كۆيدۈرىدۇ .
               -   ئەي، ماڭا نىجاتلىق يوقمۇ؟
                 - يوق!
                - خۇدا  شۇنچە رەھىملىك  زات تۇرۇپ  ئۇنىڭ رەھمىتى  ماڭا يەتمەمدۇ؟
                 -  ياق . ساڭا  يەتمەيدۇ .
                  ئەگەر خۇدايىتائالانىڭ  رەھمىتىنىڭ  ماڭا يىتىشى توغرىسىدا  بىر ئايەت ئوقۇپ بەرسەم نىمە دەيسەن؟
     
              -  ئوقۇغىن  ، - دەپتۇ   مۇھىددىن ئەرەبىي .
                  ئىبلىس:ئەئۇزىبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم " ۋە رەخمەتى  ۋەسىيئاتى كۇللى شەيئى" <مىنىڭ رەھمەتىم  نەرسىگە يېتىدۇ >. خۇدا  مىنىڭ رەھمىتىم ھەممە نەرسىگە يېتىدۇ دەۋاتسا  سەن نىمىشقا  خۇدانىڭ رەھمىتى ساڭا يەتمەيدۇ دەيسەن ؟ مەنمۇ  خۇدانىڭ ئىلكىدى بىر نەرسىمەنغۇ  ، شۇڭا خۇدانىڭ رەھمىتى ماڭىمۇ يېتىشى  كېرەك . دەپتۇ . ھەزرىتى مۇھىددىن ئەرەبىي :
                   - يۇقال سەن بىلەن  تارتىشىپ ئولتۇرمايمەن، دەپتۇ  . ئەتراپىدىكى شاگىرتلىرىغا بولغان ئەھۋالنى دەپتۇ  ۋە  ئەگەر ئىبلىس  سىلەرنىڭ يېنىڭلارغىمۇ كىلىپ  ئاشۇنداق ۋەسۋەسىگە سالسا  ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ يۈرمەڭلار .ئاللا بىزنى  ئىبلىس بىلەن بەسلىشىشكە بۇيرىمىدى،بەلكى ئۇنىڭدىن<ئەئۇزىبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم > پاناھ سۇراشقا بويرىدى.بىزنىڭ  ۋەزىپىمىز  ئاللاھ بۇيرىغاننى قىلىش ،دەپ نەسىھەت قىپتۇ.
     
        ھازىر بەزى ئائىلىلىرنىڭ  ئىشكىدە چوڭ چوڭ  ئىتلار  باغلاپ قۇيۇلغان ،بىز ئۆيگە  كىرمەكچى بولساق ئىت بىزنىڭ قارشىمىزدىن چىقىپ  بىزگە خىرىس  قىلىدۇ .  بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ  ئىت پەيلىدىن يانمايدۇ . پەقەت بىز ئۆي ئىگىسىنى چاقىرىپ  ئىتتىن پاناھ تىلىشىمىز كىرەك . ئۆي ئىگىسى ھاي دىيىشى بىلەن  ئىت جىممىدە ئولتۇرىدۇ .خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش  ئاللاھ تائالا بەندىنى سىناش ئۈچۈن جەننەت يوللىرىغا  ئىبلىسنى يارىتىپ  قويغان.بىز ئىبلىس بىلە ن تارتىشىپ ئولتۇرماي  ئاەللاھتىن  پاناھ تىلىشىمىز كىرەك .
     
         شۇنچە كۆپ يىللار ئۈتۈپ كەتتى  ،دەيدۇ تەھانىۋى .ئويلاپ يەتتىمكى ،مۇھىىدىن ئەرەبىي ئىبلىسنىڭ بىر ئەمەس ،مىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرەر ئىدى(مانا بۇ ئالىملارنىڭ  باشقىلار  توغرىسىدىكى ياخشى گۇمان قىلىش  ئەخلاق -پەزىلىتى)بىراق ئۇنىڭ  بۇنىڭدىمۇ مۇھىم ئىشى بۇلىشى مۇمىكىن ياكى  شاگىرتلىرىنىڭ بۇنى ئۈزىگە يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن  ئەنسىرىگەندۇ. مانا مەن  شەيتانغا شۇنداق  جاۋاپ بەردىمكى :دەر ھەقىقەت  ئاللانىڭ رەھمىتى ھەممە نەرسىگىچە يىتىدۇ . ئەي لەنىتى ئىبلىس !  سەن خۇدانىڭ رەھمىتىنى  جەننەتكە كىرگۈزۈش  دەپ ئويلامسەن ؟   ياق! سىنى دۇزاخقا مەھكۇم قىلغان زاتنىڭ  ساڭا  دۇزاختا بەرگەن  ئازابىنىڭ  چېكى بۇلىشى مۇمىكىن. بىراق ئۇنىڭ  قۇدرىتى چەكسىز .ساڭا چەكلىك ئازاپنى بەرگىنى  ساڭا ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ يەتكىنى. جەھەننەمنى بىنا قىلغان زاتنىڭ  ئۇنىڭدىن مىليارت  بارابەر  ئازاپنى ساڭا بىرەلىشى شۈبھىسىز . ساڭا  پەقەت شۇ دۇزاخ ئازابىنى بەرگىنى ئۇنىڭ  ساڭا بولغان رەھمىتىدۇر . 


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us