• تۇغۇلغان كۈنۈم

    2010-04-03


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/61534306.html

     

    تۇغۇلغان كۈنۈم

    جىبران خەلىل جىبران

    مانا بۈگۈنكى كۈندە تەۋەللۇت بولدۇم. بۇندىن يىگرمە بەش يىل مۇقەددەم دەل بۈگۈنكى كۈندە خاتىرجەملىك مېنى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن تولغان بۇ دۇنيا قوينىغا تاشلاپ قويدى.

    زېمىن، ئاي، قۇياش ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بۈيۈك قانۇنىيەت ئەتراپىدا يىگىرمە بەش قېتىم سەير قىلدىم. بىراق، روھىم ھازىرمۇ ئەشۇ قانۇنىيەت ئىسىملىرىنى پىچىرلاۋاتىدۇ. دېڭىز دولقۇنى غار - ئۆڭكۈرلەردىن ئەكىس سادا قايتۇرىۋاتىدۇ.  

    يىگىرمە بەش يىلدىن بۇيان زامان قولى مېنى بۇ كەڭ، يوچۇن دۇنيا كىتابىنىڭ بىر بېتىگە بىر جۈملە سۆز قىلىپ پۈتتى. بىراق ئۇ سۆز بەكلا گۇڭگا. بىر قارىسا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، يەنە بىر قارىسا كۆپ نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ.

    مانا بۈگۈنكى كۈندە ئالدىمغا چاڭ باسقان ھاياتىمنىڭ مەنالىرى قۇيۇلدى...

    گويا ئۇ تۇتۇق ئەينەك، ئۇزۇن قاراپ كېتىمەن بىراق، يىللارنىڭ قورقۇنچلۇق يۈزلىرى، قېرىلارنىڭ سىياقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئارزۇ - ئارمانلار، شېرىن چۈشلەرنىڭ سىماسىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرەلمەيمەن.

    كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەندە بىر ھازادىن كېيىن يەنە ئاچىمەن. بۇ چاغدا ئەينەكتە پەقەت يۈزۈمنىلا كۆرىمەن. يۈزۈمگە سەپسېلىپ قارايمەن، خاپىلىقتىن باشقا نەرسە كۆرمەيمەن. خاپىلىقتىن سۆزلەر كۈتىمەن، ئاخىرىدا ئۇ سۆزلىيەلمەس گاچا بولۇپ نامايەن بولىدۇ. خاپىلىق سۆزلىگەن بولسا نەقەدەر خۇشال بولغان بولاتتىم - ھە!

    ئەشۇ چاڭ توزانلىق يىگىرمە بەش يىلدا كۆپنى سۆيدۈم.

    نۇرغۇن قېتىم كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى سۆيدۈم.

    كىشىلەر ئارزۇلاپ كېتىشكەن نەرسىلەرنى ياقتۇرمىدىم.

    گۆدەكلىكىمدە سۆيگەن نەرسىلىرىمنى ھېلىھەم سۆيۋاتىمەن.

    سۆيگۈ مەن ئېرىشەلەيدىغان بىردىنبىر نەرسە. مېنى ئۇنىڭدىن ھېچكىم

    ئايرىۋىتەلمەيدۇ....

    ھۆرلۈكنى سۆيدۈم، سۆيگۈ مانا ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە خارلىقنىڭ قولى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ زۇلمەتلىك ئەۋلادلار ياسىغان، نادانلار تىكلىگەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلىقىنى ئاستا - ئاستا تونۇتتى. بۇتلارنىڭ ئۈستى - بېشى قۇللارنىڭ سۆيۈشلىرى بىلەن تولغان. مەن ئەنۇ شۇ قۇللارنى ھۆرلۈكنى سۆيگەندەك سۆيىمەن. ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كور بولۇپ قان - يىرىڭ، زەرداپلىق لەۋلەرنى ئۈپۈۋاتىدۇ. ئۆزلىرى سەزمەي يىلانلارنىڭ نىجىس زەھىرىنى سۈمۈرۈۋاتىدۇ. تىرناقلىرى بىلەن ئۆزىگە قەبرە كولاۋاتىدۇ.

    ھۆرلۈكنى بارچە نەرسىلەردىن ئارتۇقى بىلەن سۆيدۈم. چۈنكى ھۆرلۈك تەنھالىق ھالىدىن كەتكۈزۈپ، جۇدالىق جۈدەتكەن ساھىپجامال بولۇپ چىقتى...

    ساھىپجامال نازۇك خىيالغا ئايلىنىپ مەنزىللەردىن ئۆتۈپ كوچىلارنىڭ دوقمۇشىدا توختاپ ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى چاقىرماقتا... ۋەھالەنكى ئۇلار قاراپمۇ قويمىدىن، قۇلاقمۇ سالمىدى.

    يىگىرمە بەش يېشىمدا بەخىت - سائادەتنى سۆيدۈم، بىراق، ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم. ئۇنى ئىزدەپ تەنھا قالغاندا روھىمنىڭ قۇلىقىمغا پىچىرلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم: بەخىت - سائادەت تېخى گۆدەك. ئۇ، قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تۇغۇلۇپ شۇ يەردە ھايات كەچۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يۆتكەلمەيدۇ.

    بەخت - سائادەتنى كۆرەي دەپ قەلبىمنى ياردىم، قەلبىمدە پەقەت بەخت سىرلىرىنى،  سائادەت ئەينەكلىرىنى يۇلۇقتۇردۇم. بىراق بەخىت - سائادەتنىڭ ئۆزىنى ئۇچرىتالمىدىم.    

    كىشىلەرنى سۆيدۈم...چەكسىز سۆيدۈم... مەنچە كىشىلەر ئۈچ خىل ئىكەن:

    بىرى ھاياتلىقنى قارغايدىكەن.

    يەنە بىرى ھاياتلىقنى قۇتلايدىكەن.

    يەنە بىرى بولسا ھاياتلىقنى دەڭسەپ باقىدىكەن.

    بىرىنچى خىلدىكىلەرنى شور پېشانىلەر بولغاچقا سۆيدۈم، ئىككىنچى خىلدىكىلەرنى كەڭ قورساقلار بولغاچقا سۆيدۈم، ئۈچىنچى خىلدىكىلەرنى بولسا بىلىملىكلەر بولغاچقا سۆيدۈم.

    بۈگۈن دېرىزەمدىن شەھەر سىرتىدىكى نەرسىلەرگە تەپەككۇر نەزىرى بىلەن قاراپ قۇرۇقلۇقتىكى بارچە قەبىھ گۈزەللىكلەرنى كۆردۈم.

    دېڭىز سىرتىغا قاراپ بوشلۇقنىڭ چەكسىزلىكىنى... تەسبىھ ئېيتىۋاتقان دۇنيانى... چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنى كۆردۈم. قۇياشنى، ئاينى، سەييارىلەرنى، تۇرغۇنلارنى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىرگۈچى، تارتقۇچى، تۇغۇلغۇچى ۋە ئۆزگەرگۈچىلەرنىڭ چەكسىز بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغانلىقىنى كۆردۈم.

    نەزىرىمنى تاشلىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئويلاندىم. يىگىرمە بەشنى ئۇنۇتتۇم.

    روھىي دۇنيايىمدىكى ئاشكارا - يوشۇرۇن نەرسىلەر گويا سەبىينىڭ ئاھۇ -    زارىدىن تۆكۈلۈپ چوڭقۇرلۇقنىڭ ئەزەلى، بۈيۈكلۈكنىڭ ئەبەدى ۋە چەكسىزلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك بوشلۇقىنى تىتىرەتكەن چاڭ - توزان.  

    مەن بۇ ئاۋازلارنىڭ، بۇ روھنىڭ ماھىيتىنى بىلىپ تۇرىمەن.

    مانا بۇ مەن چاقىرىۋاتقان نەرسە...

    يۇقىرى ئاۋازىم بىلەن چاقىرىۋاتىمەن، مۇقەددەسلىكنى بارچە ئاۋازىم بىلەن توۋلاپ:

    سالام ساڭا ئەي ھاياتلىق!

    سالام ساڭا ئەي ئويغاقلىق!

    سالام ساڭا ئەي چۈشلەر!

    سالام ساڭا ئەي نۇرى بىلەن زېمىن زۇلمىتىنى يۇتقان كۈندۈز!

    سالام ساڭا ئەي زۇلمىتى بىلەن ئاسمان نۇرىنى ئاشكارا قىلغان كېچە!

    سالام ساڭا ئەي پەسىللەر!

    سالام ساڭا ئەي زېمىننىڭ ياشلىقىنى قايتۇرغان باھار!

    سالام ساڭا ئەي قۇياش سەلتەنەتىنى نامايەت قىلغان ياز!

    سالام ساڭا ئەي بايلىقلىرى بىلەن تەبىئەت ئىرادىسىنى قايتۇرۋالغان قىش!

    سالام ساڭا ئەي زامان مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان يىللار!

    سالام ساڭا ئەي ئەۋلادلار بۇزۇقلىقىنى ئىسلاھ قىلغان يېڭى ئەۋلادلار!

    سالام ساڭا ئەي كامالىيەتكە يۈرۈش قىلغان زامان!

    سالام ساڭا ئەي ھايات جەبرىنى قوغلىغان شامال، قۇياش نىقابى بىلەن يوشۇرۇنغان شامال!

    1908- يىلى، پارىژ

    ئەرەپچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن تەرجىمىسى  


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • 3 ئادرېستىن بىرىمۇ ئەسكەرتىلمىگەنىكەن. يەنى: ئەسلىدىكى ئەرچىن. بلوگ، داڭلىق. مەن ھەممىنى ئەسكەرتكەن. باشقا پىكرىم يوق.
  • ئەسسالام. بۇ يازمىنى سىز 2010-04-03 بۇ يەرگە يوللاپسىز. داڭلىق مۇنبىرىگە چوغدىل ئاتلىق بىرى 2010-04-03 يوللاپتىكەن.
    funy回复چوغدىل 说:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام !
    توغرا دەيسىز ، مەن داڭلىق مۇنبىرىدىن ئېلىپ كىلىپ بلوگىمدا ساقلىۋالغانتىم. توغرا بۇ مەھزۇننىڭ تەرجىمە ئەسىرى.
    . سىز يوللىغانمۇ ؟ باشقا پىكردە بولسىڭىز پېقىر پىكرىڭىزنى جان قۇلاقىم بىلەن ئاڭلايمەن.
    2010-04-24 13:21:31