تەۋىسىيە
ئىزدەش

شەمسىيە ئەبەيدۇللا

تۈرى : شەخىسلەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 12:01:18

 
 

ئىسىم–فامىلىسى: شەمسىيە ئەبەيدۇللا
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى
 يۇرتى: غۇلجا
تۇغۇلغان جايى: ئۈرۈمچى
مۆچىلى: قوي
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش
ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: باھار پەسلى
ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ئالتۇن رەڭ
ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: پولو
ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: شاكىلات، ئۆرۈك ، توڭ مېۋە
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: سەمىمىي، مېھرىبان چىن ئىنسانلار ، خەلقپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر.
ياخشى كۆرىدىغان ئىش: ئوغلى بىلەن كۆڭۈللۈك پائالىيەت قىلىش، خەيرىلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: گۇزەل ھايات (ھايات)
ياخشى كۆرىدىغان ئەسىرى ياكى ئىجادىيىتى: «كىنوچىنىڭ ھېكايىسى»، «مۇھەببەتلىك خەۋەر»، «ئىنتىرنېتتىن تارالغان مۇھەببەت»، «ئانىلار ئامان بولسۇن»، «پەرزەنتىڭىزنى چۇشىنەمسىز»، «ئاپەت رەھىمسىز، مۇھەببەت چەكسىز»، «ھېسام ئاكام»، «تومۇردىن تومۇرغا ئاققان مېھىر»، «يېشىللىق ئەلچىسى»، «سالام ئاتىلار».
شەمسىيە ئەبەيدۇللا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى. ئۇ ئىنتايىن قابىلىيەتلىك بولۇپ، ئىستانسىسىنىڭ تايانچ كۈچى، شۇنداقلا چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ غوللۇق ئادىمى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپمۇ باقمىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى. ئۇنىڭ گۈزەللىكى پەقەت تاشقى قىياپىتىدىنلا ئەمەس، بەلكى قەلبىدىن كەلگەن، ئۇ سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بولۇپلا قالماستىن، مېھىر-مۇھەببەتنى دەرھال ئىپادىلەپ ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالايدىغان ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە. ئۇ دەل — شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇنەۋۋەر پىروگرامما رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا.
   شىنجاڭدىكى «مېھرىبان ئانىلار» تەشكىلى ۋە «يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» كوللېكتىپىنىڭ كونا ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىشتىن سىرت ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە ئاتىۋەتكەن. ياردەم سوراش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغان ھامان، ئۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ياردەم تەشكىللەيدۇ. ئالىي مەكتەپتىن باشلانغان 15 يىلدىن بېرى، ھەرخىل چوڭ-كىچىك پىدائىيلىق مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىدە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ گۈزەل رىياسەتچىسى نۇرغۇن ئادەملەرگە تونۇلدى. ئۇنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «قىيىنچىلىق بولسا شەمسىيەنى ئىزدەيمىز» دېيىشىدۇ. ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى پاراۋانلىق قىزىق لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئىزدەپ كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۇ ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلدى.
2010-يىلى ئۇ قان پونكىتىدا قان تەقدىم قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى بىلىپ، قان تەقدىم قىلىشنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر پىروگرامما ئىشلىمەكچى بولدى، «ئەگەر پىروگراممىدا بۇ گەپنى كۆرۈرمەنلەرگە دەپلا قويساق، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىپ كېتىشى ناتايىن»، شۇڭا شەمسىيە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ 200 مىللىيگىرام قان تەقدىم قىلدى. پىروگرامما كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە ناھايىتى زور ئىنكاس پەيدا قىلدى، ئۆزلۈكىدىن قان پونكىتىغا بېرىپ قان تەقدىم قىلىدىغانلارمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
2011-يىلى، بىر ئاقسۇلۇق ياش قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ قېنى ئاز ئۇچرايدىغان (-)RH قان تىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان قان تېپىلمىغانلىقتىن، ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلالماي ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. شەمسىيە بۇنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قان پونكىتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، رادىيودا بىۋاستە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ، قان تەقدىم قىلىدىغان پىدائىي ئىزلىدى، ئىككىنچى كۈنى ئۇ قان تەقدىم قىلغۇچىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئاقسۇغا ئايروپىلانلىق ئېلىپ بېرىپ، بىمارنىڭ ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتقۇزىۋالدى.
2012-يىلى 2-ئايدا، بىر يېرىم ياشلىق سۈبھىنۇر ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغاندا، شەمسىيە ئىئانە پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ داۋالىنىش راسخوتىنى توپلىدى، تېلېۋىزىيە مەخسۇس پىروگراممىسى ئىشلەش ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزدى.
2012-يىلى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بىر جۈپ قوشكېزەكلەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، شەمسىيە ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىپلا، دەرھال ھەر خىل يوللار ئارقىلىق جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلىپ، نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
2013-يىلى، يېزىلىق بىر ئانا نان يېقىۋاتقان ۋاقىتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن تونۇرغا چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان، ئۇمۇ شەمسىيەنىڭ زور كۈچ چىقىرىپ ياردەم قىلىشىغا ئېرىشتى. 2013-يىلى يېڭى يىلدا، «بىر يۈەن فوندى ئىللىقلىق سومكىسى» تۇرپاندا تارقىتىلدى، بالىلاردا باشقىلارنىڭ «سەدىقىسى»گە ئېرىشكەندەكھېسسىيات پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ سومكا تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى. تاتلىق تەبەسسۇمى، نازاكىتىنى نامايەن قىلغان رىياسەتچىلىك ماھارىتى بىلەن، ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ، مەسىلەن: «كىم ئەڭ تاتلىق كۈلەلەيدۇ؟ كىم كىيىمىنى ئەڭ تېز كىيىپ بولالايدۇ؟» دېگەندەك مۇسابىقىلەر ئارقىلىق، بالىلارغا ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، «ئىللىق سومكا» مۇكاپاتىغا «ئېرىشكەن»لىكىنى بىلدۈردى. بالىلار مۇسابىقە جەريانىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تىكلىدى، قىلچىمۇ «سەدىقە» ئالغاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولمىدى، مۇھەببەت ۋە خۇشاللىقنى ھېس قىلدى.
ئۆتكەن يىلى، ئاقسۇدىن كەلگەن بىر ياشانغان كىشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا يىغلاپ كەتتى. شەمسىيە ئۇ كىشىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن شۇنى بىلدىكى، ئۇنىڭ قىزى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، گەرچە قېرىندىشى بۆرەك تەقدىم قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئوپېراتسىيە ھەققىنىڭ يۇقىرىلىقى بۇ ياشانغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، شەمسىيە دەرھاللا بىلوگ ۋە ئۈندىدارلارغا ئىئانە ئۇچۇرى چىقاردى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا نۇرغۇن ئادەم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ پۇل ئىئانە قىلدى، قىسقىغىنە 3 سائەت ئىچىدىلا 104 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇل يىغىلدى. «نۇرغۇن كىشىلەر خەۋەرنى ئاڭلاپلا ئىئانە قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كېلىشتى، بىر چۈشتىن كېيىنلا بوۋايغا ياردەملىشىپ ئوپېراتسىيە پۇلىنى تەييارلاپ بولدۇق»- شەمسىيە ئىنتايىن خۇشال بولدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشىنىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى،-«بۇ كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان بىر خىل ئىشەنچى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ تارقىتىلىشى». ئۆيىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي شەمسىيەگە بىر ئۇچۇر يازدى: «قىزىم، شۇ چاغدا مەن ئۈرۈمچىدە بىرمۇ تونۇشۇم يوق، ئۆزۈمنى ئىنتايىن يار-يۆلەكسىز ھېس قىلغان ئىدىم، بىراق ئەسلىدە بارلىق ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ مېنىڭ تۇغقانلىرىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، سىز ماڭا بۇ دۇنيانىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدىڭىز. مەنمۇ بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلى مەن سىزدەك دادىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن قىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما ئەكسىچە سىز ماڭا ۋە مېنىڭ قىزىمغا ياردەم قىلدىڭىز. مەن سىزدەك بىر ۋاپادار قىزىمنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايمەن، ھەر قېتىم سىزنى تېلېۋىزوردا كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئەتراپتىكىلەرگە: ‹ئۇ مېنىڭ قىزىم› دەيمەن، رەھمەت سىزگە، قىزىم .......»
بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر دادا تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغان بالىسىنى ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇدۇل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. شەمسىيە بالىنىڭ تۇغما مەقئەت يولى پۈتۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى تاپشۇرالمىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دەرھال دوستى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە يەنە بىر ساخاۋەتچى كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 مىڭ يۈەن ياردەمنى قولغا كەلتۈردى، بالىمۇ ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىندى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى شەمسىيەگە ئۇچۇر يوللاپ، «بىز سىزگە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمىز، لېكىن، بالىلارنىڭ ئاپىسى قىرىقىدىن تۇرۇپ، ئانا-بالا ئىككىسى بىر ئاز ياخشىلانغاندا، چوقۇم ئۈرۈمچىگە بېرىپ، سىلەرگە يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتىمىز. سىز بىزنى بۇ جەمئىيەتكە نىسبەتەن يېڭى بىر تونۇشقا ئىگە قىلدىڭىز، بىزگە كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردىڭىز، كۈندە تېلېۋىزوردا كۆرۈپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىمۇ قايتىدىن تونۇدۇق. گەرچە سىز كۈندە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بولسىڭىزمۇ، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ھەر كۈنى بىزنىڭ قەلبىمىزدە. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى مەڭگۈ سىزنى، بۇ دۇنيانىڭ مۇھەببەتكە، ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. رەھمەت سىزگە» دېدى. ئۇزۇن يىللىق پىدائىيلىق ھاياتىدا، شەمسىيەنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشكەنلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ: كۆيۈپ يارىلانغان 2 ياشلىق بالا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان ياشانغان كىشىلەر، ئەمالىق گىردابىغا بېرىپ قالغان 5 ياشلىق كىچىك قىزچاق، ئامالسىزلىقتىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن يېتىم بالىلار......
ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى قاپلاپ، خۇددى قۇياش نۇرىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى.  تۇرمۇشتا بولسا، شەمسىيە مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، بىرەر قېتىممۇ خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپ باقمىدى، ھەتتا بىر قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، چۈشتىن بۇرۇن پىروگرامما كۆرۈنۈش ئېلىشقا قاتنىشىپ، چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئوپېراتسىيەگە ئۈلگۈرۈپ باردى، يەنە بىر قېتىم بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىككىنچى كۈنىلا كېلىپ پىروگرامما ئىشلەشكە قاتناشتى، ئۇ بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ مۇشۇنىڭدەك بوشاشماستىن، تىرىشىپ ئىشلەشتەك روھىغا تايىنىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق،  تېلېۋىزىيە خەۋىرى كەسپىگە پىشىپ كەتتى. قىسقىغىنە نەچچە يىل مابەينىدە، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان بىر قانچە پىروگرامما رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تاماشىبىنلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
رىياسەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغاندىن بېرى، ئۇ خىزمىتىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، كەسپىي بىلىملىرىنى كېڭەيتىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئۆزىنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتتى. خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىكى  بىلىم بولسا، ئۇ بىر-بىرلەپ ئۆگىنىپ ماڭدى. شەمسىيە ئەبەيدۇللا يەنە ئۆزى بىر تېلېفون خاتىرىسى تۇتۇپ، بىر قىسىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئۇلار بىلەن دەل ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىروگراممىغا بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئاساسەن، پىروگراممىنى ئىشلىگەندە، كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخسۇس پىروگرامما ئىشلەش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ رازىمەنلىك نىسبىتى ۋە پىروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇردى.
بۇ يىل خوتەندە يەر تەۋرىگەندە، شەمسىيە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئاۋۋال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن زىيارەت قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى قىلىشقا باشلىدى. ئەينى چاغدىكى شارائىت ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇلار ئۇخلىغاندا كىيىم بىلەنلا ياتاتتى، تېلېفون سىگنالى يوق، تاماقمۇ يوق، ھەتتا بىردەم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالغۇدەكمۇ شارائىت يوق ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈمىد ۋە مۇھەببەت تارقىتىدىغان تاتلىق كۈلكىسى بىلەن شۇ تاغلىق رايوندا چىداپ بىر ھەپتە تۇردى. كىيىملىرى مەينەت بولۇپ، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ، ئاشقازىنىنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ، يۈز ۋە قول تېرىلىرى يېرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، قىلچىلىك زارلىنىپ باقمىدى. ئاپەت رايونىدىكى ئامما: ”ئادەتتە بىز سىزنى كۈندە تېلېۋىزوردا كۆرۈپ تۇراتتۇق، سىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا كۆرەلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بىز ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمىزدا...... بالىلارنىڭ سىزنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجىنى ۋە كۈلكىسى بىزنى خاتىرجەم قىلدى، چۈنكى ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بەكلا قورقۇپ كەتكەن، سىز ئاپەتتىن كېيىن ئۇلارنى خۇشال قىلالىغان تۇنجى ئادەم......“ دېيىشتى.

 

 

ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، بىر-بىرىدىن مۇنەۋۋەر نۇرغۇن پىروگراممىلارنى تۈزۈپ چىقىپ، رەھبەرلەر ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2007-يىللىق ۋە 2009-يىللىق مەملىكەتلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىدىكى مۇنەۋۋەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا، رىياسەتچىلىك بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ 2008-يىلى جۇڭگو «ئالتۇن مىكروفون» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە «مېھرىبان پەرىشتە» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن؛ 2008-يىللىق «ئالتۇن سۇمۇرغ» مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى رىياسەتچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ ئۆزى يازغان ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان مەخسۇس فىلىم «كىنو قويغۇچىنىڭ ھېكايىسى» 2007-يىللىق مەملىكەتلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىدىكى مۇنەۋۋەر رادىيو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا، 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان؛ تۈزگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان، ئۆزى يېزىپ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان مەخسۇس فىلىم «ئىللىق سەپەر» 2010-يىللىق شىنجاڭ خەۋەرلەر مۇكاپاتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 2012-يىلى ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە «رادىيو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى ماھىر ياش خىزمەتچى» بولۇپ باھالانغان؛ 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكىدىكى يېڭى يۇلتۇز» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 2013-يىلى شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئانىلارنى توردا باھالاش پائالىيىتىدە، «شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ئانا»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان؛ 2013-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقنى ئىزدەش» باھالاش پائالىيىتىدە، تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ئارقىلىق ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈپ، «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق» بولۇپ باھالانغان؛ ئۇنىڭ بىر-بىرىدىن تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن تورداشلار ئۇنىڭغا «شىنجاڭنىڭ مېھرىبان پەرىشتىسى»، «تاراتقۇ ساھەسىدىكى تىرىك لېي فېڭ» دەپ نام بەرگەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «مېھرىبان ئانىلار» تەشكىلىنىڭ ۋە «شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى» كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى،  شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى.

 

 

 

«ئەگەر مەن ئازراق بەدەل تۆلىسەم باشقىلار ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا بۇ مېنىڭ بەدەل تۆلىشىمگە ئەرزىيدىغان ئىش»
شەمسىيە سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن توختاپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى: «مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى باشقىلارغا ياردەم بەرگۈزۈش، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۈنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، باشقىلارغىمۇ ياردەم بېرەلىگەن بولسا، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان بولاتتى». شەمسىيەنىڭ قارىشىچە، پاراۋانلىق ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا پۇل ئىئانە قىلىش ئەمەس، ئادەتتىكى بىر تەبەسسۇم ياكى كۆيۈنۈپ ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزمۇ كۇپايە.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نىشانى بار، كۈرەشچان، مەسئۇلىيەتچان، بېغىشلاش روھىغا ئىگە ياشلار ئەڭ گۈزەلدۇر!»


ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号