تەۋىسىيە
ئىزدەش

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

تۈرى : شەخىسلەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 11:58:40

 
ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۇسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ << قەشقەر تارىخى >> دىمۇ ئىنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان 1028 – يىلى ئەلجەۋھىرىنىڭ << ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت >> ناملىق ئەرەپچە سۇزلىكنى پارىسچە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئىلىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەلىرىگە قارىغاندا . سۇتۇق كۇل بىلىگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارىسلانخاننىڭ ئۇغلى بۇلۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 – يىللىرى ياكى 910 – يىللىرى تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇرۇن ئۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ، تەخىتكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ھاكىميەت يۇرگۇزگەن . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قىچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايماننى 932 – يىلى كۇتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يىقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سىلىشقا ئىجازەت بەرگەن ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كىلىپ سۇدا قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ 12 ياشقا تۇشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، ئۇزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئىلىپ كەلگەن ماللارنى كۇزدىن كەچۇرۇش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇش ئەھۋالىنى كۇرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سۇئال سۇرغان ، << سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۇكسەك پەزىلەتلىرىنى باياب قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەد ئەلەھسالامنىڭ سۇزلىرىدىن نەقىل ئىلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۇزلىگەن >> . ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۇزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ئۇزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان ، سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە – يىگانە تاساددىبىي يۇز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئۇتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىغان . ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۇز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يۇلى ئارقىلىق ئانا دىيار رايۇنىمىزغا كىرگەن . ئۇتتۇرا ئاسيادىكى ماۋەرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چىگراسىدا يۇز بەرگەن تۇرلۇك ھەربىي ھەركەتلەر ۋە سۇدا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۇرىكلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا سەۋەپچى بۇلغان ، بۇ ئەھۋاللار قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىكى تارىخى ئارقا كۇرۇنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن .
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号