تەۋىسىيە
ئىزدەش

يولداش شۆھرەت زاكىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

تۈرى : شەخىسلەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 11:56:43

 
شۆھرەت زاكىر, ئەر, ئۇيغۇر, 1953 – يىلى 8 – ئايدا تۇغۇلغان, شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىن, 1970 – يىلى12 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان, 1985 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن, جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن, ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان, ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى بولغان.1970 – يىلى 12 – ئايدىن 1972 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
ماناس ناھىيەسى بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان; 1972 – يىلى 2 – ئايدىن 1974 – يىلى 2– ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بولغان; 1974 –يىلى 2 – ئايدىن1978 – يىلى3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ دىۋوپۇ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان;1978 – يىلى 3 – ئايدىن1980 – يىلى 6 – ئايغىچە خۇبېي جياڭخەن نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان;1980 – يىلى 6 – ئايدىن 1984 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ نېفىت – يەر شارى فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا تېخنىك بولغان;1984 – يىلى 6 – ئايدىن 1988 – يىلى 5– ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سانائەت باشقارمىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى, مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان);1988 – يىلى 5 – ئايدىن 1992 – يىلى11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى
بولغان;1992 – يىلى 11 – ئايدىن 1993 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق
ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان;1993 – يىلى 8 – ئايدىن 1997 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادكومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان; (بۇمەزگىلدە 1994 – يىلى 3 – ئايدىن 1994 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە, باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان);1997 – يىلى 2– ئايدىن1997 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن
باش كاتىپى, قوشۇمچە تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان;1997 – يىلى7 – ئايدىن 2000 –يىلى7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى, مۇئاۋىن مۇدىر بولغان (1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان; 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان);2000 –يىلى7 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى
(دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى, مۇئاۋىن مۇدىر بولغان;2000 –يىلى 12 – ئايدىن2001 – يىلى3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى, مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى, مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان;2001 – يىلى 3 – ئايدىن2005– يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى, شەھەر
باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2004 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش, ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان);2005 – يىلى 12 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 –ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان;2006 – يىلى 1– ئايدىن 2008 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى, مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان (2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2007 – يىلى 3 –ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان, ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى بولغان);2008 – يىلى 3 – ئايدىن2009 –يىلى7 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى, شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى, مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار بولغان;2009 – يىلى 7
– ئايدىن 2011 – يىلى 6 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى, شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى, مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار, جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان;2011 –يىلى 6 – ئايدىن 2013 – يىلى 12 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر
كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك), جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلاربىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان;2013 – يىلى 12 – ئايدىن 2014 – يىلى 1 –ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان;2014 –يىلى 1 – ئايدىن 2014 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى, پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان;2014 – يىلى 12 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم
رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى, ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.مەملىكەتلىك 10 – ,11 – , 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولغان.ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号