تەۋىسىيە
ئىزدەش

مىرسۇلتان ئوسمان

تۈرى : شەخىسلەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 11:55:37


 مىرسۇلتان ئوسمان 1929 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرى ئاقكەنت يېزىسىدا خوتەن قاراقاشلىق ئازنىباقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1932- يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان ۋە 1943- يىلى ئىلى تور بولۇپ ئىشلىگەن. 1951- يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىلىم ئوقۇغان. مىرسۇلتان ئوسمان بىر يىلدىن ئارتۇق بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن (1952- يىلى لى جىڭۋېي، چېن زوڭجېن، جىن شىياڭيى، لۇ بىڭروڭ، گاۋ شىجې... قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن). ئۇ ئەنە شۇ يىللاردىن باشلاپ ئانا تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. 1957- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1965- يىلىغىچە ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1965- يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە 1979- يىلىغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1979- يىلى 11- ئايدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغاندا، مەزكۇر ئورۇنغا تەقسىم قىلىنغان ۋە 1989- يىلىغىچە مەزكۇر ئورۇندا خىزمەت قىلغان. 1989-يىلىدىن باشلاپ 1997- يىلى دەم ئېلىشقا چىققۇچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان.

 

ئالىم ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئىشقى بىلەن يانغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن 1950- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئاشۇ جاپالىق شارائىت دەۋردىن باشلاپ، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن مېڭىپ تىلى دالالىرىنى، يېزا- قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ تىلى بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 1955- يىلى قەشقەر شەھەر ئىچى، ئوپال يېزىسى، پەيزىۋات ناھىيىسىدە؛ 1956-، 1957- يىللىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، قاراقاش، ئېلچى، لوپ، چىرا، نىيا، كېرىيە ناھىيىلىرىدە تىل تەكشۈرگەن. تىل تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى قېلىن تۆت خاتىرىگە يېزىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا < ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 1960- يىلى 5- ئايدىن 10- ئايغىچە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ مىرسالى، كۈزلەك، تىكەنلىك (ھازىرقى دېھقانچىلىق 2- دېۋىزىيىسى 34- پولك تۇرۇشلۇق ئورۇن) يېزىلىرىدا، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن يېزىسى ۋە يېڭىسۇدا تىل تەكشۈرگەن. 1962- يىلى ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز مەسىلىسىنى مەركەز قىلىپ تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسى ۋە ئۈرۈمچىدە تىل تەكشۈرگەن. 1965- يىلى ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈشتە بەزي مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش يۈزىسىدىن قەشقەر شەھەر ئىچى ۋە خوتەن ئېلچىدا تىل تەكشۈرگەن. 1967- يىلىدىكى قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلى، ئالتاي رايونىدا يېتەكچى بولۇپ تىل ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 1979- يىلى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 1980- يىلى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى لېكسىكىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئاتۇش، قەشقەر كوناشەھەر ۋە يېڭىھېسار ناھىيىلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. 1986- يىلى تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ چېگرىسىنى ئايرىش بويىچە ئاتۇش، يەكەن، قاغىلىق، مەكىت، يوپۇغا، مارالبېشى، كەلپىن، ئاقسۇ، كۇچار ناھىيىلىرىدىكى تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 1986- يىلى خوتەننىڭ لاڭرۇ كەنتىدە تىل تەكشۈرۈشتە بولغان. 1988- يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ دىغار، لۈكچۈن يېزىلىرىدا تىل تەكشۈرگەن. 1989- يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا تىل تەكشۈرگەن. 1996- يىلى 5- ئايدىن 7- ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تۆمۈرتى، ئاققاش (داڭسىڭ) قاتارلىق جايلىرىدا تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كەسپىي يېتەكچى بولۇپ قاتناشقان. 1987- يىلى تەتقىقاتچى (ئالىي دەرىجە) ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1988- يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. 1989- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە ش ئۇ ئا ر بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-، 1992- يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە تىل تەكشۈرگەن. 1991- يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالىنىپ، ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان. 2005- يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا «دىۋان» تەتقىقاتىدا تۆھپىكار ئالىم بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号