تەۋىسىيە
ئىزدەش

سانىيەم ئىسمائىل / Saniyem Ismail

تۈرى : شەخىسلەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-08 11:48:01

سەنئەت ئىجادىيىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە يالقۇنلۇق مۇھەببىتىنى ئىزچىل ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، مەپتۇنكار ئاھاڭلاردىن مېلودىيىلىرىدىن گۈلدەستىلەرنى تىزىۋاتقان «سېغىندىڭمۇ»، «ئاسمىنىم» قاتارلىق بىر يۈرۈش جەلپكار ناخشىلىرى بىلەن كۆڭۈل قەسرىمىزدە ئۆزگىچە بىر سۆيۈملۈك ئوبراز تىكلىگەن ئۇيغۇر قىزى سانىيەم ئىسمائىل، ئوتتۇرا ئاسىيەدىكى گۈزەل مەملىكەت قوشنىمىز قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە سەنئەت سۆيەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تۆت يېشىدا «سېرگىي مىرونوۋىچ كىروف» نامىدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ناخشا-مۇزىكىغا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولغاچقا 9 يېشىدىن باشلاپ «پىئوتېر ئېلىچ چايكوۋىسكى» نامىدىكى سەنئەت مەكتىپىنىڭ دۇتار كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز تالانتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرى دۇتار تارىلىرى بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىپ، كۈندە سىردىشىدۇ. ئىزدىنىشچان، غايىلىك سەنئەت پەرۋانىسى سانىيەم ئىسمائىل 1998-يىلى سەنئەت مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوڭۇشلۇق تاماملاپ شۇ يىلى ئالمائاتا شەھىرىدىكى ‹پىئوتېر ئېلىچ چايكوۋىسكى›نامىدىكى ئالىي مەكتىپىدە دۇتار كومپوزىتورلۇق كەسپى بويىچە ئەتراپلىق تەربىيىلىنىدۇ.
ئۇ 2001-يىلى ئالىي مەكتىپىدىكى ئوقۇشىنى نەتىجىلىك تاماملىغاندىن كىيىن توختىماي ئىزدىنىپ شۇ يىلى ئالمائاتا شەھىرىدىكى «قورمانغازى» نامىدىكى «كانسىرۋاتورىيە» نىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىدە شۇنداقلا دۇتار كەسپىدە بىلىم ئاشۇرىدۇ.
سانىيەم ئىسمائىل 2004-يىلى تەتىل ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئاتا-بوۋىلىرى ياشاپ ئۆتكەن ئەسلى مەنبە، ئانا دىيار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قەدەم بېسىپ، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن، ئايشىگۈل مۇھەممەت قاتارلىق ئۇستاز سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ دۇتار-تەمبۇر ھەققىدىكى كەسپى دەرسلىرىگە قاتنىشىدۇ.
2006-يىلى «كانسىرۋاتورىيە» دىكى ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىپ، 2007-يىلى يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئايشىگۈل مۇھەممەت مۇئەللىمدىن داۋاملىق تۈردە ناخشا كەسپى بويىچە تەلىم ئالىدۇ.
2008-يىلى ئۇنىڭ جاپالىق تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە ئالمائاتا شەھىرىنىڭ «قۇددۇس غوجاماياروف» نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا «سانىيەم ئىسمائىل يالغۇز كىشىلىك سەنئەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.
2009-يىلى قازاقىستاندا سانىيەم ئىسمائىل ئىجراسىدىكى «مەڭگۈ مىراس» ناملىق CD پلاستىنكىسى رەسمىي ھالدا بازارغا سېلىنىدۇ.
2010-يىلدىن باشلاپ ئۇ يەنى دىيارىمىز شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ - كىچىك كېچىلىكلەرگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇنلارنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.
سانىيەم ئىسمائىلنىڭ 2010 - يىلى چىقارغان «سېغىندىڭمۇ» ناملىق CD پلاستىنكىسى ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان نادىر پلاستىنكىغا ئايلاندى.
سانىيەم ئىسمائىل مۇشۇ بىر قانچە يىل مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل مەيلىنى ئىستەپ، نەزەر كۆڭلىڭىزدە بولۇۋاتقان «مېنىڭ ئىسمىم ئۇيغۇر قىزى» ناملىق پلاستىنكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، نادىر ئىشلەش ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ھەم چوڭقۇر چۈشىنىش مەقسىتىدە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يۇرت-يۇرتلارغىچە بېرىپ، ئەستايىدىل كۆزىتىپ، رەڭدار، كۆركەم ھەم نەپىس كۆرۈنۈشلەرنى تاللاپ سۈرەتكە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تالانتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ مەزكۇر پلاستىنكىدىكى «مېنىڭ ئىسمىم ئۇيغۇر قىزى»، «نىيەت»، «ئىنسان»، «مەڭگۈ مىراس»، «دون» قاتارلىق بەش ناخشىنىڭ سۆزى ھەم مۇزىكىسىنى ئىشلىدى.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号