غۇلامئەلى غوپۇر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى،مۇزىكىغا ، ناخشىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ، قەلبىنى چۇلغاۋاتقان ئارزۇ ئارمانلىرى ئۇنى بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەپ ، قەلبىدىكى ئاشۇ يۈكسەك چوقىلارغا چىقىش ئۈچۈن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ، ئارزۇسى بويىچە مۇزىكىدىن تىخىمۇ ئەتراپلىق ، مۇكەممەل بىلىم ئىلىش ، ئىزدىنىش ئۈچۈن ئىمتىھان بىرىپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى چوڭلار مائارىپىغا قوبۇل قىلىندى .
ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇش ھاياتىدا ئىزچىل بوشاشماي ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئۈگەندى . كىيىنچە كومپىيوتۇردا مۇزىكا چالغۇلاشتۇرۇش ئىستىكى بىلەن ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشا سەنئىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ، ھەم قۇشىۋاتقان ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان سەنئەتكار ، مۇزىكانت مەۋلان مەمتىمىنىڭ زامان سىتودىيىسىدە، مەۋلان مەمىتىمىن ۋە ئىنىسى مۇھەببەت مەمىتىمىن لارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەل ھەم سىستىملىق ئۆگەندى .
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئۇ上海都全紧固件有限公司 دە ئىشلەپ كەلمەكتە . گەرچە ئۆز كەسپىگە تۈپتىن يات خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما مەسئۇلىيەتچانلىق ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ باشقا خىزمەتداشلىرى ھەم شىركەت يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ھەم ئالىي باھاسىغا نائىل بولۇپ كەلمەكتە .
ئەمما مۇزىكىدىن ئىبارەت ، ئۇنىڭ سەبىي چاغلىرىدىن تارتىپ قەلبىدە بىخ سۈرۈپ ، يىلتىز تارتقان بۇ ئارزۇ ئارمانلار ئۇنىڭ قەلبىنى ھەر ۋاقىت چۇلغايتى . ناخشا مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە ئۈندەيتى . بالىلىقتىكى ئارزۇ-ئارمانلار ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ھەم سۇنماس ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزلىكىدىن ئىجادىيەت قىلىپ ، 2010-يىلنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت مىۋىسى بولغان < كىتەرسەنمۇ > ناملىق ناخشىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى . بۇ ناخشا كەڭ ياشلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىپ ، بىر مەزگىل مودا ناخشىلاردىن ئورۇن ئالدى . شۇنداقلا دوستلىرى ھەم كەسپداشلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ، رىغبەت ، ئىلھاملىرىغا مۇيەسسەر بولدى . بۇنىڭدىن قەلبى ئالەمچە خوشال بولغان غۇلامئەلى تىخىمۇ تىرىشىپ ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ كىيىن سۆيەلمىسەڭمۇ ، ئەزىز يار ، قارىمىساڭمۇ ، ئايدىڭ كىچىلەر، جان ئانا قاتارلىق بىر يۈرۈش لىرىك ، مۇڭلۇق ناخشىلارنى ھەم شوخ خەلق ناخشىلىرىنى ئىشلىدى ھەم MV ناخشلىرىنى ئىشىلەپ ئۇيغۇر توربەتلىرىدە ئىلان قىلىپ ، ياشلارنىڭ ھەم چوڭلارنىڭمۇ ياقتۇرىشىغا نائىل بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن خىزمەتتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزىنىڭ ھەم كەسىپداشلىرىنىڭ ئىجادىي ناخشىللىرىنىڭ مۇزىكىسى ھەم چالغۇلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ كەلمەكتە .
ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئۆزى سۆيگەن بۇ كەسپىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ، تىرىشىش ئارقىلىق 2013-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى < دەردىمنى ئال > تىمىسىدىكى پىلاستىنكىسىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتۈردى . 2013- يىلنىڭ ئوتتۇرى بارلىق ناخشىلىرىنىڭ چالغۇلاشتۇرۇش ، ئۈنگە ئىلىش خىزمىتىنى تاماملاپ ، 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2014- يىلى 5- ئايغىچە ، تالانتلىق ئاكتىيور ، تونىلىۋاتقان رىژىسسور مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر بىلەن قەشقەر ، ئۈرۈمچى ، شاڭخەي ، خاڭجۇ ، يىۋۇلاردا سۈرەتكە ئىلىپ ، پۈتۈنلەي يىڭىلىققا ، خاسلىققا ، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان پلاستىنكىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇندى .
ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن . شۇنداق غۇلامئەلىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ، كەسپىگە بولغان مۇھەببىتى ھەم مەسئۇلىيەتچىلىقى بىلەن ئۇنىڭ بۇ مىننەتسىز ئەجىرلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىگە لايىق بولغان نەتىجىلەرنى بەردى . غۇلامئەلى غوپۇرمۇ بۇندىن كىيىنمۇ ئۆز كەسپىدە يەنىمۇ تىرىشىپ ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ، تىخىمۇ نادىر ئىسىل بولغان ، مۇڭلۇق ، لىرىك كۈيلەرنى ، شوخ ، جۇشقۇن ناخشىلارنى خەلىقىمىزگە سۇنغۇسى . ئۇيغۇر سەنئەت كۆكىدە پارلاۋاتقان ، ئۈمىدلىك يۇلتۇزلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغۇسى .....