تەۋىسىيە
ئىزدەش

يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى

تۈرى : شەخىسلەر يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-07 05:53:05

\
  شى جىنپىڭ ، ئەر ، خەنزۇ ، 1953-يىلى شەنشىنىڭ فۇپىڭدا تۇغۇلغان . 1974-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن . 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان . چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ماركىسزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن ، خىزمەت قىلىۋېتىپ ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى . 2012-يىلى 15-نويابىر 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان .
  1969–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسىنىڭ لياڭجياخې دادۈيىدە قايتا تەربىيە ئالغان ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
  1975–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سېنتىز كەسپىدە ئوقۇغان .
  1979–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ كاتىپى بولغان (ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن ).
  1982–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
  1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان .
  1985–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى شيامىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان .
  1988–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
  1990–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .
  1993–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .
  1995–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .
  1996–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان .
  1999–يىلىدىن 2000–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.
  2000–يىلىدىن 2002–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئۆلكە باشلىقى (1998–يىلىدىن 2002– يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە–ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيەۋى –سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىدا ئوقۇغان ، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛
  2000–يىلىدىن 2002 –يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.
  2002–يىلىدىن 2003–يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.
  2003–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .
  2007–يىلى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شاڭخەي گارنىزونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان .
  2007–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، پارتىيە 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
  2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.
  2008-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .
  2010-يىلى 10-ئايدا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .
  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان .
  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان .
  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان .
  2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 

http://uyghur.people.com.cn/157635/15300430.html
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号