تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ خاسىيىتى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-06 21:51:27

ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ خاسىيىتى

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئەدەپ- قائىدىلىرىمىز، ئائىلە مەدەنىيىتىمىز سۇسلىشىپ، بۇنىڭ ئورنىغا بولمىغۇر قائىدە- يوسۇنلىرىمىز ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا- ئانا بولغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ئەلۋەتتە.
مەن ئۆزۈمنىڭ 30 يىللىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھاياتىمدا پۈتۈنلەي كىچىك ۋاقتىمدا قوبۇل قىلغان ئائىلە تەربىيىسىنى ئۇدۇم قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى ئائىلە مۇھىتى تىكلەش جەھەتلەردە ئىزدەندىم. چۈنكى مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلەم بىر چوڭ جەمەت ئىدى. بىز بوۋام،مۇمام، تاغام- ھاممىلىرىمىز بىلەن بىر قورودا بىللە تۇراتتۇق، مېھرى- مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. قوشنا – قۇلۇملار بىلەنمۇ ئۇرۇق تۇغقاندەك ئېجىل ئىناق ئۆتەتتۇق. يۇرتىمىزدىكى بىرەر كىمنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇرۇق- تۇققانلىرى، يۇرتداشلىرى كېلىپ قالسا بىزنىڭ ئۆيگە قىلىپ، باغ- ۋارانلىرىمىزنى زىيارەت قىلاتتى. ھەممىمىز ياش قۇرامىمىزغا بېقىپ كۈندىلىك ۋەزىپىلىمىزنى ئورۇنداشقا تىرىشاتتۇق. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلاتتى. شۇنىڭ  تەسىرىدىنمۇ ھازىر ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ ئۆي ئىشلىرىنى قولمۇ – قول قىلىشقا ئادەتلەندۈردۈم. بىر قىسىم ئىشلارنى پەرزەنتلىرىمنىڭ مۇستەقىل قىلىشىغا تاپشۇرىمەن. شەنبە- يەكشەنبە كۇنلىرى كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش، كۆك- تات سېتىۋېلىش، تاماق ئېتىش ئىشلىرى ئادەتتىكى ئىش تۈرى ھېساپلىنىپ، قىزلىرىم بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى بىمالال ئىشلەپ كېتەلەيدۇ. 
ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، پەرزەتلىرىمىزنى بەك ئەركە ئۆگەتمەيلى، ئۇلارغا ۋاقىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ ئۆز ئالدىغا ياشاش، شارائىتى، ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى،  سودا- سېتىق سەھنىسى، ئۆزلىرىنى نامايەن قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرسەك ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ رەت قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى تۇرمۇش يولىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يوللار ئەلۋەتتە.
ھازىر جەمئىيەتتە بىر قىسىم ياشلاردا بېغىشلاش روھى كەمچىل بولغاندىن سىرت، شەخسىيەتچىلىك ئېغىرراق، شۇڭلاشقا ئاتا- ئانا بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بىلەن ئاۋلاتلىرىمىزغا كەڭ قۇرساقلىقنىڭ، تەڭ تەخسىماتچىلىقنىڭ پايدىسىنى، ئېغىر- بېسىق بولۇپ، ئىشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىشىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۈلگىلىك تۇرمۇش تەجىربىلىرىنى بالىلىرىمىزنىڭ يۇمران قەلبىگە سىڭدۈرىشىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن.
بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنى ئۆزىمىزگە قىبلىنامە قىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتلەردە ئەستاھىدىللىقىمىز، ئائىلە ئىشلىرىدا بېغىشلاش روھىمىز، سەمىمىي ساداقىتىمىز، تىرىشچانلىقىمىز، ئىشچانلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت نۇرلاندۇرۇشىمىز لازىم. مانا بۇ ئائىلە روھى، ئائىلە مەدەنىيىتى. چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، چوڭلاردىن ئۆگىنىش، چوڭلارنى ئۈلگە قىلىش، قوۋم – قېرىنداش ئىززەت – ئېكرام بىلەن ئىناق ئۆتۈش بىزنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号