تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-03 18:10:33

                                                       ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق

    سابىرجان سىيىت

   ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گەۋدىسىنى زورايتىش، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش، ئۆم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، شۇنداقلا تىنچ – ئىتتىپاق بولغان گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن قوشنىدارچىلىقنى ئۇلۇغ بىلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ‹‹يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا››، ‹‹ئۇياققا باق، بۇياققا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق››، ‹‹يان قوشنا – جان قوشنا››، ‹‹قوشناڭ تىنچ، كۆڭلۈڭ تىنچ›› دېگەنگە ئوخشاش ماقال – تەمسىللەرنى يارىتىپ، قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تۇرمۇشىمىزدا قوشنىلار ئارا كۈندە سالاملىشىش، ئىناق – ئېجىل ئۆتۈش، قويۇق باردى – كەلدى قىلىش، ئۆزئارا ھال – ئەھۋال سوراش، بىر – بىرىگە ئاداۋەت ساقلىماسلىق، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، كېسەللىك ياكى ئېغىر ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە دەردىگە دەرمان بولۇش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە يار – يۆلەك بولۇش قاتارلىقلار ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ۋە ئېسىل قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسى جۈملىسىدىندۇر. قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسدىكى دوستلۇق، مېھرىبانلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىناق – ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشۇشچانلىقنى ئاشۇرۇش، گۈزەل ئەخلاق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ئىناق جەمئىيەت، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك ياخشى ۋەزىيەتتە، ئەجدادلىرىمىزدىن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىنى قايتا نۇرلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆملۈكنى، ئىناق – ئىتتىپاقلىقنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن، قوشنىلاردىن باشلاش، ئەخلاقلىق، ۋاپادار، كۆيۈمچانلىققا تولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇھىتى بەرپا قىلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

    قوشنىدارچىلىق مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئائىلىگە خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ھاياتلىق مۇھەببەتتىن بىخلىنىدۇ، ئەقىدىدىن كۆكلەيدۇ، قىزغىنلىقتىن پەرۋىش تاپىدۇ، ئىناقلىقتىن ياشىرىدۇ، تەپەككۇردىن يۈكسىلىدۇ، پاراسەتتىن چېچەكلەيدۇ، ئەخلاقتىن رەڭلىنىدۇ. شۇڭا قوشنىدارچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇكى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. 

 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号