تەۋىسىيە
ئىزدەش

بۇغداي سۆزىمىز ۋە بۇغداي نېنىمىز

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-01-31 05:52:41

\
روزى مۇھەممەت تۇردى
بۇغداي نېنى بولمىسىمۇ بۇغداي سۆزى بولۇش ـــ بىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت، يۈرۈش - تۇرۇشتا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىزانلىرىمىزدىن بىرىدۇر. يېمەك - ئىچمەك ئىستىمالىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىشى سەۋەپلىك، ئۆزىمىزنىڭ «بۇغداي نېنىمىز» بارلىقىنى  نامايەن  قىلالايدىغان بولدۇق. بۇنىڭ بىلەن، كۆڭلىمىزنى يەپ - ئىچىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەچكە، «بۇغداي سۆزىمىز» تۇرمۇشىمىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بۇغداي نانلىرىمىز ئىگەللەۋاتىدۇ. ھالبۇكى سەمىمىيىتىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىزغا شاھىت بۇغداي سۆزنى ئىسراپچىلىق بىلەن ئىپادىلەيدىغان، ئازراق ئېھتىياج تۈپەيلى مول «بۇغداي نانلىق» سورۇنلارنى تەييارلايدىغان بولىۋالدۇق. بۇ بىزنىڭ مېھماندوسلۇقىمىزدىنمۇ ياكى دىل بىلەن تىلنىڭ بىردەكلىكى بولغان «بۇغداي سۆز» نى ۋاقتى ئۆتكەن سۆز دەپ قارىغانلىقىمىزدىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئىككى ئېغىز بۇغداي سۆزىمىز كۇپايە قىلىدىغان ئىشلارغىمۇ ئالاھىدە داستىخان تەييارلاپ كۆندۈرۈشكە باشلىغاچقا، ئىلگىرى تىللاردىن دىللارغا بال تامىدىغان بۇغداي سۆزلەر مانا ئەمدى مەنپەئەتلىك بېرىش - كېلىشلەردە ۋە يىراق سەھرالاردىلا ئۇچرايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
كىچىك چاغلىرىمدا «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دېگەن سۆزنىڭ  مەنىسىنى بىلەلمەي ئويلىنىپ قالاتتىم. كېيىن بۇغداي سۆزنىڭ ھەممىمىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان بۇغداي ناندەك ئەزىز، تېتىملىق، باشقىلارغا ئىلھام بېرىدىغان، ساھىپخاننىڭ تىلىكىنى بىلدۈرىدىغان يۈرەك سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
\
تارىختىن بۇيان، ئەجداتلىرىمىز ئاشلىقنى، جۈملىدىن ناننى تولىمۇ ئۇلۇغلاپ كەلگەن. شۇڭا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى قىزغىنلىقنىمۇ بۇغداي سۆزى ئارقىلىق سۈپەتلەپ، «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى» دېگەن ماقالنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھەمدە قولۇڭدا ھىچ نەرسەڭ بولمىسىمۇ، ياخشى سۆزۈڭ بىلەن قەلبىڭنى ئىپادىلە، كۆڭۈل ئوزۇقى بولغان بۇغداي سۆزۈڭنى ئايىما، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئەجدادلىرىمىز بۇغداي نان ۋە بۇغداي سۆز ئارقىلىق، پەقەت ماددىي جەھەتتىنلا كەڭ قول بولۇپ قالماي، مەنىۋىي جەھەتتىنمۇ ساپ دىل، قىزغىن بولۇشقا، باشقىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىگە ھەمدەم، شادلىقىغا جۆر بولۇشقا يېتەكلىگەن.
بىر كۈنى، بىر تونۇشىمىزنى ئىزدەپ شەھەرگە باردۇق ۋە ئۇنى تېپىش ئۈچۈن شۇ مەھەللىدىكى قوشنىلىرىدىن سوراشقا توغرا كەلدى. بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىۋىدۇق، ئۆيدىن بىر ئايال چىقىپ، سۇئاللىرىمىزغا قوپاللا جاۋاپ بەردى ۋە ئىشىكىنى  ۋاققىدە يېپىۋالدى. ئۇ ئايالدا كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان بۇغداي سۆزدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. بۇنى كۆرۈپ يېزىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىلىرى، بۇغداي نېنى بولمىسىمۇ بۇغداي سۆزىنى ئايىمايدىغان پەزىلىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى. بەزى كىشىلەر ئۆز ئىلكىدىكى «بۇغداي نانلىرى» ئالدىدا ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلاپ، بۇغداي سۆز قىلىش خوشياقمايدىغان بولۇپ قېلىشتى. ھالبۇكى تەييارلىنىۋاتقان كاتتا بۇغداي نانلىق داستىخانلار ئارقىسىغا ھەر خىل مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان بولغاچقا بىرەر سورۇنغا بارسا، ساھىپخاننىڭ بۇغداي سۆزىدىن بۇغداي نېنىنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. ساھىپخان: « مېھمانلار كايىشمىغايلا، ئالايىتەن كەلگەندە قاتتىق - قۇرۇق بولۇپ قالدى، رەنجىمەي  مېڭىشالا...» دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلغاندا، خۇددى ساھىپخاننىڭ شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى باردەك، رەھمەتمۇ دېمەي قايىتدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.
\
بىز ئىستىمالىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەنلا «بۇغداي سۆزىمىز» نى ئۇنتۇپ، تاپقان نېنىمىزنىڭ بىرىنى داپ قىلىپ چالىدىغان يولغا ماڭساق بولمايدۇ.  ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاپالىق تۇرمۇش شارائىتلىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇغداي سۆزلىرى ئارقىلىق قەلبلەرگە ھوزۇر، تەسەللىي بېرىپ ياشىغانلىقىدىن ئۆرنەك ئېلىشىمىز لازىم. بۇغداي سۆزلەر ئىزگۈ تىلەكلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان تەۋەرۈكلەر بولۇپ، بىز بۇ گۈزەل ئەنەئەنىلرىمىزگە ۋارسلىق قىلىشىمىز لازىم. ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بۇغداي سۆزلەر تۇرمۇشىمىزغا قىزغىنلىق ۋە ئىناقلىق، كۆڭۈلللەرگە ئازادىلىك بەخش ئېتىدىغان گۈزەل، يېقىملىق ئىبارىلەر بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ -  ئەخلاقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بىز بۇغداي سۆزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، بېيىتايلى. كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يۇمشاق، يېقىملىق ۋە تېتىملىق بولغان بۇغداي سۆزلەر بىلەن تويۇندۇرۇپ، ئۆزئارا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشسساق، ئېسىل «بۇغداي نانلىرىمىز» تىزىلغان ئەلۋەك داستىخانلىرىمىزنى يەنىلا «بۇغداي سۆزىمىز» بىلەن زىننەتلىسەك، شۇ ئارقىلىق  مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئىستىكىمىز تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长