تۈرى : ماشىنا يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-03-07 14:11:02
ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەڭلىك نىقاب بىلەن بېزەك قىلىنغان، G 63 AMG نىڭ ئەسلىدىكى ھەيۋەت تاشقى كۆرۈنۈشى قوشۇلۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قەيسەر خارەكتىرىنى نامايەن قىلغان. گەۋدىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا كاربون تالالىق ماتىرىيال قوللىنلغان، ماتور قاپقىغىغا ھاۋا كىرىش تۆشۈكى قويۇلغان ھەمدە ئالدى ئارقى بىخەتەرلىك قاپقىغى ئىلغارلاشتۇرۇلغان.
بۇ ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى پاسوندىكى چوڭ چىراق لايىھىسى قوللىنىلغان ھەمدە ئالتە تال يېشىل رەڭلىك LED نۇر مەنبەسى قوشۇلغان، كۈندۈزلۈك چىرىقى ئالتە كىچىك سۈزۈك ئەينەكتىن تەشكىل تاپقان، گەۋدىسىگە يەنە تۆت چوڭ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئالدىنى يورۇتۇش چىرىقى سەپلەنگەن.
22 ديۇملۇق 10 شادىلىق بۇل بۇ ئاپتوموبىلنىڭ خىسلىتىگە ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ، ئىخچام ئەمما ئاددىي ئەمەس. 305mm كەڭلىكتىكى بالۇنى توشيولدا يول يۈرگەندىكى يۇقىرى مۇقىملىقى ۋە يەرگە چاپلىشىش كۈچىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمما 305 لىك بالۇنىنىڭ يايپاڭلىق نىسبىتى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ راھەتلىكى ۋە قىسمەن دالا ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلغان.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى سۇس رەڭنى ئاساس قىلغان، مەركىزى كونترول سۇپىسى، رولى ھەتتا خوت دەستىسىمۇ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئوخشاش بولغان نىقاب رەڭ بىلەن بېزەلگەن، بۇندىن باشقا ئاپتوموبىل ئىچىدە نۇرغۇن بۈركۈت قانىتى شەكىللىك Mansory ئامىلى لايىھىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ سېستىمىسى جەھەتتە، Mansory مۇ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئۇستىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسى، 5.5 لتېرلىق بۇ قوش پىرقىرىغۇچلۇق V8 ماتورىنى 828 ئات كۈچىلىك ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ۋە 1000 ن.م لىق ماكسىموم تولغىنىش مومېنتىغا ئىگە قىلغان، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ شۇنداق قۇددەتلىك چىقىرىش قۇۋىتىگە ئېرىشىشى بۇ ئاپتوموبىلغا كۆپ مىقداردا تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئامىللرىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
ماشىنا C1 پراۋا بىلەن قايسى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگىلى بولىدۇ؟
ماشىنا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاستون مارتىن DB9 ئېلان قىلىندى
ماشىنا تويوتا ئاپتوموبىلىنىڭ 1-ئايدا جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى %10.6 ئاشتى
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006
邮箱:global@eldiyar.com 电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长