تۈرى : ماشىنا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-02-11 00:23:03
1. C1 پراۋا ئارقىلىق ھەيدەشكە بولىدىغان ئاپتوموبىل تىپى: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار.
2. C1 پراۋا ئارقىلىق ھەيدەشكە بولىدىغان ئاپتوموبىللار: كىچىك تىپتىكى، مىكرو تىپتىكى ئادەم ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىللار؛ يېنىك تىپتىكى، مىكرو تىپتىكى يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار؛ يېنىك، كىچىك، مىكرو تىپتىكى مەخسۇس مەشغۇلات قىلىدىغان ئاپتوموبىللار.
1) ئادەم ئولتۇرىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار دېگىنىمىز ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىردىن قىسقا بولغان، ئولتۇرۇشقا بولىدىغان ئادەم سانى 9 ياكى 9 دىن ئاز بولغان ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ.
2) ئادەم ئولتۇرىدىغان مىكرو تىپتىكى ئاپتوموبىللار دېگىنىمىز ئاپتوموبىل ئۇزۇنلۇقى 3.5 مېتىرغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن قىسقا بولغان، موتورنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 1 لىتىردىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ.
3) يېنىك تىپتىكى يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار دېگىنىمىز ئاپتوموبىل ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىردىن قىسقا بولغان، ئومۇمىي ماسسىسى 4500 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ.
4) مىكرو تىپتىكى يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار دېگىنىمىز ئاپتوموبىل ئۇزۇنلۇقى 3.5 مېتىرغا تەڭ ياكى 3.5 مېتىردىن قىسقا بولغان، ئومۇمىي ماسسىسى 1800 كىلوگىرامغا ئەڭ ياكى 1800 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ.
5) يېنىك تىپتىكى مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى دېگىنىمىز ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىردىن تۆۋەن بولغان ھەمدە ئومۇمىي ماسسىسى 4500kg دىن تۆۋەن بولغان بولغان مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرىنى كۆرسىتىدۇ، بىراق مىكرو تىپتىكى مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
6) مىكرو تىپتىكى مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى دېگىنىمىز ئۇزۇنلۇقى 3.5 مېتىرغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن قىسقا بولغان، ئومۇمىي ماسسىسى 1800kg غا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
3. C1 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولىدىغان باشقا ئاپتوموبىل تىپلىرى
C1 پراۋا بىلەن يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە بولغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى ئاپتوموبىللارنىمۇ ھەيدەشكە بولىدۇ.
1) C2 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولىدىغان ئاپتوموبىللار: كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىللار.
2) C3 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولىدىغان ئاپتوموبىللار: تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىللىرى، يەنى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 70km/h ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، ئەڭ يۇقىرى ماسسىسى 4.5 توننا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، ئاپتوموبىل ئۇزۇنلىقى 6 مېتىر ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللار.
3) C4 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولىدىغان ئاپتوموبىللار: ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىللار (بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى كۆرسەتمەيدۇ، C1 پراۋا بىلەن ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدەشكە بولمايدۇ).
4. دىققەت: C1 پراۋا بىلەن تۆۋەندىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە بولمايدۇ.
1) بارلىق كۆك نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە بولىدۇ دېگەن كۆز قاراش خاتا.
بەزى كۆك نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇن سانى 9 كىشىلىكتىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە بولمايدۇ. يەنى، C1 پراۋا ئارقىلىق ھەر قانداق كۆك نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە بولىدۇ دېگەن كۆز قاراش خاتا.
2) ھەرقانداق پىكاپنى ھەيدەشكە بولىدۇ دېگەن كۆز قاراش خاتا.
بەلكىم سىز پىكاپ بولسىلا C1 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بىر قىسىم ھەشەمەتلىك پىكاپلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاپتوموبىللارنى C1 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولمايدۇ.
3) C1 پراۋا بىلەن موتوسىكلىت ھەيدەشكە بولمايدۇ.
بەزىلەر C1 پراۋا بىلەن ماشىنا ھەيدىگىلى بولغان يەردە، ئەلۋەتتە موتوسىكلىت ھەيدەشكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا بولۇپ، مەيلى ئىككى چاقلىق ياكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بولسۇن، C1 پراۋا بىلەن ھەيدەشكە بولمايدۇ.
يۇقىرىدا تونۇشتۇرغانلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىككە ياردىمى تېگىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ماشىنا خەلقئارالىق پىراۋا بىجىرىش رەسمى باشلاندى
ماشىنا C1 پراۋا بىلەن قايسى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگىلى بولىدۇ؟
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长