تەۋىسىيە
ئىزدەش

يېڭى نۇسخا پورسچې كايىن گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىندى

تۈرى : ماشىنا يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-01-24 01:54:59

\

سۇخۇ ئاپتوموبىل خەۋىرى، 2014-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يېڭى نۇسخا پورسچې كايىن رەسمىي تۈردە ئېلان قىلىندى، بۇندىن بۇرۇن يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ 97.2-221.4 تۈمەن يۈەنلىك سېتىلىش باھاسى ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ جەمئىي تۆت نۇسخىسى بولۇپ، 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ھەر قايسى جايلاردىكى سېتىش سودىگەرلىرىگە ئەۋەتىلىپ سېتىلىشقا باشلىنىدىكەن.

\

سىرتقى شەكىل جەھەتتىن، يېڭى نۇسخا پورسچې كايىننىڭ سىرتقى شەكىل لايىھەسى پورسچېنىڭ يەنە بىر نۇسخا SUV ئاپتوموبىلى Macan نىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ. نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن Cayenne نىڭ ئالدى يۈز قىسمى گەرچە پورسچې ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈچ بۆلەك شەكىلدىكى ھاۋا كىرىش رىشاتكا لايىھەسىنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق رىشاتكىنىڭ شەكلى پۈتۈن قىرلىق ھالەتكە كەلگەن، ئاستى قىسىمدىكى تۇمان چىرىغىنىڭ شەكلىمۇ ماس ھالدا تەڭشەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى ياندىكى ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا ئېقىننى ئۆزگەرتىش قاناتسىمان تاختىچىسى قوشۇلغان. يېڭى نۇسخا كايىننىڭ دېزىل مېيى نۇسخىسى، كايىن S ۋە كايىن S E-Hybrid دىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخا ئاپتوموبىلغا قوش كسېنونلۇق ئالدى چوڭ چىرىغى سەپلەنگەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە « ئىككىلەنمە تۆت نۇقتا شەكىلدىكى » LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىراغ گۇرۇپپىسى بىلەن گۇرۇپپىلانغان. يېڭى نۇسخا كايىن Turbo غا بولسا LED ئالدى چوڭ چىرىغى، پورسچېنىڭ ھەرىكەتچان يۇرىتىش سېستىمىسى سەپلەنگەن.

 

\

يېڭى نۇسخا كايىن يان قىسمىنىڭ شەكلى بىلەن ھازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىل يان قىسمىنىڭ شەكلى پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭلاشقا نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئۆلچىمى ھازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىل بىلەن چوڭ پەرقلەنمەيدۇ. نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل قۇيرۇق ئىشىكىنىڭ ئاستىغا بىر پۈرۈلمىنى قوشقان بولۇپ، ھازىرقى نۇسخا ئاپتوموبىلنىڭ خرۇم يالىتىلغان زىننەتلەش تاياقچىسىنى بىكار قىلغان؛ قۇيرۇق قىسمىدىكى نۇر قايتۇرۇش تاياقچىسىمۇ ئۈستىگە تەڭشەلگەن، شۇڭلاشقا نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل قۇيرۇق قىسمىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ياسالغانلىقى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەن. قۇيرۇق چىرىغىنىڭ لايىھەسىدىمۇ ئوخشاشلا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان، قۇيرۇق ئىشىكى مۇقىم قىسمىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلگەن بولۇپ، بىر پۈتۈن قۇيرۇق ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش ئېغىزىنى چوڭايتقان، قۇيرۇق چىرىغىنىڭ شەكلى تار ئۇزۇنچاق شەكىلگە مايىل بولۇپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ بىر پۈتۈن لايىھەسى بىلەن ماسلاشقان. پورسچېنىڭ يېڭى نۇسخا كايىن S ئاپتوموبىلى بىر تەرىپىگە ئىككىدىن جەمئىي تۆت يۇمىلاق شەكىلدىكى قۇيرۇق گال لايىھەسىنى قوللانغان، يېڭى نۇسخا كايىن Turbo بولسا بىر تەرىپىگە ئىككىدىن جەمئىي تۆت كۆپ قىرلىق شەكىلدىكى قۇيرۇق گال لايىھەسىنى قوللانغان.

\

\

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن، مۆلچەرچە يېڭى نۇسخا پورسچې كايىن نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن Panamera بىلەن نۇرغۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىدىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ، بۇ Panamera دىن كەلگەن بىرىكمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ نۇسخا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تۇنجى قېتىم چىققان Cayenne S E-Hybrid ئاپتوموبىلغا سەپلىنىدىكەن. بۇ يۈرۈش سېستىما 3.0 لېتىرلىق V6 مىخانىكىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى كۇپ ئىچىگە تۈز پۈركۈيدىغان ماتورنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇۋۋىتى 333 ئات كۈچى، يەنە بىر 95 ئات كۈچىلىق توكلۇق ماتور قوشۇلۇپ، سېستىمىنىڭ ئومۇمىي چىقىرىش قۇۋۋىتى 416 ئات كۈچىگە، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومىنتى 690N.M يېتىدىكەن. 9.5 مىڭ ۋاتلىق باتارىيە يېڭى نۇسخا Cayenne S E-Hybrid نى ساپ توكتا 30 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرگۈزەلەيدۇ، ساپ توكلۇق شەكىلدىكى ئەڭ تېز سۈرئىتى 135Km/h. بۇ سېستىما ئېلىپ كەلگەن ھەجىمى تېخىمۇ چوڭ باتارىيە ۋە توكقا تىقىش ئىقتىدارى، ئازراق ئاكتىپ بولغان Cayenne S Hybrid نىڭ ئورنىنى ئېلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.

\

ئۇنىڭدىن سىرت، نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن Cayenne S بەلكىم ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 4.8 لېتىرلىق V8 كۇپ ئىچىگە تۈز پۈركۈيدىغان تەبىئىي گاز سۈمۈرىدىغان ماتوردىن ۋاز كېچىپ، Panamera S دىكى 3.0 لېتىرلىق قوش پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى كۇپ ئىچىگە تۈز پۈركۈيدىغان V6 ماتورنى قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ نۇسخا V8 تەبىئىي گاز سۈمۈرىدىغان ماتور بەلكىم داۋاملىق نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن Cayenne GTS دا كۆرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن. نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل 4.8 لېتىرلىق V8 قوش پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ قويمايدىكەن ( Cayenne Turbo ۋە Turbo S ئاپتوموبىل ). ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن دېزىل مېيى نۇسخىلىق Cayenne Diesel دا خىزمەت قىلغان 240 ئات كۈچىلىق 3.0 لېتىرلىق V6 پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى دېزىل مېيى ماتورىنىڭ ئورنىنى ئاۋدى SQ5 دىن كەلگەن بىر نۇسخا  310 ئات كۈچىلىق، 3.0 لېتىرلىق V6 قوش پىرقىرغۇچلۇق دېزىل مېيى ماتورى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

\

\

ئايلانما كۈچ جەھەتتىن، مۆلچەرچە Cayenne S E-Hybrid ۋە Cayenne Diesel نىڭدىن سىرت، باشقا بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى پورسچېنىڭ يەتتە خوتلۇق PDK قوش موفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى قوللىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن مۇستەسنا يۇقارقى ئىككى ئاپتوموبىل ئەسلىدىكى سەككىز سۈرئەتلىك ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى ساقلاپ قالىدۇ. بارلىق Cayenne ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسىگە توكتا كونتىرول قىلىنىدىغان مەركىزىي سۈرئەت پەرقلەندۈرگۈچلىق تۆت چاقتا قوزغىلىش سېستىمىسى سەپلىنىدۇ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长