تەۋىسىيە
ئىزدەش

«خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز!»

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-01-05 17:32:56

ئىختىيارى مۇخپىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى : كىشىلىك ھايات ئەگرى-توقاي بولىدۇ،ئىنسانلارنىڭ بېشىغا ھەر تۈرلۈك قىسمەتلەر كىلىدۇ.ئادەم ئەڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئىللىق تەبەسسۈمى بىلەن ساخاۋەتلىك قولىنى سۇنالىغان كىشى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا مەزمۇت ئورنىيالايدۇ.بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز،ئۆمۈر بويى مىننەتدار بولىمىز!
قاراقاش ناھىيە بازىرىدىن 50 كىلومىتىر يىراقتىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بويىغا جايلاشقان كاۋاك يېزىسىنىڭ چىنار كەنتىدىكى ياش دېھقان مېھرىبان جۈمەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن دىشۋارچىلىقلارنى تۈگىتىشكە ياردەم بەرگەن  كەنتىدىكى «ئۈچ ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئالاھىتەن «خوتەن گېزىتى»ئىدارىسىغا بېرىپ مۇخبىر چاقىرىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقماقچى بولغانلىقىنى،ئەمما خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ يولنىڭ يىراقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى توسۇپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە  چىنار كەنتىدە زىيارەتتە بولدۇم.
       قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن 2-تۈركۈمدە چىنار كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇباقى ئىمىننىياز ھەم چىنار كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن مەتنىياز قاتارلىقلار مىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
-بۇ يىل كەنتىمىزدە يارقىن نۇقتىدىن ئىككى ئىش روياپقا چىقتى،ئالدى بىلەن «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسىغا بارماقچى بولغان مېھرىبانخاننىڭ ئۆيىگە بارايلى،ئەمەلىيەتتىن كۆرۈڭ،-دېدى ئابدۇباقى ئىمىننىياز.
بىز كەنت كومىتىتى ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئاسفالىت يولنى بويلاپ 100 مېتىرچە ماڭغاندىن كىيىن يېڭىدىن پۈتكەن ،بىراق تېخى دەرۋازىسىمۇ،قورو تېمىمۇ ئىتىلمىگەن كۆركەم ئەمىن ئۆيگە كىردۇق.ئۆيدە مېھرىبانخان،ئۇنىڭ ئېرى مەخسۇت رېھىم،72 ياشلىق قېيىنئانىسى تاجىخان ھەم بالىلىرى بار ئىكەن.
-ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، 2-قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشكەن يىگىت مۇشۇ بولىدۇ،-دەپ تونۇشتۇردى مەمەتتۇرسۇن شۇجى قارامتۇل يىگىتنى كۆرسىتىپ .
بىز داستىخانغا جەم بولۇپ چاي ئىچكەچ قىزغىن سۆھبەتلىشىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.چىنار كەنت 2-مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 34 ياشلىق دېھقان مەخسۇت رېھىم ئۆيىدە تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئېچىپ ،تۇرمۇش غېمىنى غەملەپ كىتىۋاتقان ئىشچان ياش ئىكەن.2014-يىلى 11-ئاي ئەتراپىدا ئۇ بىر قېتىملىق ئېغىر زۇكامدىن كىيىن گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.دەسلەپتە زۇكامنىڭ تەسىرى بولۇشى مۈمكىن،كىيىنچە ئوڭشىلىپ قالار،دەپ يۈرۈپتۇ.ئەممە نەچچە كۈندىن كىيىنمۇ ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولماي تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىپتۇ،ھەتتا باشقىلار بىلەن ئالاقىشالماي ،خەت يېزىش ئارقىلىق مەقسىتىنى ئۇقتۇرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ....؛كىيىنچە ئۆزى بىلگەنچە يەرلەردە داۋالىنىپ 50 مىڭ يۈەندەك پۇلنى سورۇپ تۈگىتىپتۇ.بىراق كىسىلىدە قىلچە ياخشىلىنىش بولماپتۇ.يېڭى ئۆي سېلىپ ھالسىرىغان مەخسۇت رېھىم تەقدىرگە پۈتۈپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.بىراق يېىندىن بىر قەلەم بىلەن بىر خاتىرىنى ئايرىمايدىغان بوپتۇ.
ئائىلە زىيارىتى قىلىش جەريانىدا بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئۇلارنى چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا قايىل قىپتۇ.ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مەخسۇت رېھىمنى خوتەن شەھىرىدىكى «ئەلقەلب» دوختۇرخانىسىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپتۇ،ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئاۋاز پەردىسىگە ئۆسمە ئۆسۈپ قالغانلىقى ئايان بوپتۇ. مەخسۇت رېھىم «ئەلقەلب» دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنىپتۇ.دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى پەرھات ئابدۇقادىر ۋە ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ قىلىنغان داڭلىق بەش ئەزا كىسەللىكلىرى دوختۇرى ئىلھام دوختۇر بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى ئەڭ تۆۋەن باھادا داۋالاپتۇ، ئوپىراتسىيە قىپتۇ.داۋالاشقا 10 مىڭ يۈەن كىتىپتۇ.پۇللارنى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ھەم كەنت كادىرلىرى غەملەپتۇ.سەللىمازا ساقايغان مەخسۇت رېھىم 12-ئاينىڭ بېشىدا دوختۇرخانىدىن چىقىپتۇ.
-ئادەمگە گەپ قىلالماسلىقتىنمۇ ئېغىر دەرد يوق ئىكەن،-دېدى مەخسۇت رېھىم ،-مەن ئۆز ۋاقتىدا ئەمدى ئۆمۈر بويى گەپ قىلالمايدىغان ئوخشايمەن،دەپ ئويلىغانىدىم ،خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ يول كۆرسىتىشى،ئەجىر-مېھنىتى بىلەن بۇ كۈنگە ئۇلاشتىم،كەنتىمىزگە كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
شۇ دەمدە مەخسۇت رېھىمنىڭ كۆزلىرىدىن تامغان خۇشاللىق يېشى ئۇنىڭ قارامتۇل چىرايىنى نەملەشتۈرۈپ بولغانىدى.
-بىر يىلدىن بۇيان تارتقان ئازابىمىزنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.بىز نادانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىقتىسادنى بۇزۇپ چېچىپتىمىز،روھى جەھەتتىن بەك ھالسىراپتىمىز.ئەڭ قىيىن شارائىتتا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بىزگە چوڭ ياردەم قىلدى،ئۇلارنىڭ ئائىلىمىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز! مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى بىلىمسىزلىك،نادانلىق ھەممىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىكەن،مەن چۇقۇم بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ،ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ پەرھات،ئىلھام دوختۇرلاردەك،ئابدۇباقى شۇجىدەك بىلىملىك،ئىقتىدارلىق ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيەلەيمەن،-دېدى مەخسۇت رېھىمنىڭ ئايالى مېھرىبانخان يىغلامسىرىغان ھالدا قەتئىيلىك بىلەن.
مەخسۇت رېھىم ئائىلىسىدىكىلەر ھويلىدا خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئالاھىتەن تەييارلىغان لەھۋەنى تەقدىم قىلدى،ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا تەبەسسۈم جىلۋىلەندى.
بىز بۇ ئۆيدىن چىقىپ 3-مەھەللىدىكى 2-قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشكەن 26 ياشلىق ياش دېھقان ئابدۇللا ئابلىزنىڭ ئۆيىگە باردۇق،بىراق ئۇ ئۆيىدە يوق ئىكەن.مەمەتتۇرسۇن شۇجى تېلېفون قىلىۋىدى ئۇ باشقا كەنتىگە ئادىمىگەرچىلىككە كەتكەنىكەن.ئالاھىزەل بىر سائەتتىن كىيىن ئۇ ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتتا كەلدى.ئۇنىڭ ئازراق ئاقساپ ماڭغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇ سالامەت،روھى كەيپىياتىمۇ چاغ ئىدى.
-بۇ يىگىتنىڭ ئەھۋالىمۇ بەك ئېغىر ئىدى،-دېدى مەمەتتۇرسۇن شۇجى،- ئۇ 2015-يىلى 2-ئايدا يېزا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىگە كەنتىمىزگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقانىدى.چېلىشىش داۋامىدا سول پۇتىنىڭ پېيى ئۈزۈلۈپ كىتىپ نەچچە ئاي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.داۋالىنىشقا خېلى كۆپ پۇل كىتىدىكەن.بىزمۇ ئامال قىلالمىدۇق.خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئابدۇباقى شۇجى باشچىلىقىدىكى كادىرلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ قاراپ تۇرمىدى.ئالاقىلىشىش ،رەسمىيەتلرىنى بىجىرىش،يولغا سېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئابدۇباقى شۇجى بەك كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى.بىز چوڭ يىغىن ئېچىپ ئىنىمىز ئابدۇللا ئابلىزنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئاممىغا تونۇشتۇردۇق ھەم خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار،كەنت كادىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىئانە قىلدۇق،ئامما قىزغىن قوللىدى.7000 يۈەندىن
ئارتۇق ئىئانە توپلاندى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنىمىز يازدا شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا ئىككى ئاي داۋالىنىپ ياخشىلىنىپ كەلدى.خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ھەقىقەتەن خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى،مەن كەنتىمىزدىكى بارلىق خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن!.
بىز ئابدۇللا ئابلىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق.ئۇ مۇنداق دېدى:« مەن يېرىم يىلچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم،سالامەتلىكنىڭ ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم،خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ يول كۆرسىتىشى،ياردەم بېرىشى،كەنت كادىرلىرى ھەم يۇرتداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە داۋالىنىپ ياخشىلاندىم.مەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارغا ھەم كەنت كادىرلىرى،ئاممىغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!»
مەن زىيارەتتىن كۆڭلۈم ناھايتى خۇشال ھالدا قايتتىم.تا ھازىرغىچە مەخسۇت رېھىم ھەم ئايالى مېھرىبانخاننىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى قەلبىمدە مەۋج ئۇرماقتا! مەن چىنار كەنتىدە  يىلتىز تارتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى سۆيۈملۈك كادىرلارغا ،خەلقىگە كۆيۈمچان كەنت كادىرلىرىغا ھەم مېھرىبان خەلق ئاممىسىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!!
\
\
سۈرەتتە: 01) مەخسۇت رېھىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە لەۋھە تەقدىم قىلماقتا
\
02) 2-قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشكەن ئابدۇللا ئابلىز خۇشال خۇراملىق بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ھەم كەنت كادىرلىرىغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长