تەۋىسىيە
ئىزدەش

خوتەن كارخانىچىلرىنىڭ ياردىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلنى ئىللىتتى

تۈرى : شىنجاڭ يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2016-01-05 17:22:01

\
خوتەن ۋىلايىتىدىكى   50 نەچچە  مىللى كارخانىچىلاردىن  تەشكىللەنگەن مائارىپقا ياردەم بىرىش ئۇيۇشمسىنىڭ ۋەكىللىرى  1-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراقاش ناھىيەسىگە كىلىپ ماڭلاي ۋە ياۋا يېزىلىق  ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئائىلىسىدە قىيىنچىلقى بار ۋە ئۆگىنىشتە ئەلاچى ئۇقۇغۇچىلارغا  ئۇقۇش قۇراللىرى، قىشلىق كىيىم-كېچەك قاتارلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بىرىپ ئالقشقا ئىرىشتى.                    
            بۇقېتىم خوتەن ۋىلايىتىدىكى  50 نەچچە  مىللى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى خوتەننىڭ  مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش ۋە مائارىپقا  تۆھپە قۇشۇشتەك ئىرادىسى بىلەن   ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا  ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پىلانىنى تۈزۈپ 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىىرپ  2000 دانە  قىشلىق چاپان ۋە «مۇئەللىم» ئىلكتىرۇن لوغىتى تەييارلاپ خوتەن شەھىرى،خوتەن،قاراقاش ھەم چىرا ناھىيەلىرىدىكى بىرقىسىم  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى  ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش   پائالىيىتنى يولغا قويدى. بۇ پائالىيەت 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ   مىللى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بۇ پائالىيەتنى ئالدى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىدە باشلىدى. تەييارلانغان بۇيۇملار شۇ كۈنى ماڭلاي ۋە ياۋا  يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدىن  500 دىن ئارتۇق ئائىلىسىدە قىيىنچىلقى بار ،تىرىشچان  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ناھىيە،يېزا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قىشلىق چاپاننى بالىلارغا كىيگۈزۈپ قويدى. ئىللقلىققا ئىرىشكەن ئوقۇغۇچىلار  خۇشال بۇلۇشۇپ كارخانىچىلارغا رەھمىتىنى ۋە تىرىشپ ياخشى ئوقۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.                            
شۇكۈنى يەنە ياۋا يېزىسىدىن يىتىشىپ چىققان ياش كارخانىچى ئابلەت    ماخمۇت مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ  يېزا تەۋەسىدىن   ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش يۈزىسىدىن   ئۆز يېنىدىن 50مىڭ يۈەن چىقىرىپ يېزا باشلىقى يالقۇن مەتنۇرىغا تاپشۇرۇپ بىرىپ ئۆزىنىڭ مائارىپنى قوللاشتەك ئىسىل پەزىلىتنى نامايەن قىلدى.     
خوتەن يەر شارى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر  مۇنداق دېدى:« بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەقسىتىمىز ئائىلىسىدە قىيىنچلىقى بار،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق  ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈندۇر.بىز بۇنىڭدىن كىيىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بىرىش بىلەن بىرگە ئەلاچى ئوقۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلاپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشىغا تۈرتكە بولىمىز».
سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە  ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر 
\
\

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长